查看完整版本: [-- 8-يىللىق 2-ماۋسۇم فىزىكا ئىمتىھان سۇئالى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> قىزىكا-حىمىيە -> 8-يىللىق 2-ماۋسۇم فىزىكا ئىمتىھان سۇئالى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئارزۇيۇم 2014-06-06 12:31

8-يىللىق 2-ماۋسۇم فىزىكا ئىمتىھان سۇئالى

8-يىللىق 2- ماۋسۇملۇق فىزىكا ئىمتېھان سۇئالى
ـــــ يىللىق ـــــ سىنىپ ئوقۇغۇچىسى  ــــــــــــــــــــــــــــ
...................................................................................................................................

  1-سۇئال:تاللاش سۇئالى    (25= 5×5)  
(1) ئۆتكۈزگۇچنىڭ ئېلېكتىر قارشىلىقى  بولسا فىزىكىدىكى موھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرسى، ئۇنداقتا  قارشىلىقنىڭ  بىرلىكى (         )
A. ۋات  B . ئوم    C. ۋولت   D. ئامپېر  
(2) ئوم قانۇنىنى خۇلاسىلەپ چىققان ئالىم ئومنىڭ يۇرتى بولسا  (       )    
A .فىرانسىيە . B ئىتالىيە .C  گېرمانىيە. D   ئامرىكا .
(3) تۆۋەندىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىدىن 1سائەت نۇرمال خىزمەت قىلغاندا سەرىپ بولدىغان ئېلېكتىر  ئىنىرگىيەسى 1.2كىلىۋات . سائەت  بولىدىغىنى  (     )
A.ئۇستەل چىرغى B . تېلېۋىزۇر C. توڭلاتقۇ D.ھاۋا تەڭشىگۇچ  
(4) تۆۋەندىكى جىسىملاردىن ماگىنىت ئۈزىگە تارتالايدىغىنى (       )
A . كاۋچۇك B. ئەينەك پارچىسى C . تۆمۇر مىخ D. مىس ئاچقۇچ
(5)  ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنىنىڭ تارقىلىش تىزلىكى بولسا (         ) كىلومىتىر / سىكنۇت .
.A 300000 . B  300000000 . C    340 . D34000    

2.سۇئال :بوش ئورۇن تولدۇرۇش. (20= 10×2)
(1) ئەڭ ئاددى تېلېفون ــــــــــــــــــــــــ ۋە ــــــــــــــــــــــــــــــ دىن تۈزۈلىدۇ .
(2) ئۆتكۈزگۈچنىڭ قارشىلىقى ئۆتكۈزگۈچ ئۆزىنىڭ بىر خىل خۇسۇسىيىتى بولۇپ ،ئۇنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئۆتكۈزگۈچنىڭ ــــــــــــــــــــــ،ــــــــــــــــــــــــــ ۋە        ــــــــــــــــــــــ تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ .
(3) ئادەم بەدىنى بولسا ــــــــــــــــــــــــــــ . ئادەمنىڭ بەدىنى ــــــــــــــــــــــــــــــــــ نىڭ بىر بۆلىكى بولۇپ قالغان     چاغدا ،ئۇنىڭدىن توك ئۆتىدۇ .ئەگەر  ـــــــــــــــــــــــ بەلگىلىك قىممەتكە يەتسە ،ــــــــــــــــــــــــــــــــ ھادىسسى يۈز بېرىدۇ.
(4) ئېرستېد تەجرىبىسى توكنىڭ ئەتراپىدا ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ مەۋجۇتلىقىنى ئىپادىلىدى .

3.سۇئال:ھۆكۈم قىلىش .(20= 4×5)
(1) ئېھتىيات سىمىنىڭ ئورنىدا مىس سىم ،تۆمۈر سىملارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ .(       )
(2) ئۆتكۈزگۈچنىڭ قارشىلىقى قانچە چوڭ بولسا،بۇ ئۆكۈزگۈچنىڭ توكقا نىسبەتەن توسقۇنلۇق رولىنىڭ شۇنچە چوڭ بولدۇ.(        )
(3) توك قانچە كىچىك بولسا ،ئېلېكتىروماگنىتنىڭ ماگنىتلىق خۇسۇسىيىتى شۇنچە چوڭ بولىدۇ . (        )
(4) ئاي شارىدا ھاۋا بولمىغاچقا ،ئاۋاز تارقىلالمايدۇ .ئېلېكيىر ماگىنىت دولقىنىمۇ  ۋاكۇئۇمدا تارقىلالمايدۇ .(        )  
(5) توك قەلىمى ئارقىلىق قايسى سىمنىڭ ئوت سىم ئىكەنلىكىنى ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ .(          )

4.سۇئال: قىسقىچە جاۋاپ بىرىڭ . (20= 5×4)
(1) ئوم قانۇنىنىڭ مەزمۇنىنى :



(2) ئىندوكسىيەلىك توك :



(3) ئامپېر قائىدىسى:



(4) ماگنىت قۇتۇپى:



5.سۇئال :ھېساپلاش    (15نۇمۇر)
        
(1)بىر توك دەزمالنىڭ قارشىلىقىΚΩ0.1، ئۇنى ئىشلەتكەندە ئۆتكەن توك بولساA2.1 ، توك دەزمالغا بېرىلگەن ئېلېكتىر بىسىمى قانچىلىك بولىدۇ ؟   ( 7 نۇمۇر )






(2) نۇرمال قۇۋۋىتى W450  بولغان توك كورا ،V220 لوق نۇرمال ئېلېكتىر بېسىمىدا ئىشلىتىلسە ،ھەر مىنۇتتا قانچە جول ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىدۇ؟ ( 8 نۇمۇر )







ئەكبەرنىياز 2014-06-13 01:44
تىرىشچانلىقىڭىزغا ۋە ئىزچىللىقىڭىزغا ئاپىرىن !!!

tawpek 2014-06-16 13:46
كۆپ تەشەككۇر، بىز ئەدەبىياتچىلار ئۆز ماتىرىياللىرىمىزنى بىر يەرگە ئاپىرىپ مانا ئەمدى باشقا كەسىپداشلارغىمۇ قولايلىق يارتىشنى ئويلاۋىتىپتۇق


查看完整版本: [-- 8-يىللىق 2-ماۋسۇم فىزىكا ئىمتىھان سۇئالى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled