查看完整版本: [-- دوستۇمغا سالام خەت (گۈزەل قىز ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> دوستۇمغا سالام خەت (گۈزەل قىز ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈزەلقىز614 2014-06-06 01:00

دوستۇمغا سالام خەت (گۈزەل قىز )

يىراقتىكى  دوستۇمغا

جەنۇپتىن ئەۋەتتىم سالام،
سالامىم ساڭا يەتتىمۇ دوستۇم .
ئالتۇن تېنىڭ ساق -سالامەت،
ئۆي ئىچلىرىڭ ئامانمۇ دوستۇم .


مەھلىيا ھەم مۇسلىمە،
ئوماقلىرىڭ ئامانمۇ دوستۇم .
كۆز تەگمىسۇن گۈزەللىرىڭگە،
ئېسىپ قوي تىل تۇمار دوستۇم.

ئۇسۇلچى شۇ چولپان قىزىڭنى،
ئەجەپمۇ بەك سېغىندىم دوستۇم .
ئوماقلىرىڭ مەڭزىگە مەنچۈن ،
تاتلىق تاتلىق سۆيۈپ قوي دوستۇم.

يېنىڭغا ئەجەپ بارغۇدەك بولدۇم،
يېقىن ئەمەس يول ئارىسى دوستۇم .
باراي دەيمەن بارالمايمەن ،
يوقتۇر بۇنغا ئىلاجىم دوستۇم .

كېلەر بولساڭ خەۋەر بەرگىن ،
يولۇڭغا سۇ سىپەي دوستۇم.
گۈل چىمەنلىك باغلاردىن ساڭا ،
دەستە دەستە گۈل تىزاي دوستۇم.

ياشىغىن بىر ئۆمۈر خۇش كۈل ،
زەرچىمۇ ياش تۆكمە دوستۇم .
كەلسە گەر بېشىڭغا ئۆلۈم ،
ئورنۇڭدا مەن ئۆلەي، سەن ياشا دوستۇم .  
  
مەنبە . گۈزەل قىز يامىسى   .2014.5.29

ئوتقاشئەرقۇتى 2014-06-07 17:43
شئېردىكى مەزمون مىنى مەھلىيا قىلۋالدى ،دوستىڭىزغا بولغان  شەخسىيەتسىز تىلەكلەر مىنى تەسىرلەندۈرسە ،شئېر ئاستىغا يۇشۇرنغان،بەدەلمۇ ؟مېھىر مۇھەببەتمۇ ؟ئەيتاۋۇر بىر خىل چىن ھىسيات مىنى چوڭقۇر ئويغا سالدى !
شېرى تىلدىكى مەزمون ياخشى ئىپادىلىنىپتۇ ،تىلغا بىر ئاز ئىشلىسىڭىزلا بەكمۇ بەلەن شئېر بۇلۇپ چىققۇدەك !

ئەكبەرنىياز 2014-06-13 01:22
ئوتقاشنىڭ تەكلىپى ئورۇنلۇق ، مەن يەنە بىر تەكلىپ بېرەي :
«يوقتۇر بۇنغا ئىلاجىم دوستۇم . » بۇ مىسرادىكى «بۇنغا»دېگەن سۆزنى ئادەتتە شىئېرلاردا «بۇڭا»دەپ ئالاتتۇق . ئويلىشىپ باقارسىز !؟

tawpek 2014-06-16 11:27
تىلى يىنىك چىقىپتۇ،  سىز ئوقوغۇچى ئوخشىمامسىز؟


داۋاملىق يىزىپ بەرسىڭىز تىل ئىشلىتىش ماھرىتىڭىز تىخىمۇ ئۆسكۆسى

ھاتەھاتەم 2014-06-16 12:21
ئاجايىپ تەڭداشسىز مېھرى-مۇھاببەت ئىپادلىن
كېلەر بولساڭ خەۋەر بەرگىن ،
يولۇڭغا سۇ سىپەي دوستۇم.
گۈل چىمەنلىك باغلاردىن ساڭا ،
دەستە دەستە گۈل تىزاي دوستۇمىپتۇ.

گۈزەلقىز614 2014-06-16 17:39
tawpek:تىلى يىنىك چىقىپتۇ،  سىز ئوقوغۇچى ئوخشىمامسىز؟داۋاملىق يىزىپ بەرسىڭىز تىل ئىشلىتىش ماھرىتىڭىز تىخىمۇ ئۆسكۆسى (2014-06-16 11:27) 

ياق  ، مەن 30 غا بېرىپ قالاي دىىدىم . مەن بىر ئاددى  دىھقان

گۈزەلقىز614 2014-06-16 17:39
ھاتەھاتەم:ئاجايىپ تەڭداشسىز مېھرى-مۇھاببەت ئىپادلىنكېلەر بولساڭ خەۋەر بەرگىن ، [ئىپادە] [ئىپادە] يولۇڭغا سۇ سىپەي دوستۇم. گۈل چىمەنلىك باغلاردىن ساڭا ، دەستە  .. (2014-06-16 12:21) 

ياقتۇرغىنڭىزدىن خۇش بولدۇم

گۈزەلقىز614 2014-06-16 17:41
ئوتقاشئەرقۇتى:شئېردىكى مەزمون مىنى مەھلىيا قىلۋالدى ،دوستىڭىزغا بولغان  شەخسىيەتسىز تىلەكلەر مىنى تەسىرلەندۈرسە ،شئېر ئاستىغا يۇشۇرنغان،بەدەلمۇ ؟م .. (2014-06-07 17:43) 

رەھمەت سىلەرگە ياقتۇرغىنىڭلارغا ، مەن بەك ياخشى يازالمايمەن لىكىن تىرشىمەن ، پىكىر لىرىڭلارنى ئايمىغاسىزلەر

توغراق 2014-06-17 17:26
ئېسىپ قوي تىلتۇمار دوستۇم

بۇ مىسرانى مۇنداق ئۆزگەرتىپ بېقىڭ:
ئېسىپ قويغىن تىلتۇمار دوستۇم!


查看完整版本: [-- دوستۇمغا سالام خەت (گۈزەل قىز ) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled