查看完整版本: [-- ئىختىيارىي دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئوقوتوش ۋە ئىزدىنىش -> ئىختىيارىي دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ياسىنجان510 2014-06-05 23:44

ئىختىيارىي دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ

   ئىختىيارىي دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ                     8'<- :KG  
                        ئوقۇتۇشتىكى    رولى                               PUo/J~v  
   ئوقۇتۇش ۋە تەلىم-تەربىيە ئىشى بەكمۇ ئىنچىكە،مەسئۇلىيىتى ئېغىر،جاۋاپكارلىقى كۈچلۈك خىزمەت.ئوقۇتۇش ۋە تەلىم-تەربىيە خىزمىتىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىختىيارىي دىققىتنى ئۈنۈملۈك مەركەزلەشتۈرۈپ،ئۆگىنىشكە بولغان دىققىتىنى قاراتمىلىق،نىشانلىق تەقسىملەش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقىنى،ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئويناش بىلەن بىللە يەنە دەرسخانە ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتىمۇ ئەمەلىي رولغا ئىگە.دىققەت ئۈنۈملۈك مەركەزلەشكەندە مېڭىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىدا يوقۇرى قوزغۇلۇش مەركىزى شەكىللىنىپ،مۇناسىۋەتسىز رايۇنلار تورمۇزلىنىپ، مېڭىدە قالدۇرماقچى بولغان ئىز ۋە خاتىرە چۇڭقۇر بولىدۇ.دىققەت تولۇق مەركەزلەشمىسە ياكى چېچىلاڭغۇ بولسا،چوڭ مېڭە كۆپخىل قوزغۇلۇش نۇقتىلىرىنى ھاسىل قىلىپ،دىققەت چېچىلىش،ئۆگىنىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش، زېرىكىشلىك تۇيغۇ شەكىللىنىش،ئىرادىسىزلىك، بوشاڭلىق ئالامەتلىرى شەكىللىنىدۇ.شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاش،ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىدىن قانائەت ھاسىل قىلىش ھېسياتىنى يېتىلدۈرۈشتە ئىختىيارىي دىققەتنى توغرا تەخسىملەش،ئۆگىنىشكە مەركەزلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش ئوقۇتۇشتىكى زۆرۈر تەلەپ ھېساپلىنىدۇ.                                     c6nflk.l  
  دىققەت ــــــــ ئادەم پىسخىك پائالىيىتىنىڭ مۇئەييەن ئوبيېكىتقا مەركەزلەشتۈرلىشىدىن ئىبارەت.ئادەمدە مۇئەييەن مەقسەتلىك ۋە ئۈنۈملۈك ھەركەت قىلىش مۇددىئاسى بولغاندىلا ئۆز پىسخىك پائالىيىتىنى ۋە دىققىتىنى شۇ ھەركەت ئوبيېكتىغا ئىختىيارىي ھالدا مەركەزلەشتۈرگىلى بولىدۇ.ئوقۇتۇش ۋە تەلىم-تەربىيىدە يوقۇرى ئۈنۈم يارىتىش مەقسەت قىلىنىدىكەن،دىققەتنى چاچىدىغان بارلىق توسالغۇلارنى تۈپتىن چەكلەپ،دىققەتنىڭ بۆلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش،دىققەتنى توغرا تەخسىملەشنى بىلىش لازىم.ئۇلۇغ ئالىم نېيوتون مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلانغاندا پۈتۈن دىققەت ئىتىبارى بىلەن بېرىلىپ كېتىپ،يانچۇق سائىتىنى تۇخۇم ئورنىدا قازانغا سېلىپ قايناتقان ئىكەن.بۇ خىل ‹‹پۈتۈن دىققەتنى يىغىش››،‹‹پۈتۈن زېھنىنى توپلاش››،‹‹پۈتۈن دىققەت ئىتىبارى بىلەن بېرىلىش›› قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دىققەتنىڭ ھالىتىنى كونكېرت كۆرسىتىپ بېرىدۇ.                 JNkwEZhHyg  
ئىختىيارىي دىققەت ئاڭلىق پائالىيەتنىڭ تۈرتكىسى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن بولىدۇ.ئۇ مەلۇم سوبيېكتىپ تىرىشچانلىقلارغا مۇھتاق بولىدىغان مەلۇم شەيئىي ھەم ئوبيركىتنى ئاڭلىق،ئىختىيارىي كۈزىتىش ياكى ئورۇنلاشنى تەلەپ قىلىدۇ.شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىختىيارىي دىققىتىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇش ۋە ئۈنۈملۈك مەركەزلەشتۈرۈش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق دەپ قاراشقا بولىدۇ.                               e =4+$d  
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىختىيارىي دىققىتىنى يېڭى دەرسكە ئۈنۈملۈك مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر.                                                                     z;A>9vQ_J  
1.دەرسخانىدا نورمال تىنچمۇھىت-شارائىت يارىتىلىشى لازىم.دەرس باشلىنىشتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچىنىڭ دىققىتىنى تولۇق مەركەزلەشتۈرۈشكە تەدبىرلىك بولۇش.دەرس ئۆتۈلىۋاتقاندا،ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىش پائالىيىتى بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقاندا پىداگوگىكىلىق پىرىنسىپلارغا خىلاپ ئىش-ھەركەت بولماسلىقى لازىم. مەسىلەن:ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ كارىدورىدا خالىغانچە يوقۇرى ۋە قوپال ئاۋازلاردى سۆزلەۋېرىش،خالىغانچە ئىش-ھەركەت قىلىش،ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئەتراپىدا تۈرلۈك شاۋقۇن،ئاۋاز،ئىش-ھەركەت بېسىقماسلىق،ھەتتا رەھبىرىي خادىملارمۇ سىنىپ ۋە دېرىزە تۈۋىدە خالىغانچە ئەركىن –ئازادە سۆزلەش ۋە كۈلكە-چاقچاق قىلىش...بۇلار ئوقۇتۇش مۇھىتىنىڭ نورمال بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.شۇنىڭدەك ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭمۇ سالامەتلىك ئەھۋالى نورمال بولماسلىق،تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان ئۆزگۈرۈشلەر،تۈرلۈك ئەھمىيەتسىز ئوي-خىياللار ۋە تۈرلۈك شىرىن ئارزۇلار...دىققەتنىڭ چېچىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلاردا تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولىدىغان بۇنداق پىسخىك توسالغۇلاردىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مۇستەسنا بولالىغاندىلا ئاندىن ئۇلارنىڭ ئىختىيارىي دىققىتىنى تولۇق مەركەزلەشتۈرگىلى بولىدۇ.                               S+'rG+NJ  
2.ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا باي،ئوقۇغۇچىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلارلىق،دىققەتنىڭ بۆلىنىشىگە ۋە چېچىلىشىغا پۇرسەت بەرمەيدىغان ماھارەتكە ئىگە بولىشى ۋە يېتىلدۈرىشى،ئوقۇغۇچىنى مىسىلداپ سۆزلەپ ئۇخلىتىپ قويماسلىقى لازىم.ھەركەت-پائالىيىتى،تەققى-تۇرقى ئەركىن تەبىئىي بولىشى،كىيىنىشى،چىراي ئىپادىسى،ئاۋازى نورمال بولىشى،ئوقۇغۇچىنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىش،مەركەزلەشتۈرۈش خارەكتىرىگە ئىگە بولىشى لازىم.ھەرگىز ئۆزىگە ئالاھىدە ۋە سىرلىق تۈس بېرىۋالماسلىقى،قېتىۋالماسلىقى،ھەر خىل بىنورمال،غەلىتە پائالىيەتلەردىن خالىي بولىشى لازىم.                                                   R2(3 >`FJ  
3.ئۆتمەكچى بولغان شۇ سائەتلىك دەرس مەزمۇنىدا يېڭىلىق بولىشى كېرەك.يېڭى سەرسنىڭ مەزمۇنى يېڭى،ئۆزگىچە،ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش ھەۋىسىنى قوزغىيالايدىغان،سوبيېكتىپ ئىرادىسىنى يېتىلدۈرۈش خارەكتىرىگە ئىگە،ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ماھارىتى كۆڭۈل قويۇپ تاللانغان بولىشى لازىم.ئەگەر دەرس مەزمۇنى ئوقۇغۇچىنىڭ دىققىتىنى دەرھال قوزغۇيالمىسا،جەلىپكارلىققا ئىگە مۇھىم مەزمۇن رۇشەن گەۋدىلەنمىسە،كونا،قاتمال،ئۆلۈك،قۇرۇق،تۇتۇرۇقسسىز ۋە مەززىسىز بولۇپ قالسا،ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئىزچىل بىر  قېلىپتا بولسا، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا نامرات بولسا ئۇ ھالدا ئوقۇغۇچىنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلالمايلا قالماستىن ،يەنە دەرسخانىنى قۇرۇق سۆز سورۇنىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.ئوقۇغۇچىلار ئاسانلا زېرىكىش،ھەتتا بىزارلىق ھېس قىلىدۇ.نەتىجىدە دەرسخانىدا ئۆزئارا پاراڭ سېلىپ ئولتۇرىدىغان،تېلېفون ئويناپ ئولتۇرىدىغان،يەنە باشقا مۇناسىۋەتسىز ئىش-ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ ئولتۇرۇپ،ئوقۇتقۇچىنى دەرسنى توختۇتۇپ تەنقىتلەش ئېلىپ بارىدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ.شۇڭا ئوقۇتقۇچى دەرس مەزمۇنىنى ياخشى لايىھىلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى دەرس مەزمۇنىغا جەلىپ قىلىپ،دەرسخانە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.دەرس مەزمۇنى ئوقۇغۇچىنىڭ سەۋيىسىگە ئۇيغۇن،مەزمۇنى تولۇق،مۇھىم نۇقتىلار ئېنىق،چۈشىنىشلىك،ئوقۇغۇچىنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغاش رولىغا ئىگە بولىشى لازىم.ئوقۇغۇچىلار دەرس مەزمۇنىنى چۈشۈنەلمىسە،دىققەت شۇ ھامانلا چېچىلىپ كېتىشى تەبىئىي.بىر سائەتلىك دەرس نەتىجىسىز بولۇش ئۆزىنى ۋە ئۆز مەجبۇرىيىتىنى تونىيالايدىغان مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر ئازابلىق ئىش دەپ چۈشىنىشكە ئەرزىيدىغان ئىش ھېساپلىنىدۇ.شۇڭا يېڭى دەرس مەزمۇنىدا يېڭىلىق كۆپرەك بولىشى،ئاددىي-مۇرەككەپلىكى مۇۋاپىق بولىشى كېرەك.ئەگەر بەك مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتكەندە ئوقۇغۇچى بۇ مەزمۇننى چۈشىنىشكە كۆزى يەتمەي،ئاسانلا ۋاز كېچىدۇ،ئەكسىچە بەك ئاددىيلاشتۇرىۋەتكەندە ئۇلارنىڭ تەپەككۈرىنى قوزغۇيالماي ئويلۇنىشقا،ئىزدىنىشكە،ئىجادىي تەپەككۈر يۈرگۈزۈشكە يېتەكلىيەلمەيدۇ. ?[)}l9  
  دېمەك،ئىختىيارىي دىققەت مەقسەتلىك،مۇئەييەن ئىرادە،سوبيېكتىپ تىرىشچانلىق،ئاڭلىق،تەشەببۇسكار،ھەركەت ،پائالىيەتكە ئىگە دىققەتنى كۆرسىتىدۇ.بۇنداق دىققەت،ئەڭ ئۈنۈملۈك دىققەت ھېساپلىنىدۇ.ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىختىيارىي دىققەت قابىليىتىنى ياخشى يېتىلدۈرۈشكە ئەجىر سىڭدۈرەلىسە،تەشەببۇسكارلىق بىلەن بېرىلىپ ئۆگىنىدىغان،ئۆگىنىشتە پاسسىپلىق قىلمايدىغان،ئۆگىنىشتىكى توسالغۇلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېڭەلەيدىغان،ئۆزىگە ئۆزى تۈرتكە بولىدىغان،سەمىمىيلىك بىلەن ئىزدىنىپ ئۆگىنىدىغان ،كىتاپ كۆرىدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە بولىدۇ.         Si_%Rr&jW  
       مەنبە: ئۆز مۇلاھىزەم. 4hAl-8~Q6  

بابۇر0725 2014-06-06 21:13
بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك بىلىملەركەن

ئەكبەرنىياز 2014-06-13 01:18
بەكلا ئەتراپلىق مۇلاھىزە بوپتۇ ، ئەمىلىي دەرسخانە مىسالىدىن بىر نەچچىنى قىستۇرۇۋەتكەن بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن !!!

tawpek 2014-06-16 10:59
سىنىپلىرىمىز تەنتەربىيە مەيدانىنى چۆرىدەپ سىلىنغان، ئىشخانىللىرىمىز سىنىپلارنى چۆرىدەپ سىلىنغان. 3B -NY Ja  
;YM]K R;  
ئوقوتقۇچىلارنىڭ كۈلكە چاخچاقلىرىنىڭ سىنىپتا جەۋلان قىلىشلىرىنىغۇ دىمەيلى، مەيداندىكى توپ ئويناۋاتقانلارنىڭ چۇقىراشلىرى ئوقوغۇچىلارنى سىنىپتىكى ئوقوتقۇچىلاردىن تارتىۋىلىشلىرى، بىر سائەتلىك دەرىس ۋاختىدا نەچچە قىتىم ئىشىكنىڭ چىكىلىشى. lT3|D?sF  
t#{x?cF  
ھەر سائەتتە، ئىلمى بۆلۆمدىن سىنىپ تەكشۈرۈپ ئىشىك چەكمەي كىرىشلەر، ئەخلاق تەربىيە بۆلۆمدىن سان ئىلىشلار، يەنە بىر بۆلۆمدىن ياغلىق تەكشۈرۈشلەر  دىگەندەك ................. IuDT=A  
+#9xA6,AE  
توۋا دىمىسە بىكار بوپ كەتتى.  سىنىپقا كىرىپ چىرايلىق چىقىپ كەتسىغۇ مەيلى، تەكشۈرۈش دائىرىسىدىكى قائىدىسىگە بويسۇنمىغانلارنى نەخ مەيداندىلا قايناپ توۋلاپ ۋاقىتنى ئىلىشلار. r:.6"VQu}  
oFb\T iLu  
l$=Gvb  
يىقىندا يەنە  ھەر سائەتتە  مەكتەپ فۇرمىسى سانايدىغان بىر ئىشمۇ چىقتى راس


查看完整版本: [-- ئىختىيارىي دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled