查看完整版本: [-- تاپشۇرۇق بىرىش ۋە تۈزتىشىنى قىلپلاشتۇرۇش --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> پىلان خۇلاسىلەر -> تاپشۇرۇق بىرىش ۋە تۈزتىشىنى قىلپلاشتۇرۇش [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئارزۇيۇم 2014-06-05 18:41

تاپشۇرۇق بىرىش ۋە تۈزتىشىنى قىلپلاشتۇرۇش

‹تاپشۇرۇق بىرىش ۋە تۈزتىشىنى قىلپلاشتۇرۇش› نى باھالاش سىناپ تەكشۈرۈش چارىسىتاپشۇرۇق بېرىش ۋە تەكشۈرۈپ تۈزۈتۈش ئوقۇتۇشنىڭ موھىم ھالقىللىرنىڭ بىرى.ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقنى ئەستايىدىل ئىشلىشى ئۆگەنگەن بىلىملىرنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاساسى.مەكتىپىمىز ‹‹تاپشۇرۇق بىرش ۋە تۈزتىشىنى قىلپلاشتۇرۇش››نى يەنىمۇ ئىزچىل ئەمىليلەشتۈرۈش ئۈچۈن ‹‹قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تاپشۇرۇق بىرش ۋە تۈزتىشىنى قىلپلاشتۇرۇش›› توغىرسىدىكى ئوقتۇرۇشنىڭ روھىغا ئاساسەن، ماڭشىن ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ‹تاپشۇرۇق بىرىش ۋە تۈزتىشىنى قىلپلاشتۇرۇش› نى سىناپ تەكشۈرۈش چارىسىنى  تۈزۈپ چىقىتۇق.1. دۆلەت دەرس پىلانىغا ئاساسەن تەسىس قىلىنغان دەرسلەرنىڭ ھەممىسىدە  پىرىنسىپ جەھەتتىنن مۇۋاپىق مىقداردا  دەرستىن سىرتقى تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇردۇ.دەرس سائىتى 1-3 سائەتكىچە بولغانلار ھەپتىدە بىر قېتىم،4~5 سائەتكىچە بولغانلار ھەپتىدە ئىككى قېتىم تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇپ a,b,c ئۈچ دەرجە بويىچە بېرىش لازىم.تاپشۇرۇق بېرىش،تەكشۈرۈش خۇلاسلاش تولۇق ئورۇندىلىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەش نىسبىتى %85 تىن يۇقۇرى بولۇشى لازىم.پىلان،تەكشۈرۈش،خۇلاسلاش يۇقارقى تەلەپكە يەتمىسە دەرس ئوقۇتقۇچىسىدىن ھەر بىر % ئۈچۈن ئايلىق نۇمۇردىن 0.5 نۇمۇر تۇتۇپ قېلىندۇ.2. ئوقۇتقۇچى تاپشۇرۇقنى كۆڭۈل قويۇپ تاللىشى ۋە لاھىيىلىشى،تاپشۇرۇق مەزمۇنى چوقۇم ئوقۇتۇش پىرۇگىراممىسى ۋە دەرسلىك ماتىريالدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولىشى ئۆگەنگەن بىلىملىرنى مۇستەھكەملىشى، كونا بىلىمنى تەكرارلاش،يېڭى بىلىمىنى ئۆگۈنىشكە ئاساس سېلىشقا،بىلىمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىشكە  ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈپ،زېھنى قابىلىيتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولىشى كېرەك.تاپشۇرۇق پىلانىنى تەلەپ بويىچە ئەستايىدىل پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرشى لازىم. ئورۇنلاشتۇرمىسا،تەكشۈرمىسە،يالغان نۇمۇر قويۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە ھەر بىر قېتىملىق ئۈچۈن ئايلىق نۇمۇردىن ئىككى نۇمۇر تارتىلدۇ.3. ئىلمىي بۆلۈم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىتىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەش ئەھۋالىغا قارتا ئارلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ  بېرىش كېرەك ھەمدە شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ تاپشۇرۇق بېرىش ۋە تەكشۈرۈش ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەش ئەھۋالىنى ئىگەللەپ،تاپشۇرۇق سۈپتى ۋە پىلاننىڭ ئورۇنلىنىشىغا نازارەتچىلىكنى كۇچايتىش كېرەك.تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ئىلغار بولغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئەنگە ئېلىپ ئىلھاملاندۇرۇپ مۇكاپاتلاش كېرەك.تاپشۇرۇق بېرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ئالاھىدە ياخشى بولغان بولغان ئوقۇتقۇچىلار ئىنۋان بېرىش خزمىتىدە ئالدىن ئويلىشىلدۇ.

ئارزۇيۇم 2014-06-06 10:32
كەچۈرۈڭلار،دەرس دىتالى يوللانماي «تاپشۇرۇق بېرىش ۋە تۈزۈتۈشنى قېلىپلاشتۇرش»نى باھالاش چارىسى يوللىنىپ قاپتۇ.تەۋپىقداشلار كەچۈرگەيسىلەر.

بابۇر0725 2014-06-06 21:11
خاتا يوللىنىپ قالدىمۇ قانداق؟؟؟

ئارزۇيۇم 2014-06-09 10:18
خاتا يوللىنىپ قاپتۇ.كەچۈرۈڭلار.

ئەكبەرنىياز 2014-06-13 01:06
ماۋزونى ئۆزگەرتىپ قويسىڭىزلا بولغۇدەك !؟

ئارزۇيۇم 2014-06-13 17:39
شۇندھق،ماۋزۇنى ئۆزگەرتىۋەتسەم بولغۇدەك.

tawpek 2014-06-15 21:56
مەن ئۆز گەرتىپ قويدۇم، بۇندىن كىيىن دىققەت قىلارسىز

ئارزۇيۇم 2014-07-11 10:06
رەخمەت سىزگە.

ئارزۇيۇم 2014-07-11 10:06
ماڭا داۋاملىق ياردەم قىلغايسىز.

مىېھرىما 2014-07-11 10:08
ياخشى تىما ئىكەن . سىزگە رەھمەت !

ئۇيغۇر 2014-07-11 17:28
«نۇمۇر تارتىلىدۇ »دىگەن گەپنى كۆرسەملا مەكتىۋىمىزدىكى مائارىپ قانۇنيىتىگە خىلاپ بولغان سولچىل تۈزۈملەر يادىمغا كىلىدۇ. بۇ تۈزۈممۇ شۇنداقكەن. كاللا قاتتۇرۇپ تۈزۈم تۈزگىچە ، شۇ ۋاقىىت ئىچىدە بىرەر سائەتلىك دەرس تەييارلاپ بۇلالايسىز...

گۈلنىھال 2014-07-12 13:10
مۇنبەرگە يېڭى كىرگەندە ئادسەم تۈرلۈك خاتالىقلاردىن خالىي بولالمايدۇ .
مېنىڭ يېڭى تىزىملاتقان ۋاقتىمدىكى ئىشلىرىمنى دەپ كەلسەم ئىچىڭىزمۇ ئاغرىيدۇ ھەم كۈلۈپمۇ كېتىسىز ...
  پەقەت ئەستائىدىل بولساقلا ھەممىگە كۆنۈپ كېتىدىكەنمىز . غەيرەت قىلىڭ .


查看完整版本: [-- تاپشۇرۇق بىرىش ۋە تۈزتىشىنى قىلپلاشتۇرۇش --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled