natiwan |
2014-06-05 11:27 |
ئوقۇتقۇچىلار ئەرزىيەت تۈزۈمى
تەۋپىقداشلارنىڭ ھوزۇرىغا ئۆزۈم تۈزگەن مەكتىۋىمىزنىڭ ئەرزىيەت تۈزۈمىنى يوللىدۇم، مۇناسىۋەتلىك يولداشلارنىڭ پايدىلىنىپ قېلىشىنى ئۇمىد قىلىمەن. 1.مەكتىپىمىزدە مەخسۇس ئەرزىيەت خىزمەت ئىشخانىسى قۇرۇلىدۇ. ئەرزىيەت خىزمىتىگە مەخسۇس خادىم بەلگىلىنىدۇ. خىزمەت ۋەزىپىسى ۋە دائىرىسى ئېنىق بەلگىلىنىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەرزى بولسا نورمال ئېيتىپ، دەرىجە ئاتلاپ ئەزر قىلىش ۋە تەكرار ئەرز قىلىشنى چەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ. 2.ئەرزىيەت خىزمىتىدە پاش قىلىش ساندۇقى ۋە پاش قىلىش تېلېفونى تەسىس قىلىنىدۇ. پاش قىلىش ساندۇقى ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئېچىلىپ كۆرۈلگەن مەسىلىلەر بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. پاش قىلىش تېلېفۇنى ئەرزىيەت ئىشخانىسىدا بولىدۇ. 3. ئەرزىيەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغۇچى خادىم ئادىل، پاك دىيانەتلىك، ئىستىل جەھەتتە دۇررۇس بولۇشى، ئىش بېجىرگەندە دېمكۇراتىك بولۇشى، ئاممىنىڭ مەنپەتىنى چىقىش قىلغان ھالدا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىشى زۆرۆر. 4. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقوق مەنپەتىگە چېتىشلىق ئەرز شىكايەتلىرى بولسا ئاۋال مەكتەپ ئەرزىيەت بۆلىمىگە ۋە ياكى مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى، مەمۇرىيتىگە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئارىسىدا ئەرز قىلىش ئىشلىرىدا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش، ئورۇنسىز ئىشلار ئۈچۈن دەرىجە ئاتلاپ ئەرز قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە يىل بېشىدا تۈزۈلگەن ئەرزىيەت خىزمەت مەسئۇلىيەتنامىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 5. ئەگەر ئەرزىيەت خىزمەتچى خادىمى خىزمەتتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، ئەرز قىلغان ياكى ھال ئېيتىپ كەلگەن كىشىلەرگە قارىتا ياخشى پوزىتسىيىدە بولماسلىق، ئارقىغا سۆرەش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە بارلىق مەسئۇلىيەتنى مۇشۇ خىزمەتكە مەسئۇل خادىم ئۈستىگە ئالىدۇ. 6. ئەرزىيەت خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپا خادىملىرىنىڭ ئىش تەقسىماتى ئايرىم-ئايرىم بېكىتىلىدۇ. مەسئۇلىيىتى قاتلاممۇ- قاتلام سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
|
|