ئارزۇيۇم |
2014-06-05 11:18 |
قۇم باسقان شەھەر (مەشھۇر ئەسەر)
مەشھۇر ئەسەرلەر بىلەن تونۇشۇش #*9 |\ قۇم باسقان شەھەر a,xy38T< (مەمتىمىن ھوشۇر) FlbM(ofY 1.ئاپتۇر توغرىسدا <.lt?!.ZH ئاتاقلىق يازغۇچى مەمەتىمىن ھوشۇر 1944-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1967-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتىنىڭ ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن .1979-يىلدىن 1995-يىلغىچە «ئېلى دەرياسى» ژورنىلىدا مۇھەرىر،باش مۇھارىر ،ئېلى ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە كەسپى يازغۇچىسى بولغان.ئۇ جۇڭگۇ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان.ئۇنىڭ 100 پارچىدىن ئارتۇق ھىكايە،پوۋسىت،ئەسلىمە ۋە ئەدەبىيات،تارىخقا ئائىت ئىلمىي ماقاللىرى ئىلان قىلىندى.ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن «نەي ئاۋازى»«كونا-يېڭى ئىشلار»«سالام ھىسام ئاكا» «نۇزۇگۇم»«يىللار شۇنداق ئۆتكەن»»ئۆلۈككە خەت»قاتارلىق كىتابلىرى بار. ?:7$c 2 .«قۇم باسقان شاھەر» ناملىق ئەسەرنىڭ قىممىتى ۋە ئومۇمى مەزمۇنى. YgQb(umK بۇ رومان تارىخى رومان ئەمەس.ئۇ يىراق نائېنىق ئۆتمۈشنىڭ ئۆزىگە خاس تۇرمۇشىنى يېڭىچە تەسەۋۋۇرلار ۋاستىسى بىلەن يورۇۇتپ بەرگەن ئىجادىي ئەسەر.ئۇنىڭدا ئەكس ئەتكەن رىئاللىق تۇيغۇسى بىلەن ئىجتىمائىي بۇرچ تۇيغۇسى شۇنچىلىك كۈچلۈك. Jg6@) ئۇنىڭدا تەرغىپ قىلىنغىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك،خەلىققە بولغان ئوتلۇق مۇھاببەت،ھەقىقەت ۋە ئادالەتنى سۆيۈش،روھى پاكلىققا بولغان ئىنتىلىش،شەخسنى ئەخلاقىي تەرەپتىن پەسلەشتۈرۈپ،ئۇنى مەنىۋى ھالاكەت يولىغا باشلايدىغان ھەرقانداق روھى چېركىنلىكلەردىن يىرگىنىش،ھەممە كىشى بىر مۇقەددەس غايە ئۈچۈن ئۇيۇشۇپ،ئىنسانىيەتنىڭ پارلاق كېلىچىكى يولىدا بىرلىكتە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت. | tFg9R
T 3.ئاپتۇر بۇ روماندا نىمە ئۈستىدە ئويلانغان؟ pO N@ ئاپتۇر مىللەت ۋە تارىخ ئۆزىگە يۈكلىگەن مەنىۋى ۋەزىپىنى قانداق ئورۇنداش مەسلىسى ئۈستىدە جىددى ئويلانغان. AaM~B`B 4.«قۇم باسقان شەھەر»دېگەن ماۋزۇدا قانداق چوڭقۇر مەنا ئىپادىلەنگەن؟ )jw!,"_4 تەكلىماكان،تارىم ۋادىللىرىدا ئۇزاق تارىخى دەۋىرلەر ئىلگىرى كۆپلىگەن قەدىمقى شەھەرلەرنىڭ بەرپا قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئەپسانە-رىۋايەتلەردە،چۆچەكلەردە سىرلىق ۋەقەلىكلەر بايان قىلىنغان.دۇنيادىكى مەشھۇر ئېكىسپېدىتسىيچى،ئارخىلوگ ۋە ئالىملار تەكلىماكان تارىم ۋادىسىدىكى قۇم بدرخانىلىرنىڭ ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان قەدىمىي شەھەرلەر ھەققىدە ئۇزاق يىللىق ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بېرىپ ،قىممەتلىك پاكىتلارنى تېپىپ شۇ ئاساستا نۇرغۇن ئىلمىي ئەسەرلەرنى يېزىپ،ئۇزاق تارىختىن بۇيان بۇ جايلاردا تۈرلۈك سەۋەپلەردىن قۇم ئاستىدا قالغان شەھەرلەر ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىللىرنى دۇنياغا ئىلان قىلدى.ئاپتۇرمۇ بۇ تىمىنى بەدئىي تەسەۋۋۇر،سىمۋوللاشتۇرۇش ۋە توقۇلما قىلىش ئارقىلىق يورۇتۇپ «قۇم باسقان شەھەر»لەرنىڭ تىراگىدىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. v;s^j 5.«قۇم باسقان شەھەر» نىمىنى كۆرسىتىدۇ؟ I%mGb$Q ئۇزاق تارىختىن بۇيان تەكلىماكان بويلىرىدا قۇم ئاستىدا قالغان قەدىمقى شەھەرلەرنى كۆرسىتىدۇ. GP=bp_L 6.«بوۋاقلار قەبرىستانلىقى»نىڭ پەيدا بولۇشى بىغەملەر شەھرى ھەققىدىكى تىراگىدىيەنى كۇچايتىپ ،بۇ تىراگىدىيەنىڭ مەنبەسى ھەققىدە كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.سىزدە «قۇم باسقان شەھەر»قانداق ئويلار پەيدا بولدى؟
\Bl`;uXb «بىغەملەر شەھرى»ھەققىدىكى ئاچچىق تىراگىدىيە،يۈزلىگەن نارىسىدە بوۋاقلارنىڭ بىگۇنا ئۆلتۈرۈلىشىدىن پەيدا بولغان «بوۋاقلار قەبرىستانلىقى»نىڭ مەنبەسى-ئادەملەردىكى ئاچككزلۈك،ئىناقسىزلىق،رەھىمسىزلىك،ياۋۇزلۇق قاتارلىق ئىللەتلەر سەۋەبىدىن بولغان. 41i#w;ojI 7.ئاپتۇر روماننى «-قېنى، ماڭا پالتامنى بېرىڭلار!-دېدىقىزنىڭ يېنىدىكى يىگىت،-بوۋاقلار قەبرىستانلىقىنىڭ يېنىغا بىز باشقىدىن يېپيېڭى شەھەر بىنا قىلايلى»دەپ ئاخىرلاشتۇرغان.بۇنداق ئاخىرلاشتۇرۇش قانداق ئالاھىدىللىككە ئىگە؟ bG]?AiWr ئاپتۇر يىگىتكە«.... باشقىدىن يېپيېڭى شەھەر بىنا قىلايلى»دەپ چاقىرىق قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇرۇپ،كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ ئۆز ئەجداتلىرنىڭ خاتالىقلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان تىراگىدىيەلەردىن ساۋاق ئېلىپ،كەلگۈسىگە ئۈمۈت بىلەن قاراپ،ئۆزلىرنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى،زامانىۋى شەھىرىنى قۇرۇپ چىقىپ،ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىشقا چاقىرغان.بۇ يەردىكى «يېپيېڭى شەھەر»-«گۈزەل شەھەر»«ئىناق شەھەر»«زامانىۋى شەھەر»«پەزىلەتلىق شەھەر»لەرنى كۆرسىتىدۇ. GOX2'N\h^ xsx0ZovhY 9@YhAj
|
|