ئارزۇيۇم |
2014-06-05 10:57 |
كەلىلە ۋە دېمىنە
7-يىللىق 2-قىسىم $U%M]_ مەشھۇر ئەسەرلەر بىلەن تونۇشۇش |/<,71Ae كەلىلە بىلەن دېمىنە `)V1GR2
ES &
$E[l' 1-«كەلىلە ۋە دېمىنە» قانداق ئەسەر؟ ئۇنىڭ قىممىتى قەيەردە؟ 6.
N?=R «كەلىلە ۋە دېمىنە»-پەندى-نەسىھەت خاراكتىردىكى مەسەل-چۆچەك ۋە ھىكمەتلىك سۆزلەردىن تۈزۈلگەن زور ھەجىملىك ئەسەر بولۇپ،ئوتتۇرا ئەسىر شەرق ئەدەبىياتىدا موھىم ئورۇن تۇتىدۇ.بۇ كىتاب ئۇيغۇر،ئۆزبىك،ئەزەربەيجان،تۈركمەن،تاتار،قازاق،قىرغىز قاتارلىق تۈركىي تىللىق خەلىقلەر ئەدەبىياتىدا ۋە ئەرەب،پارىس،ھىندى خەلىقلىرى ئەدەبىياتىدا موھىم ئورۇن تۇتىدىغان شۆھرەتلىك كىتاب بولۇپ ئەقىل-پاراسەت قامۇسى سۈپتىدە خان-پادىشاھلارنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان.نۇرغۇن مۇتەپەككۇرلارنىڭ مۇلاھىزە پىلتىسىغا ئوت ياققان.دۇردانە سۆزلەرنىڭ كانى سۈپتىدە ھەرقايسى ئەللەردىكى تالاي ئەدىپلەرنىڭ تىل مەكتىپى بولغان.ئۇ گەرچە تەرجىمە ئەسەر بولسىمۇ خەلقىمىز ئىچىگە كەڭ تارقالغانلىقى،تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى،بولۇپمۇ تەرجىمانلىرىمىزنىڭ پاساھەتلىك تىل بىلەن ئىجادىي تەرجىمە قىلىپ ،كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكى سەۋەبلىك ئۇنى ئەدەبىيات تارىخىمىزغا مەنسۇپ ئەدەبىي يادىكارلىق دەپ ھىساپلاشقا بولىدۇ. 2gM=vaiH= 2-بۇ كىتابنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى نىمە؟ I5]=\k($ ئەسەرنىڭ قولىمىزدىكى نۇسخىسى ئارلاشما مەدەنىيەتنىڭ مەھسۇلى بولۇپ 6-ئەسىردىن 18-ئەسىرگىچە بولغان ئۇزاق تارىخى جەرياندا قولدىن-قولغا ئۆتۈش،تىلدىن-تىلغا تەرجىمە قىلىنىش ۋە ئۆزلۈكسىز ئىجادىي بېيىتىلىش نەتىجىسدە ھازىرقى ھالەتكە كەلگەن.شۇڭا ئۇنىڭ مەنبەلىرى بىرقەدەر مۇرەككەپ،ئەمما قەدىمكى ھىندىستاننىڭ مەشھۇر مەسەل-چۆچەكلەر توپلىمى «بەشنامە»بىلەن ئوتتۇرا ئەسىر پارىس خەلق ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرى ئۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەنبەسى ھىساپلىنىدۇ.»بەشنامە»دىكى ئىككى چىلبۆرە باش قەھرىماننىڭ ئىسمى كاراتاكا ۋە داماناكانىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە «كېلىلە ۋە دېمىنە»دەپ ئاتىغان. rEz-\jLD~ 3-ئوبۇلھەسەن ئابدۇللا مۇقەففا ھەققىدە: 'a.n ئەرەب ئەدەبىياتى تارىخىدىكى مەشھۇر شەخس تالانتلىق يازغۇچى مۇقەففا 724-يىلى قەدىمقى پىرسىيەنىڭ زۇل شەھرى(ھازىرقى فىرۇز ئاباد)دا تۇغۇلغان.ئۆزىنىڭ يېزىقچىلىق ۋە ئەدەبىيات جەھەتتىكى تالانتى بىلەن مەدەنىيەت ساھەسىدە تونۇلغان.خەلىپە ئەبۇ جەفەر مەنسۇر دەۋرىگە كەلگەندە،مەنسۇرنىڭ تاغىسى ئابدۇللا بىننى ئەلى ئۈچۈن يېزىپ بەرگەن قۇللارنى ئازاد قىلىش ھەققىدىكى كاپالەتنامىسىدە كۈچلۈك سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ مەنسۇرنىڭ غەزىپىنى قوزغىغانلىقى ئۈچۈن ئاھۋاز ۋالىسى سوفۇيا 759-يىلى تېنىنى پارچىلاپ، ئوتقا تاشلاپ ئۆلتۈرۋەتكەن.«كەلىلە ۋە دېمىنە»ئۇنىڭ تەرجىمە ئەسىرى. A!EmJ 4-ئەسەردە قانداق مەزمۇن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؟ k1tJ$} ئەسەردە ساختىلىق،رەزىللىك،خۇنۇكلۈك ۋە ئۇنڭ رىئاللىقتىكى ئىپادىسى بولغان تەمەخورلۇق،ئىككى يۈزلىمىچىلىك،ھەسەتخورلۇق،چېقىمچىلىق،يالغانچىلىق قاتتىق تەنقىت ئاستىغا ئېلىنىپ،سەمىمىيلىك،ئاق كۆڭۈللۈك،ئادىللىق ۋە ھەققانىيەت مەدھىلەنگەن. vJZ0G:1 fH#yJd2?f
|
|