查看完整版本: [-- قىش بىلەن يازنىڭ مۇنازىرسى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئەدەبى بىلىملەر -> قىش بىلەن يازنىڭ مۇنازىرسى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئارزۇيۇم 2014-06-05 10:48

قىش بىلەن يازنىڭ مۇنازىرسى

&x{CC @g/  
قىش بىلەن يازنىڭ مۇنازىرسى nA n/Vu  
مەھمۇد قەشقەرىي >9c$2d|>  
(قوشاق) ._m+@Uy]H}  
1-مەھمۇد قەشقەرىي كىم؟ ud K)F$7  
دۇنيا تۈركلوگىيە ئىلمىنىڭ ئاساچىسى،تىلشۇناس،سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقنىڭ پىشىۋاسى،ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرىي1008-يىلى قەشقەرنىڭ ئوپال يېزىسى ئازىخ(ھازىرقى قۇمباغ)كەنتىدە ھەربىي قەلئەدە خان جەمەتى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.ئالىم نەسەپ جەھەتتىن قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ خانزادىلىردىن بولۇپ ئۇنىڭ چوڭ دادىسى مۇھاممەت يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئىدى.مەھمۇدنىڭ دادىسى قەشقەردىكى مەدرىسلەردە ئىلىم تەھسىل قىلىپ يېتىشكەن بىلىملىك كىشىلەردىن بولۇپ ئوردىدا موھىم خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن.ئانىسى بۇۋى رابىيە ئېسىل تەبىئەتلىك،ئەقىللىق،ئۇقۇمۇشلۇق،مۇزىكىغا ھېرىسمەن،پەزىلەتلىك ئايال بولۇپ ئېرى ھۈسەييىننىڭ قابىل ياردەمچىسى. WO W4c&  
مەھمۇد كاشغەرىي باشلانغۇچ مەلۇماتنى ئائىلىسىدە ۋە ئوپالدىكى مەدرىسلەردە ئالغان.ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەلۇماتنى قەشقەردىكى مەشھۇر «مەدرىسە ھەمدىيە» ۋە «مەدرىسەئى ساچىيە»قاتارلىق مەشھۇر ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئالغان.ئالىم ئەرەب،پارىس تىللىرنى مۇكەممەل ئىگەللەپلا قالماستىن، يەنە زامانىسى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىسلام تارىخى،ئىسلام پەلسەپىسى،تىل ئىلمىى،لوگىكا،جۇغراپىيە،ئىلمىي نوجۇم(ئاستۇرنومىيە)قاتارلىق ئىلىملەرنى مۇكەممەل ئىگەللىگەن.ئۇنىڭدىن باشقا چەۋەندازلىق،ئوقيا ئېتىش،نەيزىۋازلىق قاتارلىق جەڭ ماھارەتلىرنىمۇ كامالەتكە يەتكۈزۈپ ئۆگەنگەن. V6" 
تۈركىي قەبىلىلەر ئارىسىدا كېزىپ يۈرۈپ 15 يىل تىل تەكشۈردۇ.كىيىن باغداتقا بېرىپ تەپەكككۇر قىلىش ۋە سېلىشتۇرۇش جەريانىدا ئۆز بىلىمىنى مۇكەمممەللەشتۈردۇ.مىلادىيە 1072-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈندە ئۇزۇندىن بۇيان كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەن ئىلمىي ئىشلىرى ئۈچۈن يېتەرلىك ماتىريال توپلاپ،يېزىشقا كىرىشىدۇ ۋە تۆت قېتىم قايتا تۈزۈتۈپ،تولۇقلاپ،مىلادىيە 1077-يىلى بۇ ئۇلۇغ ئىلمىي ئەسىرىنى نەتىجىلىك تاماملاپ ئابباسىيلار خەلىپىلىكنىڭ 27-خەلىپىسى ئوبۇلقاسىم ئەل مۇقتەدى بىئەمرۇللاھقا تەقدىم قىلىدۇ.1105-يىلى ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ^"\ jIP   
2-تۈركىي تىللار دىۋانى قانداق ئەسەر؟ AOQimjW9a  
1-«تۈركىي تىللار دىۋانى»-ئەرەب تىلى بىلەن تۈرك تىلىنىڭ سېلىشتۇرما لوغىتى.ئۇ بىر مۇكەممەل قامۇس بولۇش سۈپتى بىلەن 7500 دىن ئارتۇق سۆز ۋە .ئبارىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. Pk[:+. f(  
2-«تۈركىي تىللار دىۋانى»دا ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان ۋە قەبىلىلەرنىڭ تارىخىغا ئائىت مەلۇماتلار بېرىلگەن. 2yR* 
3-«تۈركىي تىللار دىۋانى»دا تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر ياشىغان جايلار،بولۇپمۇ قارىخانىلارنىڭ شۇ زاماندىكى تېررىتورىيەسى،جۇغراپىيۋى ناملارنىڭ مەشھۇرلىرى بېرىلگەن. Zws[}G"7h  
4-«تۈركىي تىللار دىۋانى»دا نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ ئىستىمال مەنىسنى جانلىق ئىپادىلەش ئۈچۈن ئەدەبىي پارچىلار بېرىلگەن.بۇ قىممەتلىك ئەدەبىي مىراسلار تەخمىنەن 20 پارچىغا يېقىن رىۋايەت،تەكرارلانغان ئدلتە پارچىسىنى چىقىرۋەتكەندە 237 پارچە شېئىر،قوشاق،تەكرارلانغان قىسمىنى چىقىرۋەتكەندە 279 پارچە ماقال-تەمسىل،ئىككى پارچە ھىكمەتلىك سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ،بۇ ئۆز زامانىسىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەتنى تەتقىقى قىلىشتا موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. zQ3m@x  
5-«تۈركىي تىللار دىۋانى»دائۇيغۇرلار ۋە باشقا قېرىنداش خەلىقلەتنىڭ ماددى تۇرمۇشىغا ئائىت بايانلار بېرىلگەن. M)S(:Il6Xx  
6-«تۈركىي تىللار دىۋانى»غا يەنە ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش خەلىقلەرنىڭ ھاكىمىيەت چۈشەنچىللىرىگە دائىر سۆز-ئاتالغۇلار بېرىلگەن. d 90  
7- «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى يەنە بىر موھىم مەزمۇن كالىندارچىلىق ۋە ئاستورنومىيەگە دائىر مەلۇماتلاردۇر. {!!df.h  
بۈيۈك قامۇس-«تۈركىي تىللار دىۋانى»مەزمۇن جەھەتتىن ئومۇمەن تولىمۇ كۆپ قىرلىق،ئۇنۋىرسال،قاراخانىلار دەۋرىدىكى ماددىي ۋە مەنىۋىي تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرى يورۇتۇپ بېرىلگەن ئەسەر بولۇپ تۈركىي تىللىق خەلىقلەر مەدەنىيتىنىڭ بۈيۈك قامۇسى،دۇنيا تىلشۇناسلىقىدىكى مەڭگۈ ئۆلمەس ئۇلۇغ ئەسەر،بۈيۈك ئابىدە ھىساپلىنىدۇ. iV9wqU kMv  
قوشاق دىگەن نىمە؟ ,fWQSc\}  
خەلىق تەرىپىدىن ئاغزاكى ئىجات قىلىنغان،مۇكەمممەل شېئرىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە شەكلى ئاددى،تىلى يېقىملىق،يېنىڭ شېئىرلار قوشاق دەپ cs[_TJo  

ئەكبەرنىياز 2014-06-13 00:46
كۆپ ئەجر قىپسىز ، داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز !!!

tawpek 2014-06-14 13:52
كۆپ تەشەككۇر، داۋاملىق سۇنۇپ تۇرۇڭ، تولىمۇ ئىھتىياجلىق ماتىرىيالنى تەمىن ئىتىپسىز. 5>9KW7^L  
~nit~ ;  
خانزادىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تۇتۇپلا دۆلەت ئەربابى دەپ خاتا ئاتىۋىلىشلار كۆپ بولىۋاتىدۇ

گۈلنىھال 2014-06-14 17:16
ياخشى تىما بوپتۇ ، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرىكەن ، رەھمەت !


查看完整版本: [-- قىش بىلەن يازنىڭ مۇنازىرسى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled