查看完整版本: [-- ئەتكەن چېيىم --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> ئەتكەن چېيىم [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ablatmuhamma 2014-06-04 14:08

ئەتكەن چېيىم


ئەتكەن چېيىم


پۇت- قولۇمغا كىردى  قۇۋۋەت  ئەتكەن چېيىم ،

ۋۇجۇدىمغا بەردى لەززەت ئەتكەن چېيىم ،

ئۇنتۇلدۇردى  قايغۇ- ھەسرەت ئەتكەن چېيىم ،

خۇمارىمغا بەردى تىلخەت ئەتكەن چېيىم ،

چىن ياشاشقا بەردى جۈرئەت ئەتكەن چېيىم .


ناۋاي دەيدۇ نان قىزىرار مېيى بىلەن ،

رتلىك -رەتلىك كېسەك پىشار لېيى بىلەن ،

تۆت پەسىلدە دېھقان ياشار يېرى بىلەن ،

ئەۋلاد بېقىپ كەلدى ئۇيغۇر چېيى بىلەن ،

چوڭ -كىچىككە يەتتى ئىززەت ئەتكەن چېيىم .


مەھكۇم دىللار سېغىنمامدۇ ساپ ھاۋانى ،

تىرىكچىلىك خالاپ تۇرار كۈي -ناۋانى ،

ئوروقلايدۇ كىم تارتمىسا مىڭ جاپانى ،

تۈگىمەيدۇ بۇ تۇرمۇشنىڭ ئىمتىھانى .

ئىش -ئەمگەكتە باردۇر سۈرئەت ئەتكەن چېيىم .


تەييارلىق قىپ بىرەر كورا   قايناقسۇغا ،

رەڭ تەڭشەيمىز قويۇققىنە چاي ئۇنىغا،

قايماق بىلەن سۈت قۇيىمىز قاراپ تۇزغا ،

قاپاق چۆمۈچ ناخشا ئېيتىپ بېرەر شامغا ،

نان كۆركىگە بېرەر زىننەت ئەتكەن چېيىم .


چوڭ -كىچىكلەر چۆرىدەيدۇ داستىخانغا ،

ھەممە بىردەك قول ئۇزىتار تاتلىق نانغا ،

ھەسەل بىلەن مۇراببالار  بار پىلاندا ،

ئاۋال چوڭلار قىيسىيىدۇ تويوپ يانغا ،

روھ سېغىنماس ئىشقى -ئىشرەت ئەتكەن چېيىم .


بالىلارنىڭ جىدىلى بار سەن بولمىساڭ ،

قورۇپ قالار بۇۋاي -موماي سەن بولمىساڭ ،

مېھمان سۆزلەر گۆش بولسىمۇ نان قويمىساڭ ،

بىرەر چىنە ئىچىپ قويغىن كەل ، تويمىساڭ ،

نۆۋىتىدە زەردىن قىممەت ئەتكەن چېيىم .


مىللىتىمنىڭ مائارىپى دەستۇرخاندا ،

بىر ئېتىقاد كۆۋەجەيدۇ ئەركەك قاندا ،

نىمە قۇۋۋەت بولسۇن دەيسىز دىر-دىر جاندا ،

نىيەت -ئىقبال ئەمەس ھەرگىز  مونەك شامدا ،

دەستۇرخاندا يۇيار ئىللەت ئەتكەن چېيىم .



ئەسىرلەرنىڭ ئۇيقىسىنى ئاچتى قۇياش ،

بىزگە ئۈندەش بەلگە ئەمەس قانداق ياشاش ،

ساپ دىللاردا يۈز بەرمىسۇن ئەمدى قاناش ،

بىر مىللەتكە ئۇدۇم ئەمەس ئۇششاق چامداش ،

ئەدەپ بىلەن ساڭا ھۆرمەت ، ئەتكەن چېيىم !


خامانلاردا ياسىغاندا ئايرىدۇرۇم ،

ئالەم كېمە روللىرىنى تۇتسا قولۇم ،

كېلىچەكتە سامانيولى بولسا يولوم ،

تاڭ سەھەردىن چىقىپ كەلسە غۇنچەم -نۇرۇم !

قىيالمايمەن سەندىن ھەرگىز ئەتكەن چېيىم .




ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن



ozqan 2014-06-04 14:21
ياخشى يېزىپسىز ، ئىزچىللىقىڭىزغا قايىلمەن ...

ماۋۇ مىسرادا ئىملا خاتالىقى بارمۇ ياكى مەن چۈشىنەلمىدىممۇ ؟

قورۇپ قالار بۇۋاي -موماي سەن بولمىساڭ ،

natiwan 2014-06-04 16:08
ئىملا خاتالىقى بار ئىكەن ، شۇنداقتىمۇ شېئىرىڭىزغا تەشەككۇر

ئاچچىقگۈل 2014-06-04 20:36
ئەتكەن چاي--تاتارلاردا،قازاقلاردا،قىرغىزلار ...دىمۇ  ئومۇملاشقان. قايماقلىق بىر قاچا ئەتكەن چاي ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ پۇتىنىڭ ئۇچىغىچە ماغدۇر كىرگۈزىدۇ.

قەھۋە-- ئەرەپلەرنىڭ.
سىنچاي--تۈركىي مىللەتلەرنىڭ.
قايناقسۇ كىمنىڭدۇ؟

تىلداش 2014-06-06 13:27
باغۋەننىڭ باغدا ئەت ئەتكەن چېيى ھەقىقەتەن خۇمارلىق بوپتۇ.
...................................................................
چىن ياشاشقا بەردى جۈرئەت ئەتكەن چېيىم،
چوڭ -كىچىككە يەتتى ئىززەت ئەتكەن چېيىم ،
نان كۆركىگە بېرەر زىننەت ئەتكەن چېيىم ،
روھ سېغىنماس ئىشقى -ئىشرەت ئەتكەن چېيىم ،
قىيالمايمەن سەندىن ھەرگىز ئەتكەن چېيىم .

tawpek 2014-06-13 11:05

ناۋاي دەيدۇ نان قىزىرار مېيى بىلەن ،

رتلىك -رەتلىك كېسەك پىشار لېيى بىلەن ،

تۆت پەسىلدە دېھقان ياشار يېرى بىلەن ،

ئەۋلاد بېقىپ كەلدى ئۇيغۇر چېيى بىلەن ،

چوڭ -كىچىككە يەتتى ئىززەت ئەتكەن چېيىم .



ماۋۇ مىسرالىرىڭىزنى تولىمۇ ياقتۇردۇم.

شىئىرلىرىڭىز لىرىك تۇيغۇلار بىلەن تەم تەڭشەشتىن ئىتىقاد، ئەنئەنە، مىللى روھ سادالىرىنى كۆككە ياڭرىتىشقا ئۆتۆپتۇ.

سىز تەۋپىقنىڭ پەخرى، داۋاملىق سۇنۇپ تۇرۇڭ


查看完整版本: [-- ئەتكەن چېيىم --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled