查看完整版本: [-- كاۋا بىلەن پىيازنىڭ شىپالىق رولى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ساغلاملىق بىلىملىرى -> كاۋا بىلەن پىيازنىڭ شىپالىق رولى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

دولان 2014-06-04 12:39

كاۋا بىلەن پىيازنىڭ شىپالىق رولى

پىيازنىڭ شىپالىق رولى



دىماق پۈتۈپ قالغاندا پىيازنىڭ پارچىسىنى بۇرۇن تۈشۈكىگە باسقاندا ، ئۈنۈمى ئادەتتىكى دورىلارنىڭكىدىن تېز بۇلىدۇ ،
زۇكامدىن قىزىتمىسى ئۆرلەپ قالغاندا پىيازنى قاينىتىپ قىزىق پېتى ئىچىۋەتسە تەرلىتىپ قىزىتمىنى ياندۇرۇپ زۇكامنى ساقايتىدۇ .
بەش تال زەنجىۋىل بىلەن 10 تال غول پىيازنى 20 مىنۇت سۇغا چىلاپ ئاندىن قاينىتىپ ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا قارا شېكەر ئارلاشتۇرۇپ ئىچسە ، زۇكام ، بەلغەملىك يۆتەل ، قۇسۇش ، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالىغىلىغىلى بۇلىدۇ .
پىياز تەركىبىدە گۈڭگۈرۈت ماددىسى ۋە بەدەنگە كېرەكلىك ماددىلار مول بولغاچقا ، ئۇنى ئىستىمال قىلغاندا بەدەندىكى ئەخلەتلەرنى چىقىرۋېتىپ ، مۇسكۇل تېرىلەرنى تازلاپ ، قېرىلىق دېغىنى ئازايتىپ ، تېرىنىڭ قېرىشنى كىچىكتۈرىدۇ .
پىيازنى چاناپ ئازراق ئاچچقسۇ قۇيۇپ ناشتىدا يىسە قېرىشنى كىچىكتۈرىدۇ .
ئۇيقۇ كەلمىگەندە توغرالغان پىيازنى ياستۇق يېنىغا قۇيۇپ قويسا ئاسان ئۇيقۇ كىلىدۇ .
بۇرۇن ياللۇقىغا گىرىپتار بولغۇچىلار پەلكۈچنى پىياز سۈيىگە چىلاپ بۇرۇن تۈشۈكىگە كۈندە 3-4 قېتىم تەككۈزۈپ بەرسە ئۈنۈمى تېز بۇلىدۇ .
پىياز سۈيىنى بۇرۇن تۈشۈكىگە 5-7 كۈنگىچە تەككۈزۈپ بەرسە ، دىماق پۈتۈپ قېلىش ، بۇرۇن ياللۇغلىنىپ ئىشش ، بۇرۇن قىچىشىش ، بۇرۇن قىزىرىپ سۇ ئېقىش قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدۇ .
غولپىياز تەركىبىدە بىر خىل پارغا ئايلنىدىغان ئالاھىدە ماي بۇلۇپ ، بۇ خىل ماي تەركىبىدە " پىياز ئاچچىق ماددىسى " دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماددا بار ، بۇ خىل مادىنىڭ ئادەتتە مىكروپ ئۆلتۈرۈپ ئىقتىدارى ئىنتايىن يۇقىرى ، ئۇ نەپەس يۇلى يۇقۇملىنىش كېسەللىكلىرى ، سوغۇقتىن بۇلىدىغان زۇكام قاتارلىقلارننىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كۆرىنەرلىك ئۈنۈمگە ئىگە بولغاندىن سىرىت يەنە ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجىرلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، ئاشقازان ئۈچەيدە يىغىلىپ قالغان كېرەكسىز ماددىلار ۋە يەللەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاپ ، ئىشتاھانى ئېچىپ ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ ، بەدەننى قۇۋەتلەيدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يۇقىرى قان بېسىم قاندىكى ماي ۋە قەنىت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ ئادەمنىڭ ئېمونىت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ .

پىيازنى پىشۇرۇپ ھەسەلگە ئارلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلسا ، قان سىيىش كېسىلىگە شىپا بۇلىدۇ .

دولان 2014-06-04 12:37
كاۋىنىڭ شىپالىق رولى
مەنبە :
يوللانغان ۋاقىت : 15:47 04-03-2014
تەھرىر : خاسىيەت

كاۋا ئىششىقنى قايتۇرۇپ ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ ،

يېڭى كاۋىنى يارا ئېغىزى ۋە كۈيۈك يارىسىغا چاپسا ئۈنۈمى تېز بۇلىدۇ

كاۋا دېئابىت ، يۇقىرى قان بېسىم ، جىگەر ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، خىلىتلارنڭ ئاجىرلىپ چىقىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ،

كاۋا ئۇرۇقىدا فوسفور ماددىسى كۆپ ھەر 100 گىرام كاۋا ئۇرۇقىب تەركىبىدە 0.67 گىرام فوسفۇر بۇلىدۇ ، شۇڭا كاۋا ئۇرۇقىنى يەپ بەرسە مەزى بېزى يوغىناش ھەمدە ئۇنىڭ 2- ۋە 3- باسقۇچلۇق كېسەللىك ئۆزگۈرۈشلىرىنى ياخشىلاپ ، مەزى بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

كاۋا ئۇرۇقى سۈت كەلمەيدىغان ئاياللارنىڭ 1- دەرىجىلىك قۇۋەت دورىسى .

كاۋا ئۇرۇقى تۇغۇتتىن كىيىنكى پۇت- قول ۋە يۈزى ئىشىپ كىتىدىغان ئاياللار ياكى دىئابىت ئاغرىقلىرىغا كۈندىلىك مۇھىم يىمەكلىك بۇلالايدۇ ،

كاۋا ئۇرۇقىدا سىنىك ۋە تۈمۈر مول ، مەزى بېزى كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئىنتايىن ئۈنۈملۈك رولغا ئىگە،


كاۋا ئۇرۇقى تاماكا تاشلاشقا ھەمدەم بۇلىدۇ .

50- 100 گىرامغىچە يېڭى كاۋا ئۇرۇقىنى ئېزىپ ، سۇ قۇشۇپ سۈتسىمان ھالەتكە كەلتۈرۈپ ناۋات ياكى ھەسەل بىلەن ئ.ارلاشتۇرۇپ ئاچ قورساققا ئىچىپ بەرسە ئۈچەيدىكى تاسما قۇرۇت ۋە سازاڭ مەددىنى چۈشۈرىدۇ .


كاۋا ئۇرۇقىنى قۇرۇتۇپ ۋە ئۇندەك ئېزىپ قارا شېكەر سۈتىگە ئارلاشتۇرۇپ كۈندە بىر قانچە قېتىم ئىچىپ بەرسە ، كۆكيۆتەلگە شىپا بۇلىدۇ ،

كۆك كاۋىنىڭ ئۇرۇقىنى سۇس ئوتتا قورۇپ 20-30 كۈنگىچە يەپ بەرسە ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇپ راۋانلاشتۇرۇپ ، ئىچكى تاشقى گىمىروينى داۋالايدۇ .

كۆك كاۋا ئورۇقى جىگەردىكى ياغنى سىرىپ دەم سىقىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .





شەھلا 2014-06-05 10:33
رەھمەت ، ھەقىقەتەن پايدىلىنىش قىممىتى بارئىكەن.

ئاچچىقگۈل 2014-06-05 14:29
بولۇپمۇ كاۋا ئۇرۇقىنىڭ ئوزۇقلۇق،دورىلىق قىممىتى ئالاھىدە ئىكەن.

تارانچى 2014-06-05 15:36
كۆك كاۋا دېگىنى قايسى؟تۇرپان كاۋا دېگىنىمىز شۇ ئەمەستۇ؟...

ئەكبەرنىياز 2014-06-12 03:09
بۇ ھەقىقەتەن بىلىۋىلىشقا تېگىشلىك تۇرمۇش بىلىملىرى ئىكەن ، كۆپ رەھمەت !!!

نوزۇگۇم 2014-06-12 12:51
پىيازنىڭ  شىپالىق رولى  ھقىقەتن  كۆپكەن

tawpek 2014-06-13 10:44
مەزمۇنلار ياخشىكەن، لىكىن تېما يۆتكەشتە ئەستائىدىل بولمىغىنىڭىز ئۈچۈن بۇ ئىككى تېمىڭىز بىرلەشتۈرۈپ ساقلاپ قىلىندى


查看完整版本: [-- كاۋا بىلەن پىيازنىڭ شىپالىق رولى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled