دولان |
2014-06-04 12:31 |
مەكتەپنىڭ خىزمەت پىلانى
مەكتەپنىڭ خىزمەت پىلانى يىتەكچى ئىددىيە؛ ئۈچكە ۋەكىللىك قىىش موھىم ئىددىيىسى ۋە دىڭ شاۋپىڭ نەزىرىيىسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئىگىز كۆتۆرۈپ ،ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنى تىكلەپ ئوقوتوش سۈپىتىنى ئومومى يۈزلىك ئۆستۆرۈشنى مەركەز قىلىپ پارتىيە ياچيىكىسى رەھبەرلىكدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ھەقىقى ئەمىللەشتۈرۈپ مائارىپ ئدارە پارتىكۇمى مەمۇرىيتى ۋە يىزىلىق پارتىكۇم خەلىق ھۈكۈمىتىنىڭ يىتەكچىلىكىدە دەۋىر بىلەن تەڭ ئلگىرلەپ سوتيالىستىك مائارىپ نىشاندا چىڭ تۇرۇپ ئوقو- ئوقوتوش سۈپىتىنى ئومومى يۈزلىك ئۆستۈرىشنى مەركەز قىلىپ، خىزمەتلەردە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىدۇ: 1.پارتىيە قۇرۇلۇشىنى نىشانلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار بىلەن تۈزگەن مەسئۇلىيەتنامىلەرنى ئەمىللەشتۈرۈپ ئوقۇتقۇچى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مەكتەپ خىزمىتىگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقىى يۇقىرى كۆتۈرلىدۇ. 2. رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرىنىڭ ئىش تەقسىماتىنى ئىنىق قىلىپ مەسئۇلىيەت ئادەم بىشىغىچە ئەمىللەشتۈرلىدۇ. پارتىينىڭ مىللى، دىننى سىياسىتىنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىپ دىننىڭ مەكتىپىمىزگە سىڭىپ كىرىشنى قەتئى چەكلەپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ ھەركىتىى قىلىپلاشتۇرۇرلىدۇ. 3. پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى توغرىسىدا لىكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىى ئۆتكۇزىلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ھاقارەتلەيدىغان، تەن جازاسى بىرىدىغان قىلمىشلار قەتئى تۈزتىلىدۇ. 4. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۈچ يىغىن،بىر دەرس تۈزىمىى ئەمىللەشتۈرلىدۇ. ھەر جۈمە كۈنى ئىككى سائەت پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۈگۈنىشى تەرتىپىلىك ئىلىپ بىرىلىدۇ، پارتىيە بەدەل پۇلىنى ۋاقتىدا يىغىپ تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلنىدۇ. 5. پارتىيىگە ئەزا تەرەققى قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ تەرەققى قىلدۇرماقچى بولغان ئوبىكىتنىڭ سىياسى ئىددىيىۋى ئەھۋالىنى ياخشى ئىگەللەپ تەربىيلەشنى ئاساس قىلىپ خىزمەتلەرنىڭ ئۈنۈمدارلىقىى يۇقىرى كۆتۈرلىدۇ. زاپاس كادىرلار قوشۇن قۇرۇلىشى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بىرىلىدۇ. 6. پارتىيە ئەزالىرىنى ئېلىكتىرلىك تەربىيىلەش خىزمىتى چىڭ تۇتۇلىدۇ. ئېلىكتىرلىك تەربىيىلەش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ خىزمەت تەقسىماتى ئېنىق بېكىتىلىپ، خىزمەتلەر ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرىلىدۇ. قەرەرلىك يىغىن ئېچىلىپ، خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ ۋە ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. كۆرگەن فىلىملەردىن تەپسىلىي خاتىرە قالدۇرىلىدۇ. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئېلىكتىرلىك تەربىيىلەش فىلىملىرىنى كۆرۈش نىسبىتى ماۋسۇمدا %95 تىن ئارتۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، فىلىم قويۇش سانى ئايدا 2 قېتىمدىن ئاز بولماسلىق، ھەر قېتىملىق قويۇش ۋاقتى بىر سائەتتىن كام بولماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئوقۇتۇش،تەلىم- تەربىيە،كەسپىي خىزمەتلەر ياخشى ئىشلىنىپ ئوقۇتۇش سۈپىتى زور دەرىجىدە ئۆستۈرىلىدۇ. 1› ئوقوتقۇچىلارنىڭ قوشون قۇرلىشىنى كۇچەيتىپ ئۇلارنىڭ سىياسى ساپاسى، كەسپى ساپاسى ۋە خەنزۇتىلى سەۋيسىنى ئوزلۇكسىز ئۆستۇرۇپ ھازىرقى مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىيات تەلىۋىگە ئۇيغۇنلىشىشقا يىتەكلنىدۇ. ئوقوتقۇچىلارنىڭ ئوزلوكسىز تەربىيدە تەربيلىنىش،قوشتىل تايانىچ ئوقوتقۇچىلىرىنى تەربىيلەش سالمىقىى زورايتىلىدۇ 2› ئوقوتقۇچىلارنىڭ كەسپى ئەخلاق قۇرلىشىنى كۇچەيتىپ، ئۆز كەسپى، ئۆز خىزمىتى ۋە ئوقوغۇچىلارنى سويۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ ئۆز-ئارا ئوقوتۇشتا بەسلىشىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىلىدۇ. 3›يىراق مۇساپىلق ئوقوتۇش ۋاستىلىرىدىن تولوق پايدىلىنىپ ئوقوتۇش ئىلىپ بىرىش ئۇچۇن ئوقوتقۇچىلارنى تەربىيلەش كۇچەيتىلىدۇيىراق مۇساپىلىق ، بۇنىڭدا ئوقوتقۇچىلارنى ھەر ھەپتىدە توت سائەت كومپېيۇتىر ئاساسى بىلىمىلىرى ۋە ئوقوتۇش بىلىملىرى بويىچە تەربيلەش ئىلىپ بىرىلىدۇ. شۇ ئاساستا مەكتەپتىكى بارلىق ئوقوتقۇچىلارنىڭ ئومومى دەرسىنىڭ %30 نى يىراق مۇساپىلىق ئوقوتۇش ۋە كۆپ ۋاستىلىق ئوقوتۇش بويىچە ئۆتۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. 4› ھەر ھەپتىدە سەيشەنبە كەچ 2 سائەت پەيشەنبە كەچ 2 سائەت ۋە شەنبە كۈنى 4 سائەت ۋاقىت ئاجىرتىپ خەنزۇتىلى دەرسى ئۆتۇپ ئوقوتقۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلى سەۋيسىنى يۇقىرى كۆتۆرىشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، 5›قوش تىل ئوقوتۇشىغا بولغان رەھبەرلىكنى كۇچەيتىپ، مەكتىۋىمىزدە ئىچىلغان قوش تىل سىنپلار ئەتىراپلىق باشقۇرۇلىدۇ. قوشتىل سىنپلارغا سەرخىل ئوقوتقۇچىلارنى تاللاپ دەرىس ئۆتۇشكە ئورونلاشتۇرۇپ قوشتىل ئوقۇتۇشنىڭ ئۈنۈملىك ئىلىپ بىرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. 6›ئوچۇق دەرس ئۆتۈشتە ئىككى ھەپتىدە بىر قىتىم ئىجتىمائى پەن،تەبىئى پەن بويىچە ئوچۇق دەرس ئۆتكۈزۈشكە ئۇيۇشتۇرلىدۇ،بىر قىتىم ئىجتىمائى تەبىئى پەنلەر بويىچە ئۈلگىلىك ئوچۇق دەرس ئۆتكۈزۈشكە ئۇيۇشتۇرلىدۇ، 7›تەجىرىبەخانا تۇزىمى مۇكەممەللەشتۇرۇپ دەرسلىكىتە كۆرسىتىلگەن تەجىرىبە پىلانى بويىچە ھەر قايسى پەنلەرنىڭ ئوقوغۇچىلار تەجىربىسى پىلانى ۋە كۆرسەتمىلىك تەجىربە پىلاننى تۇزۇپ پىلان بويىچە ئىجىرا قىلنىدۇ. تەجىرىبەخانىدا كەم بولغان، سىرتتىن سەپلەشكە ياكى ياساپ ئىشلىتىشكە ئىمكانىيەت بولغان ئۇسكۇنە ۋە كۆرسەتمە قوراللارنى ئوقوتقۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى ياساشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ئوقوتۇش سۇپىتىنى ئۆستۇرۇشكە كاپالەتلىك قىلنىدۇ. 8›ئوقوتۇشنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىشلارنى تەكشۇرۇش جەھەتتە ئايدا،ھەپتىدە،گۇرۇپپىلار ۋە شەخىسلەرنى بىرلىك قىلىپ تەكشۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئوقوتۇشنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىشلارنىڭ ۋاقتىدا،ئوروندىلىپ مىڭىشقا كاپالەتلىك قىلنىدۇ. شۇنداقلا تاپشۇرۇق بىرىپ ئۆزگەرتىش، ۋاقتىد تەكشۇرۇش،پىكىر خۇلاسىسى يىزىش ئىشلىرى ياخشى ئىلىپ بىرىلىدۇ. 9›ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتتىگەنلىك ۋە كەچلىك ئۈگۈنىشى چىڭ تۇتىلىدۇ تولوق3-يىللىق سىنىپ ۋە قوش تىل سىنىپ ئوقوغۇچىلىرىغا بولغان يىتەكچىلىك كۇچەيتىلدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇگۇنۇش ۋە مۇزاكىرە ئىشلىرى ياخشى ئورونلاشتۇرلىدۇ ھەمدە دەرستىن سىرتقى كونسولتاتسىيە قىلىش چىڭ تۇتىلىدۇ، 10.› ‹‹ ئىككىنچى دەرىسخانا›› پائاليتىنى جانلاندۇرۇپ ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇگۇنۇش قىزغىنلىقى ئاشۇرىلىدۇ شۇنداقلا ھەر قايسى ئوقوتۇش گۇرپىلىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە تۇرلىك زىھنىنى سىناش ۋە قوش تىلدا نۇتۇق سۆزلەش پائاليىتى ئىلىپ بىرلىدۇ. 11›ئىمتاھان تۇزىمىى مۇكەممەللەشتۇرۇلىدۇ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىمتاھاندا ساختىپەزلىك، كۆچۆرمىچىلىك قىلىشقا رۈىسەت قىلىنمايدۇ، مەكتەپنىڭ ئىلمى نەتىجە ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوقوتقۇچىلارنى سۇپەت تەھلىلى ئىلىپ بىرىشقا تەشكىللەپ ئۆز-ئارا تەجىربە-ساۋاقلارنى يەكۇنلەپ مۇھاكىمە ئىلىپ بىرىشقا يىتەكلنىدۇ. 12› ھەر ھەپتىدىكى كەسپى ئۈگىنىش، دەرس تەستىقلاش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇتقۇچىلارنى يىڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى بويىچە دەرسلىكنى قانداق تەييارلاش، ئوقۇغۇچىلارغا قانداق يەتكۈزۈش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا بەس مۇنازىرىگە ئۇيۇشتۇرلىدۇ. 13› ئوقۇتقۇچىلارنى تەتىل مەزگىللىرىدىكى دائىملىق تەربىيە ئۈگۈنۈشى ۋە تۇرلىك تەربىيلەشلەرگە ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ ئەمىلى ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرلىدۇ. 14› مەكتەپ قىرائەتخانىسىنىڭ باشقۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ قىرائەتخانا باشقۇرىدىغان مەخسۇس خادىم بولۇش،باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇش، موھىتى پاكىزە بولۇش، ھەردائىم ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەنگەن بولۇش ئىشقا ئاشۇرلىدۇ. .«ئىككى ئاساسەن» خىزمىتى داۋاملىق ياخشى ئىشلىنىدۇ. مەكتەپ «ئىككى ئاساسەن» خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى «ئىككى ئاساسەن»نى ئۇموملاشتۇرۇش خىزمىتىنى« شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ توققوز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرغان ئورونلارنى تەكشۈرۈپ باھالاپ ئۆتكۇزىۋىلىش چارىسى»نىڭ چۈشەندۇرلىشىدىكى تەلەپلەر بويىچە ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. 1› ئوموملاشتۇرۇش دەرىجىسىدە ئوقوش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ھەر يىلى مەكتەپكە كىرىش نىسپىتى % 98 گە يەتكۈزۈلىدۇ 2› ئوقوتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ سەۋىيسىدە مەخسۇس ئوقوتقۇچىلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش شەرتىدە ئۆلچەمگە يېتىش نىسپىتىنى% 100 گە، مەخسۇس ئوقوتقۇچىلارنىڭ ئوقوش تارىخىدا ئۆلچەمگە يېتىش نىسپىتىنى %100 گە، مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ئىش ئورنى بويىچە تەربىيلىنىش نىسپىتىنى%100گە يەتكۈزۈشكە ھەقىقى تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ. 3› مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلا پ مەكتەپنىڭ تەجىربە سايمانلىرى، ئېلىكتىرلەشكەن ئوقوتوش سايمانلىرى ۋە ھازىرقى زامان ئۇچۇر تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى، كىتاپ- ماتىرياللار،مۇزىكا، گۈزەل- سەنئەت ئوقوتوش سايمانلىرى،ئەمگەك سايمانلىرى،تەنتەربىيە، ساقلىقنى ساقلاش سايمانلىرىنىڭ سەپلىنىشى نىسپىتنى يىلمۇ-يىل ئاشۇرلۇپ ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئىدىيىۋىي- سىياسىي ئەخلاقى تەربىيە خىزمەت ياخشى ئىشلىنىدۇ. 1› مەكتەپتە ‹‹ ئەخلاق تەربينى ئالدىنقى ئورونغا قويۇش›› تەلىم-تەربينى مەركەز، ئادەم تەربيلەشنى مەقسەت قىلىشتەك مەكتەپ باشقۇرۇش نىشاننى ھەقىقى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىددىيۋى سىايسى خىزمەت ۋە ئەخلاق تەربىيە خىزمىتى ياخشى ئىشلنىدۇ. 2› بۇماۋسۇمدا 2 قىتىم سىنىپ مۇدىرلىرىنى تەربيلەش1 قىتىم سىنىپ ھەيئەتلىرىنى تەربيلەش ئىلىپ بىرىلىدۇ. 3›بۇ ماۋسۇمدا 2 قتىم مەكتىۋىمىزنىڭ قانۇن-تۇزۇمىگە مەسئۇل مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرىنى تەكلىپ قىلىپ، لىكسىيە سۆزلەشكە ئۇيۇشتۇرۇپ ئوقوتقۇچى –ئوقوغۇچىلارنىڭ قانۇن-تۇزۇم ئىڭىنى يۇقىرى كۆتۇرۇشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ 4› بۇ ماۋسۇمدا 2 قىتىم ‹‹ ئۇچ پىشقەدەم›› لەرنى تەكلىپ قىلىپ لىكسىيە سۆزلەشكە ئۇيۇشتۇرۇپ،ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆتمۇش بىلەن ھازىرقىنى سىلىشتۇرۇش ئارقىلىق ھازىرقى بەختىيار تۇرمۇشنىڭ قەدىرىگە يىتىش،بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش،ئىناق-ئىتىپاق ئۆتۆش،بايرىقى رۈشەن مەيدانى مۇستەھكەم بولوش ئاڭلىقلىقى يۇقۇرى كۆتىرلىدۇ، 5› ھەر ھەپتىنىڭ 1-كۇنى بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۇزۇش، دۆلەت شىئىرى ئوقوش، ئىنقىلاۋى ناخشا ئوقوش، ئوقوتقۇچى-ئوقوغۇچىلار دۆلەت بايرىقى ئاسىتىدا قەسەم بىرش ھەقىقى ئىشقا ئاشۇرلىدۇ. 6› مەكتەپنىڭ گواڭبۇ تەشۋىقات خىزمىتىى ياخشى ئىشلىنىدۇ، گواڭبۇ تەشۋىقاتىغا مەخسۇس خادىم قويوپ، ئوقوغۇچىلار ئىچىدىن كىچك دىكتورلارنى يىتىشتۇرۇپ، ھەركۇنى مەكتەپنىڭ گواڭبوسىدا 2 قىتم تەشۋىقات ئاڭلىتىش ئىشقا ئاشۇرلىدۇ. 7› بوماۋسۇمدا 4 سان گىزىت چىقىرىپ مەكتىۋىمىز تەۋەسىدىكى ياخشى ئىش، ياخشى پائالىيەتلەر، نەمۇنىلىك ئىش ئىزلار ، ئوقوتقۇچى- ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىجادى ئەسەرلىرى، قانۇن- ساۋات بىلىملىرى ئەكىس ئەتتۇرلۇپ ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىزدىنىش يوللىرى كىڭەيتىلىدۇ. 8›بۇ ماۋسۇمدا 2 قىتىم ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىنى ئىچىشقا تەشكىللىنىدۇ. ئاتا-ئانىلار بىلەن ئۆز پەرزەنتلىرىنى تەربيلەش جەھەتتىكى تونوش بىرلىككە كەلتۇرلىدۇ. 9› ئەخلاق تەربىيە كۆرسەتكۇچ سىستىمىسى بويىچە ئارخىپ ۋە تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىنى ۋىلايەتكە ئۆتكۇزۇشكە تىرىشىچانلىق كۆرسىتىلىدۇ. 10› ئوقوتقۇچى-ئوقوغۇچىلارغا دىننىڭ ماھيتىنى توغىرا تونوپ، دىننى پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق، دىننىڭ مەكتەپكە سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش توغىرىسىدا تەشۋىق- تەربىيە ئىلىپ بىرىلىدۇ. 11›ئوقوغۇچىلار ئۇيۇشما خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ ۋە تەرتىپكە سىلىپ كۈندىلىك ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتىنىڭ تەرتىپلىك بولىشىغا كاپالەتلىك قىلنىدۇ. 12› قوغداش خىزمىتى ياخشى ئىشلنىدۇ. 24 سائەت مۇقىم دىجۇرنى خادىم بولوش، مەكتەپ دەرۋازىسنى ھەر ۋاقىت تاقاش،كىرىپ چىققانلارنى تىزىملاش، دىجۇرنىلىك خۇلاىسسىنى توغىرا ئىشلەش خىزمىتى ھەر ۋاقىت چىڭ تۇتىلىدۇ. 13› ۋەتەنپەرۋەرلىق تازىلىق ھەركىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پاكىز ئازادە موھىت بەرپا قىلىش ئۇچۇن ئوقوتقۇچى-ئوقوغۇچىلاردا ياخشى بولغان تازلىق ئادىتىنى يىتىلدۇرۇپ، چوڭ تازلىقنى قانات يايدۇرۇپ ھەر دۇشەنبە ئوقوغۇچىلارنىڭ شەخسى تازلىقىنى قەرەلسىز ھالدا تەكشۇرۇپ، موھىت تازلىقىدا ياخشى كەيپىيات بارلىققا كەلتۈرلىدۇ. 14› مەكتەپنىڭ ھەر ھەپتىلىك سىنىپ يىغىندا سىنپنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا بىرلەشتۇرۇپ، مەخسۇس تىما بەلگۇلەپ، بىرھەپتىلىك ئومومى ئەھۋالدىن خۇلاسە چىقىرىش، شۇنىڭغا بىرلەشتۇرۇپ‹‹ ئاتىزىم تەربيسى››،‹‹ ماركىسىزملىق بەش قاراش تەربيسى››ۋە ‹‹ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربيسى›› ئىلىپ بىرشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. 15› قىز ئوقوغۇچىلارغا بولغان باشقۇرۇش كۇچەيتلىدۇ. قىزئوقوغۇچىلارغا ئۆزىنى قەدىرلەش، سالامەتلكىنى ئاسىراش تىرىشىپ ئۇگۇنۇش توغىرىسىدىكى تەربىيەنى كۈچەيتىپ،ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك بولوپ چىقىشىغا تىرىشىچانلىق كۆرسىتىلىدۇ. 16› مەكتىۋىمىز ماۋسۇم ئاخىرىدا ئەخلاق باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ياخشىلىرىغا ئىلھام بىرش، ئوتتوردىكىلەرنى يىتەكلەش، ئارقىدا قالغانلارغا تەربينى كۇچەيتىش ئارقىلىق مەكتەپنىڭ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىدە كۆرنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇشكە تىرىشىچانلىق كۆرسىتىلىدۇ. .ئىقتىسادىي خىزمەت ۋە مالىيە باشقۇرۇش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىدۇ. 1› تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش جەھەتتە: تېرىقچىلىق، باغۋەنچىلىك، ئورمانچىلىق ئىشلىرىنى ئۈنۈملۈك يۈكسەلدۈرۈپ، يىللىق كىرىم كۆرسەتكۈچىنى تولۇق ئورۇنلاشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. 2›خىراجەت جەھەتتە يۇقۇردىن بۇيرۇپ بىرىلگەن راسخۇتلار مالىيە قائىدىسى بويىچە تەستىقلىتىپ پىلان بويىچە ئىشلىتىلىدۇ. ئىش باشلاشتىن بۇرۇن پىلان بولۇش، پىلان، توختام بويىچە ئىش قىلىش ھەقىقى ئىشقا ئاشۇرۇلدۇ.يۇقۇردىن ئاجىرتىپ بىرىدىغان تولۇقلىما راسخۇتلار مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئىشلىتىلىپ ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ نورمالنى قانات يايدۇرلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. 3›ھەر قىتىمىلىق كېتەرلىك راسخۇتنى ئالدىن پىلانلاپ تەستىقلىتىپ، پىلان ئىچىدە چىقىم قىلىش، ئورۇنسىز چىقىمنى تېجەش. كىرىم قىلىشقا تېگىشلىك پۇللارنى تولۇق، ھۆججەت ئارقىلىق كىرىم قىلىپ، مالىيە قائىدىسى بويىچە ساغلام باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ. 4 › مۈلۈك باشقۇرۇش ئەھۋالىنى ھەر ماۋسۇمدا بىر قېتىم تەكشۈرۈپ، ئورۇنسىز بۇزۇلغان، يوقالغان مال- مۈلۈكلەرنى سۈرۈشتە قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرىلىدۇ ۋە يېڭى مۈلۈك خاتىرىسى تۇرغۇزىلىدۇ. 5› مالينى ئاشكارلاش خىزمىتىنى ئايدا بىرقىتىم ئاشكارلاش سەھنىسىگە چىقىرىش ئەمەلگە ئاشۇرۇرلىدۇ. 6› تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش خىزمىتىدە ھەقلىق مۇلازىمەت ئارقىلىق پۇل تىپىش ۋەزىپىسىنى سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ زىممىسىدىن ئىلىپ تاشلاپ مەكتەپ بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورونلاشتۇرۇپ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەمگەك سىجىللقىى يەڭگىللىتلىدۇ. 7› بىخەتەر ئىشىلەپچىقىرش خىزمىتىدە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرشىنىڭ 50تۇرلۇك كۆرسەتكۇچى بويىچە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىمىز. ھەمدە ئارخىپ ماتىرىيالارنىڭ تولوق بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. 8›مەكتەپ ئىچىدىكى توك يوللىرى ۋە خەتەر چىقىدىغان ئورونلارنى ھەر ۋاقىت كۇزىتىپ بىختەرلىك خىزمىتىدە ھادىسە يۇز بەرمەسلىكىنىڭ ھەقىقى ئالدىنى ئالىمىز. 9› يىشىل مەكتەپ بەرپا قىلىشتا يازلىق گۇل-گىياھ پەرۋىشىنى كۇچەيتىش بىلەن بىرگە قىشلىق گۇللەرنى باشقۇرۇشنى كۇچەيتىپ، گۇل-گىياھ ، ئورمانلارنىڭ قىشتىن ئوڭوشلوق ئۆتىشىگە كاپالەتلىك قىلنىدۇ. 10› كەسىپتىكى ناتوغىرا ئىستىللارنى تۇزەش خىزمىتىنى كۇچەيتىپ، ئوقوغۇچىلاردىن قالايمىقان ھەق ئالىدىغان، ئوقوغۇچىلارنى شەخسى ئىشىغا سالىدىغان ناچار قىلىمىشلارنىڭ ئۇنۇملۇك ئالدىى ئىلىنىدۇ. 11› يۇقۇملۇق كىسەللكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش خىزمىتىى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلنىدۇ. شۇنداقلا ئوقوغۇچىلارنى ۋاقتىدا كۇزىتىپ ئوقوغۇچىلار ئىچىدە يۇقۇملۇق كىسەللك كۆرىلىشنىڭ ئۇنۇملۇك ئالدىى ئىلىنىدۇ. 12› ئاشخانا باشقۇرۇش تۇزۇمىنى كۇچەيتىپ تاماق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ياتاقتا يىتىپ ئوقوپ تاماق يەيدىغان ئوقوغۇچىلارنىڭ تامىقىغا كاپالەتلىك قىلنىدۇ. 13›خەنزۇ ئوقوتقۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۇل بۆلۇپ ئۇلارنىڭ خاتىرجەم خىزمەت ئىشلىشىگە شارائىت يارتىپ بىرىلىدۇ. 14› ئۇچتىن ئوقوغۇچىنىڭ بىرجوزىدا ئولتورۇش مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۇچۇن،مەكتەپدىكى جوزا-ئوروندۇقلارنى مۇاپىق تەخسىملەپ سىنپلارغا تارقىتىپ ئىككى ئوقوغۇچىنىڭ بىرجوزىدا، بىر ئوقوغۇچىنىڭ بىرئوروندۇقتا ئولتورۇش مەسىلىسى ھەل قىلنىدۇ. تۈرلۈك ئىجتىمائى خىزمەتلەر ياخىشى ئىشلىنىدۇ. 1.پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى جەھەتتە: 2.ئوقۇتقۇچى-ئائىلە تاۋاباتلار ئارسىدا پىلاندىن سىرىت پەرزەنتلىك بولوپ قىلىشنىڭ ئالدىى ئىلىنىدۇ، كۆرۇلگەن ئەمىلى مەسىللەرگە قارىتا ھەل قىلىش چارىسى ئۇستىدە ئىزدىنىپ ئىشلىگەن ئىشلاردىن پەسلدە بىرقىتىم دوكىلات يوللاش ئىشقا ئاشۇرلىدۇ، 3. ئۆز ئورنىمىزدىكى ئوقوتقۇچى،ئىشچى –خىزمەتچىلەر ۋە ئائىلە تاۋاباتلار غا بولغان باشقۇرۇشنى ھەقىقى كۇچەيتىپ ئۇلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم مەسئولىيەتنامە ئىمزالىنىدۇ، پىلانلىق پەرزەنىت كۆرگەن ئاتا-ئانىلارغا شەرەپ گۇۋاھنامىسى ئىلىش تەۋىسيە قىلىنىدۇ. 4. تەشۋىق تەربينى بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇپ پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى، پىلانلىق تۇغۇتىنى باشقۇرۇش نىزامى بويىچە كەڭ تۇردە تەشۋىقات ئىلىپ بىرىپ، ھەر ئايدا بىر قىتىم ئائىلە تاۋابات ۋە غەيىرى نوپوسلارغا يىغىن ئىچىپ نوپوس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىغا رىئايە قىلىش توغىرىسىداتەربىيە ئىشلىنىدۇ 2.قىز ئاياللار خىزمىتى جەھەتتە: 2. سەھيە تارماقلىرىغا يىقندىن ماسلىشىپ تۇرلۇك ۋاكسىنا ئەملەش، يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش، ۋاقتىدا ئوزوقلىنىش ئادىتيىىنى يىتىلدۇرۇشكە ئەھمىيەت بىرىپ كۇندىلىك ئوقوتۇش داۋامىدىكى كۇزىتىش خىزمىتىى ياخشى ئىشلنىدۇ. 3. قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا مىھرى شەپقەت يەتكۇزۇشكە پائال تەشكىللەپ ئۆز-ئارا ياردەم بىرىش، ئۆز-ئارا كۆيۇنۇش جەھەتلەردە تىرشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ، 4. مەكتىپىمىزدىكى ئايال ئوقوتقۇچىلار ۋە قىز ئوقوغۇچىلارغا كىينىش، يۇرۇش تۇرۇش، گەپ سۆزلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش، پاكىزە، ساغلام بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ باشقىلارغا يامان تەسىر بىرىپ قويۇشنىڭ ئالدى ئىلىنىدۇ 3.دىننى باشقۇرۇش جەھەتتە. 3. ئوقوتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا پارتينىڭ تۇرلۇك سىياسەت فاڭجىنلىرىنى چۇشەندۇرۇش ئارقىلىق ھەر قانداق دىننى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماسلىق، دىننى تەرغىپ قىلىدىغان كىتاپ ژۇرناللارنى ئوقوماسلىق، دىننى تۇس ئالغان كىيملەرنى كىيمەسلىك توغىرىسىدا تەشۋىق تەربينى كۇچەيتىپ مەسىلە كۆرۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز. 5.ئائىلە تاۋاباتلارۋە مەكتەپ نوپوستىكىلەرگە بولغان باشقۇرىشنى كۈچەيتىپ ئۇلارغا ئائىلە ئەزالىرىنى ياخشى باشقۇرۇش،دىننى پالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماسلىق،پارتىيىنىڭ دىننى سىياسەتلىرىگە ئەمەل قىلىش،مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك يىغىنلارغا تولۇق قاتنىشش تۇغۇرسىدا تەربىيە بىرلىدۇ ھەم مەسىلە چىقىپ قىلىشنىڭ ئالدى ئىلنىدۇ. 4.جەمىئەت ئامانلىقىنى ئوموملاشتۇرۇپ تۇزەش جەھەتتە. 2.‹‹ئۈز ئادىمىنى ياخشى باشقۇرۇش،ئۈز ئىشىكىگە ياخشى قاراش››پىرىنسىپى ئزچىل ئەمىللەشتۈرۈپ ھەرۋاقىت ھۇشيارلىقنى ئۈستۈرۈپ بخەتەرلىككە ئەاھمىيەت بىرىپ ئوت،سذ،توك ئاپىتىدىن ساقلىنىش،قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىش جە ميەت تەرتىپىگە رىئايە قىلىش جەھەتتدىكى خىزمەتلەر ياخشى ئىشلنىدۇ. 3.ئوقوتقۇچىلارغا كۈندىلىك ئوقوتۇش پائالىيتى ۋە تەتىل جەريانلىرىدا ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىگە مەسئۇل بولوپ ئوقۇغۇچىلارغا قارتا ھەر تەرەپلىمە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ بىد ئەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ئبرەت تەرببيىنى قانات يايدۇرۇپ ھەر جۈمە كۈنى مەكتەپكە تولۇق كىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. 5.ئىشچىلار ئۇيۇشما خىزمىتى جەھەتتە: ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىنىڭ قۇرىلىشى كۈچەيتىلىپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا كىرىش نىسبىتىنىڭ تولوق بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئىشچىلار ئۇيۇشما ھەيئەتلىرىنىڭ رولى تولۇق جارىي قىلدۇرىلىدۇ. 2. 15كۈندە بىر قىتىم ئىلىپ بىرىلدىغان پائالىيەت ۋاىتىدا ئوقۇتقۇچىلانى تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيەتلەرگە ئۇيۇشتۇرۇپ ئوقوتقۇچى ئىشچى خىزمەتچىلەنىڭ مەنىۋى تۇرمىشىى بىيىتىلىدۇ. 3.ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مەنپەتىنى قوغداش بىلەن بىرگە مەنپەتىنىڭ دەخلى تەرۇزغا ئۇچراشنىڭ ئالدىى ئىلىنىدۇ،ئىشچىلار ئۇيۇشما بەدەل پۇلنى ۋاختىدا يىغىپ بەلگۈمە بويىچە ئش كۈرلىدۇ،قىيىنچىلىققا ئۇچۇرغانلارغا ۋاختىدا ياردەم بىرىشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
|
|