دولان |
2014-06-04 12:24 |
دەرىس ئۆتۈش،دەرىس تەييارلاش،تاپشۇرۇق بېرىش.دەرىس باھالاش
دەرس تەييارلاش،دەرىس ئۆتۈش،تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش ۋەدەرىس باھالاش توغرىسىدا _ddOsg|U نۆۋەتتە دەرس تەييارلاشتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر , S
} 1. قىسمەن ئوقۇتقۇچىلار دەرس تەييارلاشنى ، ئەقەللىيسى دەرس تەييارلاشنىڭ ئاساسى ھالقىلىرىنى بىلمەيدۇ ؛ t/k MV6 2. دەرس تەييارلاش نىشانلىق ئوقۇتۇش قاتلىمىدا توختاپ قالغان ؛ 4pJ #fkc^ 3. ئوقۇتۇش لايىھىسىنىڭ قۇرۇلمىسى مۇكەممەل ئەمەس ، ئوقۇتۇش جەريانى ئاددى ، تەييارلانغان دەرس بىلەن دەرسخانىدا سۆزلەنگەن مەزمۇن ماس كەلمەيدۇ ، ئوقۇتۇش لايىھىسىنى تەكشۈرۈشكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تۈزگەن ؛ ,bGYixIfYZ 4. ئوقۇتۇش لايىھىسىدە يېڭى دەرس ئىدىيىسى گەۋدىلەنمىگەن ؛ )ZQ>h{}D 5. دەرسخانىغا ئوقۇتۇش لايىھىسى ئېلىپ كىرمەسلىك ئەھۋالى مەۋجۈت . Bs!F |x( Ⅱ قانداق قىلغاندا دەرسنى ياخشى تەييارلىغىلى بولىدۇ AhCqQ.O71 دەرس تەييارلاش ــــ دەرسنى ياخشى ئۆتۈش ، دەرسخانا ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى . دەرس تەييارلىماي دەرسخانىغا كىرىش قەتئى مەنئى قىلىنىدۇ . .*k$abb دەرس تەييارلىغاندا تۆۋەندىكى تەرەپلەردىن تەييارلىق قىلىش كېرەك . ea3f`z 1. ئوقۇغۇچىنى تەييارلاش JGRL
&MG4 ئوقۇغۇچىنى تەييارلاش ئوقۇغۇچىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىش دىگەنلىكتۇر . بىلىم بېرىشنىڭ ئوبىكتى ئوقۇغۇچى بولغاچقا ، دەرس ئۆتۈشتىن بۇرۇن ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ بىلىم سەۋىيىسى ، قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ، تۇرمۇش مۇھىتىنى چوقۇم چۈشىنىشى ؛ ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەۋىسى ، قىزىقىشى ۋە ئالاھىدىلىگىنى بىلىشى ؛ ئوخشىمىغان قاتلامدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلى ئىقتىدارى ۋە بىلىم سەۋىيىسىنى تولۇق ئويلىشى ، ئوقۇتۇش لايىھىسىنى ئېلاستىكىلىغى ۋە ماسلىشىشچانلىغى بىر قەدەر كۈچلۈك قىلىپ تۈزۈشى كېرەك . شۇنداق قىلغاندىلا دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا ھەممەيلەننىڭ قاتنىشىش پۇرسىتىنى ياراتقىلى ، ھەممەيلەننىڭ قاتنىشىش قىزغىنلىغىغا ئىلھام بەرگىلى ، ھەممەيلەننىڭ قاتنىشىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتنىشىش جەريانىدا ئۆگىنىش ، ئۆگىنىش جەريانىدا خاس تەرەققىيات ۋە ئوموميۈزلۈك تەرەققىياتنىڭ بىرلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ . b uu /Nz$ 2. دەرس ئۆلچىمىنى تەييارلاش B4MrrW4= بۇ يېڭى دەرس ئۆلچىمىنىڭ تەلىپىنى پىششىق بىلىش دىگەنلىكتۇر . دەرس ئۆلچىمى پەن ئوقۇتۇشىنىڭ ئەڭ ئاساسى تەلىپى . ئۇ دەرس نىشانى نۇقتىسىدىن ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم ۋە ئىقتىدار ، جەريان ۋە ئۇسۇل ، ھىسسىيات ، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى جەھەتتە كونكېرتلاشقان لايىھىلەش ئېلىپ بارىدۇ ؛ دەرس مەزمۇنى نۇقتىسىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىسى ، پەننى بىلىمى ۋە جەمىيەت تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەرنى بىرلەشتۈرۈشنى تەكىتلەيدۇ ؛ دەرس تەلىپى نۇقتىسىدىن پەنلەر ئالاھىدىلىگى ۋە بىلىم نۇقتىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ، بىر قاتار جەريان خارەكتىرلىك نىشان ، تەجرىبە-ساۋاق خارەكتىرلىك نىشاننى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمگە ئېرىشىش بىلەن بىرگە ئۆگۈنۈشنى بىلىش ھەم توغرا قىممەت قارىشى شەكىللەندۈرۈشىنى ئۈمت قىلىدۇ . بۇلارغا نىسبەتەن ئوقۇتقۇچى چوقۇم تولۇق چۈشىنىش ھاسىل قىلىشى كېرەك . ئۇنداق بولمىغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمىگە نىسبەتەن ئېنىق يېتەكچىلىك ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئېلىپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس . &~K4I 3. مەزمۇننى تەييارلاش /_D_W,#P بۇ سۆزلەيدىغان مەزمۇننى ياخشى بېكىتىش دىمەكتۇر . بۇ سائەتلىك دەرستە نىمىنى ، قايسى دەرىجىگىچە سۆزلەيمەن دىگەنلەرگە چوقۇم ياخشى تەييارلىق قىلىش ، دەرس تەييارلىغاندا ماتىرىياللارنى تولۇق توپلاپ ، بىلىمنىڭ تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك ، توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك . !Pc&Sg 4. ئۇسۇلنى تەييارلاش V]5MIiNl ئۇسۇل ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت . ئوقۇتۇش ئۇسۇلى دەرسخانا ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدىغان ئىنتايىن مۇھىم ئامىل . ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ ، ئوقۇتۇش جەريانى بولسا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ئالاقە ئېلىپ بارىدىغان ، ئورتاق تەرەققى قىلىدىغان ئۆز-ئارا تەسىرلىشىش جەريانىدۇر . ئوقۇتقۇچى دەرس تەييارلىغاندا ، قانداق ئوقۇتقاندا ئاندىن ئوقۇغۇچىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىشىگە پايدىسى بولىدىغانلىغىنى ئەستايىدىل ئويلىنىشى كېرەك . WS6;ad;| 5. ۋاستىنى تەييارلاش Q.MbzSgXL بۇ مۇشۇ سائەتلىك ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا ئېھتىياجلىق ئوقۇتۇش ۋاستىسىنى كۆرسىتىدۇ . ئوقۇتۇش ۋاستىسى ئوقۇتقۇچى پىلانلانغان ئوقۇتۇش نىشانىنى ئۇرۇنداش ، ئوقۇتۇش پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇش ، ئۆز-ئارا ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان قورال، ۋاستە ياكى ئۈسكۈنىدىن ئىبارەت . ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىسى ئاساسلىغى دەرسلىك كىتاپ ، بور ، دوسكا ، ئاسما رەسىم قاتارلىقلارنى كۆرسىتەتتى . زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىسى بولسا تۈرلۈك ئېلىكتىرلەشكەن مائارىپ ئۈسكۈنىسى ۋە ئوقۇتۇش ماتىرىياللىرى ، يەنى پرويىكسىيە ئاپپاراتى ، كۆلەڭگە چۈشۈرۈش ئاپپاراتى ، ئۈنئالغۇ ، سىنئالغۇ ، تېلۋۇزۇر، VCDئاپپاراتى ، DVDئاپپاراتى ، كومپىيوتېر قاتارلىق دەرسخانىغا ئېلىپ كىرىپ ،پەنلەر ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتۇش قورالى قىلغىلى بولىدىغان ۋاستىلەرنى كۆرسىتىدۇ . ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى ئوقۇغۇچىنىڭ بىلىش پائالىيىتى ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش پائالىيىتىدە مۇھىم رول ئوينايدىغان بولۇپ ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى زۈرۈر تەركىۋى قىسىم . c\le8C3 6. دوسكا خېتى لايىھىسىنى تەييارلاش
1}Th@Vq بۇ ، مۇشۇ سائەتلىك دەرسنىڭ دوسكا خېتىنى قانداق لايىھىلەش دىگەنلىكتۇر . دوسكا خېتى لايىھىسىنى مۇۋاپىق قوللىنىش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىنىڭ تىل ئىپادىلىشىدىكى يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلاپ ،مەزمۇننىڭ بىۋاستە كۈزۈتۈلۈشچانلىغىنى كۈچەيتىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى بىلىمنى ئەستە ساقلىشى ۋە چۈشىنىشىگە ياردەم قىلغىلى ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش ھەۋىسىنى قوزغىتىپ ، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگىلى بولىدۇ . دوسكىدىن مۇۋاپىق پايدىلانغاندا دەرسخانا ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتىرىشكە پايدىسى بولىدۇ . cb5T-'hY
7. تاپشۇرۇقنى تەييارلاش HV=P!v6 تاپشۇرۇقنى تەييارلاش بولسا ، تاپشۇرۇقنى قانداق ئورۇنلاشتۇرغاندا دەرسخانىدا ئۆگەنگەن بىلىمنى تېخىمۇ چۈشەنگىلى بولىدۇ ، دىگەننى ئويلىنىشتىن ئىبارەت . L _Xbca= Ⅲ ئوقۇتۇش لايىھىسىنى تۈزۈشتىكى ئاساسى ھالقىلار &)izh) FA ئوقۇتۇش لايىھىسى بولسا ، ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆلچىمى ۋە دەرسلىك كىتاپنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ، دەرس سائىتى ياكى دەرس تېمىسىنى بىرلىك قىلىپ تۈزگەن لايىھەدىن ئىبارەت . ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس ئۆتۈشىدىكى ئاساس ، ھەم ئوقۇتۇش سۈپىتىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان زۈرۈر تەدبىر . ئوقۇتۇش لايىھىسى تۆۋەندىكىدەك ھالقىلاردىن تۈزۈلىدۇ : AD~_n^ 1. دەرس تېمىسى w
v 2. ئوقۇتۇش نىشانى @:}l a 1) بىلىم ۋە ئىقتىدار نىشانى . ئوقۇتۇشتا ئوقۇغۇچى ئۆگىنىدىغان ، ئىگىلەيدىغان بىلىم نۇقتىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ مەلۇم جەھەتتە يېتىلدۈرۈلىدىغان ئىقتىدار ، ئادىتى توغرا ئىگىلىنىپ يېزىپ چىقىلىدۇ . }ag
;yf; 2) جەريان ۋە ئۇسۇل نىشانى . پۈتكۈل ئوقۇتۇش لايىھىسىدە جەرياننىڭ سىڭىشى ۋە جەريانغا قاتنىشىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ ، ئۆگىتىش ئۇسۇلىنىڭ تاللىنىشى ، قوللىنىلىشى ، ئۆگىنىش ئۇسۇلىنىڭ يېتىدۈرۈلۈشىگە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ . c-* *~tb( 3) ھىسسىيات ، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى . ئوقۇتۇش ماتىرىيالىنى توغرا ئىگىلەپ ، ئوقۇتۇش ماتىرىيالىغا بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغۇچى باشتىن كەچۈرۈش ۋە تەربىيىلىنىش ئېلىپ بېرىلىدىغان نۇقتىلاردۇر . x~ID[ 3. ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتىلىرى . ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئادەتتە ،ئاساسى بىلىم ، ئاساسى ئۇقۇم ، ئاساسى پىرىنسىپ ۋە ئاساسى ئىقتىدارنى كۆرسىتىدۇ . قىيىن نۇقتا ئادەتتە ، ئوقۇغۇچى بىلىم ئىگىلەش جەريانىدا يېڭى بىلىم بىلەن كونا بىلىمنى باغلاش جەھەتتە قىينىلىدىغان مەزمۇنلاردىن ئىبارەت . p2
!w86 F 4. دەرس تۈرى ، ئوقۇتۇش سائەت سانى dKY#Tl] دەرس تۈرى شۇ سائەت دەرسنىڭ تۈرى ، يەنى يېڭى دەرس ، تەكرار دەرسى ، تەجرىبە دەرسى ياكى مەشق دەرسى دىگەنلەرنى كۆرسىتىدۇ . ئوقۇتۇش سائەت سانى بولسا ، دەرس ئۆلچىمىدە بېكىتىلگەن زۈرۈر دەرس سائەت سانىدىن ئىبارەت . p
}e| E! 5. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى h!`KX2~ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن قوللىنىلغان ئۇسۇل . ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆگىتىش ئۇسۇلى بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ ، ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىلىم ئىقتىدار ئىگىلەيدىغان ، ئورتاق پائالىيەت قىلىپ تەرەققىياتقا ئېرىشىدىغان ئۇسۇلدىن ئىبارەت . Rm}G4Pq 6. ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى LfJMSscfv ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى ئوقۇتقۇچى پىلانلانغان ئوقۇتۇش نىشانىنى ئۇرۇنداش ، ئوقۇتۇش پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇش ، ئۆز-ئارا ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان قورال ، ۋاستە ياكى ئۈسكۈنىلەردىن ئىبارەت . مەسىلەن ، دەرسلىك كىتاپ ، بور ، دوسكا ، ئاسما رەسىم ، پرويىكسىيە ئاپپاراتى ، كۆلەڭگە چۈشۈرۈش ئاپپاراتى ، ئۈنئالغۇ ، سىنئالغۇ ، تېلۋۇزۇر، VCDئاپپاراتى ، DVDئاپپاراتى ، كومپىيوتېر قاتارلىقلار . hW` o-' 7. ئوقۇتۇش جەريانى (يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش ، يېڭى دەرس سۆزلەش ، خۇلاسە ) 2Z ?l,M~ ئوقۇتۇش جەريانى بولسا ، پىلانلانغان ئوقۇتۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان بىر قانچە ئوقۇتۇش ھالقىلىرىدىن بىرىككەن ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆگىتىشى ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىشىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز-ئارا تەسىرلىشىشى بولغان پائالىيەت جەريانىدۇر . @ +a}O 8. دوسكا لايىھىسى 8T8]g M دوسكا خېتى بولسا ، ئوقۇتقۇچى دوسكىدىكى يېزىق ۋە رەسىم ، ئىسخىمىلار بىلەن ئوقۇتۇش ئۇچۇرىنى يەتكۈزىدىغان ئوقۇتۇش ھەرىكەت شەكلىدىن ئىبارەت . دوسكا خېتى بىلىمنى توغرا ئىپادىلەش ۋە چۈشۈنۈش ، ئەستە ساقلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى سېستىمىلاشتۇرۇش ، ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈش قاتارلىقلارغا نىسبەتەن ئاكتىپ رول ئوينايدۇ . 53?Ati\Y) 9. تاپشۇرۇقنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ND/oKM+? تاپشۇرۇق ئىشلەشتىكى مەقسەت ـــ دەرسخانىدا ئۆگەنگەن بىلىملەرنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەزىم قىلىش ۋە چۈشىنىشتۇر . ئوقۇغۇچى تاپشۇرۇق ئىشلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دەرسخانىدىكى ئۆگىنىشىنىڭ ياخشى-يامانلىغىنى تەكشۈرەلەيدۇ ؛ ئەگەر تاپشۇرۇقنى ئوڭۇشلۇق ئىشلىيەلىسە ، دەرسخانىدىكى بىلىمنى ئىگىلىشى بىر قەدەر ياخشى بولغانلىغىنى چۈشەندۈرىدۇ ؛ ئەگەر تاپشۇرۇق ئىشلەشتە نەدىن باشلاپ قول سېلىشنى بىلمىسە ، بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ دەرسخانىدا بىلىمنى ھەقىقى ئىگىلىمىگەنلىگىنى بىلدۈرىدۇ . شۇڭا ئوقۇغۇچىنىڭ مۇۋاپىق مىقداردىكى تاپشۇرۇق ئىشلىشى زۈرۈر بولۇپ ، بىلىمنىڭ مۇستەھكەملىنىشگە پايدىلىق . ~%h&ELSw 10 . دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش (دەرستىن كېيىنكى خاتىرە ) W
XG0Z دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش بولسا ، ئوقۇتقۇچى دەرستىن كېيىن ئۆزىنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئۇچرىغان مەسىلە ۋە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىتا قايتا ئويلىنىش ئېلىپ بېرىپ ، ئوقۇتۇشتىكى مۇۋەپپىقىيەت ھەم ئوڭۇشسىزلىق ، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلاردىكى توسالغۇ ، كۆز قاراشلارنى خاتىرىلەپ ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىدە قوللىنىپ ، ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش ساپاسى ۋە ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتىرىش جەريانىدۇر . بۇ خىل ئوقۇتۇش جەريانىغا نىسبەتەن ئۆز-ئۆزىدە ئويلىنىش ماھىيەتتە ئۆز-ئۆزىگە دىئاگنوز قۇيۇش ، ئۆز-ئۆزىنى يۇقىرى كۆتىرىش جەريانىدۇر . دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى بىۋاستە ، كونكېرت ھالدا ئوقۇتۇشتىكى ئارتۇقچىلىق ۋە يېتەرسىزلىكنى خۇلاسىلەپ ، دەرس تەييارلاشتا چۈشۈپ قالغان نۇقتىلارنى تەكشۈرگىلى ، مەشىق ئۇسۇلى ياكى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدىكى مەسىلىلەرنى بايقاپ ، سەۋەبى ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىپ ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئوقۇتۇش ۋاستىسىنى ئەلالاشتۇرغىلى ، ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش تەجرىبىسىنى تەجرىبىسىنى موللاشتۇرغىلى بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى قەرەللىك ھالدا تەھلىل قىلىش ۋە رەتلەش ئارقىلىق ، ھىسسىي بىلىشنى ئەقلىي بىلىشكە كۆتۈرگىلى ، ئوقۇتۇش جەريانىدىكى قارىغۇلارچە ئىش قىلىشتىن ساقلىنىپ ، قاراتمىلىق ھالدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىپ ، ئوقۇتۇشنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ . 2vddx<& مەكتەپ ئىلمى بۆلۈمى ياكى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى ھەر ئايدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس تەييارلاش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش بىلەن نۇقتىلىق تەكشۈرۈشنى بىرلەشتۈرگەن ھالدا تەكشۈرۈپ نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشى كېرەك . مەكتەپ ھەر ئوقۇش يىلىدا ھەر قايسى يىللىق ھەر قايسى پەنلەردىن كەم بولغاندا بىر قېتىم مۇنەۋۋەر ئوقۇتۇش لايىھىسىنى كۆرگەزمە قىلىش ، باھالاشقا تەشكىللىشى كېرەك . 23opaX5V=
g91xUG قانداق قىلغاندا بىر سائەتلىك دەرسنى ياخشى ئۆتكىلى بولىدۇ ^,[gO#hgz 1. دەرسخانا ئوقۇتۇشى جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسلىلەر: M?kXzb\O 1›دەرس تەييارلىماي دەرس ئۆتۈش، دەرس لايىھەسىنى ئېلىپ كىرمەي دەرس ئۆتۈش، ئىختىيارىلىق ئېغىر بولۇش؛ ZJ[p7XP 2›دەرس ئۆتكەندە كىتاپتا نېمە بولسا شۇنى شۇ پېتى ئوقۇپ بېرىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىيالماسلىق؛ "tj]mij2)G 3›چۈشەندۈرۈش جەريانىدا ئىلىمي خاتالىق كۆرۈلۈش؛ _cJ\A0h^ 4›دەرسخانا ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بىر خىللا بولۇش، كونا بولۇش، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى ھەمكارلىقى ناچار بولۇش، يېڭى دەرس ئىسلاھاتى ئىدىيىسى ياخشى گەۋدىلەنمەسلىك؛ 8P2_/)| 5›كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئوقۇتۇشتىكى ياردەمچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالماسلىق؛ } OkK@8?0O 6› فىزىكا، خېمىيە، بىئولوگىيە دەرسلىرىنىڭ تەجىربىلىرىنى ئۆلچەم بۇيىچە ئېلىپ بارماسلىق. 0 Gq 2. قانداق دەرس بىر سائەتلىك ياخشى دەرس بولىدۇ ETfoL.d$( 1›ئوقۇتۇش نىشانى ئېنىق، مۇۋاپىق بولۇش كېرەك. I3Ad+]v ئوقۇتۇش نىشانى بولسا دەرس ئۆتۈشنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە ئاخىرلىشىش نۇقتىسى بولۇپ، نىشاننىڭ ئېنىق، مۇۋاپىق بولۇشى بىر سائەتلىك ياخشى دەرسنىڭ ئەڭ ئالدىنقى شەرتى. ئېنىق بولۇش دېگەنلىك: ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر سائەتلىك دەرس ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان مەقسەت، يۆنىلىشكە قارىتا ئورتاق تونۇشقا ئىگە بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. مۇۋاپىق بولۇش دېگەنلىك: ئاساسلىقى ياش بۆلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشقان بولۇشنى، دەرسلىكنىڭ تەلىپىگە ماسلاشقان بولۇشنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمىلىيىتىگە ئويغۇن بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.
_~!c%_ 2›ئوقۇتۇشتىكى مۇھىم ، قېيىن نۇقتىلار گەۋدىلەنگەن بولۇشى كېرەك. YO;@Tj2)x ئوقۇتقۇچى دەرسلىكنى چوڭقۇر چۈشىنىشى، توغرا ئىگىللىشى، ھەمدە ھەر خىل ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنى مۇھىم نۇقتىنى چۈشىنىشكە، قېيىن نۇقتىنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە يېتەكلىشى كېرەك. "}uV=y 3›ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسى گەۋدىلىك ئورنىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك. =8DS~J{ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسى گەۋدىلىك ئورنىنىڭ ھۆرمەتكە ئېرىشكەن ئېرىشمىگەنلىكى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسىنى ئۆلچەم قىلىش ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسىدە دائىرە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ سائەتلىك دەرسخانا ئوقۇتۇش جەريانىغا، ئوقۇتۇشنىڭ ھەر بىر ھالقىلىرىغا تۇلۇق قاتناشقان قاتناشمىغانلىقىغا قاراش ؛ چوڭقۇرلۇق جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاسسىپ ھالدا مەجبۇرىيەت يۈزىسىدىن ئۆگىنىۋاتقانلىقىغا ياكى ئاكتىپلىق بىلەن ئۆگىنىۋاتقانلىقىغا قاراش؛ چۈشىنىش دەرىجىسىدە ئۆگىنىش سۈپىتى قاتارلىقلاردا ئىلگىرىلەش بار- يوقلۇقىغا قاراش كېرەك. 1*B'oP1 4›ئوقۇتۇش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. zBqNE` ئوقۇتقۇچى كۆپ خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇپ جانلىق ئىشلىتەلىدىمۇ-يوق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ، ئۆگىنىشنى جىددى، قىزىقارلىق جەريانغا ئايلاندۇرالىدىمۇ-يوق دېگەنلەرگە قاراش، ھەمىدە بۇ جەرياندا زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىشى مۇۋاپىق، ماسلاشقان بولۇشى لازىم. &lB>G[t 5›ئوقۇتۇش ئۈنۈمى ياخشى بولۇشى كېرەك. ~&+8m=
ئوقۇتۇش كەيپىياتىنىڭ ئىناق، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنىڭ ئىتتپاق، مەشىقلەندۈرۈشنىڭ پۇختا، ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بىلىم، ئىقتىدار، ئۇسۇل، ئاددەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشى، ھەر سائەتلىك دەرستىن ئۈنۈمگە ئېرىشەلىشى كېرەك. Bv}nG| 3. يېڭى دەرس شارائىتىدىكى بىر سائەتلىك ياخشى دەرسنىڭ ئۆلچىمى Gk<6+.c~ 1› بىر سائەتلىك ياخشى دەرس چوقۇم ھەقىقى دەرس بولۇشى ، يېتەرسىزلىكلەر ساقلانغان بولۇشى، مۇكەممەللىشىۋاتقان دەرس بولۇشى كېرەك.
C0j`H( 2›دەرسخانا ئوقۇتۇشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىغا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئارقىلىق بىلىم، ئىقتىدار، ماھارەت ، ھسسيات قاتارلىق جەھەتلەردە ئېرىشكەنلىرىنىڭ ئاز- كۆپلىكىگە قاراش كېرەك. Qh4Z{c@
3›ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا قاتنىشىشىغا، ھاياجانلانغان، قوزغالغانلىقىغا ۋە ياقتۇرغان ياقتۇرمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. \xOv 9( 4›ئوقۇتقۇچىنىڭ بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەنگەن يۈزلەنمىگەنلىكىگە، ئەمەلى ئەھۋالغا ئاساسەن مۇۋاپىق ئوقۇتۇش ئېلىپ بارغان بارمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. Bet?]4\_ 5›ياخشى دەرس ئوقۇتقۇچى تىرىشىپ يېڭى دەرسخانا مۇھىتى ياراتقان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپ قاتناشتۇرۇپ بەس-بەستە مۇنازىرە ئېلىپ بارغان دەرس بولۇشى كېرەك. 2Xp?O+b#"O 6›ياخشى دەرس ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇر ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. nnMRp7LQ- 7›ياخشى دەرس قىممەت قارىشى ۋە كىشلىك تۇرمۇش قارىشىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. mbO.Kyfen 4. قانداق قىلغاندا بىر سائەتلىك دەرسنى ياخشى ئۆتكىلى بولىدۇ etH]-S 1›دەرستىن ئىلگىرىكى دەرس تەييارلىقى ئاساس. Blv@u ? 2›دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئاچقۇچ. %2F ‹1›ئوقۇتۇش نىشانى ئېنىق بولۇش. ئوقۇتۇش نىشانى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك تەرەققىياتىنى نىشان قىلىشى كېرەك. نىشاندا بىلىم ۋە ئىقتىدار، ھىسىيات پوزىتسىيىسى ۋە قىممەت قاراش، جەريان ۋە ئۇسۇل قاتارلىق ئۈچ تەرەپنىڭ ئىچكى بىردەكلىكى ئىشقا ئېشىشى؛ ئوقۇتقۇچى باشتىن ئاخىرى مەن بۇ بىر سائەتلىك دەرستە نېمىلەرنى قىلىمەن، ئوقۇغۇچىلار نېمىلەرنى ئۆگىنىدۇ دېگەنلەرگە قارىتا كۆڭلىدە ئېنىق سان بولۇشى كېرەك. Cb;49;q ‹2›ئازادە بولغان دەرسخانا كەيپىياتى يارىتىش، ئوقۇتۇشتا دېمكۇراتىيىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم. دەرسخانا ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇتقۇچى چوقۇم ھۆرمەت، باراۋەرلىك تۇيغۇسىنى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ھېس قىلدۇرۇپ، ئىللىقلىققا تولغان دەرسخانا كەيپىياتى يارىتىش لازىم. دېمكۇراتىك، ئازادە، ئىناق بولغان دەرسخانا كەيپىياتى ئاستىدا، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ئۆگىنىۋاتقان بىلىملەرگە نىسبەتەن چوڭقۇر قىزىقىش تۇغۇلۇپ، ئىزدىنىش جەريانىغا ئاكتىپ قاتنىشىدۇ، ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچى جارى قىلدۇرۇلىدۇ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى قېزىپ چىقىلىدۇ. 2k"!o~s^ ‹3›ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش، قېيىن نۇقتىنى بۆسۈپ ئۆتۈش . ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى دەرسلىك مەزمۇنىنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىگە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ؛ ئوقۇتۇشنىڭ قېيىن نۇقتىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىدىكى قېيىن-ئاسانلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. قېيىن نۇقتا ۋە مۇھىم نۇقتا بەزى چاغلاردا بىردەك بولىدۇ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمىلىيىتىگە ۋە دەرسلىك مەزمۇنىغا ئاساسەن مۇھىم نۇقتا ۋە قېيىن نۇقتىنى توغرا بېكىتىشى لازىم. f#zm}+,` ‹4›ئوقۇتۇش مەزمۇنى توغرا بولۇش. ئوقۇتۇش جەريانىدا كەسپى بىلىم، نەزىرىيىۋى كۆزقاراش ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ خاتا بولماسلىقىغا، ئوقۇتۇش مەزمۇنىنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. %
PxJnMb? ‹5›ئوقۇتۇش جەريانى مۇكەممەل بولۇش. دەرسخانا ئوقۇتۇشى باشلانغاندىن تارتىپ ئاخىرلاشقىچە باسقۇچلىرى ماسلاشقان، قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، بىلىش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلاشقان بولۇشى كېرەك. #Up
X ‹6›ئوقۇتۇش ئۇسۇلى جانلىق، كۆپ خىل بولۇش. ئوقۇتۇشتا ئۇسۇل بولىدۇ، ئەمما مۇقىم بېكىتىلگەن ئۇسۇل بولمايدۇ. ئوقۇتۇشتا مۇقىم بېكىتىلگەن ئۇسۇل بولمىسىمۇ، ئەمما ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تاللاشنىڭ ئۆلچىمى ئۆزى خۇجا بولۇش، ھەمكارلىشىش، ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئاساسىدا تەقىلىد قىلىش ؛ قوللىنىش جەريانىدا ئىلمىلىكى، سەنئەتلىكى، خاسلىقى بولغان ھالدا قوللىنىشنى تەكىتلەش كېرەك. ئۆگىنىش ئاساسى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمىلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ھەر سائەتلىك دەرستە قاراتمىلىقى بولغان جانلىق، ئۆزگىرىشچان ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى تاللاپ قوللىنىش لازىم. Ce_ES. ‹7› ئوقۇتۇش كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىش، ئوقۇغۇچىنى ئاساس قىلىش. دۆلىتىمىزنىڭ ئاتاقلىق مائارىپچىسى تاۋ شىڭجى «ياخشى ئوقۇتقۇچى دەرسلىكنى ئوقۇتماسلىقى، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىتىپ قويماسلىقى،بەلكى ئوقۇغۇچلارغا قانداق ئۆگىنىشنى ئۆگىتىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن . ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىش، دەرىجىگە ئايرىماسلىق، ئەلا، ناچار دەپ ئىنىچكە ھېسابلىشىپ كەتمەسلىك، ياخشىلىرىغىلا گەپ قىلىپ، ئادەتتىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئېتىبارغا ئالمايدىغان ساختا كۆرۈنۈشتىن ساقلىنىش، نەزەر دائىرىسى كەڭرى بولۇش، ھەر قاچان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ھالىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش، بىر ئوقۇغۇچىنىمۇ تاشلاپ قويماسلىق لازىم. ئوخشاش بولمىغان قاتلاملاردىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش بولمىغان نىشان بەلگىلەپ بېرىش، قېيىنلىق دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغان ۋەزىپىلەرنى بېكىتىپ بېرىش، بۇ ئارقىلىق ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇشقا، ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلالايدىغان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، دەرسخانا تۇرمۇشى ئەھمىيەتلىك بولۇش كېرەك. ئەستايىدىل ئاڭلاشنى ئۆگىنىۋېلىش، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ يۈرەكلىك پىكىر قىلىشىغا يول قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى دەرسخانىنىڭ ھەقىقىي خۇجايىنلىرىغا ئايلاندۇرۇش. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۈرئەتلىك ھالدا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قويۇشىغا ئېلھام بېرىپ، شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاش، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ كۆز قارىشىنى چۈشەندۈرگەندە ياكى پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويغاندا ئوقۇتقۇچى ئەستايىدىل ئاڭلىشى لازىم. ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىنى قوللىمىسىمۇ ئۇلارنىڭ پىكىر قىلىش ھوقۇقى ۋە خاتالىق ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، ھەرگىزمۇ بىپەرۋا قىياپەتتە تۇرۋالماسلىقى، ئۇلارنىڭ سۆزىنى قوپاللىق بىلەن ئۈزىۋەتمەسلىكى، سۆزى تۈگىگىچە قىزغىن ھالدا ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئاساسىنى بىلىش ۋە چۈشىنىشىنى كۈچەيتىش لازىم. مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك پىكىرلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، قىلچىمۇ پىخسىقلىق قىلماي ماختاش، ھەرگىزمۇ تولۇق بولۇشنى تەلەپ قىلماسلىق كېرەك. دائىم پىكىر قىلمايدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا مەقسەتلىك ھالدا شارائىت يارىتىپ ئۇلارنىڭ پىكىر قىلىشىنى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەش، ئۇلارنى يۈرەكلىك ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ پىكىر قىلىشىغا ئېلھاملاندۇرۇش، پىكىرىنى بايان قىلىش جەريانىدا ئۇلارغا قاتنىشىشنىڭ ئۆزى مۇۋاپىققىيەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش. haIH `SY ‹8›كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇشتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش. كۆپ مېدىئالىق ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى ئوبرازلىق، جانلىق، كۆرسەتمىلىك بولۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغىغىلى بولىدۇ، نەزەر دائىرىسنى كېڭەيتىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيىسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق. N?krlR ‹9›دوسكا خېتى ئوبرازلىق، كۆرسەتمىلىك، ئىخچام بولۇش. ياخشى بولغان دوسكا خېتى ئىخچام، ئوبرازلىق، پۇچۇركىسى رەتلىك چىرايلىق بولۇشى، كۈچلۈك قوزغىتىشچانلىققا ۋە ھوزۇرلىنىش قىممىتىگە ئىگە بولۇشى، ھەم شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى چۈشىنىشى ۋە ئەستە ساقلىشىغا ياردەم بېرىشى، گۈزەللىكتىن ھوزۇرلىنىش تۇيغۇسى ئاتا قىلىشى كېرەك. q~*> ‹10›تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇۋاپىق، قاراتمىلىققا ئىگە بولۇش. %,[p[`NRYR ‹11›ئوقۇتۇشنى باھالاش مۇكەممەل بولۇشى كېرەك. ۋاقتىدا باھالاش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغايدۇ، يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلاپ ئۈنۈمنى ئاشۇرىدۇ، ئەمما باھالاش شەكلى مۇۋاپىق بولۇشى، باھالاش شەكلى كۆپ خىل بولغان باھالاش مىخانىزىمى تۇرغۇزۇلۇشى، باھالاش جەريانى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغان، ساغلام پىسخىكىسى، خاراكتېرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان جەريانغا ئايلىنىشى لازىم. بارلىق باھالاش «ئوقۇغۇچىلار تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» تىن ئىبارەت ئاساسى مەقسەتنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلىشى؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشى جەريانىدا ئىپادىلەنگەن ھېسيات، ئىرادە، خاراكتېر جەھەتلەردىكى تەرەققىياتى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجى، يۇشۇرۇن ئىقتىدارى قاتارلىقلارغىمۇ باھا بېرىشى؛ باھالاش ئۇسۇلى ۋە ۋاستىسىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش؛ ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسى گەۋدىلىك سالاھىيىتىدە تەلىم-تەربىيە، ئوقۇ-ئوقۇتۇش باھالىشىغا قاتناشتۇرۇش لازىم. باھالاش جەريانىدا، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى باراۋەر سالاھىيەتتە باھالاشقا قاتنىشىش، ئۆزىنى ئۆزى باھالاش، ئۆزئارا باھالاش، كوللىكتىپ باھالاشنى ئونۋېرسال بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمىگە قارىتا ئومۇمىيۈزلۈك باھالاش ئېلىپ بېرىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. %vFoTu)2 5. بىر سائەتلىك ياخشى دەرسنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا قويىدىغان تەلىپى. a}MSA/K( ئوقۇتقۇچى بىر سائەتلىك دەرسنى ياخشى ئۆتۈش ئۈچۈن چوقۇم ياخشى بولغان ئوقۇتۇش ئاساسى ماھارىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. كونكىرىت ئىپادىسى تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ: Y1Qg|U o ‹1›دەرسخانىنى يېتەكلەش قابىلىيىتى. دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى بىر قەدەر ياخشى تەشكىللەش، باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەش، دەرسخانىدىكى ئوخشاشمىغان ئەھۋالغا ئاساسەن،دەرسخانا ئوقۇتۇش رېتىمىنى تەڭشەش، ئوقۇتۇش سىغىمچانلىقىنى مۇۋاپىق قىلىش، ئوقۇتۇش قۇرۇلمىسى ئېنىق، ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇش مۇۋاپىق، دەرسخانىدىكى ماسلىشىشچانلىق قابىلىيىتى كۈچلۈك بولۇش كېرەك. V[T`I a\ ‹2›ئەمىلى مەشغۇلات قابىلىيىتى. زامانىۋى ئوقۇتۇش تېخنىكا ۋاستىلىرى، كۆرسەتمىلىك تەجىربە ھەمىدە ئوقۇتۇش سايمانلىرىنىڭ پەيتىدە، مۇۋاپىق بولۇشى، مەشغۇلاتى قېلىپلاشقان، مەلىكىلىك بولۇشى لازىم. |VRzIA4M\ ‹3›چوڭقۇر بىلىم زاپىسىغا ئىگە بولۇش. بەزىلەر «باشقىلارغا بىر چېنە سۇ بېرىش ئۈچۈن ئۆزىدە بىر چېلەك سۇ بولۇشى كېرەك» دەيدۇ. بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋرىدە «بىر چىلەك سۇ نەزىرىيىسى» ئاقمايدۇ، ئوقۇغۇچىلارغا بىر چېنە سۇ بېرىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى مەڭگۈ توختاپ قالماي بۇلدۇقلاپ ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلاق بولىشى كېرەك. ^q=D!g ‹5›دەرسخانىنى شئېرى تۇيغۇ ۋە قىزغىنلىققا تولدۇرۇش. بىر سائەتىلىك دەرسنى ياخشى ئۆتۈش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى ئەڭ ئالدى بىلەن دەرسخانىغا ئىللىق كۈلۈمسىرەپ كىرىشى، بىر خىل ئازادە، ئىناق بولغان دەرسخانا كەيپىياتىنى يارىتىشى كېرەك. بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىدا رول چۈشەنچىسى بولۇشى، ئارتىستلار ئۇيۇن كۆرسەتكەندە رولغا چوڭقۇر چۆككەندەك، ئوقۇتقۇچىمۇ دەرس ئۆتكەندە مۇنبەردە ئۆز رولىغا چوڭقۇر چۆكۈشى كېرەك. رول چۈشەنچىسىگە ئىگە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە ئىچكىرلەپ كىرەلەيدۇ، ئوقۇغۇچىلارنى شۇ چاغدىكى ھېس-تۇيغۇ كەچۈرمىشلىرىگە ئىگە قىلىپ، ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە ئۆگىنىش ئاساسى ئارىسىدا بىر ئۆتۈشمە كۆۋرۈك ھاسىل قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ماسلىشىپ ئۆزئارا ھسسيات ئالماشتۇرالايدۇ. dy%#E2f 6. تىل ئارقىلىق ئىپادىلەش ئوچۇق بولۇشى كېرەك. ماكارىنكو مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى ئېيتقان: «ئوخشاش بىر ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا تىلنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن ئۈنۈمىدە 20 ھەسسە پەرق بولىدۇ». ئوقۇتقۇچىنىڭ تەلەپپۇزى ئۆلچەملىك، ئىشلەتكەن سۆزى مۇۋاپىق، باغلىنىشلىق، ئېنىق، توغرا، ئىخچام، ئوبرازلىق، جانلىق بولۇشى كېرەك. }+4^ZbX+: nR1QS_@{L تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەكشۈرۈش CZL:&~l1 Ⅰ تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇش، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەر . w_oW mD 1. تاپشۇرۇق مىقدارى ئاز، ئورۇنلاشتۇرۇلغان تاپشۇرۇقلاردا مىخانىك ھالدا قايتىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن؛ v8>?,N# 2. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرىگە بىر تۇتاش تەلەپ قويمىغان؛ c{dge/2yb 3. ئوقۇتقۇچى تاپشۇرۇق تەكشۈرگەندە ئەستايىدىل بولماسلىق، ۋاقتىدا تەكشۈرمەسلىك، خاتانى توغرا قىلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت؛ D<
h+r? 4. تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش ئۆلچىمى بىر تۇتاش ئەمەس ؛ &(]@L\A 5. تاپشۇرۇقنى ئوقۇغۇچىلارغا توغرىلاتقۇزماسلىق ئەھۋالى ئوموميۈزلۈك مەۋجۇت ؛ ,r
-l^I3< 6. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرى مەينەت ، قالايمىقان، سۈپىتى تۆۋەن . xA-u%Vf7@ Ⅱ تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى تەلەپ VQQtxHTC3 تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەكشۈرۈش بولسا دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشى ، ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ ئورگانىك تەركىۋى قىسمى ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگەنگەن بىلىمنى مۇستەھكەملەش ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش ئۈنۈمىگە قايتارما ئىنكاس بېرىش ۋە ياخشىلاشتىكى مۇھىم ۋاستىسى . شۇڭا ئوقۇتقۇچى تاپشۇرۇقنى تاپشۇرۇقنى كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك . f;u | |