نۇرلالە |
2014-06-04 11:26 |
ئۇيغۇر باللىرنىڭ كىرزىسى
(بۇ يازما ياۋروپا ئېتتپاقى بالىلارنى قۇتقۇزۇش فوندى جەمئىيتى شنجاڭ تارماق گۇرۇپپىسى ئۇيۇشتۇرغان شنجاڭ ‹‹ئۆسمۈر خوجايىنلار كۇلۇبى››نىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرىسگە يتەكچىلىك قىلىش جەريانىدا ھس قىلغانلىرىمدۇر) \Sg&Qv` سۆيۈملۈك سەبى ئوماق پەرزەنىتلىرىمىز- ھاياتىمىزنىڭ مەنىسى ،مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ داۋامى، مەدەنىيتىمىزنىڭ ۋارسلىرى كەلگۈسىمىزنىڭ ئىگىلىرىدۇر. ھاياتلىقتىكى مۇۋەپپەقىيەت-ئەلۋەتتە بالىلىق دەۋردىكى تۇرمۇش ۋە مائارىپ سۈپىتى بىلەن مۇناسۋەتلىك. نۇرغۇن پەرزەنىتلىمىز ئاتا-ئانىلىرى ۋە جەمىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن ياخشى ئۆسۈپ يىتىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولسىمۇ،يەنە نۇرغۇن بالىلار تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەرخىل كىرزىسلار ئىچىدە ياشاپ كەلمەكتە.بۇلارنى بىلىش ۋە بىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۆز ئېقتىدارىمىز دائىرسدە چارە ئىزدەش –ئەقەللى ئادىمىيلىك ۋە ئۇيغۇرلۇق بۇرچىمىز. \zgRzO'N ئەلۋەتتە بۇ كىرزىسلار ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە مۇناسۋەتلىك جەمىيەتلەر تەرىپىدىن تولۇق ئستاستىكا قىلىش ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىشنى ،ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشنى كۈتۈپ تۇرماقتا. bl}$
x/
1-ئىلىپ قېچىش،جىنايەتكە مەجبۇرلىنىش كىرزىسى bO^%#<7 سەبى،بىگۇناھ كىچىكلىرىمىز-رەھىمسز ،قەبىھلەر تەرىپىدىن ئالدىنپ،ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە مەجبۇرى ئىلىپ بىرىلىپ،ئوغرىلىققا ،زەھەرلىك چىكىملىك سودىسىغا سېلىنماقتا.ئۇلار ئاتا-ئانىسىدىن،بەخىتلىك تۇرمۇشىدىن،ھاياتى بىخەتەرلىكىدىن ئايرىلماقتا. $Ce`(/ 2-داۋالىنىش كىرزىسى #2x\d تۇغما كېسەللىكلەر،ئىغىر يارىلىنىشلار تۈپەيلىدىن نۇرغۇن بالىلار داۋالىنىشقا مۇھتاج،ئاتا-ئانىلارنىڭ نامراتلىقى ،داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئېتىۋار سياسەتلىرىنىڭ يتەرلىك ئومۇملاشماسلىقى سەۋەپلىك نۇرغۇن بالىلار ھاياتىدىن ئايرىلماقتا ياكى ئۆمۈرلۈك ميپىلىق خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە.
4[bw/[ 3-تاشلىۋىتىلىش ۋە يېتىملىك خەۋىپى: c67O/ B( پەقەت ھسياتقا تايانغان ئەمما قانۇنى رەسمىيەت تولۇقسز ھالدا دۇنياغا كەلگەن نۇرغۇن بالىلار تۇغۇلماي تۇرۇپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان .ئۇلارنى پەقەت ئويناشنىلا بىلىدىغان، ئۆزىنىلا ئويلايدىغان رەھىمسز ياشلار ئالدۇرۋەتكەن.بەزىلىرى تۇغۇلغاندىن كىين مەسئۇلىيەتسز ئاتا-ئانىلار ئىگە بولۇشتىن قورقۇپ،ئۇلارنى سالاھىيتى يوق قارا نوپۇسقا ئايلاندۇرغان.بۇ يېتىملارنىڭ كەلگۈسى نامەلۇم. vbFY} 4- غورۇر ،قەدىر-قىممەت كىرزىسى: N}.h_~6 بىر قسم ئاتا-ئانىلار ۋە جەمىيەت ئەزالىرىدا بالىلارنى چۇشىنىش يتەرسز ،تەربىيلەش ئۇسۇلى توغرا بولمىغانلىقتىن ۋاقىراش،تىللاش،تەنقىد قىلىش،كەمستىش ،سىلىشتۇرۇپ ھاقارەت قىلىش، ئۇرۇش ئەھۋالى مەۋجۇت.بۇخىل بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئشەنچى ۋە غورۇرىغا قىلىنغان ھاقارەت ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزىگە ياكى جەمىيەتكە بولغان ئشەنچىنى يوقىتىۋىتىدۇ. h2uO+qEsu 5-نامراتلىق كىرزىسى: nQ/(*d بالىلار ئۆزىنىڭ كىمنىڭ بالىسى بولۇشنى بەلگىلىيەلمەيدۇ،نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن ياخشى تاماق،ياخشى كىيم،ياخشى ئۆي،ياخشى ئويۇنچۇق،ياخشى مائارىپ،ياخشى دورا دىن بەھرىمەن بولۇشى نسبىتى تۆۋەن بولۇۋاتقان بالىلىرىمىز ھىلىھەم كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ.بۇلار نۇقتىلىق ھالدا ئوزۇقلۇق ۋە مائارىپ ياردىمىگە مۇھتاج. J+Y& | |