查看完整版本: [-- تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر 4 دىكى ئاپتۇرلار --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمھال ئەسەرلەر -> تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر 4 دىكى ئاپتۇرلار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تىلداش 2014-06-03 17:47

تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر 4 دىكى ئاپتۇرلار

زۆرۈر 4 دىكى ئاپتۇرلار: 1[}VyP6 e  
42.مۇھەممەتئەلى زۇنۇن '{Ywb@Bc  
دەرسلىككە«مۇقام ئۇستازى»(دراما، «ئەزىزە» ناملىق سەھنە ئەسەرلىرى توپلىمىدىن ئېلىنغان)  كىرگۈزۈلگەن. +$ 
ئۇ ئۇيغۇر بغگغنكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى، داڭلىق دراماتورگ، شائىر، يازغۇچى. 1939-يىلى قەشقەر شەھرىنىڭ شاقىيە مەھەللىسىدە ئۇششاق تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.باشلانغۇچ،تولۇقسىزنى قەشقەر شەھرىدە ئوقۇپ تاماملاپ،1955-يىلى شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن.1958-يىلى ئوقۇش پۈتۈرۈپ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردە ئوقۇتقۇچى، ئەدەبىي ئىجادىيەت خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن، 1991-يىلدىن تارتىپ شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ كەسپىي ئىجادىيەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن ھەم ئارام ئېلىشقا چىققان. ئۇ 1952-يىلدىن باشلاپ شېئىر ئىلان قىلغان.«قۇچاقلا، ئۇ سېنىڭ داداڭ»، «كارۋان ناخشىسى» قاتارلىق يۈزلىگەن شېئىر ناخشا تېكىستلىرىنى،«گۈلمېھرى» قاتارلىق داستانلىرىنى يازغان. 1960-يىللاردىن باشلاپ دراما ئىجادىيىتىگە كىرىشكەن. 1980-يىللاردىن باشلاپ «مەسلىھەت چېيى»، « رابىيە-سەئىدىن»، « كېچىككەن توي»، «قايچا قۇدا»، «مۇقام ئۇستازى»، «جەنۇبتىكى جەڭ مارشى»، «ئەزىزە» قاتارلىق درامىلارنى يازغان.ئۇ كېيىنكى يىللاردا پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ «ئىككى ئوقۇغۇچۇم»، «باشلىقمىكىن دېسەم»، «قوش مەسچىت»، «مۇناپىقنىڭ ئۆلۈمى» قاتارلىق ھىكايە-پوۋېستلارنى يازغان. *np%67=jO  
ئۇ نەشىر قىلغان توپلاملىرىدىن «گۈلمېھرى»(1980-يىل، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى)نەملىق داستانلار توپلىمى، «ۋىسال شەھرى»(1980-يىل، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، «ئاچا-سىڭىل»(تۇرسۇن نىياز بىلەن بىللە، 1986-يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى)ناملىق ھىكايىلەر توپلىمى،«قوش مەسچىت»(1989-يىل،شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى)ناملىق ھىكايە-پوۋېستلار توپلىمى، «جەنۇپتىكى جەڭ مارشى»(1987-يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى»، «ئەزىزە»(1991-يىل، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى» ناملىق درامىلار توپلىمى، «ئائىلە ناخشىلىرى»(1996-يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى»ناملىق شېئىرلار توپلىمى قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى، «ئۈچ ياش» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە بەزى درامىلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەملىكەت، ئاپتونوم رايۇنلۇق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. w\\    
43.ساۋيۈ(1910_1996) (2a~gQGD  
دەرسلىككە«گۈلدۈرماما»(دراما، «گۈلدۈرماما» ناملىق درامىنىڭ 2-پەردىسىدىن ئېلىنغان)  كىرگۈزۈلگەن. 5SK.R;mn  
جوڭگو ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان تارىخىدىكى داڭلىق دراماتورگ. 1910-يىل تيەنجىندە تۇغۇلغان. w1iQ#.4K_  
44. ۋىليام شېكېسپېر(1564_1616) GadD*psD2  
دەرسلىككە«خاملېت»(تراگېدىيە)  كىرگۈزۈلگەن. #%E~I A%  
ۋىليام شېكېسپېر(تەخەللۇسى) ئەسلىي ئىسمى ئېدۋارد دې ۋېر، دادىسى جون.  ئەنگىلىيەنىڭ 17-،18-ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر دراماتورىگى، شائىرى.دۇنيا درامىچىلىقىنىڭ ئۇستىسى. ئۇ 1564-يىلى ئېۋان دەرياسى بويىدىكى ستراتفورد بازىرىدا باي سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1616-يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ « ياز كېچىسىدىكى چۈش» ، «ۋېنىتسىيە سودىگىرى»( كومىدىيىلەر) ، «رچارد 3»( تارىخىي دراما)،«خاملېت»، «ئوتېللو»، «پادىشاھ لېر»، «مەكبىس»(تراگېدىيەلەر)، «ماكبېت»، يولىئوس كايزار»،«رومېئو ۋە ژۇلېيت»  ھەم نۇرغۇن كومىدىيە ۋە تارىخي درامىلارنى يازغان. ئومۇمەن، ئۇ ئۆمرىدە درامىدىن 36نى يازغان. ئۇنىڭ يەنە 154پارچە 14 مىسرالىق شېئىر ۋە بىرنەچچە پارچە داستان يازغان Pw+ cpM 8<  
45. گۇننام(مۇھەممەت ئىمىن) 7j@TW%FmV\  
دەرسلىككە«كاشىغەر»(غەزەل)  كىرگۈزۈلگەن. X}S 
گومنام(نامى گوم_نامى يوقالغان، نامسىز، نامى ئۆچكەن) 17-، 18-ئەسىرلەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى.يەكەن خانلىقىنىڭ ئاخرقى مەزگىللىرىدە قەشقەردە ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ «مۇھەببەتنامە ۋە مېھنەتكام»(ھىرقىتى تەخەللۇسىدا) ناملىق داسانى، 85 غەزەل، 24رۇبائىي، ئىككى مۇخەممەس، 198 مىسرا تەرجىبەناتىن تەركىب تاپقان «گۇمنام غەزەللىرى» ناملىق دىۋانى(كىتابى)نى يازغان. ئەسلى ئىسمى مۇھەممەت ئىمىن غۇجامقۇلى، يەنە بىر تەخەللۇسى«ھىرقىتى»(يانغان، كۆيگەن مەنىسىدە). X\flx~  
46.ئابدۇللا خاراباتى( 1638~1730( m@TU2  
دەرسلىككە«كوللىيات مەسنەۋى خاراباتى_ئالىملارنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە بايان»(لىرىك شېئىر)  كىرگۈزۈلگەن. * 78TT \q<  
شائىر مۇھەممەت بىننى ئابدۇللا خاراباتى1638-يىلى ئاقسۇ ناھىيىسىنىڭ ئېگەرچى يېزىسىنىڭ چوغانتال كەنتىدە تۇغۇلۇپ  ياشىغان مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرى ۋە ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا بارلىق مال - مۇلكىنى كەمبەغەللەرگە بۆلۈپ بېرىپ ، ئاشىق سۈپەت كۈن ئۆتكۈزگەن، ھەمدە ئۆزىنىڭ جاھالەتلىك دەۋرانغا قارشى شىكايەتنامىسى بولغان مەسنەۋىلىرىنى « كوللىيات مەسنەۋى خاراباتى »( بۇ كىتاب 392 بەت، 13مىڭ مىسرا، 112 بابتىن تەركىب تاپقان. ھازىرغىچە ئۈچ قوليازمىسى يېتىپ كەلگەن) ۋە «مەسنەۋى خاراباتى» دېگەن نامدا ئىككى توپلام قىلىپ  ئىشلەپ چىققان .  شائىر1730-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن خەلق ئۇنى ھۆرمەتلەپ ھەيۋەتلىك  « ھاجى خاراباتى خانىقاسى » نى بىنا قىلىپ ، ئۇنى داۋاملىق ئەسلەپ كەلگەن . SVeL c  
47.ئابدۇرېھىم نىزارى(1141_1209) hGzj}t W8d  
دەرسلىككە«رابىيە-سەئىدىن»(1848-يىلى يېزىلغان شۇ ناملىق داستاندىن پارچە)  كىرگۈزۈلگەن edbzg #wy  
ئابدۇرېھىم نىزارى(«ناتىۋان، مىسكىن، زەئىپ»مەنىلىرىدە) 1770-يىلى قەشقەر شەھرىنىڭ بۇلاقبېشى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1831-يىلىدىن 1948-يىلىغىچە قەشقەر ھاكىمبېگى ئوردىسىدا كاتىپلىق قىلغان. ئارلىقتا زوھۇرىددىن ھاكىمبەگبىڭ ھاۋالىسى بلەن لۈكچۈنگە بېرىپ بىر مەزگخل مۇددەرىسلىك (ئوقۇتقۇچىلىق)قىلغان.ئۇ كاتىپ مەزگىلىدە قەشقەردىكى ئەدىپلەردىن تۇردى ئاخۇن غېرىبى، نەۋرۇز ئاخۇن زىيائىي قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە 1841-يىلدىن 1844-يىلغىچە «ھېكايەتى غېرىب» ناملىق چوڭ ھەجىملىك داستانلار توپلىمىنى يېزىپ چىققان. بۇ توپلامغا نىزارىنىڭ «لەيلى-مەجنۇن»، «مەھزۇن ۋە گۈلنىسا»داستانلىرى، شۇنداقلا زىيائىي بىلەن بىرلىكتە يازغان «چاھار دەرۋىش» ناملىق داستان كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، كېيىنچە«مۇھەببەت داستانلىرى»دەپ ئاتالغان. QCMt4`% 'u  
ئۇ ھەزرىتى موللام (مەھمۇد قەشقىرى)تەزكىرىسىدىن پادىلىنىپ«دىيارى ئىمام» ناملىق كىتابىنى 1848-يىلى يېزىپ پۈتتۈرۈرۈپ، 1850-يىلى ئوپال قۇمباغ(ئازىخ)دا ئۆپكە سىل كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. _jP]ifu`  
48. ئابدۇللا پوسكامى (?oK+,v?L  
دەرسلىككە«ئاتا»(كىتابى ئابدۇللا» ناملىق كىتابىدىن ئېلىنغان پارچە)  كىرگۈزۈلگەن. 2}hEBw68  
ئابدۇللا پوسكامى 1876يىلى قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيىسىنىڭ ئۈجمىئېرىق  كەنتىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ«كىتابى ئابدۇللا»(ئابدۇللا يازغان كىتاب) « ھۆكۈمدارلارنىڭ بايانى»، «سۇ ئىچىدىكى جاندارلارنىڭ بايانى»، «ئۇچارلىق جاندارلارنىڭ بايانى»،«مېۋىسىز دەرەخلەرنىڭ بايانى»، «گۈللەرنىڭ بايانى»، «مېۋىلەرنىڭ بايانى»،«زىرائەتلەرنىڭ بايانى»، «ئاتا-ئانا بايانى»، «مەدداھ-قىسسەخانلارنىڭ بايانى» قاتارلىق مەزمۇنلاردىن تەركىب تاپقان. \iO ,y:  
49. ئابدۇكېرىم راھمان = q;ACW,z  
دەرسلىككە«كىيىم-كېچەك مىللەتنىڭ سىمۋۇللۇق بەلگىسى»  كىرگۈزۈلگەن. v-g2k_ o|  
ئاپتۇر 1941-يىلى قەشقەر شەھرى ئەتراپىدىكى قوغان يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1949-يىللىرىدن 1959-يىللىرىغىچە ئۆز يۇرتىدا باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئوقۇغان، 1959-يىلى شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتېنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1964-يىلى شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىققا قالغان.ئۇ شۇنىڭدىن تارتىپ 1993-يىلغىچە ئوقۇتقۇچى،مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن،ھازىر شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتۇر يېتەكچىسى. ئۇنىڭ«چىنلىق ئەدەبىياتنىڭ جېنى»، «تىپىك پىرسۇناژ ھەققىدە بەزى قاراشلىرم»، «ئەدەبىياتنىڭ بىرىنچى ئامىلى_تىل»،«شېئىر ئىخچام بولۇشى كېرەك»،«ئۇيغۇر ھازىرقى زامان پوئېزىيىسىدە داستانچىلىقنىڭ ئورنى ۋە تەرەققىيات يولى»، «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا سېلىشتۇرما تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا» قاتارلىق ئوبزۇرلىرىنى يازغان ھەم ئالىي مەكتەپلەر «ئەدەبىيات نەزىريىسى» دەرسلىكىنى تۈزۈشكە قاتناشقان.« ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان»، «ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى»، « مەدەنىيەت ئىزلىرىدىن تۇغۇلغان ھېسلار» قاتارلىق تەتقىقات ئەسەرلىرى بار. ئۇ يۇقۇرقىلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن ماقالا ۋە كىتاپلارنىمۇ يازغان. FzW7MW>\x  
50. لۇ شۈن_جۇشۇرىن(1881_1936) s}X2*o`,  
دەرسلىككە«ئەكىلىشپەرۋەرلىك» (1934-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى گېزىتتە ئېلان قىلىنغان، «تىڭىرقار»  ناملىق فىليەتۇنلار توپلامدىن ئېلىنغان)   كىرگۈزۈلگەن. 51l:  
لۇشۈننىڭ ئەسلىي ئىسمى جۇشۇرىن، 1881-يىلى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋشىڭ ناھىيىسىدە ۋەيران بولغان پومېشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 7 يېشىدىن باشلاپ تاغىسى جۇپۇتيەننىڭ تەربىيىسىدە بولغان.1898-يىلىدىن باشلاپ نەنجىن سۇچىلىق مەكتىپى، جياڭنەن ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان. 1902-يىلى ياپۇنيىگە بېرىپ ياپۇن تىلى ئۆگەنگەن.ئوقۇش جەريانىدا فىرانسىيە يازغۇچىسى ژولۋېرىنننىڭ «ئايغا ساياھەت»، « يەر ئاستىغا ساياھەت»دېگەن فانتازىيىلىك رومانلىرىنى تەرجمە قىلغان. 1904-يلى تىببىي مەكتەپتە ئوقۇغان،1906-يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە يۈزلەنگەن. ھەم «يېڭى ھايات»ژورنىلىنى نەشىر قىلغان. ئۇ 1909-يىلى 8-ئايدا ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، بىرنەچچە ئورۇندا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن«سەۋدايى خاتىرىسى»،«كوڭ يىجى»،«دورا»، «كىچىككىنە بىر ۋەقە»،«يۇرتۇم »، «بەخت تىلەش»، «ئا Q نىڭ رەسمىي تەرجىمىھالى» قاتارلىق ھىكايە-پوۋېستلىرىنى يازغان. ئۇ كېيىنكى ئىجايىتىدە ئالتە يۈز پارچىدىن ئارتۇق فىليەتۇن يازغان. ئۇنىڭ «تىڭىرقاش»، «چوقان»ناملىق توپلاملىرى بار. ~xkcQ{  
ئۇ 1936-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى 56 يېشىدا كېسەل سەۋەبىدىن شاڭخەيدە ۋاپات بولغان. HZ )z^K?1  
51.سۇ بۇچىڭ 3Vs8"BFjz  
دەرسلىككە«تىل-ئەدەبىيات ۋە ماتىماتىكا»  كىرگۈزۈلگەن. Jf9a<[CcV  
سۇ بۇچىڭ جوڭگونىڭ ھازىرقى زامان داڭلىق ماتىماتىكا ئالىمى.1902-يىلى جېجياڭ ئۆلۆىسىنىڭ پىڭياڭ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1927-يىلى ياپۇنىيەگە بېرىپ ماتىماتىكا كەسپىدە ئوقۇپ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ ۋەتنگە قايتىپ ئىشلىگەن، ئازاتلىقتىن كېيىن  نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى، مۇدىر بولغان.7-،8- نۆۋەتلىق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 2003-يىلى101يېشىدا شاڭخەيدە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ئۆمرىدە ماتىماتىكىغا ئائىت 160پارچە ماقالىسىنى دۆلەت ئىچى-سىرتىدا ئىلان قىلغان. ?7*.S Lt  
52. يوللۇغ تېكىن =YO q0  
دەرسلىككە«كۈل تېكىن مەڭگۈ تېشى»  كىرگۈزۈلگەن. U]ynnw4  
بىلگە قاغاننىڭ جىيەن ئوغلى يوللۇغ تېكىن مىلادىيە 734-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ۋاپات بولغان ھەم 735-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بىلگە قاغانننىڭ قەبرە تېشىنى بىر ئاي تۆت كۈن يازغانلىقى، ھەمدە بىلگە قاغاننىڭ ئىنىسى كۈل تېكىننىڭ ھايات ۋاقتىدا ئېيتىپ بەرگىنى بويىچە يىگىرمە كۈندە يېزىپ چىققان خاتىرە تاشنى كۈل تېكىننىڭ ۋاپاتىدىن بىر يىل كېيىن ئورناتقانلىقى، ھەمدە ئۇنىڭ قاغان جەمەتىنىڭ شىغاۋۇل بېگى سۈپىتىدە نۇرغۇن مەڭگۈ تاش تېكىستلىرىنى يازغان تۈركى تىلىدا ئەسەر يازغان تۇنجى يازغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.ئۇنىڭ يازمىلىرىنىڭ دەۋرىدىن ئۇنىڭ مىلادى 8-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياشىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. <Y:{>=  
53. ئەختەم ئۆمەر +Hgi l  
دەرسلىككە«يۈرىكىم يىغلايدۇ»(ئەدەبىي ئاخبارات)  كىرگۈزۈلگەن. lK 5@qG#  
   ياش يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر 1963 - يىل 10 - ئايدا مەكىت ناھىيسىنىڭ يانتاق يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1969 - يىلدىن 1979 - يىلغىچە ئۆز يېزىسىدا باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1980 - يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىننىڭ مەكتتىكى شۆبە سىنىپىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1981 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئۆز يېزىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى، يېزىلىق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ناھىيلىك رادىئو ئۇزېلىدا دىكتور بولۇپ ئىشلىگەن؛ 1985 - يىلى قەشقەر خەلق رادىئو ئىستانىسىغا يۆتكىلىپ كېلىپ دىكتورلۇق قىلغان، 1988 - يىلدىن تارتىپ قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولغان، 1994 - يىل 8 - ئايدىن تارتىپ تەڭرىتاغ كىنو ستودىيىسىنىڭ كەسپىي ئىجادىيەتچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.  ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1981 - يىلى <شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى> گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان <بىزنىڭ شۇجى> ناملىق ھېكايىسى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ <ھېلىقى يەر> قاتارلىق نەچچە ئون پارچە ھېكايە، <ئاھ، رەھىمسىز دەريا>، <زېمىن قارا ئادەملەرىڭگە>، <قىيامەتتە قالغان سەھرا>، <قۇرتلاپ كەتكەن كۆل>، <تاش مۇنار> قاتارلىق پوۋېسىتلارنى يېزىپ، كىتابخانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.  ئەختەم ئۆمەر مول ھوسۇللۇق يازغۇچى. ئۇ، پروزىدىن باشقا ساھەلەردىمۇ قەلەم تەۋرىتىپ، <ئۇر توقماق>، <سىرتماق>، <قارا باسقان كېچە> قاتارلىق رادىئو درامىسى ۋە درامىلارنى؛ <گۆلەخ بالىسى>، <توغراقنىڭ رىۋايىتى> قاتارلىق بىر قىسىم ئەدەبىي ئاخباراتلارنى، <يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام> ناملىق چوڭ ھەجىملىك زىيارەت خاتىرىسىنى، <ئۆزىمىزنى تونۇيلى>، <ئۆلگەندىن كېيىن ياسىن ئوقۇمدۇق ياكى تىرىك چېغىدا پەرۋىش قىلامدۇق> قاتارلىق پوبلىستىك ماقالىلەرنى، <دولان مەشرىپىنىڭ دراماتىك ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا>، <يازغۇچى بولمىسا بولمايدۇ> قاتارلىق ئىلمىي، ئەدەبىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان.  ئەختەم ئۆمەرنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <ئاھ، رەھىمسىز دەريا> (1986 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، <قىيامەتتە قالغان سەھرا> (1989 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېسىت، ھېكايە، نەسرلەر توپلىمى، <تۇنجى ئاخشام> (1992 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <سۆيگۈ قەدرى> (1994 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلاملىرى، <يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام> (1994 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق ئەسىرى قاتارلىقلار بار. <يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام> ناملىق ئەسەرنىڭ ئۈنئالغۇ لېنتىسى 1994 - يىل شىنجاڭ ئۈن - سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.  ئەختەم ئۆمەر ھازىر 2 - دەرىجىلىك كەسپىي ئىجادىيەتچى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى _Dr9 w&;<  
;G.5.q[A  
54.  سى ماچىيەن J}BN}|Y@2  
دەرسلىككە«ليەن پو ۋە لىن شياڭرۇ قىسسىسى»(«تارىخىي خاتىرىلەر»دىن ئېلىنغان)  كىرگۈزۈلگەن. m Q4(<,F  
سىماچيەن مىلادىدىن بۇرۇن 145-يىلى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ خەنچېڭ ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدىكى ياڭياڭدا تۇغۇلۇپ.مىلادىدىن بۇرۇن  87-يىلى ۋاپات بولغان.تەخەللۇسى زىچاڭ. ئۇ 20 يېشىدىن باشلاپ ساياھەت تۇرمۇشىنى باشلاپ، دادىسى  ئارزۇسى بويىچە نۇرغۇن ماتىرياللارنى توپلاپ «تارىىي خاتىرىلەر» يېزىپ قالدۇرغان.ئۇنىڭ يەنە سەككىز پارچە نەزم-سەجئىسىنىڭ بارلىقى مەلۇم بولۇپ، بىزگىچە بىر پارچىسىلا يېتىپ كەلگەن. iO+,U}&  
55.مۇھەممەت سالىھ مەتروزى )0+6^[Tqq  
دەرسلىككە«ئوغلانغا تۇتۇلغان گۈلدەستە»(ئەدەبىي ئاخبارات)  كىرگۈزۈلگەن. 0xVw{k}1U  
يازغۇچى شائىر ژورنالېست مۇھەممەد سالىھ مەتروزى 1968-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى خوتەننىڭ چىرا ناھىيىسى چىرا يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.198-يىلدىن 1991-يىلغىچە مەركىزى مىللەتلەر ئونىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ، 8-ئايدا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدا «ئىشچىلار ۋاقىت گېزتى»دە مۇھەررىر، تەرجىمان،مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن.1992-يىلى 5-ئايدىن 1994-يىلى5-ئايغىچە، خوتەن كېرىيە موللاغا بازىرىدا بازار باشلىقى ياردەمچىسى بولۇپ چېنىققان.1995-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ «شىنجاڭ ئىشچىلار ھەركىتى»ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرى، مەسئۇل مۇھەررىرىبولغان. ھازىر مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرى«يۇلتۇزلارنى قىلسام زىيارەت»، تۇنجى ھىكايىسى«كۈلۈمسىرەش»، تۇنجى ئەدەبىي ئوبرازى «شېئىر نېمە دەيدۇ»قاتارلىقلارنى ئېلان قىلغان.ئۇ شۇنىڭ باشلاپ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان. چوڭ ئەسەرلىرىدىن«مەن بۇ شەھەردە مۇھەببەت ئۈچۈنلا ياشاپ قالدىم»(ئەدەبىي ئاخبارات توپلىمى)، «سېنى دەيمۇ»،«قىزىل ئالما»،«قىز كەپتەر»، «كاۋا چېچىكى. ئاق چوكان» ناملىق رومانلىرى، «ياشاپ باقە، بەرنا»،« دىكى-دىكى، روزىخان» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، «ئالما چېچىكى توزىمايدۇ»(ھىكايىلەر توپلىمى)، «قىزلار شەھرىدىكىمەخپىي خاتىرىلەر»(ئاخباراتلار توپلىمى)قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن تىلۋېزىيە تىياتىرى ئەسەرلىرىنىمۇ يازغان. ئۇنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرىۋە ماقالىسى 600يۈز پارچىدىن ئارتۇق، ھەرخل ئاخبارات ئىلمىي ماقالا ۋە ئەدەبىي ئاخبارات ئەسەرلىرى 800پارچىغا يەتكەن.
%|j`z?i|  
Znr@-=xZO*  
مەنبە:مەكتەپ دەرسلىكى

nargizguli 2014-06-03 18:26
بۇ ماتىريال بەك ئەسقاتاتتى، رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم.

natiwan 2014-06-03 18:26
ۋەزنى بار تېمىلارنى يوللاپسىز، رەھمەت سىزگە

بابۇر0725 2014-06-03 22:30
بەكلاياخشى تۇلۇق ئەتراپلىق رەتلىنىپتۇ.چۈشۈرۈپ ساقلىۋالاي.رەھمەت سىزگە

ئەكبەرنىياز 2014-06-04 08:51
ئاجايىپ كاتتا ئەمگەك بوپتۇ ، كۆپ رەھمەت !!!

نۇرلالە 2014-06-04 11:27
رەھمەت .قېق ئەجىر قىلىپسىز،

شەھلا 2014-06-05 10:41
كۉپ ئەجىر سىڭدۅرۅپسىز . رەھمەت سىزگە. y.rN(  

koksangun 2014-06-05 16:15
نادىرلاپ قوياي دېسەم نادىرلىنىپ بوپتۇ ئەمەسمۇ؟ كاتتا ئىش قىلىپسىز رەھمەت سىزگە...

tawpek 2014-06-10 14:55
42.مۇھەممەتئەلى زۇنۇن jL VJ+mu  
I>c,Bo7  
يىقىندىن بىرى ۋاپات بولغان ئاپتۇرلىرىمىزنى يەنە بىر تۈر بويچە رەتلەپ بىر ماتىرىيال قىلىپ چىقساقمۇ بولىدىغان ئوخشايدۇ؟


查看完整版本: [-- تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر 4 دىكى ئاپتۇرلار --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled