查看完整版本: [-- تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر 3 دىكى ئاپتۇرلار --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمھال ئەسەرلەر -> تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر 3 دىكى ئاپتۇرلار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تىلداش 2014-06-03 17:43

تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر 3 دىكى ئاپتۇرلار

زۆرۈر3   تىكى ئاپتۇرلار: y^>Q/H\  
28. زوردۇن سابىر ( 1937~ 1998 )   Qq& W3  
دەرسلىككە «دولان ياشلىرى» (ھىكايە،«شەبنەم» ناملىق ھىكايىلەر توپلىمىدىن ئېلىنغان) كىرگۈزۈلگەن .1 )RW5|c  
زوردۇن سابىر غۇلجا ناھىيىسىنىڭ بايتوقاي يېزىسى ساقى يۈزى_تۆۋەنكى ئون(ھازىرقى يېڭىتام يېزىسى بوستان كەنتى)دە تۇغۇلغان. $"JpFT  
1957-يىلى ئىلى دارىلمۇئەللىمىن(سىفەن)نى پۈتتۈرگەن.1964-يىلى 11-ئايدا غۇلجا شەھەر ئۈمىد مەكتەپ(2-ئورتا)كە يۆتكەلگىچە دارىلمۇئەللىمىننىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان. 1979-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتىغا يۆتكىلىپ مۇھەررىربولغان، 1981-يىلى بېيجىڭدا جوڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەدەبىيات سىمنارىيىسىدە ئوقۇغان. ئۇ 1955-يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجايەتكە كىرىشكەن، دەسلەپ شېئىر، ھىكايە، دراما، ئوپېرالارنى يازغان. 1972-يىلىدىن باشلاپ ھىكايە يېزىقچىقىنى ئاساس قىلغان. ,:n| ?7  
ئۇ«شەبنەم»(شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى،1980-يىل)، « ساداقەت » (مىللەتلەر نەشىرياتى، 1983-يىل)، « ئارچا ياپرىقى »( شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى،1985-يىل) «جىگدىلەر پىچىرلايدۇ» (شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى، 1986-يىلى)، « ئۇنتالمايمەن گۈلسارە» (قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى، 1989-يىل)، ، قاتارلىق ھىكايە، پوۋېست توپلاملىرى ۋە« ئاۋرال شاماللىرى »( شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى،1981-يىل )،« ئىزدىنىش »(1) (2) (شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى،1984، 1990-يىللار) ،« ئاتا » ،« ئانا يۈرت »  رومانلىرى نەشىر قىلىنغان. زوردۇن سابىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي پىسخىكىسىنى قېزىشقا ، قويۇق مىللىي تۇرمۇش پۇرىقىنى چىقىرىشقا ماھىر بولۇش سۈپىتى بىلەن بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغان تۆھپىكار، سەركەردە ئەدىب. #U7_a{cn"M  
29.ئابدۇللا ساۋۇت e9pOisZ;8  
دەرسلىككە «شىراق» (ھىكايە،1999-يىلىنەشىرىدىكى«شىراق» ناملىق تاللانما ھىكايىلەر توپلىمىدىن ئېلىنغان) كىرگۈزۈلگەن   cc=gCE  
ئاپتۇر 1950-يىلى ئاقسۇدا تۇغۇلغان.پروزا ئىجادىيىتىدە مولھوسۇللۇق يازغۇچى ھەم غەزەلچىلىكتىمۇ داڭ چىقارغان شائىر.ئۇنىڭ «ھاياتلىق زەنجىرى»، «چاقماق»،« پۈتمەس سەترىلەر» قاتارلىق رومانلىرى، «دات باسماس قىلچ»، «تاش بوران» ناملىق پوۋېست، ھىكايىلەر توپلىمى نەشىر قىلىنغان.ئۇنىڭ تارىخىي تېمىدا يازغان «چاقماق» دېگەن رومانى  بىلەن «قانلىق قىرغاق» دېگەن پوۋېستى زور تەسىرەە ئىگە. 0X|_^"!  
30.ئايشەم ئەھمەت & -l8n^  
دەرسلىككە «مۇھەممەت بېشىر چىڭۋاڭ» (شۇ ناملىق روماندىن پارچە) كىرگۈزۈلگەن. ] f>]n  
ئايشەم ئەھمەت 1942-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان. يازغۇچى .ژۇرنالىست. &-yGVx  
ئۇنىڭ «باغداش چېچىكى»، «مەلىكە مەڭزىدىكى داغ»(ھىكايە-پوۋېستلار توپلىمى)، «مېھرىبانۇۋاڭ»(تارىخىي دراما)، «خانىم-قىزلار دەستۇرى»(ئىلمىي ئەسەر)، «ئۆچمەس ئىزلار»(رومان)، «مۇھەممەت بېشىر چىڭۋاڭ»(رومان) قاتارلىق كىتابلىرى بار. 2C^B_FUg|]  
31. رەبغۇزى(1279_1351) M(q'%XL^  
دەرسلىككە«غەزەل» («قىسسەسۇل ئەنبىيا»قىسسە، رومانىدىن ئېلىنغان) كىرگۈزۈلگەن. Tpp&  
نەسىردىن بۇرھانىدىن ئوغلى رەبغۇزى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر ئەدىب. ئۇنىڭ «قىسسەسۇل ئەنبىيا»(ئەۋلىيالار_پەيغەمبەرلەر قىسسىسى ،« قىسسەئى رەبغۇزى»دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئەسىرى  72بابلىق چوڭ  ھەجىملىك  نەسرىي ئەسەر بولۇپ، ھىجىريە  710-يىلى،  مىلادىيە 1311يىلى 3-ئايدا يېزىلغان. 34|a\b}  
32. مەۋلانە ئەبەيدۇللا لۇتفى ( 1366~ 1465)   H4-qB Z'  
دەرسلىككە «غەزەل» («دىۋانى لۇتفى»دىن ئېلىنغان) كىرگۈزۈلگەن. x 
ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ⅩⅤ ئەسىردىكى يېتەكچى نامايەندىسى مەۋلانا لۇتفى(ياخشى نىيەتلىك،پەزىلەتلىك) ھىراتتا ياشاپ  كەلگەن بولۇپ ،بەزى ئۇچۇرلاردا ئۇنى قەشقەر ياكى خوتەندە تۇغۇلغان بولۇشى مۈمكىن دەپ قارىلىدۇ. ئۇ بىر يىل كەم بىر ئەسىرلىك ھاياتىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئىجادىيەتكە بېغىشلىغان .ئۇ خۇراسان رايۇنىدا تۈركىي تىللىق ئەدەبىياتنىڭ قايتىدىن جانلىنىش ۋە راۋاجلىنىشىدا بايراقدار بولغان كاتتا شائىرلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ «دىۋانى لۇتفى» ناملىق غەزەلەر توپلىمى،« گۈل ۋە نەۋرۇز » ناملىق داستانى ئالاھىدە خاراكتېرلىكتۇر .ئۇنىڭ خوتەن گۇمىدىن تېپىلغان قوليازما ئەسىرى«مەشھۇنۇلھەقايىق»(ھەقىقەتلەر شەرھى) ناملىق ئەسىرىمۇ ساقلىنىپ قالغان. لۇتفىغا نەۋائى « ئۆز دەۋرىنىڭ مەلىكۇلكەلامى » ( سۆز پادىشاھى ) دەپ نام بەرگەن . K r`]_m  
33. ئەلىشىر نەۋائى ( 1441-1510)   ~|Y>:M+0Z  
دەرسلىككە«ئەدەپ-ئەخلاق توغرىسىدا» (مەسنەۋى) كىرگۈزۈلگەن. hPhZUL%  
شەرق شېئىرىيىتىنىڭ ئاجايىپ جىلۋىدار گۈلتاجى بولغان ، ئىجادى بىلەن جاھانغا تونۇلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىنىڭ شانلىق ئىپتىخارى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، شائىر،ئەدەبىياتشۇناس ۋە ۋەزىر ئەلىشىر نەۋائى(ناۋا قىلغۇچى) 1441-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى ھىراتتا تۈغۇلغان، 1501-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى ۋاپات بولغان.ئۇ يەتتە يېشىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن . ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، بۇلارنىڭ ئىچىدە « خەزائىنۇل مەئانى »(مەنىلەر غەزىنىسى) ناملىق دىۋانى بىلەن « خەمىسە »(داستانلار_بەش داستان) ناملىق داستانلار توپلىمى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ . ئۇنىڭ «مەجالىسۇن نەفائىس»(گۈزەللەر يىغىلىشى)، «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين»(ئىككى تىل ھەققىدە مۇھاكىمە)، «مەھبۇبۇل_قۇلۇپ»(كۆڭۈللەر سۈيگۈنى) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 4JIYbb-a'  
34.ھۆسەيىن بايقارا(1438_1506) -| yb[~3  
دەرسلىككە«غەزەل»  كىرگۈزۈلگەن. VzS&`d.h  
ئۇ ئۆز زامانىسىنىڭ تونۇلغان شائىرى ۋە دۆلەت ئەربابى_خۇراسان پادىشاھى بولغان. ئۇ ناۋائىينىڭ ساۋاقدىشى ھەم يېقىن دوستى. -_VG;$,jE  
]LPQYL  
y? (2U6c  
35.نەزەر غوجا ئابدۇسەمەت(1887_1952) 5-u=o )>  
دەرسلىككە«ئالتە شەھەرگە سەپەر»(سەپەر خاتىرىسى_مۇھاكىمىلىك نەسىر)  كىرگۈزۈلگەن. M<?Q4a'Q  
نەزەر غوجا ئابدۇسەمەت ئۇيغۇر بالىسى قازاقىستاننىڭ يەتتە سۇ رايۇنىدا تۇغۇلۇپ، ئىلى چاپچال ناھىيىسى جاغىستاي يېزىسىدا ۋاپات بولغان، قەبرىسى جاغىستاي يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئارقىسىدىكى قەبرىستانلىقتا. ئۇ داڭلىق مائارىپچى، تارىخچى، ئەدىب. ئۇنىڭ «نازۇكۇم»، «مەدەنىيەت ۋە مائارىپ»، «ئىلى ۋىلايىتىنىڭ تارىخى»، «يورۇق ساھىللار» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. Zc& &[g  
36.گۇلنار يارنىڭ(1907_2002) :bU(S<%M  
دەرسلىككە«ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلۇبىدىكى قەشقەر» («قەشقەرگە قايتا سەپەر» ناملىق كىتابنىڭ 1-قىسىم 2-بابىدىن ئېلىنغان، سەپەر خاتىرىسى)  كىرگۈزۈلگەن. XdEPbD-  
گۈلنار ئافىرد ياررىڭ شىۋىتسىيىلىك داڭلىق تۈركولوگ.ئۇ 1-قېتىم 1929-1930-يىللىرى، 2-قېتىم 1978-يىلى قەشقەرگە سەپەر قىلغان. مۇشۇ سەپەرلەر ئاساسىدا 1979-يىلى «قەشقەرگە قايتا سەپەر» ناملىق ئىككى قىسىملىق كىتابىنى يازغان. ئىككىنچى قىسمىغا ئاپتۇرنىڭ تەتقىقات ماقالىلىرى كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ يۇقۇرقى سەپەر خاتىرىسىدىن باشقا يەنە «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ جەۋھەرلىرى»، «شەرقىي تۈركىيەچە، ئىنگىلىسچە دىياكلېتىكا لۇغىتى»، «قەشقەر تېكىستلىرى»، «ئوتتۇرا ئاسىيىدىكى تۈركىي يەر-جاي ناملىرى_لوپنۇر ۋە تارىم ۋادىسى تىمسالىدا»قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. /BKe+]dS*  
`rY2up#%  
37.ئەسئەت سۇلايمان OV CR0  
دەرسلىككە«پارىژغا ساياھەت»(«ئۆزلۈك ۋە كىملىك»نىڭ 24-بابىدىن قىسقارتىپ ئېلىنغان،سەپەر خاتىرىسى)  كىرگۈزۈلگەن. kW=z+  
ئەسئەت سۇلايمان 1969-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان.شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىنىڭ پرودېسسورى،دوكتور. «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ»، «تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە»، «بۆرە تۇتىمى»، «ئۆزلۈك ۋە كىملىك»(شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى،2006-يىلى) ناملىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان. 1-SVCk -  
38. جۇ لىمىڭ zQy"m-Q  
دەرسلىككە«ھايۋانلارنىڭ ئوينىشىدىكى سىرلار»(چۈشەندۈرۈش ماقالىسى)  كىرگۈزۈلگەن. @# P0M--X  
تەرجىمھالىدىن ماتىريال كەمچىل : DG)g3#  
39. كاكۇ مىچىئو(ياپۇن قېنىدىكى ئامرىكىلىق فىزىك) 2 mjV~  
دەرسلىككە«بىر فىزىكنىڭ تەربىيىلىنىش جەريانى» (چۈشەندۈرۈش ماقالىسى) كىرگۈزۈلگەن. >r5P3G1  
40.ئابباس بۇرھان &tR(n$ M@>  
دەرسلىككە«قۇشلار نېمىشقا ئۇچالايدۇ»(«قۇشلار ئىنسانلارنىڭ دوستى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىنغان_چۈشەندۈرۈش ماقالىسى)  كىرگۈزۈلگەن. R  
ئاپتۇر 1932-يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ «قۇشلار ئىنسانلارنىڭ دوستى»(1983-يىل نەشرى)، «ئۆسۈملۈك ئاسراش ھەققىدە» قاتارلىق ئىجادىي ۋە تەرجىمە كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان. *TW=/+j  
0x2!<z  
41.ئابلەت ئابدۇللا SM0M%  
دەرسلىككە«<ساقچى>ھەسەل ھەرىسى كۆزەتتە»(«ھەسەل ھەرە پادىشاھلىقىنىڭ سىرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىنغان_چۈشەندۈرۈش ماقالىسى)  كىرگۈزۈلگەن. ',7??Q7j&v  
ئاپتۇر1944-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان. شائىر ھەم يازغۇچى. ئۇنىڭ«ئىلى مۇھەببىتى»، «ئاق دالا» قاتارلىق شېئىر ۋە داستانلار توپلاملىرى، «كۆمۈش ئۆزەڭگە»، «داغدا قالغان تۇنجى مۇھەببەت» ناملىق ھىكايە-پوۋېستلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان. «ھەسەل ھەرە پادىشاھلىقىنىڭ سىرى»2001-يىلى شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرياتىدا نەشىر قىلنغان.
_&3<6$}i"  
TjK{9A  
مەنبە: مەكتەپ دەرسلىكى

natiwan 2014-06-03 18:14
تۇلىمۇ ياخشى ماتېرىيال بوپيۇ، رەخمەت

بابۇر0725 2014-06-03 22:24
ئەتراپلىق ياخشى رەتلىنىپتۇ  

ئەكبەرنىياز 2014-06-04 08:53
تىلداش ئۇستازنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت !!!

tawpek 2014-06-10 14:52
ئاپتۇرلارنى مەلۇم بىر تەرتىپكە ئاساسەن تىزدىڭىزمۇ ياكى؟ Q0?\]2eet9  
 uD_v!  
قارىغاندە دەرىسلىك مۇندەرىجىسى ئاساس قىلىنغان ئوخشىمامدۇ؟ "; [ iZ  
4:3rc7_ 1  
ياشىغان يىل دەۋرىنى ئاساس قىلىپ تۈزسە بۇمۇ بىر ئەدەبىيات سەنئەت تارىخى بولوپ قوش ئۈنۈملۈك بولاركەنتۇق

تىلداش 2014-06-10 19:30
مۇندەرىجىدىكى تېكىستلەرنىڭ تەرتىپى بويىچە رەتكە تىزىلدى. yZ]:y-1  
تولۇقسىزنىڭ نەشىر قىلغان قوللانمىسى بار.


查看完整版本: [-- تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر 3 دىكى ئاپتۇرلار --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled