تىلداش |
2014-06-03 17:36 |
تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر 1 دىكى ئاپتۇرلار
مەزكۇر توپلامنى مۇشۇ مۇنبەر ۋە دەرسلىك كىتاب ھەم باشقا ماتىرياللاردىكى پايدىلانمىلارغا ئاساسەن ئىشلىگەن. كۆپچىلىكنىڭ بىرلا ئورۇندىن ئورتاق پايدىلىنىشى ئۈچۈن مۇنبەرگە يولاندى، ھەجىم جەھەتتىن قىسقارتىلغانلىرىنى تولۇقلاپ ئىشلىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. p=7kFv زۆرۈر 1 دىكى ئاپتۇرلار: EW]gG@w]5r 1. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر(1901-1933) [#2= w دەرسلىككە«غەزەپ ۋە زار» (شەكلى_غەزەل، خارەكتىرى_سىياسىي لىرىكا، پائىلاتۇن ۋەزنى، رەمەل بەھرى، 1927-يىلى يېزىلغان) كىرگۈزۈلگەن. gQ
/zk3?k 1901- يىل 2- ئاينىڭ 9- كۈنى تاڭ سەھەردە، تۇرپان يېڭىشەھەردىكى ئاۋات سودا دۇكانلىرى جايلاشقان بىر كوچىدا، مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچى ئابدۇراخمان مەخسۇم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.1933-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى شىڭ سىسەي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.ئۇ ئۇيغۇر يېڭى دېموكراتىك ئەدەبىياتىنىڭ بايراقدارى، ۋەتەنپەرۋەر ئىلغار شائىر، تىز پۈكمەس مەرىپەتچى، ئوت يۈرەك ئىنقىلابچى ئىدى. ئۇنىڭ «ئۈزۈلمەس ئۈمىد»، «ئاچىل»، «ئويغان»، باردۇر»، «ياز تۈنى» قاتارلىق شېئىرلىرى داڭلىق. t0?BU~f 2. مەمتىلى ئەپەندى ( 1901~1937 ) .g4bV5ma3 دەرسلىككە «تۈرمە خاتىرىسى»(1937-يىلى 3-ئاي يېزىلغان.ئىنتىم لىرىكا، مۇرەببە ۋە ئىككى بىيىت_ مەسنەۋى) 4Q3Q.( ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بايراقدارى ، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تونۇلغان ۋەكىلى ، ئوت يۈرەك شائىر مەمتىلى توختاجى ( تەخەللۇسى تەۋپىق ) ئاتۇشنىڭ بويامەت يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن . ئۇ قىسقىغىنا 36 يىللىقى ھاياتىدا ئۆز خەلقىنىڭ مائارىپى ئۈچۈن ، ئەدەبىياتى ئۈۈن ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان . ناھايىتى كۆپ بىلىملىك زىيالىيلارنىڭ بېشىغا چىققان قانخور جاللات شېڭ شىسەي مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىلغار ئىدىيىسىدىن ئەنسىرەپ ،ئۇنى كۆپدۈرۈپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن . e1+
%c9UQ 3. لۇتبۇللا مۇتەللىپ ( 1922~ 1945) m0\(a_0V دەرسلىككە «يىللارغا جاۋاپ»(1944-يىلى ئاقسۇدا يېزىلغان.سىياسىي لىرىكا، مۇرەببەشەكلى، بارماق ۋەزىن) dd$\Q ئۇ قازاقىستاننىڭ يەتتە سۇ رايۇنىدىكى چونجا مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. 1945-يىلى ئاقسۇدا گومىنداڭ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.ئۇ ئوت يۈرەك شائىر ، ئىنقىلابىي جەڭچى ، ئۇنىڭ «بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى»، ][qZOIk@ « يىللارغا جاۋاپ » ، « خىيالچان تىلەك »،« ياشاش ئۈچۈن كۈرەش» قاتارلىق ئۆلمەس شېئىرلىرى ،«پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ»، «ئەجەل ھودۇقۇشىدا» قاتارلىق فېليەتۇنلىرى مەشھۇر. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان ئوغلانى لۇتپۇللا مۇتەللىپ (ھېزىم مۇتەللىپ ئوغلى، تەخەللۇسى قاينام ئۆركىشى ) ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا 23 يىللىق ھاياتىدا پەقەت توققۇز يىل ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ ، ئاز بولمىغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ ، ۋەتىنى ، خەلقىگە قالدۇرپ كەتتى . ئۇ ئاشۇ مىراسلىرى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ .
y)(@ 4. تېيىپجان ئېلىيوف ( 1930~ 1989) y8,es$ دەرسلىككە «رۇبائىيلار»دىن تۈت پارچە كىرگۈزۈلگەن Vuz!~kLYIn ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور ئابرۇي قازانغان ئاتاقلىق شائىر ، ئەدەبىياتشۇناس. iOD9lR`s ئۇ يېڭى ھايات ۋە پارلاق كېلىچەكنىڭ يالقۇنلۇق كۈيچىسى بولۇپ ، يۈكسەك ھۆرمەتكە ئېرىشكەن كۆپ مەھسۇلاتلىك شائىر .ئۇنىڭ شېئىرلىرى ناھايىتى كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان ھەمدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا سالماق ئورۇن تۇتىدىغان ئەدەبىي مىراسقا ئايلانغان . eL-92]]e تېيىپجان ئېلىيېف 1930-يىلى 4-ئايدا قورغاس ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. «شەرق ناخشىسى»، «كۆرەش ناخشىسى»، «تۈگىمەس ناخشا››،«ۋەتەنگە مەدھىيە»، «زەپمۇ چىرايلىق كەلدى باھار»، «يېڭى باھار شېئىرلىرى»، «شېئىرلاردىن تاللانما» قاتارلىق كىتاپلىرى نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى قىسىملىق خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان شېئىرلار توپلىمى بار. چۇيۈەننىڭ «جۇدالىق زارى»نى تەرجىمە قىلغان. 1989-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى كىسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن. K$K[fc
j 5. بۇغدا ئابدۇللا Ie+z"&0 دەرسلىككە «بۈگۈن ۋە ئەتە»(بارماق ۋەزىن ئاساس، چاچما شېئىر قوشۇمچە قىلىنغان _گۇڭگا شېئىر)كىرگۈزۈلگەن 9K%E+_7b بۇ لىرىك شائىر 1941-يىلى 11-ئايدا لەنجۇدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ «سالغا تېشى»، «قىز قەلئەسى»،«يەلكەن»، «چۈش كۆرۈدۇ بىر تۈپ ئانارگۈل» قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى بار. $Y ]*v)}X 6. ئارىسلان(1946-1996) 9^jO^[> دەرسلىككە «يۇلتۇزلار يۇرتى»(داستاندىن پارچە_ئىپىك شېئىر) كىرگۈزۈلگەن oR3$A :!P= ئارىسلان ئەسلى ئىسمى مۇھەممەت ھوشۇر ،دۆربىلجىن ناھيىسىدىن.شائىر ۋە ئەدەبىي تەرجىمان.ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن«ياشلىق يۇلتۇزلىرى»،«ئۆلمەس تۇيغۇلار»،«يۇلتۇزلار يۇرتى»،زېمىن ئەركىسى»ناملىق شېئىرلار توپلىمى،«ئۇپۇقتىكى سۈرەتلەر »،«كۈلپەتلىك مۇھەببەت»قاتارلىق پوۋېستلىرى ،«قىساس خەنجىرى»ناملىق كىنو سىنارىيەسى بار. ;Hm\?n)a شائىر ئارسىلان ئۆز ئەسەرلىرىدە باشتىن - ئاخىر ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىنى مۇھىم ئورۇندا قويغان بولوپ ، ئەدەبىياتىمىزدىكى بۇ ئەنئەنىۋى تېمىنى تېخىمۇ بەدىئىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ ئەۋلادلىرى قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان . 7AtJ6 7. ئەھمەت ئىمىن v'Lckw@G4 زۆرۈر دەرسلىك 1گە «ئانا تىلىم» (لىرىك نەسىر)، زۆرۈر دەرسلىك 2گە «مېنىڭ بىر كۈنۈم» (ئىپىك نەسىر) كىرگۈزۈلگەن {zg}KiNDZd ئەھمەت ئىمىن 1950-يىلى 4-ئايدا ئۈرۈمچىدە سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. داڭلىق نەسىرچى ۋە ئەدەبىي تەرجىمان، مۇھەررىر. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن « قەلب ساداسى»(1985-يىل)، «باھار تىنىقى» (1992-يىل،نەسىرلەر،پوۋىستلار)، «جۇلدۇر كېپەن خوتۇننىڭ ساداسى»(2000-يىل)،«مېنىڭ بىر كۈنۈم»، «ئېھ، دېھقىنىم» قاتارلىق نەسىرلەر توپلاملىرى بار.ئۇ يەنە «ھالاكەت»،«چۆرە قىز ئىزورا»،«مۇھەببەت ئۇچقۇنى» چەتئەل ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان. WXGLo;+>I 8. جۇزىچىڭ(1898_ 1948) hp[8.Z$7 دەرسلىككە «نېلۇپەر كۆلىنىڭ ئايدىڭدىكى مەنزىرىسى» (لىرىك نەسىر. 1927-يىلى 7-ئايدا يېزىلغان. «جۇزىچىڭ نەسرلىرى»توپلىمىدىن ئېلىنغان. ) كىرگۈزۈلگەن. ^8We}bs-c جۇزىچىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ياڭجۇدىن. ئەسلىي ئىسمى زىخۇا. جوڭگۇ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى داڭلىق نەسىرچى، شائىر،ئالىم. ~/gqXT"> 9. جىبران خېلىل جېبران (1883_1931) `bivAL دەرسلىككە «گۈل ناخشىسى»( نەسىرىي شېئىر) كىرگۈزۈلگەن "9R3S[ جىبران خېلىل جېبران ئامرىكا تەۋەلىكىدىكى لېۋانلىق شائىر،رەسسام، خىرىستىيان دىنىدىكى ئەرەب. نەسرىي شېئىرلار توپلىمى «ياش ۋە كۈلكە»، «دانىشمەن»،«ئاسىي روھ»، «قۇم ۋە بۇژغۇن». -KOE2f 10. ئەنەيتۇللا قۇربان (1958.1_2011.7.1)
+/AW6 دەرسلىككە «ئانا تۇپراق_گۆھەر زىمىن»(لىرىك نەسىر)كىرگۈزۈلگەن =Ermh7, شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى،دوتسېنت بولۇپ،2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى دەرس مۇنبىرىدە يىقىلىپ،داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي،ۋاپات بولۇپ كەتتى.ئۇ 1958-يىلى 1-ئايدا توقسۇن ناھىيىسىدە ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىدە تۇغۇلغان.ئۆز يېزىسىدا باشلانغۇچ مەكتەپنى، 1976-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملاپ،ناھىيىلىك رادىئو ئۇزىلىدا مۇخپىر ۋە دىكتور بولۇپ،ئىشلىگەن.1978-يىلى 2-ئايدىن 1983-يىلى 2-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇپ،شۇ پاكۇلتىتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىغا ئېلىپ قېلىنغان ۋە ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئوقۇتقىچىلىق قىلىپ كەلگەن. c 8E& 11. لېف. تولىستوي(1828_1910) ? NVN&zD] دەرسلىككە «بىر ئادەمگە نۇرغۇن زىمىن لازىممۇ؟» (ھىكايە)كىر- گۈزۈلگەن |8V+(V
zl لېف نىكولايۋىچ تولىستوي 19-ئەسىردىكى روسىيەلىك ئۇلۇغ ئەدىب، تەنقىدىي رېئالىزم ئەدەبىياتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن : « ئۇرۇش ۋە تىنچلىق»، «تىرىلىش»( مۇساجان ئەزىزى تەرجىمىسى) ، «ئاننا كارىننا»( راھمان مامۇت تەرجىمىسى)، «ھاجى مۇرات»(مۇھەممەت شاۋدۇن تەرجىمىسى)، « ئىقرارنامە » قاتارلىق رومانلىرى بار. « ئىقرارنامە» دىن باشقىلىرى ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان. lZE x0 Ns&SZO 12.ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ( 1923~ 1995 ) lts{<AU~ دەرسلىككە «ئاقچۇق سېيىدا» («ئىز» _1984-يىلى نەشىر قىلىنغان رومانىدىن پارچە) كىرگۈزۈلگەن P62g7>B5^ كۈچلۈك رېئالىزىملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخى ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسەك پەللىسىنى ياراتقان مەشھۇر ئالىم، تالانتلىق شائىر يازغۇچى، تارىخچى ۋە تىلشۇناس ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئەدىبلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ ئىلگىرى– ئاخىر«قەشقەر كېچىسى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1980– يىل)، «ئىز» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1985– يىل)، «ئۆمۈر مەنزىللىرى»، (شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى، 1985– يىل)، «ئويغانغان زېمىن»، (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1989– يىل) قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان. ‹‹قەشقەر كېچىسى» ناملىق داستانى مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى باھالاش پائالىيىدە 1– دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 1981– يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇز يىلدىن بۇيانقى مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى مۇكاپاتلاش يىغىنىدا 1– دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. «شېئىر ۋە شائىر»، « تۇرپان تەسىراتلىرى»، «قەشقەر كېچىسى»، ‹‹ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك›› قاتارلىق شېئىر ۋە داستانلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، «شېئىرىيەت»، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»، «شىنجاڭ ئەدەبىيات– سەنئىتى» (ھازىرقى «غەربى دىيار ئەدەبىياتى») قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان. Y+j|T`d ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1923– يىلى قۇمۇلدا ئوتتۇرا ھال تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى تىلەش بېگىم ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن ئابدۇرېھىمنى ئۆزىنىڭ سودىگەر دوستى ئوسمان ھاجىمغا بېرىۋەتكەن. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۆيدە ساۋاتىنى چىقارغاندىن كېيىن، دىنى مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن. 1934– يىلى ئوسمان ھاجىم بىلەن بىللە ئۇچتۇرپانغا كۆچۈپ بېرىپ، شۇ يەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن. 1936– يىلى ئۈرۈمچى بىرىنجى گىمنازىيىدە ئۈچ يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، 1939– يىلى شىنجاڭ دارىلفۇنۇنغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1942– يىلى بۇ مەكتەپنىڭ پېداگوگىكا فاكولتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. 1944– گومىنداڭ تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلىنىپ، 1945– يىلى چىققان. 1995–يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان. ~eE2!/%9 ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەدەبىيات تارىخى تەتقىقاتىدىمۇ خوشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ ئىلگىرى– ئاخىر «ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئارۇز ۋەزنى مەسىلىسى»، «قەدىمقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا»، «قەدىمقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى شانلىق نامايەندە— قۇتادغۇ بىلىك»،«بۈيۈك مۇتەپەككۇر، شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىدىيىۋى سىستېمىسى توغرىسىدا»، «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئىجادىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە بەدىئىي قىممىتى توغرىسىدا» قاتارلىق يىگىرمە نەچچە پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھەرقايسى دەۋرلەردىكى يۈكسىلىش جەريانىنى تارىخى جەھەتتىن توغرا باھالاپ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولغان. E3sl"d;~ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئۇتۇقى شۇكى، ئۇ بىر نەچچە يىللىق قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ، «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسىنى ۋە«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمىي يەشمىسىنى ئىشلەشكە قاتنىشىپ، بۇ ئىككى نادىر ئەسەرنىڭ نەشىر قىلىنىشىغا زور ھەسسە قوشقان. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە سىڭدۈرگەن جاپالىق ئەمگىكى خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا مەڭگۈ قەدىرلىنىدۇ. #L[Atx يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر — جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات– سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىمالى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر پەلسەپە ۋە ئىجتىمائىي ئىدىيىلەر تارىخىنى تەتقىق قىلىش جەمئىيىتى، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىي تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو تۈركولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ‹‹قۇتادغۇ بىلىك›› تەتقىقاتى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ يوقىرى دەرىجىلىك تەتقىقات خادىمى بولۇپ ئىشلىگە. yj"+!g 12. ئېرنېست ھېمىڭۋاي(1899.7.21_1961.7.2) 53@*GXzE دەرسلىككە «بوۋاي ۋە دېڭىز» (1952-يىلى نەشىر قىلىنغان پوۋېستتىن پارچە) كىرگۈزۈلگەن -hyY5!rD ئېرنېست ھېمىڭۋاي 1899-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى چىكاكو شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى بىر كاۋچوكزارلىقتا ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى كلارون ھېمىڭۋاي دوختۇر بولۇپ، ئوۋچىلىق ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئامراق ئىدى؛ ئاپىسى سەنئەتكە ھەۋەس قىلاتتى. ئائىلىسىنىڭ تەسىرى بىلەن ھېمىڭۋايدا كىچىكىدىنلا ئوۋ ئوۋلاش، بېلىق تۇتۇش، بوكسىيورلۇق، مۇزىكا ۋە رەسىمگە كۈچلۈك قىزىقىش پەيدا بولدى. 1917-يىلى ھېمىڭۋاي كاۋچۇكزارلىق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈردى؛ ھەربىي سەپكە ئۆتۈپ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، كۆزى ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئارزۇيىغا يېتەلمىدى ۋە نائىلاج كانزاس شەھرىدە چىقىدىغان «يۇلتۇز» گېزىتىدە پراكتىكانت مۇخبىر بولۇپ ئىشلىدى. 1918-يىلى 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئىتالىيە ئۇرۇش مەيدانىدا ئېغىر يارىلاندى. تاشقى ئۇنىڭ بەدىنىدىن 237 تال ئوق پارچىسى چىققان. ئۇنىڭ «قۇياش يەنە چىقىدۇ» دېگەن رومانى شۇ دەۋردىكى «گاڭگىرىغان بىر ئەۋلاد» ئەدەبىي ئېقىمدىكىلەرنىڭ ئىجادىيەت مايىللىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مەشھۇر ئەسەر. بۇ ئەسىرى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ھېمىڭۋاي «ئۈچ ھېكايە ۋە ئون شېئىر» دېگەن توپلىمىنى ئېلان قىلدۇرغان. 1936-يىلى ئىسپانىيەدە ئىچكى ئۇرۇش پارتىلىدى. بۇ جەرياندا ھېمىڭۋاي ئىسپانىيەگە ئىككى قېتىم باردى ۋە مۇخبىر بولۇپ ھۆججەتلىك فىلىم «ئىسپانىيە تۇپرىقى» نىڭ سىنارىيەسىنى يېزىشقا قاتناشتى ھەم فىلىمدا رول ئوينىدى. يازغۇچىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ چوققىسى ھېسابلىنىدىغان «ئەجەل سىگنالى كىم ئۈچۈن چېلىندى؟» دېگەن نادىر رومانىدا دەل مۇشۇ قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇش ئەكس ئەتكەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھېمىڭۋاي باشتىن–ئاخىر ۋاقتىنى ئۇرۇش قاينىمىدا ئۆتكۈزدى. 1942-يىلى مەردانىلىك بىلەن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىگە ئۆزىنىڭ بېلىق تۇتۇشتا ئىشلىتىدىغان قولۋىقىدا فلورىدا دېڭىز بوغۇزىدىكى ئەھۋاللارنى چارلاش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى ھەم بۇ پائالىيەتنى ئىككى يىلغىچە داۋاملاشتۇردى. 1944-يىلى ئۇ مۇخبىرلىق سالاھىيىتى بىلەن ئەنگىلىيىگە باردى. لوندوندا ئېغىر يارىلاندى. YG!~v~sV ئۇرۇش ئاياقلاشقاندىن كېيىن ھېمىڭۋاي كۇباغا بېرىپ ئولتۇراقلاشتى ۋە ئىجادىيىتىنى قايتىدىن باشلىدى. 1952-يىلى ئۇ داڭلىق پوۋسىت بوۋاي بىلەن دېڭىزنى يېزىپ چىقتى. پوۋسىتتا بىر كۇبالىق ياشانغان بېلىقچىنىڭ دېڭىزدا بېلىق تۇتۇشى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئۇدا 84 كۈندىمۇ ھېچنىمە تۇتالمىغان، ئەمما قايتىش سەپىرىدە كىت توپىغا يولۇققان. بوۋاي كىتلار بىلەن باتۇرانە ئىلىشىپ ئاددىي كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن. oB#KR1
>%7 ئۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاجايىپ سەرگۈزەشتلەرنى باشتىن كەچۈرگەچكە، ئوبزورچىلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇنىڭ مۇشۇ قېتىملىق ئۇرۇش توغرىسىدا بىرەر ئەسەرنى روياپقا چىقىرىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەنىدى. 1952-يىلى يازغۇچىنىڭ «بوۋاي ۋە دېڭىز» دېگەن مەشھۇر پوۋېستىنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشى ئۇنىڭ ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى شۆھرىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۇنى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈردى. 1954-يىلى ھېمىڭۋاي ئافرىقىدا ئىككى قېتىم ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچرىدى. بېشى قاتتىق سىلكىنگەچكە، شۇنىڭدىن كېيىن سالامەتلىكى ۋە زېھنىي كۈچى بارغانسېرى ناچارلاشتى، ئەڭ ئاخىرىدا ئىجاد قىلىش ئىقتىدارىدىنمۇ ئايرىلىپ قالدى. 1961-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى دېئابىت، يۇقىرى قان بېسىمى، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ۋە ئېغىر روھىي ئازابنىڭ قىيىنىشىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن، ئەمدى ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنالمايدىغانلىقىنى ئۆكۈنۈش ئىچىدە ھېس قىلغان بۇ قەيسەر يازغۇچى ئىداخو شىتاتىدىكى ئۆيىدە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئوې مىلتىقى بىلەن ئۆلۈۋالدى. «دۇنيا ئوغلى» دېگەن چىرايلىق نامغا ئېرىشكەن، فرانسىيە، ئىتالىيە، كۇبا، ئىسپانىيە، ئەنگىلىيە، كانادا، جوڭگو قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرگىچە قەدىمي يەتكەن بۇ مەشھۇر يازغۇچىنىڭ مول سەرگۈزەشتىلەرگە تولغان ھاياتى ئەنە شۇنداق ئاياغلاشتى. 1Ep!U#Del 3|l+&LF!IC مەنبە: مەكتەپ دەرسلىكى p.gi8%f`
|
|