ئۇيغۇر |
2014-06-02 18:41 |
ئونۋېرسال ئەمەليەت(مۇشائىرە)
ئۇنۋىرسال ئەمەليەت پائالىيتى (مۇشائىرە) (چىرا 1- ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئالىمجان ئابدۇللا) ئوقۇتۇش نىشانى بىلىم نىشانى : ئوقۇغۇچىلارغا مۇشائىرە ھەققىدە ساۋات بىرىش . ئىقتىدار نىشانى : مۇشائىرنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى پەرىقلەندۈرەلەيدىغان بۇلۇش . ئوقۇتۇش جەريانى ۋە ئۇسۇلى يىڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىش : سىز " مۇشائىرە " دىگەن سۆزنى ئاڭلاپ باققانمۇ ؟ ئۇنى قانداق چۈشىنىسىز ؟ دىگەن سۇئال ئاساسىدا ، مۇشائىرە ھەققىدە تۈۋەندىكىدەك چۈشەنچە بىرلىدۇ . مۇشائىرە – ئەرەپ تىلدىن كىرگەن سۆز بۇلۇپ ، بىزچە مەنىسى شېئىرى ئېيتىشىش دىگەنلىك . بۇنىڭدا بىر مەزمۇننى تېما قىلىپ شېئىر تۇقۇلىدۇ . بىر شېئىرغا قارتا ، شۇ شېئىرنىڭ مەزمۇننى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە شېئىر يېزلىدۇ . بەزى مۇشائىرلەر شەكىل جەھەتتىن ، بەزىللىرى مەەزمۇن جەھەتتىن ماسلىشىدۇ . مۇشائىرنىڭ تۈۋەندىكى شەكىللىرى بار . (1) بىر مىسراسىنى بىرسى تۇقۇسا ، يەنە بىر مىسراسىنى باشقا بىرسى تۇقۇيدىغان شەكىل . (2) بىر كۇبلىتىنى بىرسى تۇقۇسا ، يەنە بىر كۇبلىتىنى باسقا بىرسى تۇقۇيدىغان شەكىل مەسىلەن : نۇرمەھەممەت ئېركى: ھىجىيىپ زورلاپ كۈلۈپ ، كۆزىنى ئويناتقان سۇپى ، ياخشى بولماققا تېشىدا قىينىلىپ ياتقان سۇپى دۇلاياقاش ، ئەلنى ئالداش لېيىغا پاتقان سۇپى ئىچى قاغا، سىرتىنى بۇلبۇلغا ئوخشاتقان سۇپى تازا چانغاندا ئىشى، ئوبدان ئىزا تارتقان سۇپى . مۇھەممەت رېھىم : تاڭ سەھەر بىسمىللا دەپ چىقسا ئەگەر دەرۋازىدىن ، تەقۋادارلىقنىڭ زىياسى ئاڭلىنار ئاۋازىدىن ، ئۆرگىلەيمۇ ساڭگىلاتقان سەللىسى پەردازىدىن ، سەسكىنەر ھەر كىم ئۇنىڭ قىلغان خۇشامەت نازىدىن ، ئەقلىنى تۇزسىز قازاندا ياخشى قايناتقان سۇپى . (3) سۇئال جاۋاپ شەكلىدە مۇشائىرە ئېيتىشىش . بۇ خىل مۇشائىرە شەكلى مەشرەپلەردە كۆپرەك قوللىنىلىدۇ . ئىككى شەخىس نەق مەيداندا شېئىرى ئېيتىشىش ئېلىپ بارىدۇ . مەسىلەن : قىز : يول دىسەم يول بىرەملا ، يارىم بار ياققا ؟ سۇ دىسەم سۇ بىرەملا ، چىنە ئاياققا؟ يىگىت: سۇ دىسىلە سۇ بىرەي ھېجىر تاۋاقتا ، ئەسلى يارىم ئۆزلىرنىڭ ئۆيلىرى قاياقتا؟ (4) بىر شائىر بىر پارچە شېئىر يېزىپ، مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن شېئىردىكى ئىدىيىگە ۋارىسلىق قىلىپ باشقا بىر شائىر مۇشائىرە يازىدىغان شەكىلدۇر. 2- قەدەمدە، ئوقۇغۇچىلارنى ئەملىي مەشىقكە يېتەكلەيمەن. بۇ پائالىيەتتە بىر مىسرا- بىر مىسرادىن شېئىر ئېيتىشش ئېلىپ بارىمىز. شەكلى مۇخەممەس شەكىلدە بولىدۇ. "ئوغرى" ماۋزۇ ھەم تېما قىلىنىدۇ. ئوغرى ھالال- ھارامنى ئايرىماس ئوغرى، خەقنىڭ رىسىقىنى ئايىماس ئوغرى، ئۆزى ھەق ئىشلەپ چاينىماس ئوغرى، كۈندە خۈدۈكتە يايرىماس ئوغرى، ئەلنى قاخشاتقان يۈزى قېلىن ئوغرى.(يۈرىكى پوك-پوك) نۇمۇس ھايانى بىلمەيدۇ ئەسلى، ئۆزگىنى قاخشاتماق مەقسىتى، قەستى، ئۇ ئىنسان ئەمەس، شەيتاندۇر نەسلى، ئۇ پەقەت تىنچىماس ھەرئاي ھەرپەسلى، قەلبى بەدبويدا بولغانغان ئوغرى. قەلەم تۇرمايدۇ جوزا تارتمىدا، پۇل ھەم تۇرمايدۇ ياندا پورتمالدا، چارۋا مال تۇرمايدۇ ئېغىل- جاڭگالدا، ئۇ تىمسىقلايدۇ ھەريان- ھەرتامدا، ئەلنى تىنجىتماي سويلىغان ئوغرى. ئوقۇغۇچىلارنى مۇشۇ تېمىدا مىسرا ۋە كوپلىت تۈزۈشكە يېتەكلەش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇشائىرە ھەققىدىكى چۈشەنچىسى چوڭقۇرلاشتۇرۇىمەن. تاپشۇرۇق ۋە لاھىيە: دەرسخانىدا مۇشائىرە يېزىشقا ، يازغانلىرنى قايتىدىن تۈزىتىپ ، تاپشۇرۇق دەپتەرگە كۈچۈرۈپ كىلىشكە ئۇرۇنلاشتۇرلىدۇ . مەقسەت : ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇشائىرە ھەققىدىكى تۇنۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش . تەلەپ : دەرىسخانىدا ئىزدەنگەنلىرى ۋە دەرىستىن سىرت ماتىرياللاردىن ئىزدىنىش ئاساسىدا يېزىش . باھالاش ئۇسۇلى : تاپشۇرۇق دەپتەر يىغۋېلنىپ ، نۇمۇر قۇيۇش ئارقىلىق باھالىنىدۇ .
|
|