查看完整版本: [-- ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر(دەرس تەييارلىقى) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز 9- يىللىق تىل-ئەدەبيات تەييارلىقلىرى -> ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر(دەرس تەييارلىقى) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئۇيغۇر 2014-06-02 18:37

ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر(دەرس تەييارلىقى)

ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر
ئوقۇتۇش نىشانى
بىلىم نىشانى :ئوقۇغۇچىلارغا  ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر دىن سۈپەتلەش ، سېلىشتۇرۇش توغرىسىدا بىلىم بىرىش . ئۇنىڭ يېزىقچىلىقتىكى رولىنى تۇنۇتۇش .
ئىقتىدار نىشانى : ئوقۇغۇچىلار ماقالە- ئەسەرلەردە ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن بىمالال پايدىلنالايدىغان ۋە تاپالايدىغان بۇلۇش .
ھېسيات ۋە ئەخلاقى تەربىيە نىشانى : كىشىلىك ئالاقە جەريانىدا ، سۆزنى جايىدا ، مېغىزلىق قىلىش ئۈچۈن ئستىلىستىكىلىق ۋاستىدىن پايدىلنىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرۇش .
ئوقۇتۇش جەريانى ۋە ئۇسۇلى
يىڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىش : بىز ئالدىنقى ماۋسۇمدا قايسى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىنى ئۈگنىپ ئۆتكەن ؟ قايسىڭلار مىسال ئېلىپ باقىسىلەر ؟ دىگەن سۇئالنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوخشىتىش ،جانلاندۇرۇش توغرىسىدىكى بىلىملەرنى ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى سىناپ كۈرۈش ئاساسىدا يىڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىمەن .
2-قەدەمدە ، ساۋاقداشلارنىڭ پەرىق ئىتىشگە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ، ئىپادىلەش ئۇسۇلى بىلەن ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىە توغرىسىدىكى ئۇقۇم قايتا بىر قېتىم تەكرارلاپ ئۆتىمەن .
ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە – ماقالە ئەسەر تىلنىڭ ئىپادىلەش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ، پىكىرنى ئىنىقلىققا ، جانلىقلققا ، ئىدىيۋىلىككە ، قىزىقارلىقلققا، جەلىپكارلقققا ئىگە قىلىدىغان ۋاستە ،
ئىپادىلەش ئۇسۇلى – ئوبرازلىق تىل سەنئىتى ئارقىلىق بەدئى ئوبرازلارنى تەسۋىرلەش ئۇسۇلنى كۆرسىتىدۇ . (ئۇ بايان ، تەسۋىر، مۇھاكىمە ، لىرىكا ،چۈشەندۈرۈش ) قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ .
3-قەدەمدە، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن سۈپەتلەش ، سېلىشتۇرۇش توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىمەن .
سۈپەتلەش – ئادەم ۋە نەرسىلەرنى ، ۋەقە، ھادىسلەرنى تەسۋىرلەشتە ئۇلارنىڭ مۇھىم بەلگىللىرنى ، تۈرلۈك خۇسۇسىيەت ، سۈپەتلىرنى ، ھالىتىنى روشەن سۈرەتلەپ بىرىشكە ياردەم بىرىدىغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىنى كۆرسىتىدۇ . مىسال : ئۇ بېشىنى تۇتقىنىچە ئېغىر خىيالغا كەتتى .
(2) ئۇ مۇلايىم سۆزلۈك بالا بولدى . (3) ئېغىر ئەلياتقۇ ۋاقتى ، تۇيۇقسىز ئەنسىز يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى
سېلىشتۇرۇش- بىر نەرسنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىككى تەرىپىنى ياكى بىر – بىرىگە قارمۇ – قارشى بولغان ئىككى خىل نەرسە ياكى چۈشەنچىسنى بىر بىرىگە سېلىشتۇرۇپ ، ئوي- پىكىرنى ئىنىق ، گەۋدىلىك ئىپادىلەشتە قوللىنىلدىغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىنى كۆرسىتىدۇ .
مەسىلەن : بىلىكى چوڭ بىرنى يىڭەر ، بىلىمى چوڭ مىڭنى يىڭەر .
ياخشى تېپىپ سۆزلەيدۇ ، يامان كۈپۈپ .
4-قەدەمدە، ئوقۇغۇچىلار مەشىق دەپتىرىگە ھەربىر ۋاستىگە ئۈچتىن ئەمەلى مىسال ئالىدۇ .
تاپشۇرۇق ۋە لايىھە
سۈپەتلەش بىلەن سېلىشتۇرۇشنى تۆت جۈملىدە كۆرسىتىڭ .
مەقسەت : ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى جايىدا قوللىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش .
تەلەپ : پىكىر ماسلاشقان ، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان بولسۇن .
باھالاش ئۇسۇلى : تاپشۇرۇق دەپتەر يىغۋېلنىپ ، نۇمۇر قۇيۇپ باھالاش ئېلىپ بېرلىدۇ .

ياسىنجان510 2014-06-02 19:20
دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە تەييارلىق ئىكەن ،ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

بابۇر0725 2014-06-02 23:02
مۇناسىۋەتلىك مىساللارنى يەنىۇلۇقلاش مۇھىممۇ قانداق؟

ھاتەھاتەم 2014-06-04 10:27
،ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

tawpek 2014-06-09 00:31
ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر ھەققىدىكى مەشىقلەر توپلىمى ماتىرىياللىرى بارمىدۇ كىتاپخانىلاردا؟


ياخشى تەييارلاپسىز،  ئادەتتىكى  سىنىپلاردىمۇ  مۇشۇنداق ئايرىم دەرىسلىك بولسىچۇ


查看完整版本: [-- ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر(دەرس تەييارلىقى) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled