查看完整版本: [-- ‹‹كىرورەن گۈزىلى››ئاچقىن يۈزۈڭنى بىر كۆرەي --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تارىخ ۋە مەدەنىيەت -> ‹‹كىرورەن گۈزىلى››ئاچقىن يۈزۈڭنى بىر كۆرەي [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ياسىنجان510 2014-06-02 13:54

‹‹كىرورەن گۈزىلى››ئاچقىن يۈزۈڭنى بىر كۆرەي

  ‹‹كىرورەن گۈزىلى››ئاچقىن يۈزۈڭنى بىر كۆرەي                         Q xZYy}2  
                               دۇەن جىپۇ                                               8*z)aB&f3  
جۇڭگۇلۇق ۋە چەتئەللىك ئارخېئولوگلاردىن  تەشكىللەنگەن بىر ئارخېئولوگىيىلىك  تەكشۈرۈش ئەتىرىتى يېقىندا دۇنيا بويىچەبىرىنچى ھېساپلىنىدىغان چوڭ كۆچمە قۇملۇق ــ تەكلىماكان چۆللىكىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقىنىدا،كىرورەن قەدىمىي شەھەر خارابىسىدىن 100 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان گازارمىنىڭ ئەتىراپىدىن سەل بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغان بولسىمۇ،كۆپ قىسىم ئەزالىرى تولۇق پېتى ساقلىنىپ قالغان ئىككى ئايالنىڭ جەسىتىنى بايقىغان.ئۇ جەسەتلەرنىڭ بەدىنىنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپى ۋە تىزلىرىنىڭ ئاستىنقى تەرەپلىرى تولۇق پېتى بولۇپ، تېرىسى خورما رەڭ ھالەتتە،قورساقلىرىنىڭ ئېلاستىكىلىق خۇسۇسىيىتى ئوبدان،پۇت بارماقلىرىنىڭ دۈمبىسىدىكى قان تومۇرلىرىمۇ ئېنىق كۆرۈنىپ تۇرىدىكەن.ئايال جەسەتلەرنىڭ ئەتراپىدىن يەنە چىرايلىق كەشتىلەنگەن بىر پاي كەشمۇ چىققان.تەكشۈرگۈچى  خادىملار ھېلىقى ئىككى جەسەتنى ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ مەدەنىي تادىكارلىقلار-ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىغا ئېلىپ كەتكەن،مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسلەر بۇ جەسەتلەر ئۈستىدە ئىچكىرلەپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ.           jkCa2!WQ'i  
بۇ ئىككى ئايال جەسەتنىڭ قېزىۋېلىنىشى ئارخېئولوگلار  ۋە ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئېسىگە بۇنىڭدىن 16 يىل مۇقەددەم گازارمىدىن ئانچە يىراق بولمىغان بىر جايدىن قېزىۋېلىنىپ بىر مەزگىل خەلقى ئالەمنى زىلزىلگە سالغان ‹‹كىرورەن گۈزىلى››نى سالدى.شۇنداق قىلىپ،‹‹كىرورەن گۈزىلى››توغرىسىدىكى مۇھاكىمە يەنە بىر قېتىم ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكىلەرنىڭ ۋە پۇقرالارنىڭ قىزىق پاراڭ تېمىسىغا ئايلىنىپ قالدى. Pu/X_D-#Gi  
                  قۇم دېڭىزىدا 3800يىل قاتتىق ئۇخلىغان ‹‹كىرورەن گۈزىلى››                     D=Ia$O0.  
بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاستى تەۋەسىگە،تەكلىماكان چۆللىكىنىڭ كۈن چىقىش چېتىگە جايلاشقان قەدىمكى كىرورەن دۆلىتى مىلادىنىڭ ئالدى-كەينىدە جۇڭگۇ چىگىرىسى ئىچىدىكى قەدىمى يىپەك يولىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر دۆلەت ئىدى.تارىخىي كىتاپلاردا ئۇ قاتناش لىنىيىسىدە ئەينى چاغلاردا ‹‹ئەلچىلەر يول بويى كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان››،كارۋانلارنىڭ قوڭغۇراق-كولدۇرمىلىرى ئۈزۈلمەي جىرىڭلاپ تۇرىدىغان دەپ خاتىرلەنگەن.لېكىن شۇ نەرسە كىشىگە چۈشۈنىكسىزكى،مۇھىم قاتناش تۈگۈنىگە جايلاشقان مۇشۇنداق بىر شەھەر دۆلىتى بىر قانچە ئەسىر دەۋر سۈرگەندىن كېيىن پۈتۈنلەي غايىپ بولۇپ كەتكەن ۋە مەڭگۈلۈك سىرغا ئايلىنىپ قالغان.ئۇنىڭدىن كېيىنكى 2000مىڭ يىلغا يېقىن ۋاقىت جەريانىدا ‹‹كىرورەن›› دېگەن بۇ يېقىملىق ئىسىمنى كېيىنكى ئەۋلادلار تارىختىكى چىگراقەلئەلىرىگە ئاتاپ نەزمە يازىدىغان شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىنلا كۆرەلەيدىغان بولۇپ قالغانىدى.                                                       +g/TDwyVH  
مۇشۇ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە شۋېتسىيىلىك سۋىنخىدىننىڭ قەدىمكى كىرورەننى بايقىشى تەكلىماكان ئۈستىدىكى ئېكىسپىدېتسىيىلىك تەكشۈرۈشلەرنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان ھەمدە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا‹‹كىرورەن قىزغىنلىقى››نى قوزغىۋەتكەنىدى.1980-يىلى4-ئايدا شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتى ئورنىنىڭ بىر تەكشۈرۈش قوشۇنى تەكلىماكان چۆللۈكىنىڭ كىندىكى بولغان لوپنۇر چۆلى رايۇنىغا تەكشۈرۈشكە بېرىپ،قەدىمكى كىرورەن دۆلىتىگە تەۋە بولغان تۆبە دەرياسى دىلتىسىدىن قەدىمكى لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئىككى قەبرىستانلىقىنى بايقىغان؛دۇنيانى زىلزىلگە كەلتۈرگەن ‹‹كىرورەن گۈزىلى››مانا مۇشۇ يەردىن قېزىۋېلىنغانىدى.ئۇ چاغدا تەكشۈرۈش خادىملىرى تۆبە دەرياسى قولتۇقىنىڭ كۆتۈرمىسىنىڭ چەت ياقىسىدىن ئېچىلىپ قالغان دەرەخ شاخلىرى ۋە قومۇش پايىلىرىنى بايقىغان.بىرەر تالمۇ ئوت-گىياھ ئۆسمەيدىغان بىپايان چۆلدە دەرەخ شېخى بىلەن قومۇش پايىلىرى نېمە قىلسۇن؟تەكشۈرۈش خادىملىرى،بۇ يەر بەلكىم قەدىمكى ئىنسانلار پائالىيەت ئېلىپ بارغان جايلارمىكىن،دېگەن گۇمانغا كېلىشىپ،ئۇ يەرنى قېزىپ بېقىش خىيالىغا كەلگەن.شۇنداق قىلىپ،تەكشۈرۈش خادىملىرى ھېلىقى قەبرىنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ قالغان توپىلارنى بىر كۈندەك ۋاقىت ئىچىدە تازلىغان،ئاندىن جەسەتنىڭ ئۈستىدىكى دەرەخ شاخلىرى ۋە قومۇش پايىلىرىنى ئىھتىيات بىلەن ئېلىۋەتكەندىن كېيىن يەرلىكتە ياتقىنى قەدىمكى لوپنۇر ئادىمىنىڭ تولۇق پېتى ساقلىنىپ قالغان جەسىتى ئىكەنلىكىنى بايقىغان.                           v0u DL7  
‹‹قەدىمكى لوپنۇر ئادىمىنى كۆردۇق!››دەپ ۋاقىرىغان ھەممەيلەن ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا،بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتى ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇشۈنيىڭ مۇخبىرغا:‹‹ئۇ چاغدا بىز ھەيران بولۇپ قېتىپلا قالغانىدۇق،شۇ ۋاقىتقا كەلگۈچە شۇ قەدەر مۇكەممەل،شۇ قەدەر ئوبدان ساقلىنىپ قالغان قەدىمكى جەسەتنى ھېچقايسىمىز كۆرمىگەن ئىكەنمىز!››دېدى.                         u'Ja9m1  
مۇشۈنيىڭ تونۇشتۇرۇپ كېلىپ مۇنۇلارنى دېدى:ئۇ جەسەت ئايال كىشىنىڭ جەسىتى بولۇپ،قۇرۇپ قالغان بولسىمۇ،رەڭگى-رويى سۈزۈك،يۈزى ياغاقراق،قاشلىق ۋە يوغان كۆزلۈك،قاڭشارلىق،چۇڭقۇر كۆزلىرى سەلغىنە يۇمۇلغان،ئېڭىكى ئۇچلۇقراق،لەۋلىرى نېپىز،تېرىسى قوڭۇرراق،چاچلىرى سېرىق بېغىررەڭ كۆرۈنەتتى،ئۇششاق قىلىپ بىر مۇنچە ئۆرۈلگەن چاچلىرى مۈرىلىرىگە يېيىلىپ تۇراتتى،تېرىلىرى ۋە تۈكلىرىمۇ شۇنداق مۇكەممەل ھالەتتە ئىكەن.كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى،جەسەتنىڭ كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتمىگەن،قاشلىرى چۈشۈپ كەتمىگەن،كالپۇكلىرىمۇ قۇرۇپ كەتمىگەن،ھەتتا ئۇزۇنغىنە كەلگەن كىرپىكلىرىمۇ ۋە بەدىنىدىكى تەرتۈكلىرىمۇ ئېنىقلا كۆرۈنۈپ تۇراتتى.ئارخېئولوگ خادىملىرى ئۇنىڭ قوللىرى بىلەن ئۇنىڭ بېتىنى تۇتۇپ بېقىۋىدى،ئۇنىڭ مۇسكۇللىرىدا ھېلىمۇ ئېلاستىكىلىق خۇسۇسىيەت ساقلىنىپ تۇرغانىكەن؛تىرناقلىرى ۋە قوللىرىمۇ ھېچقانداق زىيان-زەخمەتسىز ھالەتتە ئەينەن تۇرۇپتۇ؛ئۇنىڭ كۆكرىكىنى چېكىپ بېقىۋىدى،ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ قورۇلۇپ قالمىغانلىقى ئېنىقلا سېزىلىپ تۇراتتى.                       NqyKR&;  
ـــ ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرمىگەن بولساق،ــ دېدى مۇشۈنيىڭ،ـــ بۇ ئايال جەسىتىنىڭ قۇم دېڭىزىدا 3000مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت قاتتىق ئۇخلاپ ياتقانلىقىغا راستتىنلا ئىشەنمەس ئىدۇق.چۈنكى ئۇ گويا ۋىجىكلەپرەك قالغان بىر ئادەمنىڭ كېگىز ئۈستىدە يېتىپ بەخىرامان ھالدا ئۇخلاۋاتقانلىقىغىلا ئوخشايتتى.                                         cHqT1EY  
ئۇ جەسەت قېزىۋېلىنغاندا،بەدىنىنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپى قوپاللا توقۇلغان بىر پارچە يۇڭ رەخت بىلەن ئورالغان بولۇپ،يۇڭ رەختنىڭ ئۇ جەسەتنىڭ كۆكرەك قىسمىدا  تۇتاشتۇرۇلغان يېرى دەرەخنىڭ ئۇچلانغان شېخى بىلەن كىرىشتۈرۈلگەن.بەدىنىنىڭ تۆۋەنكى تەرىپى يۇڭى قىرقىۋېتىلگەن ياغاق قوي تېرىسى بىلەن يۆگەلگەن.جەسەتنىڭ بېشىغا كېگىز تۇماق كىيگۈزۈلگەن بولۇپ، تۇماقنىڭ ئۈستىگە ئىككى تال تۇرنا پېيى سانجىپ قويۇلغان.پۇتلىرىغا بولسا يۇڭى ئىچىگە قىلىنىپ قۇلدا تىكىلگەن بىر جۈپ كەش پايپاقسىزلا كىيگۈزۈلگەن.جەسەت بېشىنىڭ ئاستىدىكى سول تەرەپتە ئوت-چۆپتىن توقۇلغان بىر قوشۇغلۇق سېۋەت قويۇلغان،ئۇ سېۋەت خۇش پۇراقلىق يېكەن ۋە چىغ پايسى بىلەن توقۇلغان.جەسەتنىڭ ئوڭ قولىنىڭ ئاستىغا بىر ياغاچ تارغاق قويۇلغان بولۇپ،تارغاقنىڭ چىشلىرىمۇ قىرىپ تومچاق شەكلىگە كەلتۈرۈلگەن،تارغاقنىڭ سېپى بولسا ئىككى پارچە قاتتىق تېرە بىلەن تاغاق چىشلىرىنى ئارىغا ئېلىپ قىسىپ تۇرۇپ ئاندىن تېرە يېلىمى بىلەن قۇيۇۋېتىش ئارقىلىق چىڭىتىپ ياسالغان.بۇ تارغاق مەملىكىتىمىز مىقياسىدا مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان ئەڭ دەسلەپكى ياغاچ تارغاق ھېساپلىنىدۇ.                             Dsq_}6 l{  
ئارخېئولوگ خادىملىرىنىڭ پەرەز قىلىشىچە،ئالتۇن چاچلىق،يوغان كۆز كەلگەن ئۇ ئايال ھايات ۋاقتىدا بەردەم-قاۋۇل،تولغان،سالاپەتلىك،چىرايلىق،باشقىلارنى جەلىپ قىلارلىق دەرىجىدە كېلىشكەن ئوتتۇرا ياشلىق ئايال ئىكەن.ئۇ ھازىر غا قەدەر ئېلىمىزدە بايقالغان ئەڭ قەدىمكى،ئەڭ مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان،ئارخېئولوگىيەۋە تىببىي پەن جەھەتتە مۇھىم تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە جەسەت بولغاچقا،يەنە كېلىپ دۇنيانىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغان كىرورەن رايۇىدىن بايقالغان بىر ئايالنىڭ جەسىتى بولغاچقا،ئارخېئولوگ خادىملار ئۇنىڭغا ‹‹كىرورەن گۈزىلى›› دەپ چىرايلىق ئىسىم قويغان.                             i;:gBNmo=  
‹‹كىرورەن گۈزىلى››نىڭ سىرلىق چۈمپەردىسىنى ئېچىش.                           {jyI7 r#X  
‹‹كىرورەن گۈزىلى››دۇنياغا كەلگەن ھامان دەرھاللا خەلقئارا ئارخېئولوگىيە ساھاسىدىكى ۋە تىببىي پەن ساھاسىدىكى شۇنىڭدەك ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن زور قىزىقىشىنى ۋە دىققىتىنى قوزغاپ،‹‹كىرورەن گۈزىلى››گە بولغان تەتقىقات ئىشلىرى يۈز مىليۇنلىغان كىشىلەرنىڭ يۈرەك قەلبىنى تىتىرەتكەن.‹‹كىرورەن گۈزىلى››ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن،شىنجاڭ تىببىي ئونېۋېرستېتىنىڭ ئالىملىرى قەدىمكى جەسەت ئۈستىدىكى دەسلەپكى تەتقىقاتىدا يەنە كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرارلىق بايقاشلارغا ئېرىشكەن.ئۇ جەسەتنىڭ بېشى ۋە كەشلىرىدە بىرمۇنچە پىت ۋە بىر بۈرگە ساقلىنىپ قالغان،بۇنداق ھادىسە پارازىتشۇناسلىق تارىخىدا ئىنتايىن ئاز ئۇچۇرايدىغان ھادىسە ھېساپلىنىدۇ.ئۇ پىتلار گەرچە ئۆلۈپ قالغان بولسىمۇ،ناھايىتى ئوبدان ساقلىنىپ قالغان،بەزى پىتلار مىكروسكوپتا پۇتلىرى،بېشى،چىشلىرى ھەتتا تۈكلىرىدىن تارتىپ ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن.ئۇلار دۆلىتىمىزنىڭ پارازىت قۇرۇتشۇناسلىق تەتقىقاتى بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى ساقلىنىپ قالغان نەق ئەۋرىشكە بولۇپلا قالماستىن،ھازىر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىمۇ قىممەتلىك ھېساپلىنىدىغان ئاز ئۇچۇرايدىغان پارازىت قۇرۇتلار ئەۋرىشكىسىدۇر.ئالىملار ‹‹كىرورەن گۈزىلى›› تېنىدىكى بىرمۇنچە سىرلارنى تېخىمۇ ئېچىش ئۈچۈن،‹‹كىرورەن گۈزىلى››نى شاڭخەيگە ئاپىرىپ شاڭخەي تىببىي پەن ئونېۋېرسىتېتى ،شاڭخەي تەبىئەت مۇزىيى قاتارلىق ئون نەچچە پەن تەتقىقاتى ئورنى بىرلىكتە كۆپ پەنلەر بويىچە ئونېۋېرسال تەتقىقات ئېلىپ بارغان.                                                                                 #fB&Hv #s7  
تەتقىقات نەتىجىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى،‹‹كىرورەن گۈزىلى››ھازىرغا قەدەر 3800يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان ھايات چېغىدا 40ياشلار ئەتىراپىدىكى ئايال بولۇپ،ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ئۇزۇنلىقى 152سانتېمېتىر(ھايات چېغىدا بويىنىڭ ئېگىزلىكى 155.8سانتىمېتىر)،بەدەن ئېغىرلىقى 10.7كىلوگرام كەلگەن.‹‹كىرورەن گۈزىلى››قەدىمكى ياۋروپالىق تىپىگە كىرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ قان تىپى Dتىپلىق.ئۇنىڭ يۈرەك،جىگەر،ئۆپكە، تال،بۆرەك،ئۈچەي،ماتكا قاتارلىق ئىچكى ئەزالىرى پۈتۈنلەي ساقلىنىپ قالغان بولۇپ،سەل قېتىشىپ كىچىكلەپرەك قورۇلۇپ قالغان.چاچلىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئېلېمېنتلارنىڭ ھەممىسى ھازىرقى ئادەملەرنىڭكىدىن يوقۇرى ئىكەن.ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرى،بولۇپمۇ ئۆپكىسىنىڭ خارەكتىرىدىن ئۇ ئايالنىڭ بوران قۇملۇق ناھايىتى كۆپ بولغان مۇھىتتا ياشىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.                                       =f48[=  
‹‹كىرورەن گۈزىلى››نىڭ ئوبدان ساقلىنىپ قېلىشىنىڭ سىرى                         VkFvV><"  
  تىببىي مۇتەخەسىسلەر ‹‹كىرورەن گۈزىلى››نى ئاناتومىيە قىلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق شۇنى سەزگەنكى،بۇ جەسەت ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ھايال ئۆتمەيلا توپىغا كۆمۈپ دەپنە قىلىنغان بولۇپ،ئۇنىڭدىن  سۈنئىي ئۇسۇل بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقنىڭ ھېچقانداق ئالامىتى كۆرۈلمىگەن.‹‹كىرورەن گۈزىلى››نىڭ قۇم دېڭىزى ئاستىدا 3800يىل ۋاقىت قاتتىق ئۇخلاپمۇ زىيان-زەخمەتكە ئۇچۇرىماي ئوبدان ساقلىنىپ قالالىشىنىڭ سىرى زادى نېمە؟                                                                                 \\ZR~f!<  
شىنجاڭ مەدەنىي يادىكارلىقلار-ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتئورنىنىڭ پەخرىي باشلىقى،مەشھۇر ئارخېئولوگ،تەتقىقاتچى مۇشۈنيىڭ كۆپ يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق شۇنداق كۆز قاراشقا كەلگەنكى،‹‹كىرورەن گۈزىلى›› نىڭ شۇ قەدەر ئوبدان ساقلىنالىغانلىقىنىڭ ئەڭ كەم بولغاندا مۇناق تۆت تۈرلۈك سەۋەبى بار ئىكەن؛(1)ھاۋا كېلىمايى قۇرغاق،ھاۋا تېمپېراتۇرسى يوقۇرى ۋە قۇم كۆپ رايۇن.قەدىمكى جەسەد دەپنە قىلىنغان جاي سۇ ئاستىدا قالمىغان،ئۇ ئايال ئۆلۈپ قالغاندا قاتتىق قىش- سوغۇق مەزگىلى  بولغان.  ئۇ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى:‹‹كىرورەن گۈزىلى››قېزىۋېلىنغان جاي دەل تىپىك ھالدىكى چوڭ قۇرۇقلۇقسىمان ھاۋا كېلىماتىغا ئىگە بولۇپ،ئىنتايىن قۇرغاق،يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 22مىللىمېتىرلاكېلىدۇ؛(2)ئۇ داڭلىق شاماللىق رايۇن ھېساپلىنىدۇ،ئۇ يەردە بىر يىل ئىچىدە 30نەچچە قېتىم سەككىز بالدىن يوقۇرى قاتتىق بوران چىقىدۇ،100نەچچە قېتىم ئالتە بالدىن يوقۇرى قاتتىق شامال چىقىدۇ،ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن ھەر تۆت-بەش كۈندە بىر قېتىمدىن قاتتىق بوران چىقىدۇ؛(3)ئۇ يەردە ياز پەسلىدەپىژغىرىم ئىسسىق بولىدۇ،ئەڭ يوقۇرى تېمپېراتۇرا 40سىلسىيە گرادۇستىن50سىلسىيە گرادۇسقىچە بولىدۇ،قىش پەسلىدە قاتتىق سوغۇق بولۇپ،تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 27 سىلسىيە گرادۇس بولىدۇ.(4)ھاۋا كېلىماتىنىڭ قۇرغاق بولىشى ۋە ئىسسىق شامالنىڭ تولا بولىشى بىلەن جەسەت سېسىپ كەتمەيلا دەرھال سۇدىن مەھرۇم بولۇپ قۇرۇپ كەتكەن،نەتىجىدە مىكروپلارنىڭ كۆپىيىشىگە قاتتىق توسقۇن بولغان،مۇسكۇلنىڭ ئوكسىدلىنىشىنى ئاستىلاتقان.‹‹كىرورەن گۈزىلى››قېزىۋېلىنغاندا،تېنى قوي تېرىسى بىلەن ئورالغان،بېشىغا كېگىز تۇماق كىيگۈزۈلگەن،پۇتلىرىغا تېرە كەش كىيگۈزۈلگەن،ئەھۋالدىن لوپنۇر  رايۇنىنىڭ ھاۋا كېلىماتىغا بىرلەشتۈرۈپ ھۆكۈم قىلغاندا،ئۇنىڭ قازا بولغان ۋاقتى قىش پەسلى بولۇپ،قەھرىتان سوغۇق ھاۋا كېلىماتى مىكروپلارنىڭ ھەركىتىنى چەكلىگەن.           dUt$kB  
     ‹‹كىرورەن گۈزىلى››ھايات ۋاقتىدا ياشىغان ئېكولوگىيىلىك                       E&;[E  
                   ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەھۋالى                                     cj[a^ ZH  
  كىشىلەر تارىختا بىر مەزگىل دەۋر سۈرگەن كىرورەن پادىشاھلىقىنىڭ گۈللەپ-خاراب بولۇش تارىخى توغرىسىدا سىرلىق تۇيغۇغا تولۇپ كەتتى.پۈتۈن يەر شارى بويىچە مۇھىت ئۈزلۈكسىز ھالدا يامانلىشىپ كېتىۋاتقان،قۇملىشىپ كېتىش ئەھۋالى ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا كۈنسېرى تەھدىت سېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر بۇنىڭدىن 3800يىل مۇقەددەم مۇشۇ زىمىندا ياشاپ ئۆتكەن ‹‹كىرورەن گۈزىلى››نى ئۇشتۇمتۇتلا بايقاپ قېلىپ ئېختىيارسىز يۇسۇندا :‹‹كىرورەن گۈزىلى››ھايات ۋاقتىدا ياشىغان ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش زادى قانداق بولغىيتى؟قەدىمكى كىرورەن دۆلىتىنىڭ چۆلگە ئايلىنىپ كەتكەنلىك تارىخى رېئال تۇرمۇشتا قايتا كۆرۈلەمدۇ-قانداق؟دەپ سوراپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ. \C{Dui) F  
   ئالىملار ‹‹كىرورەن گۈزىلى››نى ئاناتومىيە قىلىشتىن،‹‹كىرورەن گۈزىلى ››بىلەن بىللە دەپنە قىلىنغان مەدەنىي يادىكارلىقلارنى تەھلىل قىلىشتىن،لوپنۇر رايۇنىنىڭ جۇغراپىيىۋىي ھاۋا كېلىماتى ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىپ،‹‹كىرورەن گۈزىلى››نىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەھۋالى توغرىسىدا بىزگە تەخمىنەن بىر ھالەتنى سۈرەتلەپ بەردى.بۇنىڭدىن 4000مىڭ يىللار ئىلگىرى لوپنۇر رايۇنىدا ئېلىمىزدىكى بىر ئاز سانلىق مىللەت ياشىغان بولۇپ،ئۇلار ئىپتىدائىي ھالەتتىكى چارۋۇچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان،ئەمما يەنىلا ئۇچار قانات ۋە ھايۋانلارنى ئوۋلاپ يېيىش ئاساسىدا ھايات كەچۈرگەن.ئۇلار قوي تېرىسىنى ئاددىي ئۇسۇل بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەشنى ۋە يىرىك ھالدىكى يۇڭ يىپلارنى ئىگىرىشنى بىلگەن ھەمدە يۇڭ يىپلار بىلەن يۇڭ رەختلەرنى تۇقۇشنى بىلەن،ئۇلار توقۇغان يۇڭ رەختلەر ھازىرقى تاغارلىرىمىزغا ئوخشاپراق كەتكەن.ئۇلار سېۋەت توقۇشنى،ئوۋ قىلىشنى ۋە بېلىق تۇتۇشنى بىلگەن.قەدىمكى كىرورەنلىكلەر دەرەخلەر ۋە لايلار بىلەن ياغاچ ئۆي ياكى لاي ئۆيلەرنى ياساشنى بىلگەن.مۇقىم تۇرمۇشقا ئىگە بولغان،لېكىن ساپال بۇيۇملارنى ئىشلەشنى بىلمىگەن.قۇم-بوران تولا جايدا تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغاچ كۆمۈرىدىن قالانغان ھولا ئەتراپىدا سىغدىلىپ ئولتۇرۇپ ئىس-تۈتەك تەسىرىگە ئۇچۇرىغانلىقى ئۈچۈن،‹‹كىرورەن گۈزىلى››نىڭ ئۆپكە-نەپەس يوللىرىغا كۆپلىگەن قارا ھالەتتىكى توزۇندىلار يىغىلىپ قالغان.           |2Krxi3*  
   ھازىر بار بولغان ئارخېئولوگىيىلىك ماتىرياللار كىرورەن دۆلىتىنىڭ گۈللەپ-ياشنىشى ۋە خاراب بولۇپ كېتىشنىڭ سەۋەبلىرىنى چۇڭقۇر ئېچىپ بېرىشكە كەملىك قىلسىمۇ،لېكىن ئارخېئولوگلار شۇنى قەيت قىلىپ كۆرسەتتىكى،‹‹كىرورەن گۈزۈلى››نىڭ نەپەس يوللىرى سىستېمىسىدا تىنىپ قالغان بىر مۇنچە قارا توزۇندىلار ئەينى ۋاقىتتىكى مۇھىتتا بوران-قۇمنىڭ زىيانلىرى شۇنىڭدەك يېقىلغۇلاردىن ھاسىل بولغان ئىس-تۇمانلارنىڭ زىيادە كۆپ بولىشىمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى كىرورەن دۆلىتىنىڭ قويۇق ئورمانلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان تولۇق ماتىريال بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۇرۇپ بېرىدۇ.ئارخېئولوگلار،پۈتكۈل كىرورەن رايونى ئۈستىدىكى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتىن بايقىشىمىزچە،سۈنئىي يۇسۇندىكى بۇزغۇنچىلىقلار مۇھىت ئۆزگۈرىشىنى پەيدا قىلىشتىكى ئاساسلىق ئامىل بولۇپ، بۇ ئىنسانلارنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ،دەپ ئېيتتى.     (&Kv]--  
              ‹‹كىرورەن گۈزىلى››نىڭ سېھرىي كۈچى چەكسىزدۇر                         #oYPe:8|m  
   ‹‹كىرورەن گۈزىلى››قېزىۋېلىنىش بىلەنلا دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ۋە تېشىدىكى ئىلىم-پەن ساھاسىدىكىلەر ۋە كەڭ ئاممىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغانىدى.‹‹كىرورەن گۈزىلى››دەسلەپتە ئاپتوموبىلغا چىقىپ ئۈرۈمچىگە بارغاندا ئارخېئولوگلار ۋە تىببىي ئالىملارنىڭ دەسلەپكى پارات قىلىپ تەكشۈرىشىدىن ئۆتتى؛ئارقىدىنلا پويىز بىلەن شاڭخەيگە بېرىپ شاڭخەيدىكى تىببىي،خىمىيە،ئارخېئولوگىيە،بىئولوگىيە قاتارلىق ئون نەچچە پەن تەتقىقاتى ئورۇنلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى.ئالىملار ئۇ ھەقتە ئەستايىدىل ھالدا ‹‹بەدەن تەكشۈرۈش››ئېلىپ باردى،ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۇى قاتتىق مۇھاپىزەت قىلدى.جۇڭگۇ-ياپونىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى نورماللاشقانلىقىنىڭ 20يىللىقىنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن،دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن،‹‹كىرورەن گۈزىلى››1992-يىلى يەنە تەكلىپكە بىنائەن دېڭىزدىن ئۆتۈپ ياپونىيىگە بېرىپ مىسلىسىز دەرىجىدە زىلزىلە پەيدا قىلدى.يوقىرىدىن ياپونىيىنىڭ شاھزادىسى ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقىدىن تارتىپ تۆۋەندىن ئادەتتىكى پۇقرالارغىچە بولغان كىشىلەر ‹‹كىرورەن گۈزىلى››نىڭ سەلتەنەتىنى بەس-بەس بىلەن تاماشا قىلدى.بولۇپمۇ ياپونىيە تەرەپ ئۇنى كومپيۇتېرلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق قۇرۇپ قالغان جەسەتنى جانلىق،راسا ھۆسنىگە تولغان گۈزەل ئايال قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ چىقىش ئارقىلىق سان-ساناقسىز ئېكىسكۇرسىيىچىنى جەلب قىلدى.                       h]+UK14m  
   ‹‹كىرورەن گۈزىلى››جەسىتىنىڭ بايقىلىشى ۋە تەتقىق قىلىنىشى كىشىلەرنىڭ كىرورەن رايونىدىكى ئىنسانلارنىڭ پائالىيەت تارىخى ھەققىدىكى يىل دەۋرىنى يەنە كىرورەن دۆلىتى زامانىدىكىدىنمۇ يەنە 1000يىلدىن ئارتۇق ئىلگىرى سۈردى.‹‹كىرورەن گۈزىلى››شىنجاڭنىڭ قەدىمكى دەۋردىكى ئىرقىي ئۇرۇقداشلىق سېستېمىسى،كىرورەن دۆلىتىنىڭ ئەينى چاغلاردىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ۋە ئىجتىمائىي ھالىتى جەھەتلەردىمۇ ئىنتايىن مۇھىم قىممەتكە ئىگە.ئۇ نېمە سەۋەپتىن 3800يىلدىن كېيىنمۇ يەنە ئىسكەتىدىن قالمىدى؟‹‹كىرورەن گۈزىلى››نىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ۋە ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتتا غايەت زور ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلىشىغا سەۋەب بولغان نەرسە زادى نېمە؟بۇ مەسىلىلەرنى ئېنىقلىۋالغاندا،بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھايات ياشاۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن زور ئەينەكلىك ئەھمىيىتى بار.                                                 &g.do ?  
  بۈگۈنكى كۈندە قەدىمكى كىرورەن ئورنىدىكى گازارمىنىڭ يېنىدىن يەنە ئىككى ‹‹كىرورەن گۈزىلى›› تېپىلغان،ئۇلار يەنە كىشىلەرنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغىغان،بۇ بايقاش ئىلىم ساھاسىدىكىلەرنىڭ قەدىمكى غەربىي دىيارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە تارىخىي جەھەتلرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرىنىڭ يەنىمۇ قانات يايدۇرلىشىنى ئىلگىرى سۈرگۈسى.بۈگۈنكى ئىنسانلار ئۇلاردىن جانلىق تارىخنى كۆرۈۋالالايمىز ھەمدە شۇ ئارقىلىق مۇھىتنى ئاسراش،بىزنىڭ گۈزەل ماكانىمىزنى قەدىرلەش ۋە باشقا جەھەتلەردىن مۇھىم ئىلھامغا ئېرىشەلەيمىز.                                                                   xCQLfXK7  
         مەنبە:مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ژورنىلىنىڭ 1997-يىل 2-سانىدىن ئېلىندى       >iV2>o_  
         تەرجىمان:ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى     QomihQnc  

ئەكبەرنىياز 2014-06-02 15:46
نېمىدىگەن زور بايقاش ، ئەمدى بۇ گۈزەللەرنىڭ يىل دەۋرى ھەقىقىي ئېنىقلانسا ، دۇنيا ئەھلى يەنە بىر قېتىم ھەيران قالىدىغان بولدىدە ! ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت !!!

natiwan 2014-06-02 16:21
كىرورەن گۈزىلى تېخى سىرىنى ئاشكارلىمىدى، ئاشكارلىسا ئالەمنى تېخىمۇ ھاڭ-تاڭ قالدۇرغۇسى

گۈلنىھال 2014-06-02 23:03
‏‏ « كىرورەن گۈزىلى »  ھەققىدە كۆپ ماتىرىيال كۆرمىگەچ شۇنداقمۇ بۇ شەخىس توغرىسىدا ھېچقانداق بىر چۈشەنچەم يوق . )eVn1U2*z.  
‏مەسىلەن :  ئۇ قەيەرلىك ، قانداق ئايال ؟  نىمە ئۈچۈن « كىرورەن گۈزىلى » دەپ ئاتالغان ؟  ئۆزنىڭ ئەسلى ئىسمى زادى نىمە ؟؟؟ .... دىگەندەكلەر  ھەققىدە ئۆزۈمنى بىر ساۋاتسىز ... دىسەممۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ . C*stj  
RDOV+2K  
‏شۇڭا مۇشۇ ھەقتە بىلىدىغانلار بولسا ماڭا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

گۈلنىھال 2014-06-02 23:05
ئايال بولۇپ،ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ئۇزۇنلىقى 152سانتېمېتىر(ھايات چېغىدا بويىنىڭ ئېگىزلىكى 155.8سانتىمېتىر)،بەدەن ئېغىرلىقى 10.7كىلوگرام كەلگەن.‹‹كىرورەن گۈزىلى››قەدىمكى ياۋروپالىق تىپىگە كىرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ قان تىپى Dتىپلىق.ئۇنىڭ يۈرەك،جىگەر،ئۆپكە، تال،بۆرەك،ئۈچەي،ماتكا قاتارلىق ئىچكى ئەزالىرى پۈتۈنلەي ساقلىنىپ قالغان بولۇپ،سەل قېتىشىپ كىچىكلەپرەك قورۇلۇپ قالغان.چاچلىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئېلېمېنتلارنىڭ ھەممىسى ھازىرقى ئادەملەرنىڭكىدىن يوقۇرى ئىكەن.ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرى،بولۇپمۇ ئۆپكىسىنىڭ خارەكتىرىدىن ئۇ ئايالنىڭ بوران قۇملۇق ناھايىتى كۆپ بولغان مۇھىتتا ياشىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ... w$0*5n>)  
]zz%gZz  
بۇ تەپسىلاتلاردىن سەل ھەيران قېلىۋاتىمەن , سىزگە رەھمەت !                                      

ablat0997 2014-06-03 11:58
كىرورەن گۈزىلى توغرىسىدىكى ماتىرياللارنى يەنىمۇ تۇلۇقى بىلەن يوللاپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت!

ياسىنجان510 2014-06-03 15:38
                                                      قەدىمكى‹‹كىرورەن گۈزىلى››نىڭ جەسىتى ياپونىيىدە كۆرگەزمە قىلىندى                                                                                                 Pf~0JNnc  
        جۇڭگۇ-ياپونىيە دوستلىقى نورماللاشقانلىقىنىڭ 20يىللىقىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن توكيو دۆلەتلىك ئىلىم-پەن مۇزىيىدا شىنجاڭ لوپنۇر رايۇنىدىن قېزىۋېلىنغان ‹‹كىرورەن گۈزىلى››نىڭ جەسىتى ۋە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن قېزىۋېلىنغان 300پارچىدىن ئارتۇق قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى كۆرگەزمە قىلىندى.بۇ قېتىم ئۇيۇشتۇرۇلغان كۆرگەزمە بۇرۇن ياپونىيىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان كۆرگەزمىلەرگە قارىغاندا مەزمۇنى مول،كۆلىمى كەڭ،يادىكارلىق سانى كۆپ،ۋاقتى ئۇزۇن بولغان بىر قېتىملىق كۆرگەزمە بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.                                 69 J4p=c,  
        ‹‹كىرورەن گۈزىلى››نىڭ سۈرەتتىكى بۇ جەسىتى(سۈرەت كىرگۈزەلمىدىم)4000مىڭ يىل بۇرۇنقى جەسەت بولۇپ،ئېلىمىزدە قېزىۋېلىنغان جەسەدلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكىسى ھېساپلىنىدۇ.1980-يىلى ئەتىيازدا قېزىۋېلىنغان بۇ جەسەت يۇڭ رەختتىن توقۇلغان قوپال ھالدىكى كېيىم،جۇۋا،يۇڭ باش كېيىم،يۇڭ پايپاق،تېرىدىن تىكىلگەن ئۆتۈك قاتارلىقلارنى كېيگەن.جەسەتتىن رېتىگىندە سۈرەتكە ئېلىپ ئانالىز قىلىش نەتىجىسىدە ئۆلگۈچىنىڭ 40-45ياشتىكى ئايال بولۇپ،ئېگىزلىكى 152سانتىمېتىر،ھازىرقى ئېغىرلىقى 10.7كىلوگرام،باش،گەۋدە ۋە باشقا جايلىرىنىڭ ساقلىنىشى ياخشى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.ئاناتومىيىلىك كۈزىتىشتىن قارىغاندا،بۇ ئايالنىڭ قان تىپىOبۇلۇپ،ئاق تەنلىك ئىكەن.ئىسكىلىتنىڭ ھەممە ئەزاسى تولۇق ھەم ئۆز جايىدا،پەقەت كىچىكلەپلا قالغان.پۈتۈن بەدىنىنىڭ تېرىسى پارقىراق ھەم قاتتىق،رەڭگى كەرىشناۋاي بولۇپ، قويۇق چېچى دولىسىغا چۈشۈپ تۇرىدۇ.قاڭشارلىق،قاش-كۆزى كېلىشكەن بولۇپ، ئوتتۇرا ياشلىق گۈزەل چوكانلارنى ئەسلىتىدۇ.شۇڭا بۇ جەسەتكە ‹‹كىرورەن گۈزىلى ››دەپ نام بېرىلگەن.                                                                               s$~H{za  
        بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قويۇلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى چاقىلىق،لوپنۇر،خوتەن،نىيە،چەرچەن،تۇرپان قاتارلىق جايلاردىكى قەدىمكى شەھەر ۋە قەدىمكى قەبرىستانلىقلاردىن قېزىۋېلىنغان بولۇپ،ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ماددىي بۇيۇملاردۇر. jGYl*EBx  
       رايونىمىزدا ياشىغان ئەجداتلىرىمىزنىڭ دەۋرىمىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ جەۋھىرى بولغان بۇ يادىكارلىقلار تاش قوراللار دەۋرىگە خاس (بۇنىڭدىن 4000-7000يىللار بۇرۇن تاش پىچاق،تاش ئوقيا ئۇچى،بۇرۇنزا دەۋرىگە خاس مىس كۆرگۈ،ئوقيا،مىس ئوق ئۇچى،ھەر خىل مىس پۇللار،ئالتۇن،مىستىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرى،رەڭگا-رەڭ يۇڭ ۋە يىپەك توقۇلما كېيىم-كېچەكلەر ،ئۇزۇنلىقى2.60مېتىر ،كەڭلىكى 0.95مېتىر كېلىدىغان يۇڭ گېلەم،سىر بېرىلگەن گۈللۈك ياغاچ قاچا-قۇچىلار ،رەڭلىك ساپال قاچىلار :،تارشىغا،قەغەزگە يېزىلغان خەت-چەكلەر، بار. 93 /`e}P"o  
بۇ كۆرگەزمە ھەققىدىكى خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ياپونىيىلىكلەر ۋە ياپونىيىدە تۇرىۋاتقان چەت ئەللىكلەر كۆرگەزمىنى بەس-بەس بىلەن كۆرگەن.ئەسلى كۆرگەزمىنى 350مىڭ ئادەم قېتىم كۆرىشى مۈمكىن دەپ پىلانلىغان بولسىمۇ ،ئەمەلىيەتتە 470مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن.كۆرگەزمە بېلىتى يوقۇرى باھادا(1200ياپون يىنى،خەلىق پۇلكىغا 50يۈئەن)سېتىلغان.مەنبە ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 1992-يىل25-دېكابىر سانى

ئارزۇيۇم 2014-06-05 19:32
ياخشى ماتىريال يوللاپسىز.تەشەككۈر.

tawpek 2014-06-09 00:02
بۇنىڭدىن 4000مىڭ يىللار ئىلگىرى لوپنۇر رايۇنىدا ئېلىمىزدىكى بىر ئاز سانلىق مىللەت ياشىغان بولۇپ،ئۇلار ئىپتىدائىي ھالەتتىكى چارۋۇچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان،ئەمما يەنىلا ئۇچار قانات ۋە ھايۋانلارنى ئوۋلاپ يېيىش ئاساسىدا ھايات كەچۈرگەن. +A%zFF3  
f5R%F ~  
crJNTEz  
بۇ گۈزىلىمىز ھەققىدە بۇنچىلىك تولوق ماتىرىيالغا تۇنجى ئىگە بولىشىم (A;HB@)[A  
hP/uS%X   
كۆپ تەشەككۇر.

ھاتەھاتەم 2014-06-16 17:49
بۇ ەۈزۈلىمىز توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار توختاپ قالمىدىغۇ. كۆپ تەشەككۇر.ياخشى ماتىريال يوللاپسىز.


查看完整版本: [-- ‹‹كىرورەن گۈزىلى››ئاچقىن يۈزۈڭنى بىر كۆرەي --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled