查看完整版本: [-- پايدىلىق يامان  بولىدۇلار!!!! --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> پايدىلىق يامان  بولىدۇلار!!!! [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئەنگەر 2014-06-01 20:25

پايدىلىق يامان  بولىدۇلار!!!!

1.«سەھەر تۇرمىسىڭىز يامان بولىدۇ»
2.«ناشتا قىلماي سىرتقا چىقماڭ يامان بولىدۇ»
3.«كېچىدە ئۆيدە يۇندە__ئەخلەتلەرنى ساقلىماڭ يامان بولىدۇ»
4.«ئۆيگە مىھمان كەلگەندە مۈشۈكنى ‹پەش› توخۇنى ‹تاخ›دېمەڭ،يامان بولىدۇ»
5.«مىھمانغا دەز كەتكەن چىنىدە تاماق (چاي) سۇنماڭ يامان بولىدۇ»
6.«چاچنى قۇرۇق تارىماڭ يامان بولىدۇ»
7.«چوڭلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتمەڭ يامان بولىدۇ»
8.«چوڭلار بىلەن تاكانلاشماڭ يامان بولىدۇ»
9.«سەھەر تۇرۇپ ئۆي سۈپۈرمىسىڭىز يامان بولىدۇ»
10.«چوڭلاردىن بۇرۇن داستىخانغا قول ئوزاتماڭ يامان بولىدۇ»
11.«غەيۋەت قىلماڭ يامان بولىدۇ»
12.«كىشىلەرنىڭ دىلىغا ئازار بەرمەڭ يامان بولىدۇ»
13.«كىشىنىڭ ھەققىنى يېمەڭ  يامان بولىدۇ»
14.«قوشنىڭىز بىلەن ئىناق ئۆتمىسىڭىز يامان بولىدۇ»
15.«تېپىۋالغان نەرسىنى ئۆزۈڭىزنىڭ قىلىۋالماڭ يامان بولىدۇ»
16.«يالغان سۆزلىمەڭ يامان بولىدۇ»
17.«كىشىلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلمىسىڭىز يامان بولىدۇ»
18.«ئۇ ياتلىق يەرلىرىڭىز ئېچىلىپ   قالىدىغان كىيىملەرنى كىيمەڭ يامان بولىدۇ»
19.«تاماق ۋاقتىدا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەڭ يامان بولىدۇ»
20.«باشقىلارنى قالىتىپ قويۇپ كۇسۇرلاشماڭ يامان بولىدۇ»
21.«چوڭلاردىن تۆرتالاشماڭ يامان بولىدۇ:»
22.«ئوت ئوينىماڭ يامان بولىدۇ »
23.«يولدا توغرا تۇرۇۋالماڭ يامان بولىدۇ»
24.«تاماق يەۋېتىپ پاراڭلاشماڭ يامان بولىدۇ»
25.«ئادەم بار يەردە تۈكۈرمەڭ يامان بولىدۇ»
26.«تاماق يەۋېتىپ بۇرنىڭىزنى تارتماڭ يامان بولىدۇ»
27.«باشقىلارنىڭ گېپىگە قۇشۇق سالماڭ يامان بولىدۇ»
28.«جامائەت سورۇنىدا بۇرنىڭىزنى كوچىلىماڭ يامان بولىدۇ»
29.«ھاجەت خانىدىن چىقىپ قولىڭىزنى يۇمىسىڭىز يامان بولىدۇ»
30.«قولىڭىزنى يۇماي تاماق يېمەڭ  يامان بولىدۇ»
31.«ئاتا__ئانىڭىزغا ئالىيىپ قارىماڭ يامان بولىدۇ»
32.«ئۆلۈم پەتىسىگە رەڭلىك كىيىم كىيىپ بارماڭ يامان بولىدۇ»
33.«ھازىدارلارنىڭ ئالدىدا كۈلمەڭ يامان بولىدۇ»
34.«ئودۇل كەلگەن يەرگە ئەخلەت تاشلىماڭ يامان بولىدۇ»
35.«ئۆتنە ئالغان نەرسىنى ۋاقتىدا بەرمىسىڭىز يامان بولىدۇ»
36.«باشقىلارغا تۆھمەت چاپلىماڭ يامان بولىدۇ»
37.«سوخەنچىلىك قىلماڭ يامان بولىدۇ»
38.«ئاغىنىڭىزنىڭ خوتىنىغا  قارا سالىماڭ يامان بولىدۇ»
39.«قېيىنئانىڭىزنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭ يامان بولىدۇ»
40.«ھەسەتخورلۇق قىلماڭ يامان بولىدۇ»
41.«ئەر_خۇتۇن جامائەت ئالدىدا ئۇرۇشسا يامان بولىدۇ»
42.«بايلىق ياكى ئەمىلىڭىزنى كۆز_كۆز قىلماڭ يامان بولىدۇ»
43.«ھارام مال_دۇنياغا ئىگە بولۇشنى ئويلىماڭ يامان بلىدۇ»
44.«ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت ساقلىماڭ يامان بولىدۇ»
45.«باشقىلارنىڭ سالىمىنى  ئىلىك ئالمىسىڭىز يامان بولىدۇ»
46.«ۋەدىڭىزغا ۋاپا قىلمىسىڭىز يامان بولىدۇ»
47.«مەكتەپتە ئوقۇمىسىڭىز يامان بولىدۇ»
48.«باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ئۆزۈڭىزنىڭ قىلىۋالماڭ يامان بولىدۇ»
49.«مىھماننى ئۇزاتقاندا ئىشىكنى قاتتىق ياپماڭ يامان بولىدۇ»
50.«تاماقنى ئاۋاز چىقىرىپ يېمەڭ يامان بولىدۇ»
51.«نان ئۇۋىقىغا يەنجىمەڭ يامان بولىدۇز»
52.«يىمەك_ئىچمەكنى ئىسراپ قىلماڭ يامان بولىدۇ»
53.«گۈل_گىياھلارنى قالايمىقان ئۈزمەڭ يامان بولىدۇ»
54.«چوڭلاردىن يول تالاشماڭ يامان بولىدۇ»
55.«باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلمىسىڭىز يامان بولىدۇ»
56.«ياخشىلىقنى ئۇنتۇپ قالماڭ يامان بولىدۇ»
57.«بىرگەپنى تەكرار دەۋەرمەڭ يامان بولىدۇ»
58.«ئاتا_ئانىڭىز ۋە يۇرتىڭىزدىن نۇمۇس قىلماڭ يامان بولىدۇ»
59.«ياخشىلىق قىلىپ بولۇپ مىننەت قىلماڭ يامان بولىدۇ»
60.«بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويماڭ يامان بولىدۇ»
61.«باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى كوچىلىماڭ يامان بولىدۇ»
62.«چاقىرمىغان يەرگە  بارماڭ يامان بولىدۇ»
63.«چاقىرغان يەردىن قالماڭ يامان بولىدۇ»
64.«ئۇچىرمىغانغا سالام قىلماڭ يامان بولىدۇ»
65.«سورىمىغانغا جاۋاب قىلماڭ يامان بولىدۇ»
66.«ئۆزۈڭىزنى باشقىلاردىن ئۈستۈن كۆرمەڭ يامان بولىدۇ»
67.«ئاتا_ئانىڭىزنىڭ نەسىھىتىنى ئۇنۇتماڭ يامان بولىدۇ»
68.«ئەل كۆزۈچە گىرىم قىلماڭ يامان بولىدۇ»
69.«ئۆتكەن ئىشقا تەگىمەڭ يامان بولىدۇ»
70.«باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى بىر سۇراق ئالماڭ يامان بولىدۇ»
71.«ھەممىلا يەردە قىززىقچىلىق قىلماڭ يامان بولىدۇ»
72.«ئېرىڭىزنىڭ يانچۇقىنى ئاقتۇرماڭ يامان بولىدۇ»
73.«خوتۇنىڭىزنىڭ يانچۇقىنى ئاقتۇرماڭ يامان بولىدۇ»
74.«ئۆزۈڭىزنى ماختىماڭ يامان بولىدۇ»
75.«ئاجىزلارنى بوزەك قىلماڭ يامان بولىدۇ»
76.«چېقىمچىلىق قىلماڭ يامان بولىدۇ »
77.«باشقىلارغا ئورا كولىماڭ يامان بولىدۇ»
78.«باشقىلارنى تەڭقىسلىققا قويماڭ يامان بولىدۇ»
79.«باشقىلارنى جامائەت ئالدىدا خىجىل قىلماڭ يامان بولىدۇ»
80.«گەپ توشىماڭ يامان بولىدۇ»
81.«تېما ئوقۇسىڭىز ئىنكاس يازماي چىقىپ كەتمەڭ  يامان بولىدۇ »
82.«بىلىپ تۇرۇپ ئەسكى ئىشلارنى قىلماڭ يامان بولىدۇ»
83.«ما تىمىغا ئىنكاس يازماي چىقىپ كەتمەڭ يامان بۇلىدۇ»
84.«مۇنبەر ئوينىسىڭىز تەۋپىقگە كىرمىسىڭىز يامان بۇلىدۇ، »
85.«ئايالىڭىز بىلەن سۇقۇشماڭ يامان بۇلىدۇ(سامانلىقتا يىتىپ قالىسىز دىگەندەكچۇ) »
86.«يانچۇقىڭىزدە پۇل بولمىسا قىز دوستىڭىز بىلەن كۈرۈشمەڭ يامان بۇلىدۇ. »





يەنە ياندىشالايدىغانلا بولسا قېنى مەرھەمەت     ،مۇكاپات  بار  جۇمۇ   ...........................

ئەسكەرتىش  : بۇ تىمىنى باشقا  مۇنبەرلەرگە  يۆتكەشكە  بولمايدۇ

تۆتتاش 2014-06-02 00:51
مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇڭ.

تارىم 2014-06-02 10:15
‹‹ يامان بولىدۇ ›› لار ئاساسەن پايدىسىز ئەمەس .

ئەكبەرنىياز 2014-06-02 16:31
87.ۋاقتى كەلمىگەن ئىشقا ئالدىراپ خۇشال بولماڭ يامان بولىدۇ .
88. ھاجەتخانىدا ئولتۇرۇپ تاماكا چەكمەڭ يامان بولىدۇ .
89.ئوقۇغۇچىلىرىڭىزنىڭ بەك كۆزىگە كىرىۋالماڭ يامان بولىدۇ .
90.باشقىلارنىڭ ئۆيىگە تويۇقسىز مېھماندارچىلىققا بارماڭ يامان بولىدۇ .
91.ئائىلە ئىقتىسادىدا بەك ئىنچىكىلەپ كەتمەڭ يامان بولىدۇ .
92. يۈز يۇيغاندا باشقىلارنىڭ لۆڭگىسىنى ئىشلەتمەڭ يامان بولىدۇ .
93. كومپىيوتېر ئالدىدا ئۇزاق ئولتۇرماڭ يامان بولىدۇ .
94. ئادەتتىكى تېمىلارنى يۈكسەك قىلىپ مەدھىيلىمەڭ يامان بولىدۇ .
95.كېچىسى يول يۈرمەڭ ، يامان بولىدۇ .
96.بوسۇغىدىن ئاتلىغاندا ئاۋۋال سول پۇتنى ئالماڭ يامان بولىدۇ .
97. قىچىشقان يەرنى كۈچەپ تاتلىماڭ يامان بولىدۇ .
98. پېتەكسىز ئاياغ كىيمەڭ يامان بولىدۇ .
99. مەرىكىلەرگە ئاچ قۇرساق بارماڭ يامان بولىدۇ .
100. مەرىكىلەردە جوزا يۆتكىلىپ مەيخورلۇق قىلماڭ يامان بولىدۇ .
101. تۆگىنىڭ قېشىدا ئىشەكنى ماختىماڭ يامان بولىدۇ .


بابۇر0725 2014-06-02 23:55
ئەجەپ ياخشى ھېكمەتلەركەن

ablat0997 2014-06-03 16:35
102.باشقىلارنىڭ يېغىرىغا تەگمەڭ، يامان بولىدۇ.
103.تويغا بالىلىرىڭىزنى ئېلىپ بارماڭ،يامان بولىدۇ.
104.چوڭلارنىڭ ئالدىدا قولىڭىزنى ئىشتان ياچۇقىڭىزغا سېلىۋالماڭ،يامان بولىدۇ.
105.باشقىلار بىلەن بىر داستىخاندا بولغاندا تاماقنى ئىلەشتۈرۈپ يۈرمەڭ.يامان بولىدۇ.
106.ئدەمنىڭ ئۈستىدىن ئاتلاپ ئۆتمەڭ يامان بولىدۇ.
107.باشقىلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۈرۈشكەندە غادىيىۋالماڭ.يامان بولىدۇ.
108.باشقىلارغا قاراپ چۈشكۈرمەڭ.يامان بولىدۇ.
109.باشقىلارغا قاراپ كېرىلمەڭ ھەم ئەسنىمەڭ.يامان بولىدۇ.
110.باشقىلارنىڭ ئالدىدا تۈكرۈكلىرىڭىزنى چاچرىتىپ سۆزلىمەڭ،يامان بولىدۇ.

tawpek 2014-06-08 23:20
111.تېمىنى تولوق ئوقوماي ئىنكاس يازماڭ يامان بولىدۇ.
112.باشقىلارنىڭ ئەقلى ۋە قابىلىيتىدىن گۇمانلانماڭ يامان بولىدۇ.
113.ئىنكاستا تېما ئىگىسىگە مەدەت بەرمىسىڭىز يامان بولىدۇ.
114.مۇكاپاتنى ئاز كۆرۆپ ياخشى ئىشقا ئەگەشمىسىڭىز يامان بولىدۇ.
115.پايدىلىق نەرسىلەرنى ئەلگە سۇنمىسىڭىز يامان بولىدۇ.

گۈلنىھال 2014-06-09 00:29
116 - مۇشۇنداق ياخشى تىمىلارغا ئەگەشمىسىڭىز يامان بولىدۇ ...

گۈلنىھال 2014-06-09 00:29
ھەقىقەتەن ياخشى تىمىكەن  ، رەھمەت !

akqolpan 2014-06-09 10:40
  بۇنداق ئىسىل تېمىلارغا ئىنكاس يازمىساق يامان بولىدۇ.

arzu 2014-06-09 14:50
117. كېچىسى ئايغا قاراپ تەرەت قىلماڭ يامان بولىدۇ.
118. ياغلىق چېگمەي تاماق ئەتمەڭ يامان بولىدۇ.
119. يالاڭئاياق ئۇن باسماڭ يامان بولىدۇ.

120. تېما يوللىماي تەييارلىق كۆچۈرمەڭ يامان بولىدۇ.
121. تەۋپىق تورىدىن سېرتتا يۈرمەڭ...................

ياسىنجان510 2014-06-09 20:45
ئەجىر قىلىپ يازغان تېمىلارغا ئىنكاس يېزىلمىسا،يامان بولىدۇ.   بۇ تېمىڭىز ھەقىقەتەن ئېسىل تېما ئىكەن  ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

ئايبەرگى 2014-06-09 22:07
بۇنداق ياخشى تېمىنى تۇلۇق ئوقۇپ چىقمىسايامان بۇلىدۇ.

ئەنگەر 2014-06-10 08:27
ئايبەرگى:بۇنداق ياخشى تېمىنى تۇلۇق ئوقۇپ چىقمىسايامان بۇلىدۇ. (2014-06-09 22:07) 

دېگىنىڭىز  توغرا

ھاتەھاتەم 2014-06-19 11:00
116.كىتاپ ئوقۇمىسىڭىز يامان بولىدۇ.
117.كىتاپ سېتىۋالمىسىڭىز يامان بولىدۇ.
118-ئوقۇغۇچلارنى ئۇرسىڭىز يامان بولىدۇ.
119.ئاتا-ئاناڭنى خارلىساڭ يامان بولىدۇ.
120.قېرىنداشتىن يۇز ئۆرسەڭ يامان بولىدۇ.
121.يالغان گەپ قىلما،يامان بولىدۇ.
122.ئايالىڭنى خارلىما ،يامان بولىدۇ.
123.ھەمرايىڭغا خىيانەت قىلما يامان بولىدۇ.


查看完整版本: [-- پايدىلىق يامان  بولىدۇلار!!!! --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled