查看完整版本: [-- ‏مەمىتېلى ئەپەندىنىڭ تۈرمە تېمىغا يازغان شىئېرى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مەمتىلى ئەپەندى ھەققىدە -> ‏مەمىتېلى ئەپەندىنىڭ تۈرمە تېمىغا يازغان شىئېرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-06-01 17:00

‏مەمىتېلى ئەپەندىنىڭ تۈرمە تېمىغا يازغان شىئېرى


‏مەمىتېلى ئەپەندىنىڭ تۈرمە تېمىغا يازغان شىئېرى



روھىم ئەجەم قىسىلدى ، سىرىتتىن خەۋەر ئالالماي،
ھېچكىمگە بىر گەپ قىلالماي ياكى بىر گەپ ئاڭلىيالماي.
يېشىم ئوتتۇز ئالتە ياش ، تاشتىنمۇ قاتتى بۇ باش ،
ئادا بولار ئوخشايمەن ، ھەسرەت چېكىپ ، ياتالماي.


خۇدا بىلۇر بالىلىرىم پەرياد چېكىپ يۈرىدۇ،
توغرا بىر يەرگە بېرىپ دادىنى ئاڭلىتالماي.
خۇدا ئۇرغان مەمتىمىن ، ئىچى قارا مەلئۇندۇر
يالغان خەۋەر بېرىپسەن ، توغرا ئىشنى تاپالماي.
ھەي ، مەلئۇن ، ئەجەپ قىلدىڭ ، ھالىمغا ۋابال قىلدىڭ،
ئاز كۈندە مەھۋە ئولۇرسەن، جاسۇسلۇقتا ياشالماي.


شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان ، غۇلام ئۆمەر يازغان ‹‹ باياۋاندىكى گۈلخان ›› دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.

ئاچچىقگۈل 2014-06-01 17:08
يەنە مۇنداقمۇ يېزىلغان:

بۇلبۇللار تۇتقۇن  بولدى،
يۇرتنى بۇلغىدى قاغا.
كىم بولسا ۋەتەنپەرۋەر،
بىركۈن ئېسىلۇر دارغا!

ئاچچىقگۈل 2014-06-01 17:13
تۈرمە تېمىغا يېزىلغان بۇ شېئىرلارنىڭ تولۇق پاكىتى مانا بۇ شېئىر بىلەن تەستىقلىنىدۇ:

.............................................................................
ئۇرغۇپ تۇرغان ئىسسىق قان جىسمىمدا ئېسيان ئېتەر،
كۈندە مۇشتۇمدەك كېسەك،خەت يېزىپ تۈگەپ كېتەر.

  ‹‹ مەمتىلى تەۋپىق شېئىرلىرى››  77-بەت

ئاچچىقگۈل 2014-06-01 17:15
ئۇيغۇرنىڭ دانكوسى--مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ‹‹تۈرمە خاتىرىسى›› ناملىق شېئىرىدىن ئېلىندى.

ئاچچىقگۈل 2014-06-01 18:25
مېمتىلى ئەپەندى كېسەك بىلەن تۈرمە تېمىغا يالقۇنلۇق شېئىرلارنى يېزىپ 8 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن كېيىن  
ل.مۇتەللىپ  تۈرمە تېمىغا قېنى بىلەن مۇنۇلارنى يازغان ئىدى:

بۇ كەڭ دۇنيا مەن ئۈچۈن بولدى دوزاخ،
ياش گۈلۈمنى غازاڭ قىلدى قارا ئەبلەخ.
........................................................

مانا مۇشۇنداق ئاچچىق كەچمىشلەر نەسىپ بولدى ئۇ ئوت يۈرەكلەرگە، ئۇ ئەزىمەتلەرگە!

ئاچچىقگۈل 2014-06-01 18:27
كەچۈرۈڭلار،بۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ ئىسمىنى توغرا يازماپتىمەن.
مەمتىلى  ئەپەندى  يېزىلىشى كېرەك ئىدى.

گۈلنىھال 2014-06-01 21:01
بۇ تولۇقلىمىڭىز بەك ياخشى بوپتۇ , رەھمەت سىزگە !

ئەكبەرنىياز 2014-06-02 00:26
‹‹ باياۋاندىكى گۈلخان ›› بۇ كىتابنى بىر ئوقۇپ باقسام بولغۇدەك ! كۆپ رەھمەت گۈلنىھال !!!

تۆتتاش 2014-06-02 01:38
ئەكبەرنىياز:‹‹ باياۋاندىكى گۈلخان ›› بۇ كىتابنى بىر ئوقۇپ باقسام بولغۇدەك ! كۆپ رەھمەت گۈلنىھال !!! (2014-06-02 00:26) 

ئەۋەتىپ بىرەيمۇ؟

ئاچچىقگۈل 2014-06-02 19:58
‹‹باياۋاندىكى گۈلخان››-- مەندىمۇ بار.ئەمما بەرمەيمەن ھېچكىمگە!

ئارزۇيۇم 2014-06-03 19:46
مەنمۇ ئوقۇپ باقسام بولغۇدەك.

ablat0997 2014-06-04 12:08
بارىنى ئايىمايلى.

گۈلنىھال 2014-06-05 09:47
ablat0997:بارىنى ئايىمايلى. (2014-06-04 12:08) 

قوللايمەن .

tawpek 2014-06-08 23:08
كىتاپخانىلاردىن تاپقىلى بولىدىغۇ ئۇ كىتابنى ھازىرمۇ.

مەنمۇ شۇ كىتاپنىڭ سىھرىدە مۇشۇنداق دانكو سۈپەت مائارىپچىمىزنىڭ نامىدا يەنە كىلىپ تەۋپىق روھى ئوقوتقۇچىلار روھى دەپ جار سىلىپ تۇرۇپ نىمىشقا ئۇنىڭ نامىدا بىرەر ئۇستازلار ئۇيۇشما توپى يوقتۇ دەپ ئويلاپ مۇشۇ تور بەتنى روياپقا چىقارغانتىم.

بىزنى مۇشۇ مەۋھۇملۇقتا مۇشۇنداق جەم قىلغىنىمۇ دەل مەمتىلى ئەپەندى روھى.

بۇ زات بىلەن ئىسمىمنىڭ ئوخشاپ قالغىنى ئەمەس بەلكى ئۇ ھەققىدىكى ئەسەرلەرنى تولا ئوقوپ ھاياجانلانغىنىم ئۈچۈن ئۇنىڭ نامىدا ....................

گۈلنىھال 2014-06-09 00:26
tawpek:كىتاپخانىلاردىن تاپقىلى بولىدىغۇ ئۇ كىتابنى ھازىرمۇ.مەنمۇ شۇ كىتاپنىڭ سىھرىدە مۇشۇنداق دانكو سۈپەت مائارىپچىمىزنىڭ نامىدا يەنە كىلىپ تەۋپ .. (2014-06-08 23:08) 

سىزدىكى مۇشۇ روھ ھەممىمىزنى تەسىرلەندۈرگەچ بۇ مەۋھۇملۇققا جۇغلاشتۇق !


查看完整版本: [-- ‏مەمىتېلى ئەپەندىنىڭ تۈرمە تېمىغا يازغان شىئېرى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled