查看完整版本: [-- توغراق:ئانا --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> توغراق:ئانا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

توغراق 2014-05-31 17:58

توغراق:ئانا

ئانا
ئابدۇۋەلى  تۇردى
چىپ-چىپ  تەرلەپ  كېتىدۇ  قۇياش،
ئۇنىڭ  تەپتى  ھارارىتىدىن.
ئاڭا  ئۇدۇم  سۆز ئاچماي ياشاش،
بۇ تۇرمۇشنىڭ ھالاۋىتىدىن.

بار جاپانى يۈرەركەن يۈدۈپ،
بەرمەس  بىزگە بىرەر تالنىمۇ.
قوندۇرمايدۇ  بوراندا يۈرۈپ،
ئۈستىمىزگە بىرەر چاڭنىمۇ.

ئۇ بولغاچقا بىز مۇشۇنداق شوخ،
قەنت چاينايمىز ھەر بىر قەدەمدە.
يۈرۈيمىزكەن غەمسىز كۆڭۈل توق،
تولغانماستىن دەردتە،ئەلەمدە.

شۇنداق سۇئال سوراركەن  ھايات،
تەڭرى ئۇلۇغ،  كىم ئۇلۇغ يانا؟؟؟
شۇنداق جاۋاب بەردى كائىنات،
ئەڭ ئۇلۇغى ئانىدۇر،ئانا!!!

مۇھەببەتنىڭ ئۈلگىسى  ئۆزۈڭ،
بەختىمىزنىڭ كېپىلى ئانا.
شېئىر يازار سەن ئۈچۈن ئوغلۇڭ،
شېئىر يازار سەن ئۈچۈن دۇنيا.
(ئاپتۇر ئونسۇ ناھىيە 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە)

تۆتتاش 2014-05-31 22:41
شېئىرىڭىزدىكى مەزمۇن بەك ياخشىكەن.  يىزىش جەريانىدا زورۇقۇپ قاپسىز.

ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

گۈلنىھال 2014-05-31 23:00
بۇ مىسرالارنىڭ ياقتۇردۇم :
شۇنداق سۇئال سوراركەن  ھايات،
تەڭرى ئۇلۇغ،  كىم ئۇلۇغ يانا؟؟؟
شۇنداق جاۋاب بەردى كائىنات،
ئەڭ ئۇلۇغى ئانىدۇر،ئانا!!!

بەرىكەتلىك بولغايسىز !

ئەكبەرنىياز 2014-06-02 00:41
ئانىلار ئۇلۇغ ! ئۇلۇغ ئانىلىرىنى ئۇلۇغلىيالىغانلارمۇ ئۇلۇغ !!!

natiwan 2014-06-03 11:28
    
شېئىرىڭىزدىكى مەزمۇن بەك ياخشىكەن.

ھاتەھاتەم 2014-06-04 09:50
ئانىلار ئۈچۈن شېئىر يازالىغان ئەركەكلەرگە ئاپىرىن.

tawpek 2014-06-08 17:09
ئاپىرىن سىزگە، يوللانمىلىررىڭىزدىن قالدۇرماي زوق ئىلىپ مىڭىۋاتىمەن.

داۋاملىق سۇنۇپ تۇرغايسىز.

توغراق 2014-06-08 21:36
ياقتۇرغىنىڭلارغا رەھمەت، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئايىمىغايسىلەر!

شاراپەت 2014-06-26 17:58
ئانىلارنىڭ ئۇلۇغلىقىنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بىرىش ئىنتايىن قىيىن چۇنكى ئۇدىگەن ئانا سىزگەئاپىرىن


查看完整版本: [-- توغراق:ئانا --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled