查看完整版本: [-- گۈلنىھال : قوي پاجىئەسى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئىپىك ئەسەرلەر -> گۈلنىھال : قوي پاجىئەسى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-05-31 17:30

گۈلنىھال : قوي پاجىئەسى

r mX*s} B  
@+b$43 ^  
قوي پاجىئەسى 9O;Sn+  
<P h50s4  
(مەسەل) aopPv&jY  
rCPIz<  
مەمەتتۇرسۇن ئابدىريىم ئوغلانى XDPR$u8hM  
)L b` 4B  
aO1^>hy  
          بۇرۇنقى زاماندا بىر قوي پادىشاھلىقى ياشىغان ئىكەن ، ئۇلار شۇنداق خاتىرجەم ئىكەنكى ، بۇ يەردە بۆرە ،شىر ، يولۋاس قاتارلىق گۆشخور ھايۋانلاردىن بىرسىمۇ يوق ئىكەن ، ئۇلارنىڭ كۈنلىرى شۇنچىلىك خاتىرجەم ئۆتىدىكەن ،پادىشاھىمۇ شۇنچىلىك ئادىل ، ئەقىللىق ئىكەن . u "0{) ,  
   بىر كۈنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر ئۆچكە كەپتۇ ، بۇ ئۆچكىنىڭ ساقاللىرى ئىنتايىن ئۇزۇن بولۇپ ، قويلار ئۇنى كۆرۈپ پۇت قولىنى يەرگە تەككۈزمەي قويلار پادىشاھىنىڭ قېشىغا باشلاپ كەپتۇ . پادىشاھ ئۇنى كۆرۈپ ، ئۆمرىدە كۆرۈپ باقمىغان بۇ ئۆچكىدىن ئۈچ سۇئال سوراپتۇ . ]+I9{%zB%8  
ــ قەيەردىن كەلدىڭ ؟ |+Wn5iT  
ــ تۇپراقتىن كەلدىم . تۇپراققا كەتمەكچىمەن . ــ دەپتۇ ئۆچكە ئىنسانلاردىن يادىلۋالغان سۆزى بويىچە . g  *,O  
ــ بۇ يەرگە نىمىشقا كەلدىڭ ؟ V|YQhd0kv  
ــ زىمىن تەڭرىنىڭ ، ئۇ بىزنى قەيەرگە بار دىسە ،بىز شۇيەرگە بارىمىز . v< P0f"GH  
ــ ئۇنداقتا نىمىشقا ساقىلىڭ بۇنچىلىك ئۇزۇن ؟ \c\~k0u  
ــ بۇ دىگەن ئاقىلنىڭ سمولى ، قانچە ئەقىللىق بولسا شۇنچىلىك ئۇزۇن بولىدۇ .ــ دەپتۇ ئۆچكە كۆرەڭلەپ تۇرۇپ . W`x.qumN  
     بۇ جاۋابلارنى ئاڭلىغان پادىشاھ  ئۆزىدىنمۇ ئەقىللىق بۇ ئۆچكىنى ۋەزىر قىلىپ بىكىتىپتۇ ، ئۇنىڭ يۈرۈش تۇرۇشلىرى ناھايتى سىپايە ، ئىگىزگىمۇ تېز چىقالايدىغان بولغاچقا ئۆچكىگە ئاستا - ئاستا قايىل بولۇپ ، ئۇنىڭ گېپىنى پادىشاھتىن قالسىلا ئەڭ كۈچكە ئىگە قىلىپ بىكىتىپتۇ . WaB0?jI  
   شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن قويلارنىڭ ئىچىدە ئۆچكىنىڭ ئەقىللىقلىقى تارقىلىپتۇ ، ھەممە قوي ئۇنىڭغا چوقۇنۇپتۇ ، ھەممە قوي دىگۈدەك ئىڭەكلىرىنى يەرگە سۈركەپ ساقىلىنى ئۆستۈرۈپ ئەقىللىق بولۇش ئۈچۈن جېنىنىڭ بارىچە كۈچەپتۇ . ھەتتا بەزى قويلارنىڭ ئىڭەكلىرى قاناپ ، گۆشلىرى چىقىپ ، سۆڭەكلىرىمۇ كۆرۈنۈپ قاپتۇ . بەزى قويلار ئۆچكىنىڭ دەرەخكە چىققانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنى دوراپ دەرەخكە چىقىپتۇ ، لېكىن ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقى سەۋەبلىك يەرگە چۈشۈپ ئۆلۈپ قاپتۇ . ,=+t2Bn  
    بۇ قىزغىنلىقنى كۆرگەن پادىشاھ ،ئۆچكە بىلەن ھەر كۈنلۈكى دۆلەت توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ ، ئۆچكىنىڭ ئادەملەردىن يادىلۋالغىنىنى دەپ بېرىشى بىلەن ئۆچكىگە قايىللىقى ئېشىپتۇ . ئۆچكە دۆلەت ئاتىسى بولۇپ بىكتىلىپتۇ . aL:|Dr3SX  
    پادىشاھ پۈتۈن قويلارغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ، قويلارنىڭ پۈتۈن ئاماللار بىلەن ساقال قويۇشقا ، ئۆچكىدەك ئاۋاز چىقىرىشقا ، ئۆچكىدەك تاقلاشقا ، دەرەخكە يامىشىشقا ... ئىشقىلىپ ئۆچكە نىمە قىلسا شۇنى قىلىشقا بۇيرۇق قىلىپتۇ . ,yC..aI  
   بىر كۈنى بىر قوي ۋەزىر : fnq 3ic"V  
  ــ ئالىلىرى ، بۇلارنىڭ تەبئىيتى  قوي ، ئۆچكە ئەمەس ، ئۇلارنى بۇنداق قىينىسا چاتاق چىقارمىكىن . ــ دەپتۇ . (G F}c\=T7  
ــ ئۇنداقتا مەنمۇ بۇرۇن بىر قوي ئىدىمغۇ ــ دەپتۇ ئۆچكە يالغانچىلىق بىلەن . c!E{fSP  
  بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ دەرغەزەپ بولۇپ ئۇ قاپ يۈرەك قوينىڭ كاللىسىنى ئاپتۇ . "73*0'm  
    كۈنلەر ئۆتۈپ ،ئايلار ئۆتۈپ نۇرغۇن قويلار ئۆلۈپتۇ ، نۇرغۇن قويلار مېيىپ بولۇپ كىسەل ھالەتكە كېلىپ قاپتۇ . لېكىن ئۆچكىگە ئوخشايدىغان قويلار چىقماپتۇ . بۇنىڭ بىلەن   ئۆچكە پادىشاھنى ئىزدەپ ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ : lxL5Rit@Px  
ــ ئالىلىرى ، مېنىڭ بىر ئامالىم بار ، مەن ئون قوينى باشلاپ كىتىپ ئىككى كۈندە كېلەي ، ئاندىن بۇ قويلار ئۆچكىگە ئايلىنىپ قېشىمغا كېلىدۇ .ــ دەپتۇ . _wq?Pa<)e  
ــ ماقۇل ،ماقۇل ، ـــ دەپتۇ پادىشاھ خۇشال ھالدا . = S&`~+  
    ئۆچكە  تاغنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ باشلاپ كەلگەن  قويلارنى بىر -بىرلەپ ئۆلتۈرۈپ ، ئۆزىنىڭ ياشىغان يېرىدىن  ئون ئۆچكىنى باشلاپ كەپتۇ ، پادىشاھ بۇنىڭدىن مەمنۇن بولۇپ ، قويلارنى بۇ ئۆچكىلەرگە ئازار بەرمەسلىكىنى ، ئۆچكىلەرنى ئۆزىنىڭ دادىسىدىنمۇ ئارتۇق كۆرۈشكە بۇيرۇق بېرىپتۇ . K8[DZ)rO;Z  
   بۇ ئۆچكلەر شۇنداق قىلىپ بۇ قويلار بىلەن خالىغانچە توي قىپتۇ ، نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن ، بۇنىڭدىن تۇغۇلغان قويلار يا قويغان ،يا ئۆچكىگە ئوخشىمايدىغان بىر مەخلۇق بولۇپ چىقىپتۇ ، بۇ تۇغۇلغان مەخلۇقلار بەكمۇ دۆت بولۇپ ، ئۆچكە نىمە دىسە شۇنى دەپتۇ . [\e@_vY@OH  
    كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھ ئۆلۈپتۇ ، ئورنىغا پاقلان پادىشاھلىق قىلىپتۇ ، كېيىنچە چاڭلىشىپ كەتكەن بۇ قويلار ئۆچكىنىڭ قۇتىرتىشى بىلەن  ئۆچكە پادشاھلىق ئورنىغا چىقىپتۇ، قويلارنى قۇل قىلىپ ، ئۆزلىرىنىڭ دىدىكى ۋە مالىيى قىلىپتۇ . Ud(`V:d  
  ساقاللىق ئۆچكە پادىشاھ بولغان بولسىمۇ ، ئۇ خەلقنى باشقۇرالماپتۇ ، قالايمىغان بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ ، خالىغانچە يەپ -ئىچىپتۇ ، ئىشقىۋازلىق قىپتۇ ، پۈتۈن پادىشاھلىق قالايمىغانچىلىققا تولۇپتۇ . k;^ :  
  شۇنداق قىلىپ ھەر كۈنى قىيا -چىيا ، زارلىنىش ، يىغا -زار قۇرۇماپتۇ . بۇنداق ۋاراڭ -چۇرۇڭ كۆپ بولغاچقا ، شۇ يەردىن ئۆتكەن كارۋانلار بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىپ بېرىپ بۇلارنى كۆرۈپ ، ھەممىنى تۇتۇپ كېتىپتۇ . 7<\C ?`q"  
   GZ#aj|  
تىيەنجىن ] ZoPQUS?  
2014-05-21 3`.P'Fh(k  
مەنبە : باغداش تورى

ئەكبەرنىياز 2014-06-02 00:51
نېمىدىگەن مەزمونلۇق مەسەل بۇ !؟ گۈلنىھالغا كۆپ رەھمەت !!!

گۈلنىھال 2014-06-02 10:05
مەزمۇنى راستىنلا ياخشىكەن !

bahadir 2014-06-05 10:28
ئاڭلاپ باقمىغان مەسەلكەن،ئەمما ،مەزمۇنى بەك ياخشىكەن جۇمۇ!!!

گۈلنىھال 2014-06-06 10:55
رەھمەت  سىزلەرگە ...

tawpek 2014-06-08 16:44
ئاخىرى تازا ياخشى ئاخىرلاشمىدىمۇ نىمە؟ 5f'DoT  
:fcM:w&  
ياكى تومتاقلا ئاخىرلىشىپ قالغاندەك.

گۈلنىھال 2014-06-08 22:21
tawpek:ئاخىرى تازا ياخشى ئاخىرلاشمىدىمۇ نىمە؟ياكى تومتاقلا ئاخىرلىشىپ قالغاندەك. (2014-06-08 16:44) 
XxHx:mi  
مېنىڭچە سەۋەپ - نەتىجە ئېنىق بوپتۇ .


查看完整版本: [-- گۈلنىھال : قوي پاجىئەسى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled