زەپەرى |
2014-05-30 21:43 |
مەدەنيەت مىللىتىمىزنىڭ مەھسۇلى (سۆز ئۇيۇنى)
مەدەنيەت مىللىتىمىزنىڭ مەھسۇلى سۆز ئۇيۇنى W+GC3W مەدەنيەت مىللىتىمىزنىڭ مەھسۇلىدۇر. مەدەنيەتسىزلىك، مۇغەمبەرلىك.مەلۇم مەنىدىن مۇئەييەنلەشتۈرسەك؛مەدەنيەتسىزلىك مىللىتىمىزنىڭ مەنپەئتى،مۇقۇملىقىنى مىجىقلاپ،مەدەنيەت مىراسلىرىنى مىسكىنلەشتۈرۈپ،مىللەتنى مەينەتلەشتۈرىدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر. مەلۇم مۇتىھەم،مۇغەمبەرلەر مەدەنيەتنى مەنسىتمەي،مىلللىتىمىزنىڭ مەدەنىيتىنى مۇڭلاندۇرۇپ،مەدەنيەتسىز مۇقاملارنى موللاشتۇرۇپ، مەدەنيەتسىزلىككە مېڭىۋاتىدۇ.مەسىلەن؛مىللىتىمىزدىكى مەدەنيەت مىزانى مۇكەممەللەشمىگەن،مۇتىھەم،مۇشتۇمزورلار ماسلىشىپ، مىسكىنلەرنى،مەسۇمەلەرنى مۇشىتلاپ،موللاقشىتىپ،مىللەتنى مالىمانلاشتۇرسا،مەلۇم مۇناپىقلار،مەيدىسىگە مۇشىتلاپ، مەيخورلىشىپ، مەستلىشىۋېلىپ،مايماق مېڭىپ،مۈشۈكتەك مىياڭلاپ،مەينەتچىلىككە مىلىنىپ،مەدەنيەتنى ماڭداممۇ-ماڭدام مۈدۈرىتىپ،مىللەتنىڭ مەدەنىيتىگە ماسلاشمىغان مەكرۇلارنى مىتىلداتسا،مەلۇم مىس-مىس،مىڭىسىدە مەدەنيەتنىڭ مەنىسى مەۋجۇتلاشمىغان مۆرىمەس،مىتە،مەدەنيەت مەجرۇھلىرى،مەينەتلەشكەن، مىجىقلانغان، مالتىلانغان،ماددى ماددىلارنى مەينەت ماددىلارنىڭ مەركىزىگە ماڭدۇرماي،موتسىكلىت،ماشنىلار ماڭدىغان مەركەزلەرنى مەينەتچىلىككە مىلەپ،ماشىنا-موتسىكلىتلارنىڭ مېڭىشىنى مالىمانلاشتۇرۋاتىدۇ.مۇلاھىزە مەزمۇنىنى ماڭداممۇ-ماڭدام موللاشتۇرساق،مەدەنيەت مىزانىغامىخلانغان مەدەنيەت مەسئۇلىيەتچىلىرىدىمۇ مەلۇم مەنىدە مەدەنيەتسىزلىك مەۋجۇت.مەسىلەن؛مەلۇم مەدەنيەت مەسئۇلىيەتچىلىرى مەدەنيەتكە ماسلاشماي،مەدەنيەت مايسىلىرىنى مۇقۇم مەدەنيەت مىزانىغا مىخلىماي،مەسئۇلىيەتسىزلىشىپ،مەدەنيەتنى مەيۈسلاندۇرۋاتىدۇ.مۇشۇ مەزمۇنلاردىن مۇقۇملاشتۇرساق،مەلۇمكى مۇنداق مەدەنيەتسىزلىشىپ مېڭىۋەرسەك مىللەت مەدەنىيتىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى مۇقۇملاشتۇرۇپ،مەزمۇننى موللاشتۇرۇش مۇمكىنمۇ؟ KJV8y"^=Q ئاپتۇرى:كىرىمجان ياسىن(زەپەر) tewp-MKA
|
|