查看完整版本: [-- تېپىۋالغاننى تەشكىلگە تاپشۇرۇڭ(سانائىل  سۆز ئۇيۇنى) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> باشقا ئىجادىيەتلەر -> تېپىۋالغاننى تەشكىلگە تاپشۇرۇڭ(سانائىل  سۆز ئۇيۇنى) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

زەپەرى 2014-05-30 21:39

تېپىۋالغاننى تەشكىلگە تاپشۇرۇڭ(سانائىل  سۆز ئۇيۇنى)

تېپىۋالغاننى تەشكىلگە تاپشۇرۇڭ(سانائىل  ھەرپلەردىن تۈزۈلگەن سۆز ئۇيۇنى) z X5G;,_  
p#H]\ P'  
تېمىمىزدا تەكىتلەيدىغىنىمىز،تېپىۋالغاننى تەشكىلگە تاپشۇرۇش توغرسىدىكى تەلىمدۇر. تېپىۋالغاننى تەشكىلگە تاپشۇرماسلىق تۇلىمۇ تېتىقسىزلىق.تېگىدىن تازا توغرا تەربىيلەنمىگەنلەر تۆت تال تېرىق تېپىۋالسىمۇ تىقىۋالىدۇ.توغرا تەربىيلەنگەنلەر توننىلاپ تەئەللۇقات تېپىۋالسىمۇ تەشكىلگە تاپشۇرىدۇ. 4#Eul  
تەۋەيىمىز تۆۋەنجاينىڭ تۆۋەن تەرپىدە تۇرۇشلۇق تاھىر تۆمۈرچى تۆمۈرچىلىكتىن تەرەققى تاپقان تۆمۈرچى.تەجىربىلىك تۆمۈرچى تاھىر تاڭدىن تاكى تۈن تەڭگىچە توختىماي،تەرلەپ،تەپچىرەپ،تۈمۈر توقماقنى تاراڭلىتىپ،تۈگەشكەن تۆمۈرلەرنى تۈزلەپ،تۈرلۈك تاپشۇرۇقلارنى توختاملاشقان تەرتىپتە تۈگەتكەچكە تىزلا تەرەپ-تەرەپكە تۇنۇلدى.تۇنۇلۇپلا توختىماستىن،تىرىشچانلىقىغا تاينىپ تۈمەنلەپ تىزا تاپتى.تاپقانسىرى تاھىر تۆمۈرچى تۆۋەنجايدىكى تۇتۇرۇقسىز تەلۋىلەردىن تەشۋىشلىنىپ،تاپقان تېزىلىرىنى تىزدىن تىللاغا تىگىشىۋالدى.تاپقان تۈمەنلىگەن تىزىلىرىنىڭ تەننەرقى توپتوغرا توقسان توققۇز تىللاغا توختىتى.تاھىر تۆمۈرچى تىللالارنى تىرە تۇمىقىغا تىقىپ،تۇماقنى تىكىۋىتىپ، تۇرالغۇسىنىڭ توغرا تېمىغا توختىتىلغان تەكچىنىڭ تېگىدىكى تامنى تىشىپ تىقىۋىتىشكە تەييارلىنىۋاتقاندا، تۇققانلىرىنىڭ تەكىتلىشىدە تىللانى تامغا تىقماي تەشكىل تەشكىللىگەن تۈرلۈك تاپاۋەت تارماقلىرىغا توختاملىشىپ تىزىملىتىپ،تىللارنى تېخىمۇ تۇلۇقلاپ تېپىشقا تايىن تېپىپ،تۆت تاكسىنى تاشيولغا توختىتىشقا تەرەددۇتلىنىپ،تۆمۈرچىلىكىنى تۆمۈرچىلىكتە تەربىيلىنىۋاتقان تۆمۈرچى تۇراجانغا تاپشۇرۇپ،تىللارنى تامبىلىنىڭ تۆۋىنىگە تۈجۈبىلەپ تېڭىپ  تىقىشتۇرۇپ،تەنھالا تىيەنجىنغا تاكسى  تىزىملىتىشقا تەييارلاندى،تاھىر تۆمۈرچى تاغ تەرەپتىكى تاشيولدا تاكسى تۇسۇۋاتقاندا تۇيۇقسىز تۈجۈبىلەپ تاڭغان تىللالىرى تاڭغان تاسمىسىنىڭ تېشىلىشى تۈپەيلىدىن،تامبىلىنىڭ تۆۋىنىدىن تاشيولغا تۈگەل تۆكۈلگەنلىكىنى تاھىر تۆمۈرچى تۇيمىدى.تاھىر تۆمۈرچىنىڭ توسىشىدا تاشيولدا تىزلا توختىغان تاكسىغا تاشلاندى.تاشيولنىڭ تۆۋىنىدىكى تاشلاندۇق تاشلىقتا تىزەك تىرىۋاتقان توختى تەرسا تىرىڭلىغان تىۋىشلەردىن تەئەججۇبلىنىپ،تىزلا تاشيولغا تىكىلىۋىدى،تال-تال تاۋلىنىپ تۇرغان تىللالاردىن تىلى تۇتۇلۇپ، تۆت تەرەپنى تىز-تىز تەپسىلى تەكشۈرۋىتىپ،تاغىرىدىكى تىزەكلەرنى تۆكۈۋىتىپ،تاشيولدىكى تىللالارنى تىزدىن تىرىپ،تەلتۈكۈس تاغارغا تىقىپ،تۇرالغۇسىغا تىكىۋەتتى.تىمىنى تاھىر تۆمۈرچى تەرەپكە توختاتساق. تاھىر تۆمۈرچى تاكسىغا تاشلىنىپ تاشيول تەڭلەشكەندە تۇيۇقسىز تامبال تاسمىسىنى تۇتۇپ،تېلىقىپ تۆۋلىۋەتتى.تىللالارنى تاپالماي تىپىچەكلەپ تاكسىنى توختاتتى.تاكسىنى تىزلا تاغ تەرەپكە تارتىپ،تاشيولنى تەقەززالىقتا  تەكشۈرۈپمۇ تىللالىرىنى تاپالمىدى.تاھىر تۆمۈرچىنىڭ تومۇرلىرى تومپىيپ، تىتىرەپ تاشيولغا تىرىڭڭىدە تاشلاندى،تاھىر تۆمۈرچىنىڭ تۇرالغۇسىدىكىلەر تاھىر تۆمۈرچىنىڭ تالاپىتىدىن تەمتىرەشتى.تۆۋەنجايدىكى تۈگمەنچى  تاشۋاينىڭ تەكىتلىشىدە تەرجىمان تۇقىز تىلللارنىڭ تېپىلمىغانلىقى توغرسىدا تىزدىن تەپتىشكە تىزىملىتىۋەتتى.تەپتىشتىكىلەر تۇشمۇ-تۇشتىن تەكشۈرۈپمۇ تىللالارنى تاپالمىدى.تىللا تېپىلمىغانسىرى تاھىر تۆمۈرچى تىماقلىرىدا تەنلىرىنى تاتلاپ تىتىۋەتتى. تىللالىرىنى تېپىۋالغان  تەييارتاپنى تۈكۈرۈپ تىللاپ،تاماقنىمۇ تاشلاپ،تۇرالغۇسىنىڭ تېشىدىكى توغراقنىڭ تۈۋىدە تاپتەك تاشلىنىۋالدى. تەپتىشتىكىلەرنىڭ توختىماي تەكشۈرشىدە تۇيۇقسىز تىللارنى تېپىۋالغان توختى تەرسا تۇتۇلدى.توختى تۇتۇلغاندا تۆمۈرچى تىللالىرىغا تارتىشىپ تۈزۈلەلمەي  تىنىقى توختاپ،تىزلا تۇپراقنىڭ تېگىگە تاشلانغان.تەپتىش توختى تەرسانى تۈرمىگە تاشلىدى.تەپتىشلەر توختىنى تەكشۈرگەندە توختى تەرسا تىللانى تېپىلغانلىقىدىن تىنىۋېلىپ،تاپشۇرمىغان،تەپتىشتىكىلەرنىڭ تاكتىكىسىدا توختى تىللالارنى تۇلۇق تاپشۇردى.تەپتىشتىكىلەر توختى تەرسانى تۇنۇيتى.توختى تەرساننڭ تۈرمىگە تاشلىنىشى توختىنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشىنىڭ تۆتىنجىسى.توختى تەرسا تۆۋەنجايدا تۈزۈك تۇرمايدىغان تەلۋە.تاپقان تەئەللۇقاتىنى تاۋكادا تۈگۈتىۋىتىپ،تاۋكادىلا تۇتۇلۇپ تۈرمىگە تاشلانغان،تۈرمىدە تەربىيلىنىپمۇ تۈزەلمىگەن تەرسا.تەپتىشتىكىلەر تەجرىبىللىرىگە تەدبىقلاپ توختىنى تىزلا تۇتۇپ،تىللالارنى تاھىر تۆمۈرچىنىڭ تۇققانلىرىغا تاپشۇرسىمۇ،تەسىرلىنىشكە تىگىشلىكى تاھىر تۆمۈرچى تىرىلمىدى. توختى تەرسا تىلللارنى تېپىۋالغاندا تىزلا تېپىۋالغاننى تەشكىلگە تاپشۇرۋەتسە تاھىر تۆمۈرچىمۇ تىرىك تۇرامتىكىن-تاڭ.توختى تەرسادەك تەربىيسزلەر تۈگۈمىگەنلىكتىن تالاي-تالاي تالاپەتلەر توختاۋسىز تەكرالىنىپ تېخىچە تۈگۈمەيۋاتىدۇ. l_+A5Xy  
koH4~m{  
F";FG 0  
                                       ئاپتۇر:كىرىمجان ياسىن(زەپەر) oBw}hH,hp  

پەرى 2014-05-30 22:31
ئىجادىيىتىڭىزگە تەشەككۇر بەك ياخشى كەلتۇرۇپسىز ، ھارماڭ ئۇستاز !

تۆتتاش 2014-05-31 01:40
زەپەرى  ئەپەندى. ئىجادىيىڭىزگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن. 6J;i,/ky  
بۇ ئەسەرنى قانۇنچىلىق گېزىتىگە ئەۋەتىپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئاچچىقگۈل 2014-05-31 16:54
ئىگىسىنى تاپالمىسىڭىز تېپىۋالغاننى  يانچۇققا سېلىڭ. چۈنكى تەشكىلنىڭمۇ يانچۇغى بار. 2+&R" #I  
تەشكىل تېپىلمىنىڭ  ئىگىسىنى چوقۇم تاپالايدىغان سېھىرگەر ئەمەس.

گۈلنىھال 2014-05-31 22:10
ھەقىقەتەن قابىلىيەتلىككەنسىز , رەھمەت !

ئەكبەرنىياز 2014-06-02 18:04
كۆپ ئەجرىڭىز سىڭىپتۇ ، ھارمىغايسىز !!!

بابۇر0725 2014-06-02 23:27
تىل قابىلىيىتىڭىزگە ھەقىيقەتەن ئاپىرىن  يارايسىز

زەپەرى 2014-06-03 11:10
ئەكبەر نىياز ئاكا قوللىغىنىڭزغا رەھمەت...مۇمكىن بولسا سىزدىن ئازراق تەلىم ئالسام قانداق...بولسا ماڭا ئارۇز غەزەل تۈردە تەپسىلرەك چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز..مىنىڭ غەزەل يېزىش سەۋيەم تۆۋەنرەك...بەھىرلەرنىڭ كۆپلىكىدە قايمۇقۇپ تازادىگەندەك ۋەزىنگە چۈشۈرەلمەيۋاتىمەن....

tawpek 2014-06-06 11:29
ئوقوپ شۈنچىلىك ھۇزۇرلاندىمكى، بۇنچە كۆپ ت  دىن باشلانغان سۆزلىرىمىزنىڭ بارلىقىغىمۇ ھەيران قالدىم  'QekQ];  
BJO~$/R?v  
YCB 3  
ئاناتىلنىڭ پاساھىتىنى ئەسەردىن، ئاناتىلىمىزغا بايلىقىڭىزنى ئەسىرىڭىزدىن كۆرگەندەك بولدۇم E/L?D  
Ei p~ ~2  
WJFTy+bD  
تەۋپىققە باسقان قەدەملىرىڭىزگە مەرھابا، ئىزچىللىق سىزگە يار بولغاي. |Qt`p @W  
C#?d=x  
ئەسەرنى ئوقوۋىتىپ ئىغىزنىڭ تالغىنىغا قاراپ مۇشۇنداق ئەسەرلەر ئارقىلىق باللىرىمىزغا تىل كۆندۆرۆش مەشىقى قىلسىمۇ بولغۇدەك دەپ قالدىم

زەپەرى 2014-06-06 17:33
تەۋپىق ئەپەندى..مەن سىزگە چ چ دا ئۇچۇر قىلغان ئىدىم..بولسا ئازراق ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ماڭا ئارۇز ۋەزىندىكى غەزەل يېزىش قائىدىسىنى بىر چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز..مەن نۇرغۇن غەزەللەرنى يازغان.لىكىن پىستان چاققان ئىھتىماللىق كۆپ..تەپئىل،بەھىرلەرنىڭ كۆپلىكىدە مەن قايمۇقۇپ قېلىۋاتىمەن..بولسا بىرغەزەلنى ئۆرنەك قىلىپ ئاساسلىقى قەيەرىگە دىققەت قىلىشنى بىر دەپ بەرگەن بولسىڭىز..


查看完整版本: [-- تېپىۋالغاننى تەشكىلگە تاپشۇرۇڭ(سانائىل  سۆز ئۇيۇنى) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled