查看完整版本: [-- ئۇقۇتقۇچىنىڭ پۇلى بولغان چاغدا.... --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۇلدىكى سۆز -> ئۇقۇتقۇچىنىڭ پۇلى بولغان چاغدا.... [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

نۇرلالە 2014-05-30 12:46

ئۇقۇتقۇچىنىڭ پۇلى بولغان چاغدا....

jW-;Y/S  
بىز مۇئەللىملەرنىڭمۇ پۇلى بولغان چاغدا... |.&GmP  
_-^mxC|M  
تۇنيۇقۇق H*P+>j&  
\pTv;(  
مۇبادا بىز مۇئەللىملەرنىڭمۇ پۇلى جېق بولسا بىر مىليۇن يۈۋەنلىك مۇكاپات بىلەن ھېلىقى؛«ياخشى ئوقۇتقىلى بولمايدىغان ئوقۇغۇچى يوق،پەقەت ياخشى ئوقۇتالمايدىغان ئوقۇتقۇچى بار »دەپ كاپشىيدىغان ئەبلەخلەرنى تۇتقۇزۇپ ئەكىلىپ ناچار،قۇلاق كەستى ئوقۇغۇچىلاردىن 50نى سىنىپقا سۇلاپ بىرىپ، ئاشۇلارنى سوتسىيالىزىمنىڭ ياراملىق ئىز باسارلىرىدىن قىلىپ تەربىيەلىگىلى سالاتتىم. fX6pW%Q'6  
بىز مۇئەللىملەرنىڭمۇ پۇلى بولغان چاغدا ھېلىقى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىنىڭ قانداق خىزمەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقىنى سۈرۈشتۈرمەي دەرىس ئۈتۈشتىن قۇسۇر تاپىدىغان ھېلىقىدەك مۇتەخىسىسلەرنى كىتابى كۈتەرتكۈزۈپ دەرىس ئۆتكۈزۈپ ،دەرىس ئۆتەۋاتقاندا تۇيۇقسىز ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ دەرىس ئاڭلاپ ،كىلىشتۈرۈپ باھالاپ قۇياتتىم. w"#rwV&  
بىز مۇئەللىملەرنىڭمۇ پۇلى بولغان چاغدا ھەر يىلى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كەلسە مەنمۇ كىچىك ماشىنامغا ئولتۇرۇپ ئۇلارنى مەيداننىڭ تازا كۈن چۈشىدىغان يىرىگە يىغىپ ،ئۆزەم سايىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ« قىزىل كالا»دىن ئوتلىغاچ تەبرىك سۆزى قىلاتتىم .ھەمدە ئۇلاردىن ھال سوراپ بىرتالدىن لۈڭگە تەقدىم قىلىپ،كىلەر يىللىق نىشاننى بىكىتىپ ،مەسئۇلىيەتنامىگە قول قويغۇزۇپ كىلەتتىم. wL^x9O|`p9  
بىز مۇئەللىملەرنىڭمۇ پۇلى بولغان چاغدا.باشلىقلارنى يېزا مەكتەپلىرىگە ياردەمگە ئەۋەتىپ ،ئۆزەم ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا ۋە قارامايدىكى نوقتىلىق سىنىپلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلاتتىم. ]VtP7 Y  
بىز مۇئەللىملەرنىڭمۇ پۇلى بولغان چاغدا رەھبەرلەرنىمۇ ئوقۇتقۇچىلار ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرۇپ ئۆتەلمىگەنلىرىنىڭ 30% مائاشىنى تۇتۇپ قېلىپ ئىسمىنى قارا تىزىملىككە چىقىرىپ قوياتتىم. ]~f-8!$$R  
بىز مۇئەللىملەرنىڭمۇ پۇلى بولغان چاغدا،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش مەركىزىدىن قۇرۇپ،ئەرزىخور،قائىدە چۈشەنمەيدىغان ئاتا-ئانىلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ بالىنىڭ قۇرسىقىنى توقلاپ قويسىلا ئادەم بۇلىۋىرىدىغان ھايۋان ئەمەسلىكىنى تۇنىغانلىقى ھەققىدىكى چوڭ تەكشۈرۈشنامىسىنى پۈتۈن ئاۋام ئىچىدە ئوقۇتاتتىم. TM_bu  
بىز مۇئەللىملەرنىڭمۇ پۇلى بولغان چاغدا مەنمۇ باشلىقلارنى خالىغانچە ئىمتىھانغا تەشكىللەپ ،سۇئاللارنى مەمۇرلارغا چىقارتقۇزۇپ تازا ئىمتىھان ئېلىپ دەرىجىگە تىزاتتىم.ھەمدە ئۆتەلمىگەنلەرنى كەسپى سەۋېيسىنىڭ يۇقىرى –تۆۋەن بولىشى،يېشىنىڭ چوڭ-كىچىك بولىشى ۋە ئەمەلىيەتتكى خىزمىتىنىڭ قانچىلىكلىكى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماي تولۇقتىن تۇلۇقسىزغا،شەھەردىن يېزىغا يۆتكىۋىتەتتىم.ئەلۋەتتە ،ئۆزەمگە مۇناسىۋەتلىك باشلىقلارنىڭ ئورۇق-تۇققانلىرىنى بىر مەزگىلدىن كىيىن ياندۇرۇپ ئەكىۋېلىشقا كاپالەت بىرەتتىم. n:s _2h(u  
بىز مۇئەللىملەرنىڭمۇ پۇلى بولغان چاغدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادىمىيلىكىگە ،ئۇلارنىڭ نىمىنى قانداق ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى،نىمىدە قىيىنچىلىققا يۇلىقىۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماي ھەر ئوقۇتۇشنىڭ شەكلىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىۋەتكەنلەرنى ئۆزلىرىنىڭ تاماق قاچىسىدىن مەھرۇم قىلاتتىم.شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ ئوقۇتقۇچى دەپ قارىماي ئۇلارنىڭ تەتقىق قىلىش،ئۆگىنىش ۋاقتىنى باشقا ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلىغالارنىمۇ مەنمۇ باشقا ئىشلارغا تازا سېلىپ ئوقۇتۇش نەتىجىسى تۈۋەنرەك چىقىپ قالسا پۈتۈن بىر مەۋسۇم لايەقەتسىز قىلىۋېتىپ تازا يالۋۇرتاتتىم. 4 EA$ 
بىز مۇئەللىملەرنىڭمۇ پۇلى بولغان چاغدا ئۆزلىرى باشقىلار سوۋغا قىلغان ئىسىل كىيىملەرنى كىيىپ ،كۈندە بىر كىيىم ئۆزگەرتىپ يۈرۈپ ئوقۇتقۇچىلارنى ئىسسىقتىمۇ،سۇغۇقتىمۇ ،قار-بوران ۋە يامغۇردىمۇ مەكتەپ فورمىسىنى كىيىشكە مەجبۇرلىۋاتقان مائارىپ باشقۇرغۇچى ئورۇنلاردىكى باشلىقلارنى يازداتۇپا يېغىۋاتسىمۇ قاپقارا سارچى چاپانلارنى كىيدۈرۈپ دەرىسكە كىرگىلى سالاتتىم. 8(S|=cR  
بىز مۇئەللىملەرنىڭمۇ پۇلى بولغان چاغدا ئەلۋەتتە مەن مەكتەپكە جېق پۇل بەرمەي، قوللاشنى ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزىدىن باشلاپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ كىرىم مەنبەسى ئۈستىدە كۆپرەك ئويلىناتتىم.ئوقۇتقۇچىلارغىمۇ يىللىق ئۈنۈم مائاشىنى مەمۇرلارغا ئوخشاش تارقىتاتتىم.ھازىرقىدەك پۇلنى ھەممىسىنى مەكتەپكە چۈشۈرۈپ بەردۈق دەپ  مائارىپنى ھەممە باشلىققنىڭ تۇتقۇسى كىلىدىغان،تۇتۇش ئۈچۈن ھەركۈنى باھالاش ئېلىپ بارىدىغان،ھەممە باشلىق ئۆزىنىڭ گىپىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن چوت سۇقىدىغان« ئولجا» غا ئايلاندۇرۇپ قويماي.80-9-يىللاردىكىدەك مائارىپنى مائارىپنى بىلىدىغان،بىر ئادەم باشقۇرىدىغان دەۋىرگە ئاپىرىپ قوياتتىم. NxK.q)tj6  
بىز مۇئەللىملەرنىڭمۇ پۇلى بولغان چاغدا ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنى ئىچىدىمۇ ئۆزەمنىڭ ھوقۇقىنى تازا يۈرگۈزۈپ خىزمەتكە چىقىپ بىر يىلغىچە خىزمەت تاپقاننىڭ خوشلىقىدا لاغايلاپ يۇرىدىغان،بىر يىلدىن كىيىن خىزمەتتىن قاقشايدىغان،يەنە بىر قانچە يىل ئۆتكەندە تىزراق دەم ئېلىشقا چىقىشنى ئويلايدىغان،مائارىپنى جان ساقلاش ۋاستىسى قىلىۋالغانلارنى ئوقۇتقۇچى كاملىقىغا قارىماي سەپتىن چىقارغان بولاتتىم.

زەردار 2014-05-30 22:02
ھەقىقەتەن ياخشى دەرت تۆكۈپسىز.ياخشى ئوقۇتقۇلى بولمايدىغان ئوقۇتقۇچى يوق،ياخشى ئوقۇتالمايدىغان ئوقۇتقۇچى بار-بۇ يىشىگە ھارامنى يەپ،سۈڭۈرەلمەي سۇدا سۈيى ئىچىدىغان كالۋالارنىڭ دىگەن گېپى .ئۇ دۆتلەر ئۆزىنىڭ سۆزىنىڭ مەنىسىنىمۇ چۈشىنىشى ناتايىن.چۈنكى ياخشى ئوقۇتقىلى بولمايدىغان ئوقۇغۇچى يوق-بۇ قانداق مەنىدىكى گەپ؟ئۇنداق ئوقۇغۇچى بولماسلىققى مومكىن.ھەممىنى ياخشى ئوقۇتقىلى بولىشى مومكىن ،ئەمما ياخشى ئوقۇيالمايدىغان ئوقۇغۇچىنى قانداقلا ئوقۇتسا بىكار. MD,BGO?C  
بۇ ئىشلار پۇل بىلەنلا ھەل بولىدىغان ئىش ئەمەس،پۇل بىلەن ھەل بولسا ياۋرۇپادىكى بەزى دۆلەتلەردە ئىچكى ئۇرۇش بولماستى،سىياسىنىڭ كۈچى پۇلدىن ھەر ۋاقىت ئۈستۈن

xamalkiz 2014-06-03 00:11
ھەقىقەتەن ئوقۇتقۇچىلارنى ھەقدادىغا يەتكۈزىۋاتقان ئاشۇ سامان قورساقلارنىڭ ئەدىبىنى بېرىدىغان ئادەم يوق

قەلىب 2014-06-03 22:17
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى يېزىپسىز.ھارمىغايسىز.

گۈلنىھال 2014-06-05 09:38
نۇرلالەنىڭ بۇ يۈرەك سۆزىدىن دىلىم ھەقىقەتەن سۆيۈندى ، رەھمەت !

tawpek 2014-06-05 17:34
ئوقوپ ھاردۇقۇم چىقىپ قالدى. fM*aZc*Y  
r& :v(  
;L%\[H>G  
ئاشۇنداق بىلجىرلايدىغانلارنى بىزنىڭ يىزىغا ئەكىلىپ بىزنىڭ مەكتەپتە بىر  يىل  سىنىپ مۇدىرلىققا سالغان بولسا ۋاي داد  دەپ 100 مىڭنى خەجلەپ مۇدىر بولوپ قاچاتتى.


查看完整版本: [-- ئۇقۇتقۇچىنىڭ پۇلى بولغان چاغدا.... --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled