查看完整版本: [-- گۈلنىھال: ئىلى ۋىلايىتى تارىخى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تارىخ ۋە مەدەنىيەت -> گۈلنىھال: ئىلى ۋىلايىتى تارىخى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-05-30 00:22

گۈلنىھال: ئىلى ۋىلايىتى تارىخى

ئىلى ۋىلايىتى تارىخى j1%o+#df  
نەزەر غۇجا ئابدۇسېمەتۇف ( ئۇيغۇر بالىسى ) xV[X#.3  
مۇھەررىردىن : ئۇيغۇر دېموكراتىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋەكىلى، ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى، تەرەققىيپەرۋەر شائىر، يازغۇچى، تارىخچى، ئالىم نەزەر غۇجا ئابدۇسىمەتۇف ( ئۇيغۇر بالىسى ) 1887 – يىلى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ غالجات يېزىسىدا تۇغۇلۇپ، 1951 – يىلى كۈزدە چاپچال ناھيىسىنىڭ  جاغىستاي يېزىسىدا ۋاپات بولغان. نەزەر غۇجىنىڭ دادىسى ئابدۇسېمەت ئىلى دىيارىدا تۇغۇلغان بولۇپ، 4860 – يىللىرى پارتلىغان ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىغا ئاكتىپ قاتناشقان. موللا بىلال ئەسەرلىرىنى قول يازما ھالتىدە كۆپ ئوقۇغان ئىكەن. شۇڭا، ئۇنى ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭى ۋە شۇ مەزگىلدىكى نۇرغۇن تارىخى ۋەقەرلەرنىڭ شاھىدى دىيىشكە بولىدۇ. نەزەرغۇجا دادىسىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدىنلا تارىخ ۋە ئەدەبىياتقا قىزىقىشقا باشلىغان. دادىسى تەرەققىپەرۋەر كىشى بولغاچقا، نەزەر غۇجىنى كىچىكىدىنلا ئىلىمگە ھىرىسمەن قىلىپ تەربىيەلىگەن. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ئۈگىنىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىدىن قاتتىق پەخىرلەنگەن ھەم “ ئۇيغۇر “ دېگەن ئەسلى نامنى قوللانماي ئۆزلىرىنى يۇرت ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ كەمسىتىپ ئاتايدىغان ناملىرىنى قوللىنىدىغانلىقىدىن بىزار بولۇپ، “ ئۇيغۇر “ دېگەن نامنى ئوموملاشتۇرۇش مەقسىتىدە، 1910 – يىلى ئۇيغۇرلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ “ ئۇيغۇر بالىسى “ تەخەللۇسىنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلار تارىخى ھەققىدە مۇھاكىمە ماقالىلىرىنى يىزىشقا باشلىغان. بۇ ماقالىلار ئەينى چاغدا ئورېنبۇرگدا چىقىدىغان “ شۇرا “ ژورنىغا بېسىلىپ، چاررۇسىيە تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېڭىغا كۈچلۈك تەسىر قىلغان. نەزەرغۇجا دەسلەپتە كۆپرەك ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخى ھەققىدە ئىزدىنىپ ماقالىلارنى يازغان. كىيىنچە ئىلى ئۇيغۇرلىرىنى يىزىش بىلەنلا پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيتىنى يۇرۇتۇپ بەرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، جەنوبىي شىنجاڭنى ئايلىنىپ كىلىش ئارزۇسىدا ۋە يەنە بىر جەھەتتىن دادىسى ئابدۇسېمەت بۇۋاي ۋە تۆت ياشلىق ئوغلى رىزانىڭ ۋاپاتى ئىلىپ كەلگەن قايغۇلاردىن يىنىكلەش مەقسىتىدە ئىبراھىم پارماش ئىسىملىك سودىگەر تۇغقىنى ۋە باجىسىنىڭ ھەمرالىقىدا 1913 – يىلى غالجاتتىن جەنوبىي شىنجاڭغا قاراپ يولغا چىققان. ئۇ مۇزارت داۋىنى ئارقىلىق جەنوبقا چۈشكەندىن كىيىن ئۇ يەردىكى ئۇيغۇلارنىڭ ھالىتىنى كۆرۈپ ئېچىنغان ھەم شۇ ئاساستا “ ئالتە شەھەرگە سەپەر “ ناملىق ساياھەت خاتىرىسىنى ۋە “ بىزنىڭ تۇرمۇش “ ناملىق ماقالىسىنى يېزىپ چىققان. >Lx, 
ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار تارىخى ھەققىدىكى بۇ تەتقىقاتى ۋە “ ئۇيغۇر “ نامىنى قايتا قوللىنىش ھەققىدىكى تەشەببۇسى شۇ مەزگىلدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ  ئېڭىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. ئاخىر 1921 – يىلى 3 – ئىيۇندا تاشكەنتتە ئېچىلغان “ ئالتە شەھەر – جوڭغارىيە ئىشچىلىرىنىڭ 1 – ئومۇمى يىغىنى “ نىڭ قارارىغا بىنائەن، ئالتە شەھەر – جوڭغارىيە ئىشچىلار ئىتتىپاقى “ ئۇيغۇر “ ئىتتىپاقىغا ئۆزگەرتىلگەن. شۇ قېتىمقى يىغىندا ئابدۇللا روزىباقىيېف كەسكىنلىك بىلەن “ تارانچىلار، قەشقەرلىكلەر ۋە ئالتىشەھەرلىكلەر قاتارلىق تۈرلۈك ناملاردا ئاتىلىپ كەلگەن كىشىلەر ئەمەلىيەتتە بىرلا خەلق، يەنى ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن كىيىن ھەممىسى بىردەك مىللەتنىڭ ئومومى نامى بولغان < ئۇيغۇر > ئاتالغۇسىنى قوللىنىشى كېرەك “ دەپ كۆرسەتكەن. سوۋىت ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەسىرىدە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا 1933 – يىلى ئاپرېل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن شۇ يىغىندىن كېيىن  يەنى، 1935 – يىلى چاقىرىلغان “ مىللەتلەر قۇرۇلتىيى “ يەنى ئەينى دەۋىردە “ ئاۋام خەلق قۇرۇلتىيى “ دەپ ئاتالغان قۇرۇلتايدا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نامى رەسمىي ئۇيغۇر دەپ بىكىتىلىدۇ. ئەپسوسلىنارلىقى شۇكى، شۇ قۇرۇلتايدا شېڭ شىسەي تەرىپىدىن تارانچى قەبىلىسى سۈنئى رەۋىشتە ئايرىم بىر مىللەت قىلىندى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە چەنخۇي (缠回) دەپ ئاتىلىپ كەلگەندى. “ ئۇيغۇر “ نامى رەسمىي بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، << خۇيخۇي >>، << خۇيمىن >>، << مۇسۇلمان >>، << چەنتۇ >> قاتارلىق ئاتالغۇلارنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر دېگەن ئاتالغۇ رەسمىي قوللىنىلدى. دېمەك، << ئۇيغۇر >>دىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك نامنىڭ قايتا مىللەت نامى بولۇپ ئومۇملىشىشىدا ئۇيغۇر بالىسىنىڭ تۆھپىسىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. \fIGMoy!  
تىلغا ئىلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر تەرىپى، نەزەرغۇجا ئۇيغۇر تىلى سىنتاكىسىسلىق جۈملە شەكلىگە قوشما جۈملە ۋە مۇرەككەپ قوغما جۈملە شەكىللىرىنى ئۆزلەشتۈرگۈچى پېشۋالارنىڭ بىرى ئىدى. “ شەرق ھەقىقىتى “ ۋە “ قازاق ئېلى “ قاتارلىق نەشىرياتلاردا نەشىر قىلىنغان خېلى زور كۆلەمدىكى ئەدەبىي، سىياسىي، ئىقتىساد، پەن – تېخنىكا كىتابلىرىنىڭ تىلى نەزەرغۇجا تەشەببۇس قىلغان، ئاساس سالغان، ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن ئۈلگە كۆرسەتكەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دەسلەپكى شەكلى ئىدى. ئۇ ئۇيغۇر دېموكراتىك ئەدەبىياتىدا ئەدەبىي تىلىمىزنى خەلق ئىغىز تىلىغا ئەڭ بۇرۇن يىقىنلاشتۇرغانلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەرلىك شىۋە ۋە ئاغزاكى جانلىق سۆزلەرنىمۇ قوللانغان. شۇڭا ئىزچىل تۈردە ئۇنى ئۇستاز سۈپتىدە تونۇپ كەلگەن ئابدۇللا روزىباقىيېف ئۇنىڭغا يوقىرى باھا بىرىپ : “ ئۇيغۇر بالىسى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىدە بىرىنچى بولۇپ ئىلىم ساھەسىگە يول باشلىغان ”، “ ئۇيغۇر بالىسىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى شېئىرى جەھەتتىن ئوماقلىق ۋە ئەدەبىي تەسۋىر جەھەتتىن ئەدەبىياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇننى ئالىدۇ دېسەك خاتا بولماس. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئەمگەكچى ئۇيغۇرلارغا يېقىندۇر “ دېگەنىدى. S7]\tw_L)  
تۆۋەندە ئۇنىڭ “ ئىلى ۋىلايىتىنىڭ تارىخى “ ناملىق ئەسىرىنى بەردۇق. بۇ ئەسەر دەسلەپ 1915 – يىلى “ شورا “ ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان، ئاپتور ئۆزى ياشىغان دەۋىر چەكلىمىسى تۈپەيلى، مىللەت ۋە قەۋىملەر نامىنى ۋە بەزى ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشمىغان ئەينى دەۋىر خاسلىقى بويىچە قوللانغان. تەھرىراتىمىز ئەينى دەۋىردىكى ماكان – زامان ئەينەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، تارىخى تەتقىقاتتىكى ماتېرىياللىق قىممىتى، ئەينى دەۋىردىكى جوغراپىيىلىك ئاتالغۇ ۋە يەرلىك شىۋىلەر ئەسلى ئەسەرنىڭ تىل ئۇسلوبىنى ساقلاش يۈزىسىدىن، ئەسەرنى نەشىرگە تەييارلاشتا ئەسلىگە سادىق بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلدۇق. شۇڭا ئەسەرنىڭ ئىملاسى ۋە بەزى ئاتالغۇلار ئەينەن ئېلىندى. '8\7(0$c  
ــــــــــــــــــــــــ  مۇھەررىردىن. a,g3 /  
سۆز بىشى b5K6F:D22  
بىز ئۇيغۇر بالىلىرى، خۇسۇسەن تارانچى تۈركلىرى ئاتا – بۇۋىلىرىمىزنىڭ بۇرۇنقى ۋە كىيىنكى تارىخلىرىنى، ئەل كىزەر مىللى ئەرلىرىمىزنىڭ تەرجىمھالىنى، قىسقىسى، مىللى تارىخنى ئوبدان بىلمىگەنلىكىمىزدىن ئاغىنە – ئۆڭگە، ئەل – ياغى، يىراق – يىقىن ـــ بۇلارنىڭ ھىچقايسىسىنى ئاڭقىرىپ ئاجىرتالمايمىز. [mwJ*GJ -  
مانا شۇ سانالغان ئىشلارنى بىلىش، ئاڭقىرىش لازىم دېسەك، ھەممىدىن بالدۇر مىللى تارىخنى بىلىش لازىم بولغۇسىدۇر. زادى مىللى تارىخنى بىلىشتىن مەقسەت : ئاتا – بۇۋىلارنىڭ بۇرۇنقى كۈن كۆرۈش رەۋىشلىرىنى، باشلىرىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى، تۇتقان يوللىرىنى، دوستلىرىنى، دۆشمەنلىرىنى ــ خۇلاسە : بارلىق ئەھۋاللىرىنى بىلىپ، شۇنىڭدىن تەجىرىبىلەر ھاسىل قىلىپ، ئالدىمىزدىكى ئۆمۈر ۋە كەلگۈسى ياشاش – كۈن كۆرۈش يوللىرىنى بەلگىلەپ مۇۋاپىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، شۇ تەجىرىبىلەر ئارقىسىدا پۈتكۈل خەلقنى بەختىيار ھاياتقا سازاۋەر قىلىشتۇر. vU,AOK[l{  
دېمەك، مىللى تارىخنى بىلىش مۇتلەق لازىمدۇر. لىكىن بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇر ئۇدۇمىنىڭ مىللىي تارىخى تەتقىقات ئېتىلگەن ئەمەستۇر. بۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر مەلۇماتلار تاپچىراقتۇر. شۇنداق بولسىمۇ قاراپ يىتىشقا بولمايدۇ. تارىخ بىلەن ئىجىل ۋە ئۇنىڭغا قىزىقىدىغان پۈتۈكچىلىرىمىز دالجىماي شامدىغايلىنىپ ئىشقا كىرىشسە، ئەرزىلىك بىر تارىخنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش چوقۇمدۇر. باشقا خەلقلەر بىزنىڭ تارىخى ئەھۋالىمىزنى بىلىش يولىدا ئالتە شەھەر چۆللىرىنى كىزىپ، تۇرپان ۋە قۇمۇل خارابلىرىنى كولاپ، يەر تىگىدىن چىققان تاش، كېسەك ۋە باشقا يوچۇن بۇيۇملارنى تېپىش ئارقىلىق تارىخى مەلۇماتلار يىغىپ، پۈتكۈل ئالەمگە نەشىر قىلىپ تۇرغاندا، بىزنىڭكىلەر ئۆتكەنلەر تەرىپىدىن نەشىر ئېتىلىپ، مەيدانغا چىققان مەلۇماتلارنى يىغىپ بىرىش قاتارلىق ھىممەت ۋە غەيرەتلىرى بولمىسا، بۇنى ئۆزىمىزنىڭ ھورۇنلىقىمىزدىن كۆرىمىز. &c!d}pU}  
ئمەدى پۈتكۈل ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئومۇمى مىللىي تارىخ يېزىشنى تارىخچىغا قويۇپ تۇرۇپ، بىز چاغ يىتىشىگە قاراپ، يالغۇز تارانچى تۇركلىرىنىڭ  تارىخىغا دائىر بولغان مەلۇماتلارنى يىغىپ، مۇشۇ “ تارانچى تارىخى “ ناملىق رىسالىنى تەركىب قىلىشقا كىرىشتۇق. بۇ يولدىكى مەلۇماتلىرىمىزنىڭ كەمچىل، چولتىلىقىنى بىلسەكمۇ، بۇ توغرىلىق تەشەببۇس ئەتكۈچى كۆرۈنمىگەنلىكتىن، “ يىتىپ قالغۇچە، ئېيتىپ قال “ دەپ يېزىپ قالماقچى بولدۇق. z\64Qpfm  
ئۇشبۇ “ تارانچى تارىخى “ ناملىق رىسالىنى تەركىب ئىېيتىشتىكى مەقسىدىمىز ــ تارانچى بالىلىرىنى ئۆز تارىخى ئەھۋاللىرى بىلەن تونۇشتۇرماق بولسىمۇ، تارانچى خەلقىنىڭ بۇرۇنقى ھەم كىيىنكى قارارگاھى بولغان ئىلى ئۆلكىسى توغرىسىدا ئاز – تولا مەلۇمات بېرىپ ئۆتۈشنىمۇ لازىم كۆردۇق. ( يازمىنىڭ داۋامى – ئىلى ۋىلايىتى… ) lO=+V 6  
( ئاپتۇرنىڭ ئالمائاتا يازغۇچى نەشىرياتى 1991 – يىلى نەشىر قىلىنغان “ يورۇق ساھىللار “ ناملىق توپلىمىدىن نەشىرگە تەييارلىغۇچى : ئابلىز ئورخۇن.  مەزكور يازما ئىلى دەرياسى ژورنىلىنىڭ 2011 – يىل 1 – سانىدىن ئىلىندى. )

ئارزۇيۇم 2014-05-30 12:06
گۈلنىھال،سىز ھەقىقەتەنمۇ تىرىشچانكەنسىز.بىزنى كۆپ ماتىرياللار بىلەن تەمىنلىدىڭىز.

ئارزۇيۇم 2014-05-30 12:07
سىزگە كۆپ رەخمەت يۇرتدىشىم .

ئارزۇيۇم 2014-05-30 12:09
سىزدىن پەخىرلىنىمەن.

گۈلنىھال 2014-05-31 18:16
‏بۇنداق ماختاشلارغا ئانچە لايىق ئەمەسمەن ، خىجىل بولدۇم ھەم خۇش بولدۇم . oECM1'=Bf  
‏رەھمەت سىزگە !

tawpek 2014-06-05 16:56
ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ئەمەس نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتنىڭ تارىخىدەك قىلىدىغۇ؟

گۈلنىھال 2014-06-06 11:03
tawpek:ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ئەمەس نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتنىڭ تارىخىدەك قىلىدىغۇ؟ (2014-06-05 16:56) 
n#3y2,Ml  
بۇ ماتىرىيالنىڭ ماۋزۇسىدا نىمە بولسا  مەن شۇنى يوللدۇم ...


查看完整版本: [-- گۈلنىھال: ئىلى ۋىلايىتى تارىخى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled