查看完整版本: [-- 8-يىللىق2-قىسم ئادەم ۋە ۋەقەلەرنى يازغاندا ... --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز 9- يىللىق تىل-ئەدەبيات تەييارلىقلىرى -> 8-يىللىق2-قىسم ئادەم ۋە ۋەقەلەرنى يازغاندا ... [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئۇيغۇر 2014-05-28 02:16

8-يىللىق2-قىسم ئادەم ۋە ۋەقەلەرنى يازغاندا ...

8-يىللىق2-قىسىمدىكى « ئادەم ۋە ۋەقەلەرنى يازغاندا مەركىزى ئىدىيىنى گەۋدىلەندۈرۈش» ناملىق يېزىقچىلىك دەرسىنىڭ 1- سائەتلىك دەرس لاھىيەسى .
(دەرس تەييارلىغۇچى:چىرا 1-ئوتتۇرا  مەكتەپتىن ئالىمجان ئابدۇللا)

ئوقۇتۇش نىشانى
بىلىم نىشانى : ئېپىك ئەسەرلەر ۋە بايان خاراكتىرلىك ئەسەرلەر ھەققىدە نەزىريىۋى بىلىم بىرىش .
مەركىزى ئىدىيە ھەققىدە ئىزاھات بىرىش .
ئىقتىدار نىشانى : بايان خاراكتىرلىك ئەسەرلەرنى يازالايدىغان ۋە مەلۇم ۋەقەلەردىن ھېكايە تۇقۇپ چىقالايدىغان بۇلۇش .
ھېسىيات ۋە ئەخلاقى تەربىيە نىشانى:ئوقۇغۇچىلار يازغان ئەسەرلىرىدە ئادىمىلىك ئەخلاق تىمىللىرىنى گەۋدىلەندۈرۈش ۋە ئۆزىدىمۇ شۇ خىل پەزىلەتنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىش .
ئوقۇتۇش ۋاستىللىرى
دەرىسلىك كىتاب ، ئوقۇتقۇچىلار پايدىلنىش قوللانمىسى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەشىق دەپتىرى ، تاپشۇرۇق دەپتەر .
ئوقۇتۇشنىڭ قەدەم – باسقۇچلىرى ۋە ئۇسۇللىرى
دەرىسكە باشلاپ كىرىش لاھىيەسى : ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلگىرى يازغان بىرەر پارچە ماقالىسىنى ئۇقۇشقا يىتەكلەش ۋە بىرەر ۋەقەنى بايان قىلىپ بىرىشكە يىتەكلەش ئارقىلىق دەرسكە باشلاپ كىرىمەن .( يوقارقى لاھىيە ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بايان خاراكتىرلىك ئەسەرلەر ھەققىدىكى بىلىمى سىناپ كۆرۈلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بايان خاراكتىرلىك ئەسەرلەر ھەققىدە قىسقىچە توختىلىدۇ . )
ئاغىزاكى بايان قىلىشقا يىتەكلەش : بۇنۇڭدا ئوقۇغۇچىلار ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ياكى كۆرگەن بىرەر ئەھمىيەتلىك ئىش – ۋەقەلەرنى ساۋاقداشلىرىغا بايان قىلىپ بىرىدۇ . ( 3 نەپەر ئوقۇغۇچى سۆزلىگەندىن كېيىن ، باشقا ئوقۇغۇچىلار 4دىن بىر گۇرۇپ بۇلۇپ ئۆز – ئارا بايان قىلىشقا يىتەكلىنىدۇ . )
يېزىقچىلىق پائالىيتى : يۇقاردىكى ئاغىزاكى سۆزلىگەنلىرىگە ئاساسەن بىر پارچە قىسقا ھېكايە ياكى بىر پارچە بايان خاراكتىرلىك ئەسەر يېزىشقا ئۇيۇشتۇرلىدۇ . ئەسەر يېزىشتا تۆۋەندىكىچە تەلەپ قۇيۇلىدۇ :
1.    يېزىلغان ئەسەر مەلۇم بىر مەركىزى ئىدىينى چۆرىدەش كېرەك .
2.    مەركىزى ئىدىينى ئالدىن بەلگىلەشكە ئەھمىيەت بىرىش .
3.    ئەگەر ئۆزى سۆزلىگەنلىرى ئەھمىيەتلىك ئەمەس دەپ قارالسا ، دەرسلىك كىتابنىڭ 173-بېتىدىكى بىرىلگەن پارچىنى ئوقۇپ ، پارچىدىكى ۋەقەنى كېڭەيتىپ ، قىسقا ھېكايە قىلىپ يېزىپ چىقسىمۇ بۇلىدۇ . ئەمما مۇھىملىرىنى تەپسىلى يېزىپ ، مۇھىم ئەمەسلىرىنى قىسقا يېزىپ ، مەركىزى ئىدىيىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك .
تاپشۇرۇق لاھىيەسى
مەزمۇنى :
دەرس ئىچىدە ئورۇنلاپ بۇلالمىغان مەشىقنى ئورۇنلاش بىلەن بىرگە مېنىڭ ئىزدىنىشىم ، ساياھىتىم ، ئازابىم دېگەن تىمىلاردا بايان قىلىشنى ئاساس قىلىپ بىر پارچىدىن كۈندىلىك خاتېرە يېزىش .
مەقسەت:ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازمىچە بايان قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش .
باھالاش ئۇسۇلى : كېيىنكى سائەتلىك دەرىستە كوللىكتىپ باھالىنىپ تۇزىتىلىدۇ . ياخشى يازغان ئوقۇغۇچىلارغا روھى جەھەتتىن ئىلھام بىرىلىدۇ .
(ئوقۇغۇچىلار بىر- بىرىنىڭ يازغانلىرىغا باھا بىرىدۇ. يىتەرسىز تەرەپلىرىنى تۇلۇقلاش پىكىرى ۋە ئۇسۇللىرىنى ئوتۇرغا قويىدۇ .)



ئوقۇتۇش گۇرۇپا مەسئۇلىنىڭ ئىمزاسى:

ئەكبەرنىياز 2014-06-02 18:23
ياخشى تەييارلىنىپتۇ ، كۆپ رەھمەت !!!


查看完整版本: [-- 8-يىللىق2-قىسم ئادەم ۋە ۋەقەلەرنى يازغاندا ... --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled