查看完整版本: [-- گۈللەرنىڭ لېۋىدە ئەسنىدى كېچە --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> گۈللەرنىڭ لېۋىدە ئەسنىدى كېچە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ablatmuhamma 2014-05-28 01:26

گۈللەرنىڭ لېۋىدە ئەسنىدى كېچە

گۈللەرنىڭ لېۋىدە ئەسنىدى كېچە



يوللارنىڭ تارىنى ئۈزدى بورانلار ،

دەرەخنىڭ بىلىكى كەتمەكتە چىقىپ .

ئاسماننىڭ كۆزىدىن تۆكۈلدى يامغۇر ،

گۇگۇملار شىلدىرلاپ كېلىدۇ ئېقىپ .



شەپەقنىڭ قورسىقى كەتتى كولدۇرلاپ ،

يورۇقلۇق قاچماقتا پېشىنى قېقىپ ،

ئۈندىدار ئوينايدۇ ئەركە بۇلۇتلار،

كەچقۇرۇن كېلىدۇ شىمىشكە چېقىپ .


بەك يۇمشاق چاپلىشار باغنىڭ كىرپىكى ،

مىۋىلىك دەرەخلەر بالا ئىمىتەر .

بۇلبۇللار ناخشىغا قىلىپ تەييارلىق،

شاخلارنىڭ قولىدا سەكرىشىپ كېتەر .


يۇلتۇزلار لىغىرلاپ تۇرار ئاسماندا ،

تولۇنئاي توساتتىن توختىماي كۈلەر .

سۆيگەندە شەبنەملەر ئەندىكىپ قويۇپ،

چۆپلەرنىڭ قوينىدا  چۈشلەر لۆمۈلدەر



ھېجران خالتىسى تامچىلاپ تۇرار ،

زارىققان كۈتۈشلەر سانار يۈزگىچە،

شاماللار تىلىدا يەڭگىل پىچىرلاپ ،

گۈللەرنىڭ لېۋىدە ئەسنىدى كېچە .


جاندارلار كېچىدە باشلار كەچكۇرۇس،

ساۋادلىق شەپەرەڭ ئوقور خېتىنى .

ھەر كىمنىڭ نۆۋىتى ساقلار ئۆچىرەت،

مۇشۇنداق قاينايدۇ رېتىمى .



ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن

ئۇيغۇر 2014-05-28 01:59
شئېرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ. شېئىردىكى تەسەۋۇر بوشلۇقى ئادەمنى بەكلا جەلپ قىلىدىكەن ، مەن "گۈللەرنىڭ لېۋىدە ئەسنىدى كېچە "دېگەن مىسىرانى بۇ شېئىرنىڭ يۈرىكى بوپتۇ دەپ قارىدىم. مۇمكىن بولسا ئوغۇرلىۋالغۇم كەپ كەتتى. قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.بۇنىڭدىن كېيىنكى ئجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق،تىنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن.

تۆتتاش 2014-05-28 02:19
شېئىر ئوقۇغاندەك  بولدۇم.
مۇشۇنداق شېئىرلار تۈكۈلۈپ  تۇرسىكەن  دەيمەن.

ئەكبەرنىياز 2014-06-02 18:22
بەكلا ئېسىل چىقىپتۇ ، مۇبارەك بولسۇن ئابلەت مۇئەللىم !!!
كىچىككىنە تەكلىپ :
ئەڭ ئاخىرقى مىسراسى «مۇشۇنداق قاينايدۇ رېتىمى .» بۇ مىسرادا بىر سۆز چۈشۈپ قالغاندەكلا تويۇلدى . ئەسلى «مۇشۇنداق قاينايدۇھايات رېتىمى .» دەكلا تويۇلدىغۇ !؟




ھاتەھاتەم 2014-06-04 09:42
شاماللار تىلىدا يەڭگىل پىچىرلاپ ،

گۈللەرنىڭ لېۋىدە ئەسنىدى كېچە .
ئاجايىپ تەسساۋۇر بوپتۇ.

توغراق 2014-06-12 18:50
نېمىدېگەن باي تەسەۋۋۇر،  مەنمۇ پۇخادىن چىققۇدەك بىر يازاي دېسەم بىر يېرى بىر قانداق ،تەسەۋۋۇرىڭىزدىن ئازراق ئارىيەت بېرىپ تۇرامسىز يا؟

كۈسەنىم 2014-06-23 01:15
ھېجران خالتىسى تامچىلاپ تۇرار ،

زارىققان كۈتۈشلەر سانار يۈزگىچە،

شاماللار تىلىدا يەڭگىل پىچىرلاپ ،

گۈللەرنىڭ لېۋىدە ئەسنىدى كېچە .
بۇ كۇپلىتنى بەك ياقتۇردۇم ، تەسەۋۋۇرىڭىزغا قول قويدۇم !

توغراق 2014-06-23 20:55
بۇ نادىرلىغۇدەك تېمىكەن، باشقۇرغۇچىلارنىڭ نادىرلاپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن!


查看完整版本: [-- گۈللەرنىڭ لېۋىدە ئەسنىدى كېچە --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled