ئۇيغۇر |
2014-05-27 00:33 |
ئونۋېرسال ئۆگۈنىش ۋە ئىزدىنىش(نۇتۇق)
ئونۋىرسال ئۆگۈنىش ۋە ئىزدىنىش(نۇتۇق) ( چىرا 1-ئوتتۇرامەكتەپتىن ئالىمجان ئابدۇللا ) ئوقۇتۇش نىشانى بىلىم نىشانى : ئوقۇغۇچىلارغا نوتۇق ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىلدۈرۈش . ئىقتىدار نىشانى : ئوقۇغۇچىلاردا بەلگىلىك تىمىدا نۇتۇق سۆزلەش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش . ھېسىيات ۋە ئەخلاقى تەربىيە نىشانى :ئوقۇغۇچىلاردا مۇستەققىل پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە مۇستەققىللىق روھىنى يىتىلدۈرۈش . مۇھىم نوقتا: ئوقۇغۇچىلارغا نوتۇق ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىلدۈرۈش . قېيىن نوقتا: ئوقۇغۇچىلاردا مۇستەققىل پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە مۇستەققىللىق روھىنى يىتىلدۈرۈش . ئوقۇتۇش قۇراللىرى دەرسلىك كىتاپ ، دەرس تەييارلىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرياللار ئوقۇتۇش جەريانى ۋە ئۇسۇلى يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش : 2002-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ يۇگۇسلاۋىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى ئامرىكا تەرپىدىن بومباردىمان قىلىشقا ئۇچۇردى . بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا ئەلچىخانا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇراپلا قالماي ، كەسپى ئۈچۈن بارلىغىنى بېغىشلىغان ئىككى نەپەر ۋەتەنپەرۋەر مۇخبىر شەرەپ بىلەن قۇربان بۇلدى . قېنى قايسىڭلار شۇ ۋاقىتتىكى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق ھېسىياتىنى ئىپادىلەپ ،بىر پارچە نۇتۇق سۆزلەپ باقامسىلەر ؟ دىگەن سۇئالنى ئوتۇرغا قويۇش ئارقىلىق دەرسكە باشلاپ كىرىمەن . ئىككىنجى قەدەمدە ،« قانداق قىلغاندا ياخشى بىر پارچە نۇتۇق ئورگىنالىنى تەييارلاپ چىققىلى بۇلىدۇ ؟»دىگەن تىما ئۈستىدە مۇلاھىزىگە يىتەكلەيمەن . ئۈچۈنجى قەدەمدە ، تۈۋەندىكى سۇئاللار ئاساسىدا نۇتۇق توغرىسىدا نەزىريىۋى چۈشەنچىلەر بىرىمەن : (1) نۇتۇق نەچچە تۈرگە بۆلىنىدۇ ؟ ئۇلار قايسى ؟ (2) نۇتۇق يېزىشتا ئاۋال قايسى شەرتلەرنى ھازىرلاش كىرەك ؟ تاپشۇرۇق لايھەسى مەزمۇنى : بىرىلگەن نەزىريىۋى بىلىمگە ئاساسەن « مەغلۇبىيەتكە كۈلۈپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلايلى .» دىگەن تىمىنى چۆرىدەپ بىر پارچە نۇتۇق ئورگىنالى يېزىپ كىلىڭ . مەقسەت : نەزىريەنى ئەمىليەتكە تەدبىقلاش . تەلەپ : خەتلىرى چىرايلىق ، ئىملاسى توغرا بۇلۇش ، ھېسىياتلىق ، ئادەمنى تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە بۇلۇش . باھالاش : يازغان نۇتۇقى سىنىپ ئىچىدە ئوقۇپ باھالىنىدۇ ۋە ئۆزگەرتىلىدۇ .
|
|