ئۇيغۇر |
2014-05-27 00:26 |
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن نۇتۇق(1)
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز (1-سائەت ) _ ئازات سۇلتان ( چىرا 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئالىمجان ئابدۇللا ) ئوقۇتۇش نىشانى بىلىم نىشانى : ئاپتور ئازات سۇلتان ھەققىدە بىلىم بىرىش . ئىقتىدار نىشانى : ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ھاياتى پائالىيتى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىش ئارقىلىق ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنىش ، ئىزدىنىش ، ئىجاد قىلىش قىزغىنلىقىنى قوزغاش . ھېسىيات ۋە ئەخلاقى تەربىيە نىشانى : ھەقىقى ئالىمنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادىمىلىك پەزىلىتى ئۈچۈن ئىجابى تەسىر بىرىش . مۇھىم نوقتا : ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ھاياتى پائالىيتى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىش قېيىن نوقتا : ئوقۇغۇچىلاردا ھەقىقى بىر ئادىمىلىك پەزىلەتنى يىتىلدۈرۈش ، ئوقۇغۇچىلار قەلبىگە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننى نەقىش قىلىپ ئۇيۇش . ئوقۇتۇش ۋاستىللىرى دەرسلىك كىتاپ ، دەرس تەييارلىقى ، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ « يىپەك يۇلىدىكى توققۇز ھېكىمەت » ناملىق كىتابى . ئوقۇتۇش جەريانى ۋە ئۇسۇلى يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش : ئوقۇغۇچىلارنى ئالىم ھەققىدە بىلگەن ئاڭلىغانلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇشقا يىتەكلەش ئارقىلىق يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىمەن . ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بىلەن تۇنۇشۇش : « يىپەك يۇلىدىكى توققۇز ھېكىمەت » ناملىق كىتابىتىكى ئاپتۇرنىڭ تەرجىمھالىنى ئوقۇپ بىرىمەن .ھەمدە تۆۋەندىكى سۇئاللار ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرىمەن . (1) تارىخنىڭ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنگە بەرگەن باھاسى قانداق ؟ ( مەشھۇر ئالىم ، تالانتلىق ئەدىب ، تۆھپىكار مائارىپچى ) (2) ئۇ قاچان ، قايەردە تۇغۇلغان ؟ قاچان ، قايەردە ۋاپات بولغان ؟ (1933-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاتۇشنىڭ مەئىشەتتە تۇغۇلغان . 1995-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى زىققا كىسىلى بىلەن ۋاپات بولغان .) (3) ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بالىلىق ۋە ياشلىق مەزگىلىدە قانداق سەرگەندانلىقىنى باشتىن كەچۈرگەن ؟ (4) ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىىن ئالى مەكتەپتە قايسى كەسىپنى ئۆگەنگەن ؟ كېيىن يەنە قايسى كەسىپنىڭ ئەھلى بۇلۇپ قالغان ؟ (5) ئالىم ئۆز ھاياتىدا قانداق دىشۋارچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن ؟ (6) ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىىننىڭ ئاساسلىق تەتقىقات تىمىللىرى قايسى؟ تاپشۇرۇق لايھەسى مەزمۇنى:تىكىستنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئالىم ھەققىدىكى تەسىراتىڭىزنى سۆزلەڭ . مەقسەت : ئالىم ھەققىدىكى چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش . تەلەپ : ئالىمنىڭ ھاياتىنى بىر قەدەر تەپسىلى بايان قىلىپ بىرىش . باھالاش : ئاغىزاكى بايان قىلدۇرۇش شەكلى ئارقىلىق باھالىنىدۇ .
گورۇپپا مەسئۇلىنىڭ ئىمزاسى:
|
|