ئۇيغۇر |
2014-05-27 00:25 |
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن نۇتۇق(2)
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز (2-سائەت ) _ ئازات سۇلتان ( چىرا 1- ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئالىمجان ئابدۇللا ) ئوقۇتۇش نىشانى بىلىم نىشانى : ئاپتور ئازات سۇلتان ھەققىدە بىلىم بىرىش . ئىقتىدار نىشانى :تىكىستنى راۋان ، جانلىق ، ھېسىياتنى تۇلۇق گەۋدىلەندۈرگەن ھالەتتە ئوقۇش . ھېسىيات ۋە ئەخلاقى تەربىيە نىشانى : ھەقىقى ئالىمنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادىمىلىك پەزىلىتى ئۈچۈن ئىجابى تەسىر بىرىش . مۇھىم نوقتا :تىكىستتىن نۇتۇقنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تېپىپ چىقىش . قېيىن نوقتا : ئوقۇغۇچىلاردا ھەقىقى بىر ئادىمىلىك پەزىلەتنى يىتىلدۈرۈش ، ئوقۇغۇچىلار قەلبىگە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننى نەقىش قىلىپ ئۇيۇش . ئوقۇتۇش ۋاستىللىرى دەرسلىك كىتاپ ، دەرس تەييارلىقى ، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ « يىپەك يۇلىدىكى توققۇز ھېكىمەت » ناملىق كىتابى . ئوقۇتۇش جەريانى ۋە ئۇسۇلى يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش : بىر قانچە ئوقۇغۇچىنى ئالىمنىڭ ھاياتى پائالىيتىدىن ئالغان تەسىراتىنى ئوتۇرغا قويۇشقا يىتەكلەش ئارقىلىق يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىمەن . بىرىنجى قەدەمدە ، ئاپتۇر ئازات سۇلتان ھەققىدە چۈشەنچە بىرىمەن . ئازات رەھمۇتۇللا سۇلتان 1951-يىلى ئۆرۈمچىدە تۇغۇلغان ، پروفېسسور ، ئەدەبىياتشۇناس . ئۇنىڭ « بۆگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا » ، « يىڭى دەۋر جوڭگو ئەدەبىياتى » قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان . ئىكىنجى قەدەمدە ، تۆۋەندىكى سۇئاللار ئارقىلىق دەرسكە بولغان چۈشەنچىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىمەن: (1) ئالىمنىڭ ۋەكىل خارەكتىرلىك ئەسەرلىرىدىن قايسىلارنى بىلىسىز ؟ (2) ئالىمنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈنلەر كەلگەندىمۇ نىمە ئۈچۈن ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمايدۇ ؟ (3) ئالىم ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئېغىر كۈنلەردىن ۋايسىغانمۇ نىمە ئۈچۈن ؟ (4)« ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلار » دىگەن ماقال قايسى رايۇن خەلقىنىڭ ؟ بۇنىڭ مەنىسىنى ئېيتىپ بىرەلەمسىز ؟ تاپشۇرۇق لايھەسى مەزمۇنى : ئازات سۇلتان سۆزلىگەن « ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى » دا سۆزلىگەن سۆزنى ئەستايىدىل ئوقۇپ كىلىڭ . مەقسەت : ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ھەققىدىكى چۈشەنچىللىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش . تەلەپ : چۈشەنمىگەن سۆزلىكلەرگە بەلگە قويۇش . تىكىستنى ھېسىياتلىق ، راۋان ئوقۇش . باھالاش : ئوقۇغۇچىلاردىن مۇناسىۋەتلىك سۇئاللارنى سوراش ئارقىلىق ئوقۇش ئەھۋالى ئىگەللىنىدۇ .
گورۇپپا مەسئۇلىنىڭ ئىمزاسى :
|
|