ئۇيغۇر |
2014-05-27 00:23 |
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن نۇتۇق(3)
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز (3-سائەت ) _ ئازات سۇلتان ( دامكۇ ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئالىمجان ئابدۇللا ) ئوقۇتۇش نىشانى بىلىم نىشانى :كىتابدىكى سۇئاللار ۋە مەشىق قوللانمىسىدىكى تەلەپلەر بۇيچە دەرسلىك مەزمۇنىنى ئىگەللەش . ئىقتىدار نىشانى :ئالىمغا بولغان قاراشلىرىنى تۇلۇق ئىپادىليەلەيدىغان بۇلۇش . ھېسىيات ۋە ئەخلاقى تەربىيە نىشانى : ھەقىقى ئالىمنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادىمىلىك پەزىلىتى ئۈچۈن ئىجابى تەسىر بىرىش . مۇھىم نوقتا :تىكىستتىن نۇتۇقنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تېپىپ چىقىش . قېيىن نوقتا : ئوقۇغۇچىلاردا ھەقىقى بىر ئادىمىلىك پەزىلەتنى يىتىلدۈرۈش ، ئوقۇغۇچىلار قەلبىگە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننى نەقىش قىلىپ ئۇيۇش . ئوقۇتۇش ۋاستىللىرى دەرسلىك كىتاپ ، دەرس تەييارلىقى ، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ « يىپەك يۇلىدىكى توققۇز ھېكىمەت » ناملىق كىتابى . ئوقۇتۇش جەريانى ۋە ئۇسۇلى يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش : ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئەسەرلىرىنىڭ نامىنى ئاتاپ بىرىشكە يىتەكلەش ئارقىلىق يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىىمەن . ئىككىنجى قەدەمدە ، كىتابتىكى مۇلاھىزە سۇئاللىرىغا جاۋاپ تېپىشقا يىتەكلەيمەن . ئۈچىنجى قەدەمدە ، مەشىق قوللانمىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى تولدۇرۇشقا تەشكىللەيمەن . تۆتىنجىدىن ، تۆۋەندىكى مۇلاھىزىگە تەشكىللەيمەن : (1) سىز ئالىمنىڭ قايسى تەرپىدىن ئەڭ تەسىرلەندىڭىز ؟ (2) سىز ئالىمنىڭ ھاياتى بىلەن تۇنۇشقاندىن كېيىن قانداق تەسىراتقا كەلدىڭىز ؟ ھەقىقى ئالىمنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى ھىس قىلدىڭىز ؟ تاپشۇرۇق لايھەسى مەزمۇنى : سىلەر بۇدەرسلەر ئارقىلىق ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىندەك بۈيۈك بىر ئالىم بىلەن تېخىمۇ بۇرۇن تۇنۇشمىغىنىڭلاردىن ئەپسۇسلانغانسىلەر ھەقاچان ؟ ئەگەر مۇشۇنداق ھېسىياتقا كەلگەن بولساڭلار ، ئالىمغا ئاتاپ بىر پارچە خەت يېزىڭلار . تەلەپ : چۇقۇم ئۆزەڭلارنىڭ ساپ ، چىن ، سەمىمى ھېسىياتى ئىپادىلەنسۇن . يالغان تەسىراتلىرىنى ئوتۇرغا قۇيۇشقا بولمايدۇ . مەقسەت : ئالىمغا بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش ، ئادىمىلىك پەزىلىىتىنى يىتىلدۈرۈش . باھالاش : تاپشۇرۇق دەپتىرى نۇمۇر قۇيۇپ باھالىنىدۇ ، ياخشى يېزىلغانلىرى ئۈلگە قىلىپ ئوقۇلىدۇ .
|
|