ئۇيغۇر |
2014-05-26 23:50 |
قىزىمغا خەت(1)
قىزىمغا خەت (1-سائەت) - سوخۇملىنىسكى ( چىرا 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئالىمجان ئابدۇللا ) ئوقۇتۇش نىشانى بىلىم نىشانى :ئاپتور ھەققىدە چۈشەنچە بىرىش . ئىقتىدار نىشانى : تىكىستنى ھېسىياتلىق ، راۋان ئوقۇش ، تىكىستتىكى ئاساسى ۋەقەلىكنى ۋە پىكىر يۈنلىشىنى چۈشۈنىش . ھېسىيات ۋە ئەخلاقى تەربىيە نىشانى : ئوقۇغۇچىلاردا مۇھەببەتلىشىش مەسىلىسىنى ھايا- نۇمۇس بىلەن بىرلەشتۈرۈش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ، مۇھەببەتكە توغرا باھا بىرىش ھېسىياتىنى تۇرغۇزۇش . مۇھىم نوقتا : تىكىستنى ھېسىياتلىق ، راۋان ئوقۇش قېيىن نوقتا: تىكىستتىكى ئاساسى ۋەقەلىكنى ۋە پىكىر يۈنلىشىنى چۈشۈنىش . ئوقۇتۇش ۋاستىللىرى دەرسلىك كىتاپ ، دەرس تەييارلىقى، ئوقۇتقۇچىلار پايدىلنىش قوللانمىسى ئوقۇتۇش جەريانى ۋە ئۇسۇلى يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش : ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا « مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتى » ناملىق پارچىنى سۆزلەپ بىرىش ئارقىلىق دەرسكە جەلىپ قىلىمەن . كېيىن يەنە يۇقارقى پارچىگە مۇناسىۋەتلىك سۇئاللار ئارقىلىق ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇھەببەت ھەققىدىكى قاراشلىرىنى قاناتلاندۇرۇش ئاساسىدا دەرسكە باشلاپ كىرىمەن : (1) ئانا قانداققىسىگە شۇنچە تىز يۈگۈرەپ كىلىپ ئوغلىنى قۇتقۇزۋالالايدۇ ؟ ئۇنىڭغا تۈرتكە بولغان نەرسە زادى نىمە ؟ (2) دۇنيادا يەنە ئانا – بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتتىن باشقا يەنە قانداق مۇھەببەتلەر بار ؟ دىگەن سۇئاللار ئاساسىدا پىكىر قىلىشقا يىتەكلەپ ، ئەمدى بىز سوخۇملىنىسكى مۇھەببەتكە زادى قانداق تەبىر بەرگەنلىكىنى « قىزىمغا خەت»دىگەن تىكىستتىن كۆرۈپ باقايلى دىيىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار تىكىستكە جەلىپ قىلىنىدۇ . ئاپتور ھەققىدە چۈشەنچە بىرىش: سوخوملىنىسكى(1918-1978 ) سابىق سوۋىت ئىتپاقىنىڭ مائارىپ ئەمىليەتچىسى ۋە پىداگوگىكا نەزىريەچىسى . مەشھۇر پىداگوك . ئۇنىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن « ئوقۇتقۇچىلار دەستۇرى » ، « بارلىقىمىزنى بالىلارغا بېغىشلايلى » قاتارلىقلار بار . تىكىست ئوقۇش :تىكىستنى ئۆزەم ئۆلگە قىلىش بىلەن بىرگە بىر قانچە ئوقۇغۇچىغا ئوقۇتىمەن . ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلارئۆزلىرى ئوقۇپ چىقىدۇ .ئوقۇشتا تۆۋەندىكى تەلەپلەر قويۇلىدۇ :(1)چۈشۈنىكسىز سۆزلەرگە بەلگە قۇيۇش . (2)تىكىستنى ھېسىياتلىق ، راۋان ، جانلىق ئوقۇش .(3)تىكىست ۋەقەلىكى ۋە مەزمۇنىنى چۈشۈنىش . سۆز-جۈملىلەرگە ئىزاھات بىرىش : سەگۈنچۈك- لاپاس – جېبرېئىل – شەپەق – ئىزھار قىلىش- تاپشۇرۇق لايھەسى مەزمۇنى : موماي ئېيتىپ بەرگەن چۆچەكنى قايتا بايان قىلىشنى ئۆگۈنىپ كىلىش . مەقسەت:ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغىزاكى بايان قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈش تەلەپ : چۇقۇم چۆچەك شەكىلدە ، راۋان بايان قىلىش . باھالاش : سىنىپ ئىچىدە ، ئوقۇغۇچىلارغا ئېيتىپ بىرىش شەكلى ئارقىلىق باھالىنىدۇ .
گورۇپپا مەسئۇلىنىڭ ئىمزاسى:
|
|