ئۇيغۇر |
2014-05-26 23:49 |
قىزىمغا خەت(2)
قىزىمغا خەت (2-سائەت) - سوخۇملىنىسكى ( چىرا 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئالىمجان ئابدۇللا ) ئوقۇتۇش نىشانى بىلىم نىشانى :ئوقۇغۇچىلارغا مۇھەببەت توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىش . ئىقتىدار نىشانى :مۇھەببەتنى چۈشۈنىش . ھېسىيات ۋە ئەخلاقى تەربىيە نىشانى : ئوقۇغۇچىلاردا مۇھەببەتلىشىش مەسىلىسىنى ھايا- نۇمۇس بىلەن بىرلەشتۈرۈش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ، مۇھەببەتكە توغرا باھا بىرىش ھېسىياتىنى تۇرغۇزۇش . مۇھىم نوقتا : تىكىستنى ھېسىياتلىق ، راۋان ئوقۇش قېيىن نوقتا: تىكىستتىكى ئاساسى ۋەقەلىكنى ۋە پىكىر يۈنلىشىنى چۈشۈنىش . ئوقۇتۇش ۋاستىللىرى دەرسلىك كىتاپ ، دەرس تەييارلىقى، ئوقۇتقۇچىلار پايدىلنىش قوللانمىسى ئوقۇتۇش جەريانى ۋە ئۇسۇلى يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش : سىلەرچە دۇنيانى مۇھەببەتسىز تەسەۋۇر قىلىش مۇمكىنمۇ ؟نىمە ئۈچۈن ؟ دېگەن سۇئالنى ئوتۇرغا قۇيۇش ئارقىلىق مۇھەببەتنىڭ كۈچ قۇدرىتىنى ھىس قىلدۇرۇش ئاساسىدا يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىمەن . ئىككىنجى قەدەمدە ، تۆۋەندىكى سۇئاللار ئاساسىدا پىكىر قىلىشقا يىتەكلەيمەن : (1)سىزنىڭچە تىكىستتە دىيىلگەن تەڭرىمۇ ھىس قىلالمىغان گۈزەللىك زادى نىمە ؟ نىمىشقا گۈزەللىك ھەممىنى بېسىپ چۈشۈدۇ دەپ تەسۋىرلەيدۇ . (2)سىزنىڭچە تىكىستتە تەسۋىرلەنگەن ئۈچ نەرسە ئوتتۇرىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بار ؟ ئۇلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋەتكىلى بۇلامدۇ ؟ نىمە ئۈچۈن؟ (3)مۇھەببەت ئىنسانلاردىكى مەڭگۈلۈك گۈزەللىك ۋە كۈچ – قۇدىرەت دىگەن قاراشقا قۇشۇلامسىز ؟ نىمە ئۈچۈن ؟ (4)سىزنىڭچە ھەقىقى مەنىدىكى مۇھەببەتكە قانداق باھا بىرىش كىرەك ؟ (5)سىزنىڭچە قانداق قىلغاندا مۇھەببەتكە ياخشى مۇئامىلە قىلغىلى بۇلىدۇ ؟ مۇھەببەتنى نىمە بىلەن بىرلەشتۈرگەندە ھەقىقى مەنىگە ئىگە بۇلىدۇ ؟ ئەگەر ئايرىلىپ قالسىچۇ ؟ (6)ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاقىغا يات بولغان مۇھەببەت ھادىسىللىرى بارمۇ-يوق ؟ قارىشىڭىزنى ئوتۇرغا قويۇڭ . تاپشۇرۇق لايھەسى مەزمۇنى: ئاپتۇر تىكىستتە «بارلىق گۈزەللىك ،ئەقىل ، سەمىمى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇمام بەرگەن »دىگەن .سىز بۇ نەرسىلەرگە نىمىدىن ئىرىشكەن ؟ مۇشۇ مەزمۇننى چۆرىدەپ قىسقا بىر پارچە يېزىڭ . مەقسەت : يېزىقچىلىق قابىليىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش . تەلەپ : پىكىرنى جانلىق قانات يايدۇرۇش ، خەتلىرى چىرايلىق بۇلۇش . باھالاش : نۇمۇر قويۇپ باھالىنىدۇ .
|
|