查看完整版本: [-- گۈلنىھال: قەدىمكى تارىخىي شەخسلەر ھەققىدىكى قوشاقلار --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ئەسەرلەر -> گۈلنىھال: قەدىمكى تارىخىي شەخسلەر ھەققىدىكى قوشاقلار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-05-26 23:47

گۈلنىھال: قەدىمكى تارىخىي شەخسلەر ھەققىدىكى قوشاقلار

`Yc>I!iN  
قەدىمكى تارىخىي شەخسلەر ھەققىدىكى قوشاقلارنىڭ فولكلورلۇق ئامىللىرى ۋە تارىخىي قىممىتى ھەققىدە ~UV$(5&-  
                                 مېھرىبان ئوبۇل < 5#}EiT5  
Oe}6jcb6&  
(شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىيات كەسپىنىڭ 2010 –يىللىق ئاسپىرانتى) d/`Q,Vl  
:0B' b   
قىسقىچە مەزمۇنى: ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىر تۈرى بولغان قەدىمكى تارىخىي شەخسلەر ھەققىدىكى قوشاقلارنىڭ فولكلورلۇق ئامىللىرى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلارغا يەتكۈزگەن قىممىتى ئۈستىدە تەھلىل ئېلىپ بېرىلىدۇ. -dsE9)&8DX  
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى؛ قەدىمكى تارىخىي شەخسلەر ھەققىدىكى قوشاقلار؛ ئۇلاردىكى فولكلور ئامىللىرى ۋە تارىخىي قىممىتى w"K;e(S  
ئۇيغۇر قەدىمكى ئەدەبىياتىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىنىڭ مەنبەسى بولغان ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئۆزىدىكى مول بولغان خەلق ئىجادىيىتى بىلەن يازما ئەدەبىياتىمىزغا قىممەتلىك تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلگەن، كىلاسسىك ئەدەبىياتتىكى شائىر–يازغۇچىلىرىمىز بۇ مول خەزىنىدىكى قوشاق، رىۋايەت، چۆچەك، قىسسە، ئەپسانە، داستان، تېپىشماق، ماقال-تەمسىللەردىكى تېما، مەزمۇن، ئوبرازلاردىن ئوزۇق ئېلىپ، ئىجادىيەتلىرىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ كۆپ قىسمى شېئىرىي ئەسەرلەر بولغىنىدەك، ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىرىدە ئەمگەكچان، ئەقىل-پاراسەتلىك خەلقىمىز تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان قوشاقلارمۇ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. }Ii5[nRN  
ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، «ئوماي ئانا» ھەققىدىكى قوشاقتىن باشلاپ قارىغاندىمۇ ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ مول، رەڭدارلىقى ۋە ھەر خىل ئۆرپ-ئادەت ھادىسىلىرى، تارىخىي قىممىتى، ئېستېتىك ئالاھىدىلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى خەزىنىمىزدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلمەكتە. " )_-L8  
قوشاقلار ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ بىۋاسىتە ئىنكاسى، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئەمگەك ھاياتى، سىياسىي، تارىخىي ۋەقەلەر، شەخسلەر، قائىدە-تۈزۈملەر، ئائىلە تۇرمۇشى ۋە مۇھەببەت، نىكاھ پائالىيەتلىرىگە باغلىق ھالدا پەيدا بولغان. شۇڭا، ئۇنىڭ تۇرمۇش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زىچ بولۇپلا قالماي، ئەكس ئەتتۈرۈش ئوبيېكتىمۇ ناھايىتى كەڭ. ئۇ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماس ھالدا ئىنسانلارنىڭ ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى تۇرمۇشىنى ۋە ئۇلارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى، ئارزۇ-ئارمانلىرىنى جانلىق، چۈشىنىشلىك تىللار بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈپ، شۇ مىللەتكە تەۋە بولغان نۇرغۇنلىغان روھىي بايلىقلارنى ئۆزىدە ساقلاپ كەلگەن. بۇھال قوشاقلار مەزمۇنىنىڭ خىلمۇ خىللىقىنى، شەكلىنىڭ رەڭدارلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بىز ئادەتتە ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىنى ئىپادىلىگەن مەزمۇنىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ چوڭ جەھەتتىن تارىخىي قوشاقلار، ئەمگەك قوشاقلىرى، ئۆرپ-ئادەت قوشاقلىرى (مۇراسىم قوشاقلىرى، دىنىي مۇراسىم قوشاقلىرى، مەشرەپ قوشاقلىرى)، سىياسىي قوشاقلار، مۇھەببەت قوشاقلىرى، تۇرمۇش قوشاقلىرى، بالىلار قوشاقلىرى... دېگەندەك تۈرلەرگە بۆلىمىز. ) YP 9  
قوشاقلارنىڭ بارلىققا كېلىشى كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، تېمىنىڭ چىنلىقلىق دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى، بولۇپمۇ تارىخىي قوشاقلاردا بۇ مەزمۇن گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن. «تارىخىي قوشاقلار مۇشۇ زېمىندا ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن تا ھازىرغىچە بولغان تارىخىنىڭ ئاغزاكى بايانىدۇر.»① ئۇ بىزنىڭ قىممەتلىك روھىي بايلىقىمىز ھېسابلىنىدۇ. z wJ Vi9sO  
2009-يىلى 9-ئايدا ئۇچقۇنجان ئۆمەرنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئۇيغۇر خەلق تارىخىي قوشاقلىرى قامۇسى» نەشر قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن زور خۇشاللىق ئىش بولدى. بۇ توپلام تۆت بۆلۈمگە بۆلۈنگەن بولۇپ، جەمئىي 940 بەت. بىرىنچى بۆلۈم، قەدىمكى دەۋردىكى قوشاقلار، ئىككىنچى بۆلۈم، يېقىنقى زاماندىكى تارىخىي قوشاقلار، ئۈچىنچى بۆلۈم، يېقىنقى زاماندىكى داڭلىق تارىخىي شەخسلەر توغرىسىدىكى قوشاقلار، تۆتىنچى بۆلۈم، خاس قوشاقلاردىن ئىبارەت. بۇنىڭدا ھەر بىر قوشاقنىڭ ئالدىنقى قىسىمىدا شۇ قوشاققا مۇناسىۋەتلىك تارىخ مەلۇم دەرىجىدە ئەسكەرتىلگەن بولۇپ، بۇ قوشاقلارنىڭ تەتقىق قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. قەدىمكى دەۋرلەردىكى قوشاقلارمۇ يەنە قەدىمكى تارىخىي شەخسلەر ھەققىدىكى قوشاقلار، قەدىمكى قوۋم ۋە ۋەقەلەر ھەققىدىكى قوشاقلار، قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى قوشاقلار، قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىكى قوشاقلار، يەكەن خانلىقى دەۋرىدىكى قوشاقلاردىن ئىبارەت بىر نەچچە تۈرگە بۆلۈنگەن. تۆۋەندە مۇشۇ توپلامدىكى قەدىمكى تارىخىي شەخسلەر ھەققىدىكى قوشاقلار ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىشىمنى ئېلىپ بارىمەن: g}=opw6z  
1. قەدىمكى تارىخىي شەخسلەر ھەققىدىكى قوشاقلاردىكى فولكلور ئامىللىرى /{d5$(Y"  
بەگلەر ئېتىنى ھارغۇزۇپ، 1W +QcK4k  
قايغۇ ئۇنى تۇرغۇزۇپ. @d86l.=  
مەڭزى يۈزى سارغىيىپ، R s)Nz< d  
زەپەر ئاڭا سۈرتۈلۇر. N^{+1u7  
kX^Y{73  
ئەرلەر بۆرىدەك ھۇۋلىشىپ، 60 z =bd]  
يىرتىپ ياقا ئاھ ئۇرۇشۇپ، @(m XiK  
چىرقىراپ ئۈنى، پەرياد چېكىشىپ، _ 
ئۆكسۈپ كۆزى ئۆرتىلۇر. .;xt{kK  
........ P@z,[,sy"$  
كۆڭلۈم ئىچىنى ئۆرتىدى،  1ZF>e`t8  
پۈتكەن يارنى تاتىلىدى. H_CX5=Nq^  
كەچكەن ئۈدۈكنى ئەسلەتتى، x) 
تۈن-كۈن كېچىپ ئىزدىنۇر. ② xiW;Y{kZ  
(«ئافراسىياپ ھەققىدىكى قوشاقلار»دىن) `:I 
قەدىمدە كىشىلەر ھازا تۇتقاندا چاچلىرىنى يۇلۇپ، يۈزلىرىنى تىلىپ، ياقىلىرىنى يىرتىشىپ ھازا تۇتاتتى، بۆرىدەك ھۇۋلاپ، مۇڭلۇق پەرياد چېكىشىپ، ئۆلگۈچىگە بولغان قىيالماسلىق ھېسسىياتىنى، ھۆرمىتىنى بىلدۈرەتتى. بۇ قوشاق بىزگە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھازا تۇتۇش ئادىتىدىن ئۇچۇر بېرىدۇ. n rpxZA  
مەن سىلەرگە بولدۇم خاقان، VTt{ 0 ~  
ئالغىن قولغا يا بىلەن قالقان. WTcrfs)T  
تامغا بولسۇن بىزگە بۇيان، *uq}jlD`!  
كۆك بۆرە بولسۇن ھەم ئۇران . 0cwb^ffN  
تۆمۈر نەيزىلەر بولسۇن ئورمان، fv",4L  
ئوۋ يېرىدە يۈرسۇن مال-ۋاران.  H?(I-vO  
دەريا–ئېقىن ئاقسۇن راۋان، AGe\PCn-  
كۈن تۇغ بولسۇن، ئاسمان قورغان.③ RnX:T)+o  
(«ئوغۇزخان قوشاقلىرى»دىن) AMhHq/Dw  
بۇ قوشاقتىن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بۆرىنى توتېم قىلغانلىقىنى، ئوغۇزخاننىڭ دۆلەت قۇرغاندىن كېيىن بۆرىنى بارلىق قەبىلىلەرنىڭ ئورتاق توتېمى قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇرۇشتا ئوقيا، قالقان، تۆمۈر نەيزە ئىشلىتىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. يەنە «كۈن تۇغ بولسۇن، ئاسمان قورغان» دېگەن مىسرالاردىن ئۇلارنىڭ كۈننى، ئاسماننى ئۇلۇغلاپ، ئۇلارغا چوقۇنغانلىقىدىن ئىبارەت ئىپتىدائىي ئېتىقادنىڭ ئىزلىرىنى بايقايمىز. yR Zb_Mq9U  
ئەي ئوغۇللار، كۆپ يەپ–ئىچتىم، X7*i -v@  
نۇرغۇن جەڭ ۋە ئۇرۇش كۆردۈم. 'w8k*@cQ  
........................ _^2rRz  
تەڭرى بۇرچىنى مەن ئۆتىدىم، 'V=i;2mB*  
سىزلەرگە بېرەي مەن يۇرتۇم.④ |Mj2lZS  
(«ئوغۇزخان قوشاقلىرى»دىن) 3Vu_-.ID  
قەدىمدە بەزى پادىشاھلار زېمىنىنى كېڭەيتىپ، جەڭدە نۇسرەت قازىنىپ، يېشى چوڭايغاندا ھوقۇقىنى بالىلىرىغا بۆلۈپ بېرىدىغان ئادەت بار ئىدى. بۇ قوشاقتا ئوغۇزخاننىڭ زېمىنىنى بالىلىرىغا بۆلۈپ بەرمەكچى بولغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. بۇنىڭدىن ھوقۇقىنى بالىلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىن ئىبارەت ۋارىسلىق تۈزۈم ئادىتىدىن ئۇچۇرغا ئېرىشىمىز. 6i6m*=h  
.............. _7h:NLd  
ھەزرىتى موللام بوۋىمىز، ^*{:;F@  
ھەممىمىز قول قويىمىز. ne=?'e4  
كىرىپ كەلسە پەتىگە، w&v Z$n-|  
ئەركەك پاقلان سويىمىز.⑤ yl>V '  
(«مەھمۇد كاشغەرىي ھەققىدە قوشاقلار»دىن) , : I:F  
بۇ قوشاقتىن خەلقىمىزنىڭ مېھماندوسلىقىنى، ئۆيگە ھال سوراپ كەلگەن مېھماننى ناھايىتى ئەزىزلەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن قوي سويۇپ كۈتۈۋالىدىغان ئەنئەنىسىنى كۆرەلەيمىز. Y;X_E7U  
موللام تېغى جايىڭىز، /Ria"lLv  
ھەزرىتى موللام نامىڭىز. *Vbf ;=Mb  
ھەز سۇلتىنىم ئىكەنغۇ، A)2eo 
ئەسلى پۇشتى زاتىڭىز. @B@`V F  
(«مەھمۇد كاشغەرىي ھەققىدە قوشاقلار»دىن) r~K5jL%z9  
بۇ قوشاقتىن خەلقىمىزنىڭ قەدىمدە ئىلىم–مەرىپەتلىك كىشىلىرىنى ھۆرمەتلەپ، موللام نامى بىلەن ئاتايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ ئادەتنى ئاددىي، چۈشىنىشلىك مىسرالار ئارقىلىق ئىپادىلەپ، دانىشمەن شەخسلىرىمىزنىڭ سېماسىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ بېرەلەيدىغان ھالەتنى كۆرەلەيمىز. }#u.Of`6"  
سەللە تۇماقلىق بوۋىمىز، A#yZh\#  
كەمچەت تۇماقلىق مومىمىز. Y<4%4>a  
بۇ ئۇلۇغ زات، ئالىمدىن، Hwz.5hV"  
سۆيۈنگەن يۇرت ئەھلى بىز.⑥ #2/2X v  
(«مەھمۇد كاشغەرىي ھەققىدە قوشاقلار»دىن) G^G= .9O  
بۇ قوشاقتىن قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىم ئادىتىنى ھەم باش كىيىم ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئورۇن، مەرتىۋىسىنىڭ پەرقلىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئۇچۇرغىمۇ ئېرىشەلەيمىز. 9!``~]G2  
موللام تېغى باغرىدا، mMNT.a  
ھەزرىتى موللام ھويلىسى. $ $=N'Q  
ھويلىدا ئەينۇلىسى، _d[4EY  
بېغىدا شاپتۇلىسى. ⑦ H%peE9>$  
(«مەھمۇد كاشغەرىي ھەققىدە قوشاقلار»دىن) bAUruTn  
بۇ قوشاقتىن ئەمگەكچان خەلقىمىزنىڭ خېلى زامانلار بۇرۇنلا باغۋەنچىلىك ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. ;R_H8vp  
......... u l-A'  
مېنىڭ ماكانىم قۇرىغار، JO3x#1~;_  
يولۋاس، يىلپىزلار بىلەن بىرگە ياشارمەن، QY^v*+lr\  
ئۇچار قۇشلار بىلەن بىرگە ئۆتەرمەن، e5GJ:2sH  
چۈنكى مەن تەڭرىنىڭ قىزى، nNEIwlj;  
تەڭرىنىڭ ئەمرىگە بويسۇنماق پەرز، J)o =0i>*  
ھاپىزلار ناخشىسى يۈرىكىمنى ئەزمەكتە، :L6, =#  
شۇندا پېقىر سىزنى ھەقىقى سېغىنماقتا.⑧ U2DE zr  
(«ئوماي ئانا ھەققىدە قوشاقلار»دىن) ta*6xpz-\Q  
قەدىمكى تارىخىي شەخسلەر ھەققىدىكى قوشاقلاردا، ئىلاھقا، ئەجدادقا چوقۇنۇشنىڭ ئىزلىرىنىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. Qy!;RaA3T  
ئوماي ئانا (قۇرىغارخان ئانا) ئاياللار ۋە بالىلارنى قوغدىغۇچى ئايال ئىلاھ بولۇپ، ئۇ ياشىغان چاغلار ئىپتىدائىي جەمئىيەت باسقۇچى بولغاچقا، ئۇرۇق، جەمەت، قەبىلە، قوۋملار كۆچمەنلىك تۇرمۇشى بىلەن ياشىغان. ئوماي ئانا ھەققىدىكى مەلۇماتلار قەدىمكى ئۇيغۇر ھۆججەتلىرىدە، مەڭگۈ تاشلاردا، ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي يازغان «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈ*رك»تە ئۇچرايدۇ، ئوماي ئانا يەنە يەر–سۇ تەڭرىسى دەپمۇ ئاتالغان بولۇپ، بۇ ئانا ئەلنى باشقۇرۇشقا ناھايىتى ماھىر بولغانلىقى ئۈچۈن، چەكسىز ئىززەت-ئىكرامغا ئېرىشكەن، كىشىلەر بۇ ئايال ئىلاھ ئوبرازى ئارقىلىق ئۆزىگە روھىي تەسەللىي تاپقان. بۇ قوشاقتا «چۈنكى مەن تەڭرىنىڭ قىزى» دېگەن مىسرا ئۇچرايدۇ، بۇ شامانىزمنىڭ تەسىرى بولۇپ، بۇ قەدىمكى كىشىلىرىمىزنىڭ روھىي دۇنياسىغا تەسىر كۆرسەتكەن، شۇنداقلا ئانا ئەجدادقا چوقۇنۇشنىڭ تەسىرىدىن بولغان، ئاخىرقى ئىككى مىسرادىن بولسا، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن باشلاپلا ئەللەر ئارا دوستلۇقنى قەدىرلەپ، ئىجتىمائىي، ئالاقە ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشتەك ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى كۆرۈۋالالايمىز. <5xlP:C x  
ئوغۇزخان ۋە ئافراسىياپ ھەققىدىكى قوشاقلار بىزگە قەھرىمانلارنى ئۇلۇغلاپ، ئۇلارغا چوقۇنغانلىق ئۈستىدە خېلى كۆپ ئۇچۇرلارنى بېرىدۇ. «قەھرىمانلارغا چوقىنىشنى ئادەتتە ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلى، بولۇپمۇ ئاخىرقى دەۋرنىڭ مەھسۇلى دېيىش مۇمكىن»⑨. OsGKlWM/  
شۇڭا، بۇ ئاتا ئەجدادقا چوقۇنۇش ھېسابلىنىدۇ. كېيىنكى دەۋرلەردە بارلىققا كەلگەن مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەققىدىكى قوشاقلار يۇقىرىدىكى قوشاقلارنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى بولۇپ، خەلقىمىز ئىلگىرى قەھرىمانلارنى مەدھىيەلەپ قوشاق قاتقان بولسا، بۇ مەزگىلدە پەيلاسوپ، ئالىملىرىمىزنى ئۇلۇغلاپ، ئۇلارنىڭ تۆھپىسىنى قەدىرلەپ ئۇلارنىڭ شان-شەرىپىگە قوشاق قاتقان. بۇ يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئەجدادقا چوقۇنۇشنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى داۋامى ۋە تەسىرى ھېسابلىنىدۇ. x\R%hGt  
مۇئەللىپ بۇ قامۇستا يەنە سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان، فارابى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلىشىر نەۋايىغا ئائىت نەزمىلەردىن مىسال ئېلىپ، گەرچە ئۇلارنىڭ ئىجادىيەتلىرىدە قوشاق بولمىسىمۇ، بىراق قوشاقلاردىكى ئىپادىلەش مەزمۇنىنىڭ، ماقال-تەمسىللەرنىڭ تەقلىد قىلىنغانلىقىغا قاراپ بەزى نەزملەرنى تارىخىي شەخسلەر قوشاقلىرى تۈرىگە كىرگۈزگەن، بىز بۇنىڭغا ماس ھالدا بۇ نەزمىلەردىكى فولكلور ئامىللىرىنى كۆرۈپ باقايلى. 'KU)]v  
جان قارلىغاچ قارلىغاچ، {S Oy-  
ئوڭ دولامغا قونساڭچۇ، p(8[n^~,i  
ئۇلۇغ بۇغرا ئاتامغا، iiWm>yy  
مەندىن سالام ئېيتساڭچۇ. Z{ AF8r  
)_H>d 
ئەجەبمۇ ياراشىپتۇ، Yo^9Y@WDW  
قارا ئاتنىڭ قاشقىسى، 'k1vV  
ئەل دەردىنى بىلمەيدۇ، C"[d bh!  
بۇغراخاندىن باشقىسى.⑩ nu 
(«سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ھەققىدىكى قوشاقلار»دىن) \5q0nB@i5y  
بۇ مىسرالاردىن بىز ئەينى دەۋردىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ئەھۋاللاردىن مەلۇماتقا ئېرىشىش بىلەن بىرگە، قاراخانىيلار خانلىقى مەزگىلدىكى پادىشاھلارنىڭ بۇغراخان نامى بىلەن ئۇلۇغلىنىدىغانلىقىنى، قارلىغاچقا ئوخشاش ئۇچار-قۇشلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەبىئەتنى سۆيۈش، تەبىئەتتىكى جانلىقلارنى قوغداش، ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتۈشتەك ئېسىل خىسلەتلىرىنى ۋە ئاتنىڭ ئۇيغۇرلاردا ئۇزاق زاماندىن باشلاپلا ئىشلىتىلىپ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىدەك ئۆرپ-ئادەت فولىكلورىدىن خەۋەردار بولالايمىز. Dx*tolF  
يىراق يۈر بولسا باتىل، سۆزى يالغان. f.{/PL  
ھەقىقەت تارقىتىپ كەت، بولسا ئىمكان، 7+c}D>/` :  
بىزگە دۇنيا بولمىدى ئابەدە ئۆي، 6qYK"^+xu  
بەس كېلەلمەي، ئۆلۈمگە ھېچبىر ئىنسان.⑪ f$I$A(0P  
(«فارابى نەزمىلىرىدىن ئۆرنەكلەر»دىن) ])v WvNx  
ئوتتۇرا ئەسىردە ئۆتكەن شەر*قنىڭ مەشھۇر پەيلاسوپى فارابى بىلىم ئىزدىگەن ۋە ئۆگىنىش ئارزۇسىدا بولغان ھەر قانداق كىشىنىڭ ياش، زېھنى ئوچۇق، خۇش پېئىل، راستچىل، ئىخلاسمەن، چىداملىق بولۇشى، رىياكارلىقتىن ۋە پەس ئارزۇ–ھەۋەسلەردىن خالىي بولىشىنى، پۈتۈن زېھنى قۇۋۋىتىنى ئىلىمگە بېغىشلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا ئەھمىيەتلىك نەسىھەتلەرنى قىلىپ، بىزنى ئىلىم ئەھلىلىرىدە بولۇشقا تېگىشلىك پەزىلەتلەر بىلەن تەربىيەلىگەن. Y3M"a8e'  
4504. تۇغۇلسا ساڭا ئاي كەبى قىز-ئوغۇل، @Z[XV"w|  
ئاڭا تەربىيەچى سەن ئۆزۈڭلا بول. \1[v-hvK  
4509. ئوغۇلنى بىكار، بوش يۈرمە سەن قويۇپ، _Y 8RP%  
بىكارچى بولۇر ئۇ لاغايلاپ يۈرۈپ. *T:gx:Sg/  
1495. كىچىك چاغدا بىلسە بالا نېمىنى، f`Wces=5  
قېرىپ ئۆلگىچە ئۇنتۇماس ئۇنى. b 8~7C4  
1704. كۈچ ئاتتەك بولۇر بەخت تۈۋى نېگىزى، M?I^Od'8  
مۇلايىم كۆڭۈللۈك ئۇنىڭ تېگى يىلتىزى. &O;' ?/4 S  
2105. ئېرىغدۇر بۇ بەخت ئۇ ئېرىغلىق تىلەر، _a&M k  
سۈزۈكتۇر بۇ دۆلەت ئۇ سۈزۈكنى يۆلەر. ⑫ &br_opNi  
(يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك»دىن) [D= KI&@&O  
بۇ مىسرالار بىزگە قىممەتلىك پەند-نەسىھەتلەر ئارقىلىق ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيەلەشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، بەختنىڭ خاراكتېرىنى ۋە تەۋەلىك مەسىلىلىرىنى ناھايىتى ئىخچام ھالدا يورۇتۇپ بەرگەن، بىز بۇلاردىن فولىكلورنىڭ ماددىي جەھەتتىنلا ئەمەس، مەنىۋى جەھەتتىنمۇ نۇرغۇن ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. 2& ZoG%)  
ئەگەر بىر قوۋم يۈز، يوقىسە مىڭدۇر، 68YJ@(iS  
مۇئەييەن تۈ*رك ئۇلۇسى خۇت مېنىڭدۇر. W;y ,Xs  
قوۋملار سانى يۈز يا مىڭ، a, ~}G'U  
بولسا مەيلى ئەسلىمدۇر. 5l,Q=V^@l  
پەقەت تۈ*رك قوۋمىلا، i48Tb7Rx~n  
مېنىڭ زاتى نەسلىمدۇر. [X=J]e^D  
(«ئەلىشىر نەۋايى نەزمىلىرى»دىن) Zg2F%f$Y  
بۇ مىسرالاردا شائىر خەلقىگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن، بۇ ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئەزەلدىنلا ۋەتەن، مىللەتكە بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى يۇقىرى ئورۇنغا قويۇشتەك ياخشى خىسلەتلىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. & GM&,  
كۆز بىلەن قاشىڭ ياخشى، .p d_SQ~  
قاباغىڭ ياخشى. 2%oo.?!R  
يۈز بىلەن سۆزۈڭ ياخشى، `Z!NOC  
دوداغىڭ ياخشى. kT e0"  
ئېيىڭ بىرلە مېڭىڭ ياخشى، <+2M,fq+  
ساقاغىڭ ياخشى. I_/kJ#7vj  
بىر-بىرىنى دىيسىن باشتىن، B\z4o\am%  
ئاياغىڭ ياخشى.⑬ MX.=k>  
(ئەلىشىر نەۋايى «غەرايىبۇس سىغەر»دىن) qp@:Zqz8  
بۇ مىسرالاردا شائىر يارنىڭ جامالىنى قايناق ھېسسىياتلار بىلەن سۈپەتلەش ئارقىلىق ھەقىقىي سۆيگۈگە بولغان ئىشقىنى ئىپادىلىگەن. بۇ ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئەينى دەۋردىن تارتىپلا دۇنياغا مېھىر–مۇھەببەت بىلەن قاراش، ئادەملەر ئارىسىدىكى مۇھەببەتكە ئەھمىيەت بېرىشنى روھى جەھەتتىكى بايلىق دەپ قاراشتەك فولىكلورنىڭ مەنىۋى ئامىللىرىنى بىلەلەيمىز. &bO0Rn1F  
2. قەدىمكى تارىخىي شەخس ھەققىدىكى قوشاقلارنىڭ تارىخىي قىممىتى aH1mW;,1u  
1) بۇ قوشاقلار كېيىنكىلەرگە شۇ دەۋردىكى تارىخىي شەخسلىرىمىزدىن ئۇچۇر بېرىپ، شەخسلىرىمىزنى تونۇتقىلى ۋە ئۇلاردىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى ئويغاتقىلى بولىدۇ. ZJxUv {J  
ئوماي ئانا، ئافراسىياپ، ئوغۇزخان، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان، فارابى، مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلىشىر نەۋايى قاتارلىقلار بىزنىڭ ئىپتىدائىي ئىلاھلىرىمىزدىن تارتىپ بىزنى تونۇتقان، خەلقى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان داڭلىق پەيلاسوپلىرىمىز، مىللەت سۆيەر ئەدىبىمىز... بۇلار بىزنىڭ ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرىدۇ، غۇرۇرىمىزنى كۈچەيتىدۇ، ئىلىم ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. p^U:O&U(  
2) بۇ قەدىمكى تارىخىي شەخسلىرىمىز ھەققىدىكى قوشاق بىزگە شۇ دەۋرنىڭ مۇئەييەن ئۆرپ-ئادىتى، پىسخىكىسى، پەلسەپە ئىدىيەسى، جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلاردىن خېلى يېتەرلىك ئۇچۇر بېرەلەيدۇ. 5r:SBt|/  
3) بۇ قوشاقلار ئۇيغۇر شېئىرىيىتى، قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئېسىل ئۈلگىلىرىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئوغۇزخان ھەققىدە قوشاق، نەۋاىي شېئىرلىرى، «قۇتادغۇبىلىك»تىكى بىر قىسىم نەزمىلەر قاتارلىقلار بۇنىڭ دەلىلى بولالايدۇ. 54Baz  
4) قەدىمكى تارىخىي شەخسلەر ئارقىلىق ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئىلىم-مەرىپەت تەربىيەسى، ۋەتەننى سۆيۈش تەربىيەسى، شەخسلىرىمىز ئارقىلىق ئۇلارنى سۆيۈش ۋە غايە تەربىيەسى قاتارلىقلارنى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. @Ee'nP   
5) ئوماي ئانىغا ئوخشاش ئۇلۇغ ئانىلارنىڭ قوۋملىرىنى باشقۇرۇش، كىشىلەرنى ئىناق–ئىتتىپاق ئۆتۈشكە يېتەكلەشتەك ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلىرىدىن ئاياللارنىڭ قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇش، ئۆزىگە ئىشىنىپ ياشاشتەك ئېسىل پىسخىكىسىنى جارى قىلدۇرۇش جەھەتتە رولى بار. tBp146`  
6) ھەرقايسى دەۋردىكى تارىخىي قوشاقلارنىڭ تىل شەكلىدە پەرقلەر بار بولۇپ، تىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى ئۇيغۇر قەدىمكى ئەدەبىياتى تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى باسقۇچقا يەتكۈچە بولغان ئارىلىقتا قوللىنىلغان تىللارنى تەتقىق قىلىشتا بىزنى ياخشى ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ. 0wLu*K5$4E  
7) خەلقىمىزنىڭ تەبىئەتنى سۆيۈش، ئۇنىڭدىكى شەيئى ۋە جانلىقلارنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇشتەك خىسلەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشتا رولى بار. aMSX"N"ot  
8) خەلقىمىزنىڭ ھەقىقىي سۆيگۈنى ئۇلۇغلاش، ۋاپادارلىق، سەمىمىي قەلب بولۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشتە رولى بار. _91g=pM   
قوشاقلار شۇ دەۋرنىڭ خۇشاللىقى، ئازابى، ئىلىم-مەرىپىتى، شەخسىلەرنىڭ ھايات پائالىيىتى، پەلسەپە ئىدىيەسى، روھى ھالىتى قاتارلىقلارنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، ئۇ چوڭقۇر فولكلورلۇق ئالاھىدىلىككە ۋە مۇھىم تارىخىي قىممەتكە ئىگە. بۇ قەدىمكى تارىخىي شەخسلەر ھەققىدىكى قوشاقلار ئەلۋەتتە، بۇ جەھەتتە ھەممىدىن ئاۋۋال شۇ يۆنىلىشكە يول ئېچىپ بەرگەن بولىدۇ. ئۇچقۇنجان ئۆمەر ئاكىمىز تۈزۈپ چىققان بۇ «قامۇس»تا تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن تېمىلار چاقناپ تۇرۇپتۇ. مېنىڭ قىلغىنىم پەقەت شۇ كىتابنىڭ باشلىنىش قىسىمى بولغان «قەدىمكى تارىخىي شەخسلەر ھەققىدە قوشاقلار»دىكى دەسلەپكى ئىزدىنىشتىن ئىبارەت. بۇ «قامۇس» ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇ پەقەت دېڭىزدىكى بىر تامچە بولۇشى مۇمكىن. () Z!u%j  
DAG2pc8zA  
‏ئىزاھاتلار: 9=j"kXFf  
①⑨ زۇمرەت غاپپار: «ئاغزاكى تارىخشۇناسلىق ۋە ئۇيغۇر خەلق تارىخىي قوشاقلىرى» «ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، 2011-يىللىق 3-سان. ;[]{O5TB  
② ئۇچقۇنجان ئۆمەر: «ئۇيغۇر خەلق تارىخىي قوشاقلىرى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2009-يىلى 9-ئاي، «ئافراسىياپ ھەققىدىكى قوشاقلار»، 7-بەت. 4+od N.  
③④ ئۇچقۇنجان ئۆمەر: «ئۇيغۇر خەلق تارىخىي قوشاقلىرى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2009-يىلى 9-ئاي، «ئوغۇزخان قوشاقلىرى»، 10-،11-بەتلەر. "r!O9X6  
⑤⑥⑦ ئۇچقۇنجان ئۆمەر: «ئۇيغۇر خەلق تارىخىي قوشاقلىرى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2009-يىلى 9-ئاي، «مەھمۇد كاشغەرىي ھەققىدە قوشاقلار»، 20-،21- بەتلەر. [lpzUB} 
⑧⑩⑪⑫⑬ئۇچقۇنجان ئۆمەر: «ئۇيغۇر خەلق تارىخىي قوشاقلىرى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2009-يىلى 9-ئاي، 3-،13-،15-،27-،29-بەتلەر. kzG m D i  
پايدىلانمىلار: *.0}3  
1. ئۇچقۇنجان ئۆمەر: «ئۇيغۇر خەلق تارىخىي قوشاقلىرى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2009-يىلى 9-ئاي نەشرى.  u% 
2. ئابدۇكېرىم راخمان: «ئۇيغۇر فولىكلورى ھەققىدە ئومۇمىي بايان»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1989-يىل نەشرى. 5Xu2MY=  
3. شەرىپىدىن ئۆمەر: «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن ئوچېركلار»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1981-يىل نەشرى. QCFLi n+r  
4. غەيرەتجان ئوسمان: «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى»، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، 2002-يىل 8-ئاي نەشرى. |1zoT|}q  
5. ئۇچقۇنجان ئۆمەر: «ئۇيغۇر خەلق تارىخى قوشاقلىرى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1981-يىل. Q# w`ZQX3  
6. ئابدۇللا تالىپ: «ئۇيغۇر مائارىپى تارىخىدىن ئوچېركلار»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1986-يىل نەشرى. P#(BdKjM  
pe>R2 

گۈلنىھال 2014-05-31 18:18
بىر مىللەتنىڭ فولىكلورى شۇ مىللەتنىڭ بايلىقى ھېساپلىنىدۇ ....

ئەكبەرنىياز 2014-06-02 14:34
توغرا دەيسىز گۈلنىھال ، ھەر قانداق مىللەتنى چۈشەنمەكچى بولساق ئاۋۋال بىزنىڭ مۇراجەت قىلىدىغىنىمىز فولكلورى ھېسابلىنىدۇ . چۈنكى فولكلورنىڭ ئۆزى ئاغزاكى تارىخ ئەمەسمۇ !؟

گۈلنىھال 2014-06-02 15:00
ئەكبەرنىياز:توغرا دەيسىز گۈلنىھال ، ھەر قانداق مىللەتنى چۈشەنمەكچى بولساق ئاۋۋال بىزنىڭ مۇراجەت قىلىدىغىنىمىز فولكلورى ھېسابلىنىدۇ . چۈنكى فولكلورنىڭ ئ .. (2014-06-02 14:34) 
ZMp5d4y5  
بۇنداق تىمىلار كۆرۈلمەي قېلىۋاتىدۇ ...


查看完整版本: [-- گۈلنىھال: قەدىمكى تارىخىي شەخسلەر ھەققىدىكى قوشاقلار --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled