查看完整版本: [-- قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىنىڭ يۈز يىلىغا نەزەر --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ئەسەرلەر -> قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىنىڭ يۈز يىلىغا نەزەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-05-26 23:39

قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىنىڭ يۈز يىلىغا نەزەر

قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىنىڭ يۈز يىلىغا نەزەر N1s $3Ul  
MUCJ/GF*  
ياڭ فۇشۆ Mk'n~.mb  
]df9'\  
`jUS{ 3^  
  ئومۇمىي بايان Cb@S  
[KimY  
   ئۇيغۇر مىللىتى ئەدەبىيات ئەنئەنىسىگە باي بىر مىللەت، تارىختا مەزمۇنى مول، ژانىرى خىلمۇ-خىل كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇ ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلگەن دەۋرلەردىكى پەرقلىق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئومۇمەن ئۈچ دەۋرگە بۆلۈشكە بولىدۇ: p+`*~6Jj/  
1.        ئۇرخۇن دەۋرى (840- يىلىلرى چۆللۈكنىڭ شىمالىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇرخانلىقى يىمىرلىشتىن بۇرۇن) 2. بۇددا دىنى، مانى دىنى، نىستورىيان دىنى قاتارلىق دىنلارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرلارغا تارقالغان دەۋرى. 3. ئىسلام دىنى دەۋرى. VH7iH|eW  
    بۇ ماقالىدە ئىككىنچى دەۋر، يەنى بۇددا دىنى، مانى دىنى ۋە نىستورىيان دىنى قاتارلىق دىنلارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرلارغا تارقالغان دەۋردىكى ئەسەرلەرنىڭ ئاساسلىق تۆت تۈرلۈك ئالاھىدىلىكى بايان قىلىنىدۇ. "f&i 251  
بىرىنچى، بۇ دەۋردىكى ئەدەبى ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلى بۇددا دىنى ۋە مانى دىنىنڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان. W  kDn  
ئىككىنچى، بۇ دەۋردىكى ئەدەبى ئەسەرلەر ئاساسلىقى قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىدا يېزىلغان. يېزىق جەھەتتە ئاساسەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئىشلىتىلگەن (مەزكۇر ماقالىدىكى بايانلار «قۇتادغۇبىلىك»، «قىسسەسۇل ئەنبىيا»، «مىراجنامە»قاتارلىق ئسلام دىنى ئۇسلۇبىغا ئىگە، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ). پەقەت ئاز بىر قىسىم ۋەسىقىلەر مانى يېزىقىدا ۋە باشقا يېزىقلاردا يېزىلغان. )HzITsFZKT  
ئۈچىنچى، كۈنىمىزگىچە يىتىپ كەلگەن ئەسەرلەر ئاساسەن يوق دىيەرلىك، ھازىرغىچە كۆرۈلگەنلىرى ئاساسەن 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشىلىرىغىچە دۈنخۇاڭ، تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردىن تېپىلغان ھۆججەتلەردىن ئىبارەت. بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى يازما ماتېرىياللار بولۇپ، يەنە مەلۇم مىقداردىكى باسما ماتېرىياللارمۇ بار. f<> YYeY  
تۆتىنچى، شېئىرى ئەسەرلەر ئاساسلىق سالماقنى ئىگەللەيدىغان بولۇپ، بۇددا دىنى، مانى دىنى ۋە نىستورىيان دىنىغا ئائىت شېئىرلار، ئەمگەك قوشاقلىرى، مۇھەببەت قوشاقلىرى، ھېكمەتلەر، ۋەز-نەسىھەتلەر ۋە مەرسىيە قاتارلىق كۆپ مىقداردىكى خەلىق شېئىرلىرىمۇ بار. # nc@!+  
بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئۆزلۈكسىز ھالدا دىنىنى ئسلام دىنىغا ئۆزگەرتكەنلىكتىن، بۇددا دىنى، مانى دىنى ۋە نىستورىيان دىنىغا ئائىت ئەسەرلەر كەينى كەينىدىن كەڭ كۆلەملىك بۇزغۇنچىىلىققا ئۇچرىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىنىڭ تەدرىجى ھالدا ئىستىمالدىن قېلىشى بىلەن، 15-ئەسىردىن كېيىن (خېشى قەدىمكى ئۇيغۇرلىرى دىنىنى بۇددا دىنىدىن ئىسلام دىنىغا ئۆزگەرتمىگەنلىكى ئۈچۈن، خېشى قەدىمكى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئارىسىدا قەدىمكى ئۇيغۇرتىلى ئەڭ كېيىن دېگەندىمۇ 17-ئەسىرلەرگىچە ئىشلىتىلگەن) قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىدا يېزىلغان ئەدەبىي ئەسەرلەر باشقا قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىدىكى ۋەسىقىلەرگە ئوخشاشلا تەدرىجى يوقۇلۇپ، ئۇزۇن يىللار مابەينىدە ھېچ كىشى تەرىپىدىن سۈرۈشتە قىلىنمىغان. ,],JI|Rl8c  
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە شىنجاڭ، دۈنخۇاڭدىكى زور ئارخېئولوگىيلىك بايقاشلار ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىدىكى ۋەسىقىلەرنىڭ تېپىلىشى خەلىقئارا ئىلىم-پەن ساھەسىنىڭ يېڭىباشتىن دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى. زور مىقداردىكى قەدىمكى ئۇيغۇرتىلى ماتېرىياللىرىنىڭ ئوقۇپ چۈشۈنۈلۈش ۋە ژورناللاردا ئېلان قىلىنىش ئىمكانىيىتى، قەدىمكى ئۇيغۇرتىلى تەتقىقاتىنى بىرىنچى قول ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىدى.  شۇنىڭغا ئەگىشىپ قەدىمكى ئۇيغۇرتىلى ئەدەبىياتى تەتقىقاتىغا ئالاقىدار بىر تۈركۈم مەخسۇس ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى. ئەسىر ئالمىشىش باسقۇچىدا تۇرغان مۇشۇنداق بىر ئالاھىدە پەيتتە، قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىنىڭ تارىخىغا قايتىدىن نەزەر تاشلاش، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ بىرىشتە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. l6`d48U  
غەربى يۇرت، دۇنىخۇاڭدىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى كۆچۈرمە ئەسەرلەر ئارىسىدىكى ئەدەبىياتىغا ئائىت ماتېرىياللارنى چوڭ دائىرىدىن ئالغاندا مۇنداق ئىككى قىسىمغا بۆلۈشكە بولىدۇ. 7ck0S+N'b  
بىرقىسمى، تەرجىمە ئەسەرلەر، مەسىلەن: نوملار، مانى دىنى دەستۇرلىرى، نىستورىيان دىنى دەستۇرلىرى. يەنە بىر قىسمى، قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان ئىجادى ئەسەرلەر. ~gi( 1<#  
تەرجىمە ئەسەرلەر گەرچە بۇددا دىنىغا ئائىت بولسىمۇ لېكىن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەسىلەن: 10-ئەسىرلەر ئەتراپىدا بەشبالىقلىق داڭلىق ئۇيغۇر تىلشۇناس، تەرجىمان سىڭقۇسەلى  (胜光法师) نىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرى ناھايىتى يۇقىرى ئەدەبى قىممەتكە ئىگە.   SG|i/K|7  
دىنغا ئائىت مۇھىم ئەسەرلەر ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى پېقىر ئايرىم يېزىپ بايان قىلىپ بولغاچقا، گەپنى ئۇزاتماستىن كېيىنكىسىگە ئۆتىمەن. قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ تەتقىقاتى ۋە توپلىنىشىدا، ئەڭ باشتا ئاتاقلىق تۈركشۇناس ئارات (阿拉特) نىڭ «قەدىمكى تۈركچە شېئىرلار» (1965-يىل، ئەنقەرە) ناملىق كىتابىنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز. ئارات، ئۆزىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئەسەرلەر ھەققىدىكى تەتقىقاتىغا ئاساسلىنىپ، قاپىيەداش شېئىرلارنى نەسىرلەرنىڭ ئىچىدىن ئايرىپ چىققان [q>i  
12-نومۇرلۇق ۋەسىقىدىن تېپىلغان، نامسىز شائىر تەرىپىدىن يېزىپ قالدۇرۇلغان بارلىق«پىرانىيا پاراستا خىرىدا يا سۇترا» (般若波罗密多经) نى مەدھىيە ئوقۇلغان شېئىرلارنى رەتلەپ چىققان (كۆچۈرۈپ  يازغۇچى كى سۇيا Cisuya). كېيىن، ئارات «شىن توزىن ئوقاتاچى نوم» (说心性经) ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلدۇرغاندا، بۇ شېئىرلارنى ئىلاۋە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان. (رەت نومۇرى 108-8212 .Or) $jeDVH  
سېمى: «قەدىمكى تۈركچە نەزملەر» دىكى 16-ۋە 20-نۇمۇرلۇق ۋەسىقە ئەمەلىيەتتە «سامان تەبھادرا سەريا پىرانىھانا» (普神行愿) نىڭ تەرجىمىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، 24-نۇمۇرلۇق ھۆججەتتىمۇ «سامان تەبھادرا ساريا پىرانىھانا»  نىڭ ياغاچ ئويمىلىق ئىلاۋىسى بار. لېكىن 18-نۇمۇرلۇق ۋەسىقە «ئالتۇن يارۇق» (金光明经) نىڭ 5-كۆرۇنۈشىنىڭ شېئىرلەشتۇرۇلگىنى،  ئۇنىڭ ئاپتورى يۈەن سۇلالىسىدىكى ئاتاقلىق قەدىمكى ئۇيغۇر ئالىمى (夔夔) kuikui دۇر- دەپ قارىغان. cdtzf:#q  
(夔夔) kuikui، قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا ئېتىبار قىلىشقا تېگىشلىك شەخىسلەرنىڭ بىرى. ئارات ئېلان قىلدۇرغان ياغاچ ئويما مەتبەئە بويۇمى «ئامىتا يود خىيانا سوترا» (无量寿经观)  نىڭ قالدۇق پارچىسىنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىغا ئاساسەن يېزىلغانلىقى ئاللىقاچان ئىسپاتلانغان. خەنزۇچە يىزىلغان ئەسلى نۇسخىسى نەسىرى شەكلىدە بولۇپ، كۈيكۈي تەرىپىدىن شېئىرى شەكىلگە كەلتۈرۈلگەن. بۇ نۆۋەتتە بىلىنگەن بىردىن بىر دەلىل.  كېيىنچە كۈيكۈي بۇنىڭغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ بۇ ئەسەرنى قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىغا تەرجىمە قىلغان. كۇيكۈي ئەينى ۋاقىتتا كەڭ تارقالغان بۆلەكلىك باش قاپىيە شەكلى بىلەن يازغان، شۇڭا بىر قىسىم بۆلەكلەرنى قىسقارتىش ياكى باش قاپىيەگە ماسلىشىدىغان بەزى سۆز ئىبارىلەرنى تەڭشەش، قوشۇش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغان. FUqhSW  
كۈيكۈيدىن باشقا يەنە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن ئەنزاڭ (安藏) ۋە ناتىرى (必兰纳识里) بار، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى «يۈەن سۇلالىسى تارىخى» دىن ئورۇن ئالغان. ئەنزاڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، يۈەن شى زۇڭ (元世祖) پەرمان قىلىپ، ئەنزاڭدىن قېپقالغان بارلىق كىتاب، قوشاق، شېئىر، مۇناجات، قەسىدە، ئون توملۇق نەسىر قاتارلىقلارنى ياغاچقا ئويۇپ كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇشنى ئېيىتقان.  ئەپسۇسكى يۈەن شى زۇڭ تىلغا ئالغان يۇقارقى ماتېرىياللارنىڭ ھېچقايسىسى ساقلىنىپ قالمىغان. كۈنىمىزدە ئۇچرىتالىغانلىرىمىز ئەنزاڭنىڭ ئىجادى ئەسەرلىرىدىن پەقەتلا دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان «ئون ساۋاپلىقنى مەدھىيەلەش» (赞十种善行) ۋە تۇرپاندىن تېپىلغان «سامان تاباب ھاددا سارياپىرانى ھانا» (普圣行愿赞) بار (M 208 T3). «ساۋاپلىقنى مەدھىيەلەش» جەمئى ئون تۆت بۆلەك بولۇپ، ھەربىر بۆلەك سەككىز مىسرادىن تەركىب تاپقان، ھەممسى باش قاپىيەدە كەلگەن، «بۇددا ۋاتامىساكاماخا» غا مەدھىيە ئوقۇلغان. w7t"&=pF7  
بۇ شېئىرلار بۈيۈك بېرتانىيە كۈتۈپخانىسىدا ساقلانغان قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىدىكى بۇددىزىم شېئىرلىرى توپلىمى (رەت نومۇرى 8212-108.Or) نىڭ 33-34-بەتلىرىدە كۆرۈلىدۇ. Q!+{MsZ  
يەنى، تۈركىيە ئالىمى ئارات تۇزگەن «قەدىمكى تۈركچە شېئىرلار» ناملىق كىتابتىمۇ تىلغا ئىلىنىدۇ. گېڭ شىمىن ئەپەندىم بۇ ئەسەرنىڭ تەركىبىدىكى 9 پارچىنى تەرجىمە قىلغان.  بۇ ئەسەردە سۆزلەر دەل جايىدا ئىشلىتىلگەن، مەنە مۇكەممەل، گىرامماتىكىسى راۋان، تىلى يېغىنچاق بولۇپ، بۇددا دىنى ئاتالغۇلىرى ناھايىتى لايىق بىر تەرەپ قىلىنغان، ناھايىتى يۇقىرى ئەدەبىي قىممەتكە ئىگە.  0[!gk]p  
دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇددا دىنىغا ئائىت شېئىرلار توپلىمىنىڭ قالدۇقلىرىدا، ناتىرى خەنزۇچە يېزىلغان بۇددا دىنى ئەسەرلىرىگە تەتبىقلاپ ئىجاد قىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى شېئىرلار توپلىمى «سامان تابھادرا سار ياپىرانى ھانا» نى كۆرەلەيمىز. كىتاب 54-،56-بەتلىرىدە جەمئى ئەللىك بۆلەك بار بولۇپ، ھەربىر بۆلەك تۆت مىسرادىن تەركىب تاپقان. ئۇندىن باشقا نامسىز شائىر تەرىپىدىن يىزىلغان «35 بۇتقا ئېھتىرام» (向三十五佛致敬) (36،46بەتلىرىدە، جەمئى  35بۆلەك، ھەر بىر بۆلىكى 8مىسرادىن تەركىپ تاپقان)، بۇ نامسىز شائىر ھەرپ تەرتىپى بويىچە يېزىپ چىققان 21 بۆلەك 8 مىسرالىق شېئىر، (51-47-بەتلىرىدە) ۋە جىسۇيا تۇتۇڭ  Cisuya tutung  يازغان «ئالتە پىرامىتاغا مەدھىيە» (歌咏六波罗蜜)نىڭ 15 بۆلەك 4 مىسرا (51-53-بەتلەر) قاتارلىقلار بار. Tk#&Ux{ZJ  
u FYQ^  
   قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى گۈللەنگەن دەۋرىدە، شېئىر ئىجادىيىتى ئەڭ كەڭ تارقالغان بىر ئىجادىيەت شەكلى بولۇپ قالغان. شەكىل جەھەتتىن، قەدىمكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى باش قاپىيە، ئەمما ھەر مىسرادىكى بوغۇم سانىنىڭ تەڭ بولىشىغا ئانچە بەك ئەھمىيەت بېرىپ كېتىلمىگەن. ئاز بىر قىسىم ئەسەرلەردە باش قاپىيە ۋە ئاياغ قاپىيە تەڭ قوللىنىلغان (كېيىنكىسى كۆپىنچە ئوخشاش گىرامماتىكىلىق قوشۇمچىلارنى تەكرارلاش بىلەن چەكلەنگەن). باش قاپىيەدە كەلگەندە، ھەربىر مىسرا شېئىرنىڭ بېشى ياكى ئوخشاش بىر سۇزۇق تاۋۇش (لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش قاپىيەداش ھېسابلانغان، مەسىلەن، o ۋە u قاپىيەداش، ö بىلەن u مۇ قاپىيەداش ھېسابلانغان)، ياكى ئوخشاش سوزۇق تاۋۇش بىلەن كەلگەن ئۈزۈك تاۋۇش ياكى پۈتكۈل شېئىر ئوخشاش بىر باش قاپىيەدە ياكى مىسرالارغا ئاساسەن باش قاپىيە ئۆزگەرگەن. بۇ ئەدەبىي شەكىل خەلىقئارادىكى تۈركولوگىيە ساھەسىنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولغان، مەسىلەن، گېرمانىيەلىك سېمى ، ئېلىمىزدىن گېڭ شىمىن  قاتارلىقلار مەزكۇر ئەدەبى شەكىلگە ئائىت ئەسەرلەر يېزىپ مەخسۇس تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. l6DIsR  
سېمى نىڭ يىڭىدىن نەشىردىن چىققان «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇددىزىم شېئىرىيىتىدە باش قاپىيەلىك شېئىرلار» ناملىق ئەسىرىدە ئۇزۇن قىسقىلىقى ئوخشاش بولمىغان 60 خىل ۋەسىقە بار بولۇپ، ئاساسلىقى ۋەزىنلىك ئەسەرلەرنىڭ يىڭى قالدۇقلىرىدىن ئىبارەت، مەزمۇنى ھېكايە، قەسىدە، تەمسىل، سەرلەۋھە ۋە باشقا ژانىردىكى ماتېرىياللار ھېساپلىنىدۇ، كۆپلىگەن مەزمۇنلار تېخى ئايرىپ چىقىلمىدى.  ئارىسىدا ھەتتا بەزى بىر قىسىم قەدىمكى ئۇيغۇر پادىشاھلىرىنى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر خەلقىنى مەدھىيەلەيدىغان قەسىدىلەر بار (39نۇمۇرلۇق ھۆججەتكە ئوخشاش). K9N0kBJ0<  
   شوگايىتو ماساخىرو (庄恒内正弘) بۈيۈك بېرتانىيە كۈتۈپخانىسىدا ساقلانغان 75A-8212.Or نۇمۇرلۇق كىتابنى توپلىدى. بۇ ۋەسىقە ئۈچ پارچە باش قاپىيەلىك شېئىردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، قەدىمكى بۇددا دىنى مۇرتلىرى «شەپقەتچى» نى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن دېكلاماتسىيە قىلىدىغان تەمسىلگە ئوخشايدۇ. 9Or4`JOO  
كىشىنى تېخىمۇ قىزىقتۇرىدىغىنى، مەزكۇر كىتابتا ئۇيغۇر خانلىقى ئەينەن تىلغا ئېلىنىدۇ. ]Y: W[p  
     1980-يىلى تېكىن گىنى مۇزىيى (فرانسىيىنڭ پارژىكى ئەڭ چوڭ ئاسىيا قىتئەسى سەنئەت موزىيى) دا ساقلانغان 4521.P نۇمۇرلۇق قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئەسەرنى شەرھىلىدى.  بۇ 181بۆلەك باش قاپىيەلىك تۆت مىسرالىق شېئىردىن تەركىب تاپقان ئەسەر بولۇپ، ساداپىرارودىتا (常啼) بىلەن دىھرا مورگايا (法上) نىڭ رىۋايىتى سۆزلەنگەن. ئەگەر بىز سانسكرىت تىلى بىلەن يېزىلغان «پرانىيا پارامىتا خىزىدايا سوترا»نىڭ 30-31-قىسىملىرىنى  قەدىمكى ئۇيغۇرتىلى ئەسەرلىرى بىلەن سېلىشتۇرىدىغان بولساق، بۇ ئەسەرنىڭ ئېنىقلا تەرجىمە ئەسەر ئەمەسلىكىنى كۆرىۋالالايمىز. ئەينەن بۇ ۋەسىقىلەرنى تەتقىق قىلغۇچىلار قەيت قىلىپ ئۆتكىنىدەك، بۇ ئەسەر خەنزۇچە نۇسخىسى (شېئىر ژانىرىدا بولىشى ناتايىن) نىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى ئىكەنلىكى ئېھتىمالغا يېقىن.   يۇقارقى ئەسەر بىلەن خاراكتېرى ئوخشىشىپ كېتىدىغان، دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئەسەر «ئىككى تېكىننىڭ ھېكايىسى»دۇر.  ئەڭ دەسلەپتە (于阿尔)  ۋە (伯希和)  ئېلان قىلىنغان.  مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ئورخۇن (奥尔昆) تۈركچە نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان.  كېيىنچە خامىلتون (哈密顿)  بۇ ئەسەر ئۇستىدە قايتا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بۇرۇنقى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقاتتىكى كۆپلىگەن خاتالىقلىرىنى تۈزەتكەن. نىيۇرۇجى  خامىلتون ئىشلىگەن نۇسخىغا ئاساسەن بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلغان. بېرلىندا ساقلانغان قىسمى سېمى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان.  دېيۋىت كوكىن يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بۇ ئەسەرگە ئومۇمىيۈزلۈك تەتقىقات ئېلىپ بىرىپ، 1998-يىلى تۈركچە تەرجىمىسىنى نەشىر قىلدۇرغان، بۇ قېتىملىق نەشرىدە ئەسەرگە ناھايتى تەپسىلى ئىزاھلارنى قوشۇمچە قىلغان.   twHM~cTS  
   قەدىمكى ئۇيغۇر شېئىرىدىن باشقا يەنە قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىنىڭ دىراما سەنئىتىمۇ يۈكسەك تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەن. قەدىمكى ئۇيغۇرچە تىياتىرلار تىلغا ئېلىنغاندا، كىشىلەر تەبىئى ھالدا قەدىمكى ئۇيغۇر دىرامىسى، تۇرپان ۋە قۇمۇلدىن تېپىلغان چوڭ ھەجىملىك سەھنە ئەسىرى « مايتىر ياسامىتا ناتاكا »نى ئويلايدۇ. « مايتىر ياسامىتا ناتاكا » نىڭ كۆپ قىسمى ھىنايانا بۇددىزىمىنىڭ «سامانتاپا» ئېقىمى (毗婆娑派) غا تەۋە سەھنە ئەسەرلىرى بولسىمۇ، ئەمما كۆپلىگەن ماھايانا بۇددىزىمىنىڭ قاراشلىرىمۇ ئارىلىشىپ قالغان. بۇ سەھنە ئەسەرلىرىگە ئائىت قەدىمكى ئۇيغۇر تىلدا يېزىلغان پارچىلاردىن ھازىرغىچە يەتتە خىلى بايقالغان بولۇپ، ئىككى خىلى سىڭگىمدىن، يەنە ئىككى خىلى مورتۇقتىن، قالغان ئىككى قىسمى تۇرپاننىڭ مەلۇم بىر جايىدىن تېپىلغان. 1959-يىلى قۇمۇلدىن بىر قەدەر تولۇق ساقلانغان يەنە بىر كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى تېپىلغان. /'=^^%&:B  
بۇ ئەسەرنىڭ ھەجىمى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، بىر پارچە مۇقەددىمە ۋە 25پارچە تولۇق تېكىستتىن تەركىب تاپقان. مۇقەددىمىسى ئادەتتىكى بۇددا دىنى ئەقىدىلىرى ۋە ساخاۋەتچىلەر يازغان مۇناجاتلار بولۇپ، تولۇق تېكىست قىسمىدا ئاساسلىقى «مايتىرى سىمىتا» نىڭ ھاياتلىق ئىش ئىزلىرى بايان قىلىنغان. بۇ دراما بۇددا پېرسوناژلارنىڭ ۋەزلىرىگە تايىنىپ بۇددا دىنى ئەقىدىلىرنى تارقىتىپلا قالماستىن، درامىدا تىپىك پىرسۇناژلار ئوبرازى، تولۇق ۋە مۇكەممەل ھېكايە سىيۇژىتى يارىتىش ئارقىلىق مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا سەھنىدە ئورۇنداش شەكلى بىلەن  جانسىز بۇددا دىنى ئەقىدىسىنى كونكېرىت جانلىق ھېكايىگە ئايلاندۇرۇپ كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.   b;;Kxi:7$}  
«مايتىر ياسامىتا ناتاكا» نىڭ ئەسلى نۇسخىسى سانسكرىت تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە سامىتسۇ ئاچارى (圣月大师) تۇخرى تىلىغا تەرجىمە قىلغان، ئۇندىن كېيىن (智护法师) قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىغا تەرجىمە قىلغان. ھازىر ساقلىنىپ قالغان تۇخرىچە «مايتىر ياسامىتا ناتاكا» نىڭ بىر نەچچە خىل نۇسىخىسى بولۇپ، بۇ نۇسخىلارنىڭ ئىچىدىكى بىر نۇسخىسىدا بۇ كىتابنىڭ ئەسلى ئىسمىنىڭ «مايتىر ياسامىتا ناتاكا» ئىكەنلىكىنى، «ناتاكا» دىگەن سۆزنىڭ سانسكرىتچە سۆز بولۇپ، «سەھنە ئەسىرى» دىگەن مەنىدە ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.  قەدىمكى تۇخرى تىلدا يېزىلغان سەھنە ئەسەرلىرىدە ھەر بىر كۆرۈنۈشتىن بۇرۇن دىراما ئوينىلدىغان ئورۇن، پىرسۇناژلار ۋە ئېيتىلدىغان ئاھاڭلار كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ نوقتىلاردىن قارىغاندا بۇ ئەسەرنىڭ سەھنە ئەسىرى ئىكەنلىكى شۈبھىسىز.  لېكىن قۇمۇلدىن تېپىلغان نۇسخىسىدا ئاھاڭ ۋە پىرسوناژلار كۆرسىتىلمىگەن. پەقەت دىراما ئوينىلىدىغان ئورۇن كۆرسىتىلگەن. قەدىمكى تۇخرى تىلىدىكى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىدىكى نۇسخىلىرىنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق، ھەر ئىككى ئەسەر مەزمۇنىنىڭ ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش ئىكەن لېكىن ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئەدەبى ئۇسلۇبقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، «مايتىر ياسامىتا ناتاكا» ئەسلىدە بىر يۈرۈش 27 پەردىلىك بۇددا دىنى سەھنە ئەسىرىدۇر. قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىدىكى قومۇل نۇسخىسىدا ھازىرغىچە 25 كۆرۈنۈش ساقلىنىپ قالغان، 26-27-كۆرۈنۈشلىرى كەم، لېكىن ئەسلى نۇسخىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا مۇقەددىمە قىسمى كۆپ. تۇخرى تىلى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىدا يېزىلغان «مايتىر ياسامىتا ناتاكا» نىڭ بايقىلىشى دۆلىتىمىز قەدىمكى تىياتىر سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى بىر سەھپە ئاچتى. yJ`1},^  
بۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا نوملىرىنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ھىندىستاندىن كېلىپ چىققان تىياتىر ئورۇنلاشنى ئۆزلەشتۈرۈۋالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ, تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان «چاشتانى ئىلىك بەگنىڭ ھېكايىسى»    بولسا تېخىمۇ ھېكايە تۇسىنى ئالغان ئەسەر بولۇپ، بۇددا دىنى رىۋايەتلىرى ئاساسىدا يارىتىلغان. ئاساسلىق مەزمۇنى ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش بولۇپ، چاشتانى ئىلىك بەگ خەلقىنى چۇما كېسىلىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆزى چايان شەھرىگە بارىدۇ، ئالۋاستى «رىكساس» نىڭ رەزىللىك بىلەن چاشقان باكتېرىيەسىنى چېچىپ خەلىقنى قەستلەۋاتقانلىقىنى ۋە خەلىقنىڭ ناھايىتى ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا قالغانلىقىنى كۆرىدۇ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرغا چىقىپ ئالۋاستى بىلەن ئېلىشىدۇ، ئاخىر ئالۋاستىنى يېڭىپ خەلىقنى قۇتقۇزغانلىقىدەك ھېكايە سۆزلىنىدۇ.  ئەسەرنىڭ تىلى باشتىن ئاخىرىغىچە شۇنداق گۈزەل، لېكىن يەنىلا خەلىق رىۋايەتلىرىگە خاس ساددىلىقنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ئىدىققۇت ئۇيغۇر دەۋرىدىكى خەلىق رىۋايەتلىرى ئىچىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەر ھېساپلىنىدۇ.①   :8|3V~%m  
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەجىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان بۇددا دىنى كىتابلىرىمۇ بار ,بۇ كىتابلارنىڭ ئىچىدە تەزجان (铁慈江) رەتلەپ چىققان، بىر پارچە تەمسىللىك ھېكايە ۋە مايتىر سىمىتقا مەدھىيە ئوقۇلغان بىر پارچە شېئىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 70بەتلىك بىر كۆچۈرمە نۇسخا بار.  يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان ئەسەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى بۇددا دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، بۇددا دىنىنىڭ تارقىلىشى قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ناھايىتى مول ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئەتكەن، خەلىقنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىرتتىن كەلگەن ھېكايە ۋەقەلىكلىرى ۋە تېمىلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇلارغا قارىتا مۇستەقىل ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىشىغا تۈرتكە بولغان، بۇ ئارقىلىق قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى خەزىنىسىنى بېيىتقان.   |`;1p@w"  
تۆۋەندە بىز بىر قىسىم مانى دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئەدەبي ئەسەرلەرنى كۆرۈپ ئۆتىمىز. قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مانى دىنىغا ئائىت ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنلىرى كۆپىنچە قەسىدىلەردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئەسەرلەر ئىچىدە نەزمىلەرنىڭ ئەسلى قوليازما نۇسخىلىرىنىڭمۇ بارلىقى بايقالغان.  بۇ ئەسەرلەر ئىچىدە  دىققەتنى ئەڭ جەلىپ قىلىدىغىنى ئىنتايىن قىممەتلىك بىر پارچە پاتترا نومى ۋەسىقىسى، بۇئەسەرنىڭ  دەسلەپكى ئېلان قىلدۇرۇلۇش ئىشىنى لىكوك (勒柯克)  تاماملىغان، ئۇ  بۇ ئەسەرنىڭ بەش بېتىنى يېشىپ چىققان.   "JLhOTPaHf  
ئۇ ئەينى ۋاقىتتا مەزكۇر ۋەسىقىدە مانى دىنى قەسىدىلىرىگە ئائىت مەزمۇنلار بولىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان.  باڭ(邦格) ۋە گابايىن خانىم (葛玛丽) تەكشۈرۈپ ئىلغاش ئارقىلىق، ئەينى ۋاقىتتا بىلىنگەن بارلىق مانى دىنىغا ئائىت قەسىدىلەرنىڭ پارچىلىرىنى بېرىكتۈرۈپ، «تۇرپان تۈركى تىللار ماتېرىياللىرى» 3-توم («پروسىيە پەنلەر ئاكادېمىيسى ئىلمى ژورنىلى» غا بېرىلگەن، 1930-يىل، 183-بېتىدىن 211-بەتلەر) دە 178قۇر مەزمۇننى ئېلان قىلغان. كېيىن ئارات بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى قايتىدىن رەتلەپ چىققان، «قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى شېئىرلار» نىڭ يەتتىنچىسىدە بۇ ئەسەرنى ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسى ۋە مۇرەببە شەكىلدە تۈزۈپ نەشىر قىلدۇرغان. 1931-يىلى باڭ يەنە بىر قانچە قالدۇق بەت پارچىلىرىنى ئېلان قىلدۇرغان.  قالغان قىسمى كېيىن گابايىن خانىم تەرىپىدىن «تۇرپان تۈركولوگىيە ماتېرىياللىرى (TTT)»نىڭ 9-توم («بېرلىن گېرمانىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى مەجمۇئەسى»، 1956-يىل 2-سان، بېرلىن، 1958-يىل) 7-نۇمۇرۇق ماتېرىيالىدا ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر ماتېرىيالدا، ۋېنت (文特) بۇ ئەسەرنىڭ ئىچىدىكى كۈسەن تىلىدا يېزىلغان بىر قەسىدىنى قايتىدىن سېستىمىلاشتۇرۇپ تەتقىق قىلدى. ئامېرىكىلىق  ئالىم كلارىك يۇقاردا قەيت قىلىنغان نەتىجىلەر ئاساسىدا، بۇ قەسىدىلەرنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ ئەسەرنىڭ قۇرۇلما سېخىمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى.   2l/5i]Tq  
ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى مانى دىنىغا ئائىت باش قاپىيەلىك شېئىرلاردىن جەمئى 149 كۇپلېت بار بولۇپ، قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىدىكى شېئىرلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئىسپاتى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. گېڭ شىمىن ئەپەندى بىلەن تۇرسۇن ئابلا ئەپەندى بۇنىڭ ئىچىدىكى 50 نەچچە كۇپلېتنى تونۇشتۇرۇپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدۇردى.  قالغان 90 نەچچە كۇپلېت قاھار بارات ئەپەندى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىندى.   sS2E8Z2  
نىستورىيان دىنىنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ گىرىتسىيىنىڭ مەشھۇر ئەدەبى ئەسىرى «ئىزوف مەسەللىرى» مۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقىلىپ كىردى، بەزى بۆلەكلىرى قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىدىكى كۆچۈرمە نۇسخىلاردا ھازىرغىچە ساقلىنىۋاتىدۇ. ھازىرغىچە ساقلانغان قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىدىكى كۆچۈرمە نۇسخىدىكى ئەسەر جەمئى 10پارچە بولۇپ بۇلارنىڭ ھەممىسى بېرلىندا ساقلىنىۋاتىدۇ ~rJw$v  
بۇنىڭ ئىچىدە Tla نۇمۇرلۇق يازمىدا 18مىسرا ساقلانغان بولۇپ، 1922-يىلى لىكوك تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان.  راسوني ۋەسىقىلەرنىڭ كېلىش مەنبىئى، تەخمىنى تارقىلىش يوللىرى ۋە ئۇنىڭ توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ ماقالە ئېلان قىلغان.  قاھار بارات بۇنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان.  كېيىن سېمى بىرلىندا «تۇرپان قەدىمكى يادىكارلىقلىرى» نىڭ ئىچىدىن يەنە 8 پارچە«ئىزوف مەسەللىرى» نىڭ يىڭى پارچىلىرىنى تاپقان ھەمدە 1968- ئېلان قىلغان. ئۇلار ئايرىم-ئايرىم: @C [|'[xQ  
No        نۇمۇرى        يۇزى        مىسرا c^)E:J/  
1        T1a(U319)        كەمتۈك بەت    24cm×14        30 مىسرا ="[](X^ l  
2        TID30 (u193)        كەمتۈك بەت     cm11×9        18  مىسرا w |FV qX  
3        TID30 (u195)        كەمتۈك بەت  13.5cm×10        20 مىسرا qg:I+"u  
4        TID30 (u192)        كەمتۈك بەت     cm11×8        18 مىسرا s= Q*|  
5        TID30(u194)        كەمتۈك بەتcm  12×9        16 مىسرا {1U*: @j  
6        Main2313 D170        ئېنىق ئەمەس        14 مىسرا Xg3[v3m|  
7        Main2349        ئېنىق ئەمەس        14 مىسرا : It W|  
8        U318        كەمتۈك بەت cm11×11.5        14 مىسرا /IW=+ri  
   يۇقارقى ماتېرىياللار ئىچىدە ئاخىرىقى ئىككىسىنڭ تېپىلغان ئورنى ئېنىق بولمىغان، قالغان قىسمى بۇيلۇقتىن تېپىلغان  ئۇچ يىلىدىن كېيىن سېمې يەنە بىر پارچە «ئىزوف مەسەللىرى»نىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىدىكى پارچىسىنى تاپتى. بۇ پەقەت بىر بەت بولۇپ نۇمۇرى .TI (u29)  «سانتگىئورگىنىڭ سۈيقەستكە ئۇچرىشى» دىگەن ئەسەرنىڭمۇ قەدىمكى ئۇيغۇرچە نۇسخىسى بار  بولۇپ (TIBI (u320 نومۇرلۇق قالدۇق پارچىسى بېرلىندا ساقلىنىۋاتىدۇ، بۇ ئەسەر لىكوك تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان.  كېيىن باڭ بۇئەسەر ئۇستىدە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، لىكوكنىڭ تەرجىمىسىدىكى بەزى يازمىچە خاتالىقلارنى تۈزەتكەن،  قاھار بارات بۇ ئەسەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.   كېيىن سېمىمۇ مۇشۇ ئەسەر بىلەن مەزمۇنى ئوخشاش بولغان (TIIB6215R(u5179 ۋە ( TIIB(u1870 نومۇرلۇق قالدۇق پارچىنى بايقىغان ئىدى. ئالدىنقىسىنىڭ ئوڭ يۈزىدە 5قۇر، ئارقا يۇزىدە 2 قۇر خەت بولۇپ، بىر ئادەم سۈرىتىمۇ چۈشۈرۈلگەن؛ كېيىنكىسىنىڭ  ئالدى ئارقا يۇزىدە 6 قۇردىن  خەت بار ئىدى.  قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىدا يىزىلغان «سانتگىئورگىنىڭ سۈيقەسكە ئۇچرىشى» دىگەن ئەسەردە سانتگىئورگنىڭ جازاغا تارتىلىش ئالدىدا قىلغان تىلاۋىتى تەسۋىرلەنگەندە، كۆپراق تۆۋەندىكى: ئەگەر كىمكى ئۇنىڭغا مۇھتاج بولسا، ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرسىلا ئۇ شۇ ھامان ھازىر بولۇپ ئۇلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىدەك مەزمۇنلار كۆزگە چېلىقىدۇ.  شۇنىڭدىن قارىغاندا، مايتىرى سىمىت بىلەن سانتگىئورگنىڭ كارامىتى ئوخشىشىپ كىتىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، بۇ ئەسەر بۇددا دىنىنىڭ تەسىرىگە ئوچرىغان. ئىچكى مۇڭغۇل قاراشەھەر خارابىسىدىن قېزىۋىلىنغان سۈرىيان ئېلىپبەلىك قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىدىكى نىستورىيان دىنى كىتابىنىڭ پارچىسىدا، خىرىستوسنىڭ ئازاب چەككەنلىكىدەك ۋەقەلىك يېزىلغانلىقى بايقالغان.   m7eIhmP  
دىنغا مۇناسىۋەتسىز ئەدەبىي ئەدەبى ئەسەرلەرمۇ بەلگىلىك سالماقنى ئىگىلىگەن، بۇ ئەسەرلەر ئىچىدە تۇرپاندىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئۇغۇزخان قىسسەسى» تۈركولوگلارنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتقان بىر ئەسەر ھېساپلىنىدۇ.  بۇ ئەسەر قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا كەڭ تارقالغان نەسىرى شەكلىدىكى قەھرىمانلىق داستانى بولۇپ، ھازىرغىچە پەقەت بىر پارچىسىلا پارىژ كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. نۇمۇرى suppl.turc.1001. باش ۋە ئاخىر قىسىملىرى قىسمەن كەمتۈك، يۈزى cm 19× 13، جەمئى 21 بەت، ئارقا ئالدى بەتلىرىدە 9 قۇردىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بار. مەزكۇر ئەسەر مەزمۇنىنڭ قەدىمىلىكى، تىلىنىڭ ئاددىلىقى بىلەن بايقىلىش بىلەنلا خەلىقئارادىكى تەتققىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى ناھايىتى تىزلا ئۆزىگە قاراتقان، ئەڭ دەسلەپتە 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گوللاندىيەلىك دىس (狄茨)بۇ ئەسەرنىڭ بىر قىسمىنى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدى،  كېيىن رىزا نۇر(里扎.努尔)  بوشى (伯希)،  باڭ، رەھمەتى،  شېرباخ谢尔巴克 ۋە گېڭشىمىن  قاتارلىق تەتقىقاتچىلار قايتىدىن تەرجىمە ۋە تەھلىل ئېلىپ باردى。 KXfW&d(Pk  
   «ئۇغۇزخان» ئىدىققۇت قەدىمكى ئۇيغۇرلىرى خەلىق ئەدەبىياتىنڭ ئالاھىدە ۋەكىللىك ئەسىرى بولۇپ،بۇ ئەسەرنىڭ تېپىلىشى قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پىشىپ يتىلگەنلىكىنىڭ مۇھىم بەلگىسى بولۇپ قالدى.  تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان بىر قەدەر قەدىمى مەزمۇننى ئۇزئىچىگە ئالغان ئالېكساندىر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇڭغۇل يېزىقىدىكى تەرجىمە ئەسەرلەردە  بىر قانچە قەدىمكى ئۇيغۇر خەلق ناخشىسى بايقالغان بولۇپ،  بۇ شېئىرلارنىڭ ئىچىدە «تۇققانلارنى سېغىنىش» ناملىق شېئىر ئارانلا 7 بۆلەك 28 مىسرا بولسىمۇ، لېكىن يېزىلىشى ناھايىتى سىپتا، ناھايتى تەسىرلىك.  ئۇندىن باشقا يەنە بىر قانچە ماقال-تەمسىلىمۇ بار بولۇپ،  بۇلار بىردەك ئوخشاش بىر كەمتۈك پارچىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. !;!~5"0~"  
يۇقاردا ئېيتىپ ئۆتكەن دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان  Or.812-108 نۇمۇرلۇق قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بۇددا دىنى شېئىرلار توپلىمى ئارىسىدا بىر كۇپلېت بۇدداھ ئىبادەتخانىسىنىڭ گۈزەل، خىلۋەت جاي ئىكەنلىكى تەسۋىرلەنگەن تەبىئەت لېرىكىسى بار.  تىلى پىششىق، ناھايىتى مەنىلىك، رېتىملىق، جۈملىلىرى گۈزەل بولۇپ، تەبىئەتنى مەدھىيەلەشنى مەزمۇن قىلىپ، تاغ-داۋانلارنى كۈيلەيدۇ، ئەركىن ئازادە ھالدا ئېرىقلارنى، ئۇچار-قۇشلارنى، بۇددا ئىبادەتخانىسىنىڭ ھېس قىلغۇسىز سۈكۈناتىنى، خىلۋەتلىكىنى تەسۋىرلەپ بىرىدۇ، ماھىيەتكە قايتقۇزۇپ، دۇنيادىن ئايرىپ زاھىتلىققا  يەتكۈزۈشتەك بۇددا دىنى پەلسەپىسى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئېتىكاپ مەنزىرىگە سېڭىپ كېتىدۇ، بىر قاراشتا كىشىنى مەھلىيا قىلىپ، پانىي ئالەمگە زوق، چەكسىز مەنىدارلىق ئۇرغۇتىدۇ. بۇ ئەسەر قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ گۇزەل ئەسەر دەپ قارىلىدۇ. (Tb0PzA  
   دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان، دەسلەپكى دەۋرلەرگە ئائىت قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەر ئارىسىدا ئىككى كۇپلېت دىن بىلەن مۇناسىۋەتسىز شېئىرمۇ بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى or8212-119 نۇمۇرلۇق شېئىردا جەمئى 12قۇر يازما ساقلانغان، مەزمۇنى نىستورىيان مۇخلىسىنىڭ يوھانغا يازغان خېتى بولۇپ، مىسرالار ئاياغ قاپىيەدە كەلگەن بولۇپلا قالماي، ئالدىنقى 2-مىسراسىدا باش قاپىيە قوللىنىلغان. بۇ ئەسەرنىڭ يىل دەۋرى ئېنىق، ھەم يېزىلغان دەۋرى بىر قەدەر بالدۇر بولغانلىقتىن ئىلىم ساھەسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان،  ئۇندىن باشقا يەنە بىر قىسم ماقال-تەمسىلىلەرمۇ بار بولۇپ  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. !!O{ ppM  
«جاتاكا» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن ھىندى رىۋايەتلىرى قەدىمكى ئۇيغۇرلارغا تارقىلىپ كىرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە بەزى ھازىرقى زامان ئەسەرلىرىمۇ بار، ئاسىيادا كەڭ تارقالغان «يامارايانا»نىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچىسى بايقالغان، لېكىن بۇ كۆچۈرمە نۇسخا بۇزۇلۇپ كەتكەن، ئۈزۈك بولغانلىقتىن ئۇنى ئوقۇش ناھايىتى قىيىنغا توختىغان.  تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئارىسىدا يەنە بىر قانچە ھىندىستاننىڭ داڭلىق ئەدەبى ئەسىرى «بەشنامە» بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار بايقالغان. ھازىر ساقلانغان قىسمى 8پارچە بولۇپ جەمئى 215 قۇر، تەتقىقات قىلىپ ئايرىش ئارقىلىق بۇ ماتېرىيالنىڭ مەزمۇنى شىر بىلەن كالا ئوتتۇرسىدىكى دوستلۇقنى كۈيلەيدىغان ھېكايىنڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. بۇ ھېكايە بۇددا دىنى ھېكايىلىرىدىمۇ كۆرۈلگەنمۇ يوق؟ بۇ جەھەتتە ھازىرغىچە ئېنىق مەلۇمات يوق. بۇنى كېلىسلى (盖斯勒) بىلەن سېمى بىرلىشىپ نەشىر قىلدۇرغان NWN)b&}  
ھازىرقى دەۋردىكى ئۇيغۇر خەلىق بالىلار چۆچەكلىرىنىڭ پىرسوناژ ئالاھىدىلىكى، ھېكايە مەزمۇنى، مەركىزى ئىدىيىسى «بەشنامە» بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. "{"2h>o#D}  
مەسىلەن: «بەشنامە» نىڭ بىرىنچى توم 18-ھېكايە «قۇشقاچ بىلەن پىل » ئۇيغۇر خەلىق چۆچىكى «پىلنىڭ ئۆلىمى» بىلەن ئوخشاش. «قۇشقاچ بىلەن پىل» دا قۇشقاچ، تۆمۈر تۇمشۇق، چىۋىن، چارپاقا قاتارلىق جاندارلارنىڭ ئىتىپاقلىشىپ، ئۇستىلىق بىلەن بىر چوڭ پىلىنى ئۆلتۇرگەنلىكى سۆزلىنىدۇ، «پىلنىڭ ئۆلۈمى» بىلەن «قۇشقاچ بىلەن پىل» نىڭ مەزمۇنى ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش، ئەمما قۇشقاچ ۋە تۆمۈرتۇمشۇق پاشىغا ئالماشقان. ئۇندىن باشقا «بەشنامە»دىكى «كەپتەر شاھ» ئۇيغۇر خەلىق چۆچىكى «تاش توخۇ»، «بەشنامە»دىكى «تاللىغۇچى چاشقان» بىلەن «مەغرۇر مەلىكە»،  يەنە «بەشنامە»دىكى «يىلان ۋە چۆمۈلە» بىلەن ئۇيغۇر خەلىق چۆچەكلىرىدىكى ئوخشاش نامدىكى بولغان چۆچەكلەر قاتارلىقلاردا ئوخشاش ئەھۋال مەۋجۇت.  يۇقارقى مىساللاردىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى «بەشنامە» ئۇيغۇر خەلىق چۆچەكلىرىگە ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.   oYErG] ,  
يۇقارقى بايانلاردىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، بىر ئەسىردىن بۇيان ئىلىم-پەن ساھەسى قەدىمكى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى تەتقىقاتىدا كىشىنى خوشال قىلارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇردى. غەرب دۇنياسى بۇ جەھەتتى  باشلامچىلىق رولىنى ئويندى، بولۇپمۇ گېرمانىيە ئۆزىنىڭ  ئەڭ مول بولغان قەدىمكى ئۇيغۇرتىلى ماتېرىياللىرىغا ئىگە بولۇشتەك ئەۋزەللىكى بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىدىكى ۋەسىقىلەر تەتقىقاتىنڭ مەركىزى بولدى، لىكوك، باڭ، مېللىر، گابائىن خانىم، سېمې قاتارلىق داڭلىق قەدىمكى ئۇيغۇرتىلى تەتقىقاتچىلىرى مەيدانغا كەلدى. بولۇپمۇ، سېمىنىڭ مۇۋاپىقىيىتى بەك زور بولدى. گىرمانىيەدىن باشقا تۈركىيە، فىرانسيە، روسيە، ئەنگىلىيە، ۋىنگىرىيە، ياپۇنىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ قەدىمكى ئۇيغۇرتىلى مۇتەخەسىسلىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرى ئارقىمۇ –ئارقا مەيدانغا كەلدى. دۆلتىمىزنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرتىلى ئۈستىدىكى تەتقىقاتى بىر قەدەر كېيىن باشلانغان بولۇپ، 20- ئەسىرنىڭ 50–يىللىرى باشلانغان، قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۇستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات تېخىمۇ كېيىن باشلانغان، ئاساسەن 1978-يىللاردىن كېيىن تۇتۇش قىلىنغان. ئەمما قىسقىغىنە 20 نەچچە يىل ئىچىدە ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ئومۇمىيۈزلۈك تەرەققى قىلىشتەك ۋەزىيەت شەكىللىنىپ، ئىنتايىن ياخشى نەتىجلەرگە ئېرىشىلىپ پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلدى. گىڭ شىمىن ئەپەندىمنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر ئۇيغۇرتىلى (قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئۆز ئچىگە ئالغان) تەتقىقاتى دۆلەت ئىچې ۋە سىرتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ئېتىبارىغا ئېرىشتى. ئۇندىن باشقا، لى جىڭ ۋېي، ئىسراپىل يۈسۈپ، قاھار بارات، دولقۇن غاپپار، ئابدۇقەييۇم خۇجا، نىيۇرۇجى قاتارلىق تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭمۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى كۆرىنەرلىك بولدى، بۇ نەتىجىلەر قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ 21 – ئەسىردىكى تەتقىقاتى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئاساس سېلىپ بەردى. v+bjC  
ھازىر بىز كۆرەلىگەن قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنىڭ سانى چەكلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ قىسىم ئەسەرلەر بۇزۇلۇپ كەتكەن. شۇڭا دۆلەت ئىچى ياكى سىرتىدىكى تەتقىقات بولسۇن داۋاملىق ھالدا قېزىش، رەتلەش، باھالاش باسقۇچىدا تۇرماقتا، سېستىملىق تەتقىقات نەتىجىلىرى ناھايىتى ئاز، پەقەت سېمى نىڭ يېقىندا نەشىر قىلدۇرغان «تۇرپان ۋە دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان قاپىيەلىك شېئىرلار» (بوداپىشىت.1999) دىگەن كىتابى تەتقىقات ۋە باھالاش تەڭ ئېلىپ بېرىلغان، يىڭىلىققا ئىگە، خۇلاسە خاراكتىرلىك تەتقىقات نەتىجىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئىشىنىمەنكى، قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يادىكارلىقلىرىنىڭ ئۆزلىكسىز تېپىلىشى ۋە تەتقىقاتىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشى ئارقىسىدا يۇقىرى سەۋىيەلىك قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقات نەتىجىلەر جۇغلانمىسى چوقۇمكى، دۆلىتىمىزدە روياپقا چىقىدۇ. ioCkPj  
c} ET#2,  
8%f! X51  
______________________ =e{KtX.  
ئاپتورى: دۇنىخۇاڭ تەتقىقات ئورنى تەھىر بۆلۈمىدىن ياڭ فۇشۇ >F_Ne)}qTQ  
مەسئۇل تەھرىرى: جۇڭ گاۋ "FvlZRfXj  
خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: رەيھانگۇل ئابلىز e-)1K  
^V]DY!@k3_  
(شىنجاڭ ئۇنىۋىرستېتى فلولوگىيە ئىنىستىتوتى 2010-يىللىق ماگىستېر ئاسپىرانتى) gdNp2b  
j/|qge4  
مەنبە : ‏ئۇيغۇر شىئېرىيەت مۇنبىرى

ياسىنجان510 2014-05-30 21:58
ئېسىل تېمىنى تاللاپ يوللاپسىز،ماقالىدا ئاپتور قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مەزمۇن ئالاھىدىلىكىگە بولغان قايىللىقىنى ناھايىتى ئېنىق ئىپادىلەپتۇ.ماقالىنى بەكمۇ ياقتۇردۇم.

گۈلنىھال 2014-05-31 22:28
رەھمەت ‏، مۇنداق تىمىلار باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتالمايدىكەن ، ئەمما ، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولىدىكەن !

تارىم 2014-06-02 10:24
ming adamning dikkitini tartkandin ,bir adamning patdilan hini awzal

ئەكبەرنىياز 2014-06-02 14:28
ھەقىقەتەن ئېسىل تېمىكەن ، كۆپ رەھمەت !!!


查看完整版本: [-- قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىنىڭ يۈز يىلىغا نەزەر --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled