گۈلنىھال |
2014-05-26 23:27 |
گۈلنىھال : يەكەن خانلىقى تارىخىغا دائىر بەش قەدىمىي ئەسەر
يەكەن خانلىقى تارىخىغا دائىر بەش قەدىمىي ئەسەر / hUuQDJ hUirvDvX 2p\CCzw ئابلەت نۇردۇن :}d`$2Dz (Wkli:Lq EtN@ 6xP 1.«تارىخى رەشىدى» بۇ يەكەن خانلىقىغا دائىر مۇھىم تارىخىي كىتاب، بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر دوغلات (1499 − 1551)جەمەتىدىن چىققان. ئۇنىڭ بوۋىسى چاغاتاي خانلىقىدىكى ھەربىي ئاقسۆڭەك ئىدى، 19 − ئەسىردىن كېيىن دوغلات جەمەتىنىڭ كۈچى تېز قۇدرەت تاپقاچقا، بۈگۈنكى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ كۆپ قىسمى بۇ جەمەتنىڭ مىراسخور زېمىنىغا ئايلانغان. مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ تاغىسى سەئىد مۇھەممەد مىرزا يەكەن خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئۇ سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئەڭ ئالىي ئەمىرى ئۇلۇسبېگى بولغانىدى. مۇھەممەد ھەيدەرمۇ مۇھىم ئەمەل تۇتقان بولۇپ، سەئىدخاننىڭ يېقىنى ئىدى، شۇڭا ئۇ ھەربىي ۋە مەمۇرىي جەھەتتىكى مۇھىم ئىشلارنى بىلىپ تۇراتتى ھەمدە كۆپ قېتىم قوشۇن باشلاپ ھەربىي يۈرۈش قىلغانىدى. لېكىن رەشىدخان تەختكە چىققاندىن كېيىن خانلىق ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەش ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈش نىيىتىدە دوغلات جەمەتىگە قاتتىق زەربە بەرگەچكە، مۇھەممەد ھەيدەر ھىندىستانغا قېچىشقا مەجبۇر بولغان، ئۇ كېيىن كەشمىرگە بېرىپ، يەرلىك ھۆكۈمران بولغان. ئۇ شۇ يەردە «تارىخى رەشىدى» ناملىق تارىخىي كىتابنى يېزىپ چىققان. ئۇ بۇ كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە، بۇ كىتابنى ۋەتىنىمىزنىڭ ھۆكۈمرانى رەشىدخانغا بېغىشلاپ يازدىم، دېگەن. 1);$#Dlt
k «تارىخى رەشىدى» ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان، بىرىنچى قىسمى، يەنى رەسمىي تارىخ قىسمىدا، شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ سالنامىسى، 1347 − يىلى تۇغلۇق تۆمۈر تەختكە چىققان ۋاقىتتىن باشلاپ، 1533 − يىلى رەشىدخان ئاپتورنىڭ تاغىسى سەئىد مۇھەممەدنى ئۆلتۈرگەنگە قەدەر بولغان ئارىلىقتىكى ئەھۋاللارنى بايان قىلغان. بۇ قىسمىدىكى بۇرۇنراق ۋاقىتلارغا دائىر تارىخىي ماتېرىياللار، ئاساسلىقى بەزى رىۋايەتلەر ۋە شەرەخىدىن يازغان «زەفەرنامە» («تۆمۈرنىڭ ھەربىي تۆھپىلىرى») دىن كەلگەن، كېيىنرەك ۋاقىتلارغا دائىر تارىخىي ماتېرىياللار ئۆزىنىڭ كۆرگەن − ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن يېزىلغان. ئاپتور بۇ قىسمىنى 1544 − يىلى يېزىشقا كىرىشىپ 1547 − يىلى يېزىپ پۈتتۈرگەن. ئىككىنچى قىسمىدا ئۆزىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى ۋە ئۆزى ياشىغان دەۋرىنىڭ تارىخى، ئاپتورنىڭ تۇغۇلغان يىلى (1499 − يىلى) دىن باشلاپ، ئۇ 2 − قېتىم كەشمىرگە بارغان يىل (1514 − يىل) غىچە بولغان ئەھۋاللار بايان قىلىنغان. ئاپتور 2 − قىسمىنى 1541 − يىلى يېزىشقا كىرىشىپ 1544 − يىلى يېزىپ پۈتتۈرگەن. ئىككىنچى قىسمى 1 − قىسىم ئۈچۈن ماتېرىيال تەييارلىقى بولۇپ، ئۇنىڭ ھەجىمى بىرىنچى قىسمىدىن بىر ھەسسە كۆپ، ئۇنىڭ مەزمۇنى مول بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىجتىمائىي تۇرمۇش، سىياسىي كۈرەش، ھەربىي پائالىيەتلەرگە دائىر نۇرغۇن جانلىق كارتېنىلار ساقلىنىپ قالغان، ئۇنىڭغا يەنە خان پادىشاھلارنىڭ قىلمىش مىزانى كىرگۈزۈلگەن. /CpUq;^ «تارىخىي رەشىدى» گە تارىختىن بۇيان يۇقىرى باھا بېرىلىپ كەلدى. ئاپتور خېلى يۇقىرى مەلۇماتلىق بولغاچقا، ئەسلى كىتاب پارسچە يېزىلغان، ئىلگىرى − كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم شەرقىي تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. بۇ كىتاب ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا خېلى كەڭ تارالغان بولۇپ، خېلى كۆپ كۆچۈرمە نۇسخىسى قېپقالغان. «تارىخىي رەشىد» نى رۇس، ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلغان، ئېلئاس ئۇنى تەھرىرلىگەن ۋە ئىزاھلىغان ھەمدە ئۇنىڭغا تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۇزۇن كىرىش سۆز يازغان، بۇ كىتابنىڭ ئەشۇ ئىنگلىزچە تەرجىمىسى 1895 − يىلى نەشر قىلىنغان؛ 1898 − يىلى بىر ئاز تۈزىتىلىپ ۋە تولۇقلىنىپ 2 − قېتىم، 1927 − يىلى 3 − قېتىم نەشر قىلىنغان. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى بۇ ئىنگلىزچە كىتابنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان، ۋاڭ جىلەي ئۇنى سېلىشتۇرۇپ چىققان ۋە ئۇنىڭغا ئىزاھ بەرگەن. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985 − 1986 − يىلى «ئوتتۇرا ئاسىيا موغۇل تارىخى − تارىخىي رەشىدى» دېگەن نام بىلەن ئىككى قىسىم كىتاب قىلىپ نەشر قىلغان. T1zft#1~ 2. شاھ مەھمۇد جوراس يازغان «يىلنامە» بۇ يەكەن خانلىقىنىڭ تارىخى توغرىسىدىكى مەخسۇس كىتابتۇر. ئۇ كىتاب كېيىنرەك (1915 − يىلى) تېپىلغان، يەنە كېلىپ بىرلا كۆچۈرمە نۇسخىسى زامانىمىزغا يېتىپ كەلگەن (يازما يادىكارلىقلاردا خوتەن رايونىدا ئۇنىڭ يەنە بىر كۆچۈرمە نۇسخىسى بارلىقى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە تېپىلمىدى)، ھالبۇكى بۇ بىردىنبىر كۆچۈرمە نۇسخىمۇ كۆپ يىللاردىن بېرى يوقاپ كېتىپ، 1945 − يىلغا كەلگەندە موسكۋادىكى لېنىن كۇتۇپخانىسىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ كۆچۈرمە نۇسخىنىڭ رەسىمىگە ئېلىنغان نۇسخىسىمۇ بار، بۇنى بارتولد سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاسىيا مۇزېيىدا سۈرەتكە تارتقۇزغان. بارتولد ھايات چېغىدا بۇ كىتابنى تەھرىرلەپ نەشر قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ تەييارلىق كۆرگەن بولسىمۇ، مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرالمىغان. .0]4@' «يىلنامە» نىڭ ئاپتورى شاھ مەھمۇد ئىبىن مىرزا فازىل جوراسنىڭ بوۋىسىمۇ سەئىدخانغا ئەگىشىپ قەشقەرگە ھەربىي يۈرۈش قىلىپ كەلگەن ئەمىرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ خانلىقنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشقان. مۇھەممەدخان (1592 ~ 1609) ۋە ئەھمەدخان (1609 ~ 1618) ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردە جوراس جەمەتىنىڭ ئورنى ئۆسكەن، ئۇلار ئۆزبېكلەر بىلەن بولغان كۈرەشتە مۇھىم رول ئوينىغان، بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى دىنىي مەزھەپلەر كۈرىشى كەسكىنلەشكەن، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر ئۆتكۈرلەشكەن دەۋردە ياشىغان، توققۇز خاننىڭ ئالمىشىشى، جۇڭغار قوشۇنىنىڭ بېسىپ كىرىشىنى ۋە خانلىقنىڭ ھالاكىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. شاھ مەھمۇد جوراسنىڭ ھاياتى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات يوق، ئۇ تەخمىنەن 17 − ئەسىرنىڭ 20 − يىللىرىدا تۇغۇلۇپ، شۇ ئەسىرنىڭ ئاخرىدا، 70 − 80 − ياشلاردا ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن. eeIh }t>[ «يىلنامە» تەخمىنەن 1672 − 1676 − يىللاردا «تارىخىي رەشىدى» نىڭ داۋامى سۈپىتىدە يېزىلغان، ئاپتور بۇ كىتابنىڭ ئالدىنقى قىسمىغا «تارىخىي رەشىدى» نىڭ مەزمۇنىنى كىرگۈزگەن. كېيىنكى قىسمىنى ئۆزى يازغان، بۇ رەشىدخان تەختكە چىققان ۋاقىت (1533 − يىلى) تىن باشلاپ ئاپتور كىتاب يازغان ۋاقىت، يەنى ئىسمايىلخان ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن خانلىقنىڭ ھالاك بولۇشىغىچە بولغان بىرنەچچە يىل ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شاھ مەھمۇد جوراس يازغان «يىلنامە» نىڭ كېيىنكى قىسمى، يەنى ئۆزى بايان قىلغان قىسمى ئاساسلىقى ئاغزاكى تارىخىي ماتېرىياللار ئاپتورنىڭ جەمەتىدىكىلەر قالدۇرۇپ كەتكەن مەلۇمات ۋە رىۋايەتلەردۇر، ئۇ كېيىنكى قىسمىنى بەزى ۋەقەلەرگە ئىشتىراك قىلغانلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغانلىرى ۋە ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە كەچۈرمىشلىرى ئاساسىدا يېزىپ چىققان. شۇڭا بۇ قىسىم ئاساسەن 1 − قول ماتېرىياللار بولۇپ، ئىنتايىن قىممەتلىك ۋە ئىشەنچلىك ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «يىلنامە» پارسچە (تاجىك تىلى) يېزىلغان، بارتولدنىڭ بۇ كىتابنى تەنقىدلەپ يازغانلىرى ئانچە مۇۋاپىق بولمىغان، ئاكمۇشكىن بۇ كىتابنىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبى ئەنئەنىۋىي ئوردا تارىخنامىلىرىنىڭ ئۇسلۇبىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ كىتاب ئەڭ ئاددىي تىل بىلەن يېزىلغان. ئۇنىڭدا كىشىنى گاڭگىرىتىدىغان ماقال − تەمسىلىلەر، ئارتۇقچە ۋە دەبدەبىلىك سۆزلەرمۇ، ئاجايىپ − غارايىپ جۈملىلەرمۇ يوق دەپ قارىدى، لېكىن ئۇ يەنە ئاپتورنىڭ كلاسسىك ئەدەبىيات ئۇسلۇبىغا تەقلىد قىلماقچى بولۇپ، ئىمكانقەدەر ئەرەبچە ئىبارە ۋە سۆزلەرنى ئىشلىتىپ، پۈتكۈل ئەسەرنىڭ تىلىنى ياخشى ماسلاشتۇرالماي، بەزى ياسالمىلىقلارنى ئىپادىلەپ قويغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى. بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنى جەھەتتىن ئالغاندا، ئۇ بىر تارىخىي ئەسەر بولسىمۇ، ئۇنىڭدا توغرا ۋاقىت قارشى كەمچىل، ئۇنىڭدا بايان قىلىنغان ۋەقەلەرنىڭ مۇتلەق كۆپىنىڭ يىل دەۋرى ۋە ئاي، كۈنى يوق، شۇڭا باشقا تارىخىي كىتابلارغا ئاساسلىنىپ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەن ۋاقتىنى بېكىتىش زۆرۈر. 8Ml&lfn_8 ئاكمۇشكىن « يىلنامە» نىڭ ئاپتور ئۆزى يازغان قىسمىنى، يەنى كېيىنكى قىسمىنى سېلىشتۇرۇپ بېكىتتى، ئۇنىڭغا ئىزاھ بەردى ھەمدە ئۇنى رۇسچىغا تەرجىمە قىلىپ، 1976 − يىلى موسكۋادا نەشر قىلدۇردى. رۇسچە تەرجىمە نۇسخىسىغا ئاكمۇشكىن 123 بەتلىك تەتقىقات خاراكتېرلىك كىرىش سۆز يازدى، بۇ كىتابنىڭ ئاخىرىغا سېلىشتۇرۇپ چىقىلغان پارسچە ئەسلى تېكىست قوشۇمچە قىلىندى، شۇڭا ئۇ كىتابنى ئىلمىيلىكى ناھايىتى يۇقىرى ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ. بولۇپمۇ بۇ ئەسەرنىڭ رۇسچە ئىزاھلىرىدا مۇسۇلمان ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن. ھالبۇكى بۇ ئەسەرلەرنىڭ كۆچۈرمە نۇسخىلىرىنىڭ كۆپى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ساقلانماقتا، ئۇلار تا ھازىرغىچە ئاشكارا ئېلان قىلىنمىدى، لېكىن ئۇلار يەكەن خانلىقىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىياللار ھېسابلىنىدۇ. D|I(2%aC 3. «ئەنىس ئەل − تالىبىن» («ھەقىقەت ئىزدىگۈچىلەر دوستى»)، بۇ شاھ مەھمۇد جوراس قالدۇرۇپ كەتكەن يەنە بىر ئەسەردۇر، ئۇ تەخمىنەن 1696 − يىلى «تارىخىي رەشىدى» دىن 20 يىل كېيىن پارسچە يېزىلغان «ئانىس ئەل تالىبىن» نىڭ پارسچە يېزىلغان بىرلا كۆچۈرمە نۇسخىسى زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ ھازىر ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا 45−N0 نومۇر قويۇلۇپ ساقلانماقتا. بۇ بىر ئەۋلىيالار تەزكىرىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا يەكەن خانلىقىدا ئۆتكەن بەزى ئىسلام دىنى ئۆلىمالىرىنىڭ ئىش − ئىزلىرى ۋە قاراتاغلىقلار بىلەن ئاقتاغلىقلارنىڭ كۈرەشلىرىگە دائىر ئەھۋاللار بايان قىلىنغان، بۇ تەزكىرىدىكى «ئەۋلىيالار» پانىي دۇنيا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئۇنىڭدا شۇ چاغدىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا دائىر ئەھۋاللار بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. لېكىن ئاپتور قاراتاغلىقلار مەزھىپىنىڭ سادىق مۇرىتى بولغاچقا، ئۇنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ۋە دىنىي مەزھەپ كۈرەشلىرىگە دائىر مەسىلىلەرنى رېئال ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ كىتابنىڭ ئىسھاق ۋەلىنىڭ دىنىي پائالىيىتى ۋە ئۇنىڭ مۇھەممەدخان بىلەن بولغان ئالاقىسىگە دائىر مەزمۇنلىرى ئاساسەن ئۆزى يازغان «يىلنامە» دىن كۆچۈرۈلگەن. R`=3lY; بۇ ئەسەرنى كېيىن ئەبۇ مەنسۇر «رافى چال − تالىبىن» (يەنىلا «ھەقىقەت ئىزدىگۈچىلەر دوستى» دېگەن مەنىدە) دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئاتاقلىق ئەمىر دۆلەتشاھ بېك ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئوسمانشاھ بېككە تەقدىم قىلغان. ھازىر دائىم بۇ ئەسەرنىڭ دائىم نەقىل ئېلىنىدىغان كۆچۈرمە نۇسخىسى 1855 − يىلى ئاقسۇدا كۆچۈرۈلگەن، كىشىلەر بۇ كۆچۈرمە نۇسخىسىنى پارسچە ئەسلىي تېكىستكە سېلىشتۇرۇپ، تەرجىمە نۇسخىنىڭ تولۇق ئەمەسلىكىنى بايقىغان. بۇ ئۇيغۇرچە كۆچۈرمە نۇسخا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ لېنىنگراد شۆبىسىدەB177 نومۇر قويۇلۇپ ساقلانماقتا. 1973 − يىلى م. ئا. سالاھىدىنىۋا ئۇنى قىسقارتىپ رۇسچىغا تەرجىمە قىلدى، بۇ تەرجىمە «قىرغىزلار ۋە قىرغىزلار رايونىدىكى تارىخىي ماتېرىياللار» نىڭ 1 − سانىغا كىرگۈزۈلدى. ~`2w
u
l 4. «بەھرۇلئەسرار فى مەنىكىب ئەل ئەخيار» («ئېسىلزادىلەرنىڭ باتۇرلۇق روھىنىڭ سىرلىرى»). بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى مەھمۇد ئىبىن ۋەلى بەلختە ياشىغان، ئۇ ئۆزبېك ھۆكۈمرانى قادىر مۇھەممەدنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بۇ كىتابنى يېزىشقا كىرىشىپ، تەخمىنەن 1641 − يىلى يېزىپ تاماملىغان. ئۇ پارسچە يېزىلغان چوڭ ھەجىملىك ئەسەر بولۇپ، جەمئىي يەتتە توم، ھەربىر تومى ئايرىم − ئايرىم ھالدا ئىلمىي نۇجۇم (ئاسترونومىيەت)، پالچىلىق، جۇغراپىيە ۋە ئومۇمىي تارىختىن ئىبارەت تۆت قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ تېپىلغان ئۈچ كۆچۈرمە نۇسخىسىنىڭ ھېچقايسىسى تولۇق ئەمەس. زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن 6 − تومى تۆۋەندىكى تۆت قىسىمدىن تەركىب تاپقان: 1. چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ جۇڭگو ۋە پېرسىيىدىكى ئەۋلادلىرىنىڭ تارىخى؛ 2. چاغاتاي ئەۋلادلىرى (ئوتتۇرا ئاسىيادىكى) تارىخى؛ 3. جۇچى ئەۋلادلىرىنىڭ ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ تارىخى؛ 4. ئاستىراخان خانلىقىنىڭ تارىخى. بۇ كىتابنىڭ يەكەن خانلىقىغا دائىر ماتېرىياللىرى، ئاساسلىقى نەزەردىن چۈشۈپ قېلىپ، يەكەندىن بەلخكە قېچىپ بارغان بەزى ئەمەلدار − تۆرىلەردىن كەلگەن، ئۇنىڭدىكى بەزى تارىخىي ماتېرىياللار، ئالايلۇق، تۇرپان ھاكىمىيىتى بىلەن يەكەن ھاكىمىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەقىقەتەن باشقا تارىخىي كىتابلاردا خاتىرىلەنمىگەن. xO'I*) بۇ كىتابنىڭ زامانىمىزغا يېتىپ كەلگەن ئۈچ كۆچۈرمە نۇسخىسى بار: 1. جورابېك كۆچۈرمە نۇسخىسى، ئۇنىڭدا 6 − تومنىڭ ئالدىنقى ئۈچ بابىلا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇ جورابېك جەمەتىنىڭ ئېلكىدە تۇرغان، ھازىر سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىدا ئاشۇ كۆچۈرمە نۇسخىنىڭ سۈرەتكە ئېلىپ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى N028 نومۇر قويۇلۇپ ساقلانماقتا؛ 2. بۇ كىتابنىڭ لوندوندىكى ھىندىستان ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان نۇسخىسىدا 6 − تومىنىڭ تۆت بابىلا بار، ئۇنىڭغا بۇرۇن N0.6914، ھازىر N0.575 نومۇر قويۇلغان؛ 3. تاشكەنتتە يېڭى تېپىلغان نۇسخا، ئۇنىڭدا پۈتۈن كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسمى ۋە 3 −، 4 − بابىلا بار، ئۇنىڭغا N0.2732 نومۇر قويۇلغان. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ كۆچۈرمە نۇسخىلارنىڭ ھېچقايسىسى ئاشكارا ئېلان قىلىنمىدى، خەلقئارادا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدىغان غەرب تىل − يېزىقلىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنمىدى، مەملىكىتىمىزدىكىلەر بەزى تەتقىقات ئەسەرلىرىدىكى نەقىللەر ۋە تونۇشتۇرۇشلاردىن ئۇ كىتاب ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچىگە ئىگە بولدى. دۆلەتلىك كۇتۇپخانىدىن بۇ كۆچۈرمە نۇسخىلارنىڭ سۈرەتكە ئېلىپ كۆپەيتىلگەن نۇسخىلىرىنى ئېلىپ كىرىشىنى ئۆتۈنىمەن. tb,.f3; 5. «تارىخىي ھەيدەر»، ئاپتورى پېرسىيىلىك تارىخچى ھەيدەر ئىبىن ئەلى ھۈسىيىن رازى، ئۇ 1611 − يىلى بۇ تارىخىي ئەسەرنى يېزىشقا كىرىشىپ، 1619 − يىلى 35 يېشىدا يېزىپ تاماملىغان. ئاپتور بۇ ئەسەرگە نام قويمىغان ھەمدە ئۇنى ھېچقانداق ھۆكۈمران ياكى ئېسىلزادە − تۆرىگە تەقدىم قىلمىغان، كېيىنكىلەر بۇ كىتابنى «تارىخىي ھەيدەر» دەپ ئاتىغان. BmYU#h بۇ تارىخىي كىتاب مەمۇرىي رايونلار بويىچە بەش بابقا بۆلۈنگەن: 1. ئەرەب دۇنياسى؛ 2. پارسلار دۇنياسى؛ 3. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي ئاسىيا 4. مەغرىب (غەرب تەرەپ)؛ 5. ھىندىستان. ھەربىر بابتىكى مەزمۇنلار ۋاقىت تەرتىپى بويىچە بايان قىلىنغان. بۇ كىتابنىڭ 3 − بابىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا توغرىسىدىكى تارىخىي ماتېرىياللار خېلى كۆپ نەقىل ئېلىنىۋاتىدۇ. لېكىن ئاكمۇشكىن: «ئۇنىڭدىن پايدىلانغاندا ناھايىتى ئېھتىيات قىلىش كېرەك»، چۈنكى ئاپتور تارىخىي ماتېرىياللارنى دەلىللەپ كۆرمەيلا قالماستىن، بەلكى يەنە دائىم دېگۈدەك ئۆزى نەقىل ئالغان مەلۇماتلارنى «تۈزىتىش» ۋە سېلىشتۇرۇپ توغرىلاش« ئارقىلىق ۋەقەلىكلەرنىڭ چىنلىق دەرىجىسىنى بۇرمىلىۋەتكەن» دەپ كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرىدۇ . Wu)ATs} بۇ تارىخىي ئەسەرنىڭ بىرنەچچە كۆچۈرمە نۇسخىسى زامانىمىزغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئىلىم ساھەسىدىكىلەر ھەمىشە ئۇنىڭ لوندوندىكى بېرىتانىيە مۇزېيىدا. 8054 نومۇر قويۇلۇپ ساقلىنىۋاتقان كۆچۈرمە نۇسخىسىنى تىلغا ئالىدۇ. لېكىن بۇ كۆچۈرمە نۇسخىنىڭ ئاپتورى نامەلۇم، ئۇنىڭغا «مەجمۇئەل تاۋارىخ» («تارىخلار جەمئىيسى» دېگەن مەنىدە) دەپ نام قويۇلغان، بارتولد بۇ كىتاب نامى مەزكۇر كۆچۈرمە نۇسخىنىڭ بىرىنچى ھەقدارى توغرىسىدىكى مەسىلىدۇر دەپ قارايدۇ. ئۇ يەنە سچېفېر تەھرىرلەپ نەشر قىلدۇرغان «تارىخىي نەرشەخى» («نەرشەخ تارىخى») غا قوشۇمچە قىلىنغان ئاپتورى نامەلۇم ئۈچ بابتىكى تارىخىي ماتېرىياللار ئاشۇ كۆچۈرمە نۇسخىدىن ئېلىنغان دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ يەنە بىر كۆچۈرمە نۇسخىسى سابىق لېنىنىگراد دۆلەتلىك ئاممىۋى كۇتۇپخانىدا NHC230 − نومۇر قويۇلۇپ ساقلانماقتا. Pg[zRRf< («شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 1997 − يىللىق 3 − سانىدا ئېلان قىلىنغان) |
|