گۈلنىھال |
2014-05-26 23:16 |
ئىدىيەۋى تەربىيە بېرىشنىڭ نەمۇنىسى ــ «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە »
ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيەۋى تەربىيە بېرىشنىڭ ئېسىل نەمۇنىسى ــ «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك» oj,;9{- G('UF1F /c7jL4oD ھۈسەيىن تەلئەت d%p{
l)Hd HisH\z/i5) (يەكەن ناھىيە يېڭىئۆستەڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىن ) jd}~#:FUr* A[:(#iR5-E %Bg>=C)^(1 un)PW&~E قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە مەرھۇم ئالىمىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 9-يىللىق 2-قىسىم تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك» ناملىق تېكىست مەزمۇنىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيەۋى تەربىيە بېرىشتىكى ئېسىل ئۈلگە ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئادىمىيلىك تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بېرىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى توغرىسىدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە بىرقەدەر ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن. )k4&S{= +.xK`_[M ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر؛ «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك»؛ ئىدىيەۋى تەربىيە؛ ئادىمىيلىك تەربىيەسى؛ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى؛ ئېسىل نەمۇنە FbW$H]C$ LO38}w hXD/ مېنىڭچە، بىر جەمئىيەت مائارىپىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىختىساس ئىگىلىرى قىلىپ يېتىشتۈرۈش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئەڭ مۇھىمى ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت. پەقەت شۇنداق بولغاندىلا، بۇنداق مائارىپتىن ئالىممۇ چىقىدۇ ۋە باشقا ئالاھىدە شەخسلەرمۇ چىقىدۇ. مېنىڭ بۇ يەردە «ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈش» دېگىنىم ھەرگىزمۇ ئاددىي مەنىدىكى ئادەمنى بىلدۈرمەيدۇ. جۈملىدىن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئادىمىيلىك تەربىيەسى تولىمۇ مۇھىم تەربىيە، بالىلارنىڭ ئىدىيەسىگە كىچىكىدىن باشلاپ ئادىمىيلىك تەربىيەسىنى سىڭدۈرۈپ ماڭغاندىلا، ئاندىن ئۇلارغا قانداق ئادەم بولۇشنىڭ پارلاق مەنزىلىنى كۆرسىتىپ بەرگىلى بولىدۇ. شۇڭا، بالىلارنى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، مەسئۇلىيەتچان ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا تاقابىل تۇرالايدىغان كۈچكە ئىگە قىلىپ تەربىيەلەش تېخىمۇ مۇھىم. ئائىلە تەربىيەسى ئىنتايىن مۇھىم. لېكىن مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، جەمئىيەت تەربىيەسىنىڭ رولىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. بۇلار ئەلۋەتتە ھەممىمىز بۇرۇندىن باشلاپ دەپ كېلىۋاتقان، ئەمما مۇناسىۋىتى ۋە پەرقىنى تازا ئېنىق ئايرىيالمايۋاتقان مەسىلىلەر. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئۈچ خىل تەربىيە بىر-بىرىنىڭ ئورنىنى باسالمايدىغان ئۈچ خىل تەربىيە سىستېمىسى. بۇيەردە، يىگىرمە نەچچە يىللىق ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيەۋى تەربىيە بېرىشتە ئالاھىدە ئۈنۈمى بولدى دەپ قارىغان بىر مەسىلە ئۈستىدىلا توختىلىپ، كەڭ كەسىپداشلىرىم بىلەن ئورتاقلىشىپ باقماقچىمەن. l}D /1~d يېڭى دەرس ئىسلاھاتى يولغا قويۇلۇپ، دەرس لايىھەسىنىڭ مەزمۇنى بېيىتىلغاندىن كېيىن، يېڭى بىر مەزمۇن قوشۇلدى، ئۇ بولسىمۇ ھېسسىيات نىشانى. ھېسسىيات نىشانى دېگىنىمىز، شۇ سائەتلىك دەرس مەزمۇنىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلارغا مەلۇم جەھەتتىن ئىدىيەۋى تەربىيە ئېلىپ بېرىش دېگەننى كۆرسىتىدۇ. ئىدىيەۋى تەربىيە ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسەت، ئوقۇغۇچىلارنى يالغۇز كىتابىي بىلىم بىلەنلا تەربىيەلەپ قالماي، بەلكى ئۇلارغا ئىدىيەۋى ھالەت جەھەتتىنمۇ تەربىيە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، كىتابىي بىلىم بىلەن ئىدىيەۋى تەربىيەنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، بىر پۈتۈنلۈك ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت. G"Hj$ گەرچە ئىدىيەۋى تەربىيەنىڭ تۈرى بىر قەدەر كۆپ، شەكلى ھەرخىل بولسىمۇ، لېكىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، غايە تەربىيەسى، ئادىمىيلىك تەربىيەسى، ئىنسانپەرۋەرلىك تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، ئىتتىپاقلىق تەربىيەسى... قاتارلىق بىر نەچچە تۈرلۈك تەربىيە بىرقەدەر مۇھىم دەپ قارايمەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئادىمىيلىك تەربىيەسى بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تەربىيەلەر ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيەۋى تەربىيە بېرىش ۋەزىپىسى بولسىمۇ، لېكىن بەزى دەرس ۋە بەزى تېكىستلەر ئىدىيەۋى تەربىيە بېرىشكە ئانچە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئوقۇتقۇچى تېخىمۇ ياخشى ئىزدىنىپ، ئۈنۈملۈك چارە-تەدبىرلەرنى تېپىپ چىقىپ، شۇ سائەتلىك دەرس مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى تەربىيە بېرىش نىشانىغا چوقۇم يېتىشى كېرەك. ھەرگىزمۇ دەرس مەزمۇنى ئىدىيەۋى تەربىيە بېرىشكە ماس كەلمىدى، دەپ ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىشكە بولمايدۇ. يەنە شۇنداقمۇ تېكىستلەر باركى، ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيەۋى تەربىيە بېرىشكە شۇنچىلىك ماس كېلىدۇ، بۇنداق تېكىستلەرنى ئۆتكەندە، ئوقۇتقۇچى تېكىستنىڭ ئۆزىنى راۋۇرۇس ئۆتۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا جايىدا ئۆزلەشتۈرەلىسىلا، بۇ سائەتلىك دەرستە ئوقۇتقۇچى ھەم كىتابىي بىلىم بېرىش ئۈنۈمىگە ھەم ئىدىيەۋى تەربىيە بېرىش ئۈنۈمىگە ئېرىشىپ، «بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقالايدۇ.» تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 9-يىللىق 2-قىسىم تىل- ئەدەبىيات دەرسلىكتىكى «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك» ناملىق تېكىست دەل مەن يۇقىرىدا ئېيتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيەۋى تەربىيە بېرىشنىڭ ئېسىل نەمۇنىسى. y
QGd<( «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك» ناملىق بۇ تېكىست ئاتاقلىق ئالىم، تىلشۇناس، جامائەت ئەربابى، شائىر، يازغۇچى، تەتقىقاتچى مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا يازغان داستانى بولۇپ، ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكى مەنىلەرگە، پىكىر-ئىدىيەلەرگە ناھايىتى باي بولۇپ، ئوقۇغان كىشىدە چوڭقۇر تەسىرات شەكىللەندۈرمەي قالمايدۇ. ئەسەرنى ئوقۇغۇنىمىزدا ئىشق-مۇھەببەت، شەخسىيەت، ئەقىل، ئادىمىيلىك پەزىلەت، ۋەتەن... قاتارلىق تېمىلار ھەققىدە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئاجايىپ ئېسىل پىكىر يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى ۋە ئىپادىلىگەنلىكىنى ھېس قىلىمىز، بىز ئەسەرگە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ نەزەر سالساق، بۇ داستان مۇقەددىمە ۋە خاتىمە قىسمىنى قوشقاندا، جەمئىي ئون چوڭ بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسلىقى ئانىسى بار، دادىسى يوق بىر نامرات ئوغۇلنىڭ پادىشاھنىڭ قىزىغا كۆيۈپ قالغانلىقى؛ شاھ قىزىنىڭ ئوغۇلغا ئانىسىنىڭ يۈرىكىنى ئېلىپ كېلىش شەرتىنى قويغانلىقى؛ ئانىنىڭ ئوغلى ئۈچۈن جان پىدا قىلىپ ئادەمنىڭ يۈرىكىنى جىغىلدىتىۋەتكىدەك ھالدا مېھرىبانلىق يەتكۈزگەنلىكى، ئوغلىنىڭ بولسا، ئۆز نەپسى ۋە ئارزۇسىنى دەپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ مۇقەددەس ئادىمى ھېسابلىنىدىغان ئانىسىنىڭ يۈرىكىنى ئۆز قولى بىلەن سۇغۇرىۋېلىپ، پادىشاھنىڭ قىزىغا سوۋغا قىلىش ئۈچۈن يۈگۈرگەنلىكىدەك ئادەم قەلبىنى ئۆرتەيدىغان تەپسىلات ئارقىلىق، ئوغۇلنىڭ ئادەم ئەقىلگە سىغدۇرۇپ بولالمىغۇدەك، تىل بىلەن تەسۋىرلەپ تۈگىتەلمىگۈدەك ھالدا رەزىللىك قىلغانلىقى؛ بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرىگە ياراتقۇچىمۇ سەۋر قىلىپ بولالماي، ئانىغا يېڭى بىر ھاياتلىق بەرگەنلىكى؛ ئوغۇلنىڭ دۈشمەنگە سېتىلىپ، ياۋ قوشۇنلىرىنى ئۆز ۋەتىنىگە باشلاپ كەلگەنلىكى؛ ئانىنىڭ ئۆز قولى بىلەن ئوغلىنى ئۆلتۈرۈپ، ۋەتىنى، خەلقىنى تاجاۋۇزچىلارنىڭ تۆمۈر تاپىنىدىن ساقلاپ قالغانلىقىدەك بىر قاتار تەسىرلىك ۋەقەلىكلەر شېئىرىي يول بىلەن بايان قىلىنىپ، ئادەمنى ئادەم قىلىپ تۇرىدىغان نەرسىنىڭ زادى نېمىلىكىنى، ئادەمدە ئادىمىيلىك سۈپەتلەر بولمىسا، ئۇنىڭ ھېچ نەرسىگە تەڭلەشتۈرۈپ بولمايدىغان دەرىجىدە ۋەھشىيلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. بۇ قاراشلىرىمغا دەلىل سۈپىتىدە بىر نەچچە مىسال كەلتۈرۈپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم: f#gV>.P;h\ «ياغسىمۇ دەھشەتتە يامغۇر كەينىدىن، r5NH*\Q شۇندا ھەم بۇ قاتىل يانماي پەيلىدىن، F;BCSoO4 ئاخىرى قانلىق يۈرەكنى سۇغۇرۇپ، F#.ph?W ئوردىغا ئوقتەك ئۇچۇپتۇ يۈگۈرۈپ...» v3 | |