گۈلنىھال |
2014-05-26 23:12 |
گۈلنىھال : خەلق قوشاقلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى
b :,S خەلق قوشاقلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا -|l^- Qf! 8p?Fql}F[ yX:*TK4 ئەكبەرجان يۈسۈۋاجى .7ZV:m d{UyiZm\ ?3Ytn+Py
Sc!{
o!9\ قىسقىچە مەزمۇنى : 'nOc_b0 بۇ ماقالىدە ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى يەنى ،تىل ئشلىتىش،گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيەت،ئستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ قوشاق تىلىدىكى رولى قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدۇ . r>=)Y32Q ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى ، تىل ئالاھىدىلىك ، قوشاق تىلى ، ئىپادىلەش ئۈنۈمى 0]C~CvO U2=PmS P ئۇيغۇر خـەلق قوشاقلىرى خەلـق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئـەڭ بۇرۇن بارلىـقـقا كەلگەن ، تارقىلىش ۋە ئىجاد قىلىنىش جەھەتتە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن خەلـق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ باشقا ژانىرلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان مۇھىم بىر تۈر ھېسابلىنىدۇ . ئۇيغۇر خەلـق قوشاقـلىرى ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بىـرى ئ-ەمگەكچان ، باتـۇر، پەم-پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلـقى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنىپ ، ئېغىزدىن –ئېغىزغا تارقىلىپ بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلدى ، ھەمدە ئۇيـغـۇر خەلـق قوشاقلىرى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر خەلـقىنىڭ ئۇزاق تارىخى دەۋىرلـەردىن بۇيانـقـى بـەختىيار ھـاياتى ، شانلىق غەلبىللىرى ،تۇرمۇشىدىكى ئىجتىمائـى ئـۆزگىرىشلـەر ،ھـاياتقا ۋە ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر مۇھـەببىتى ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئېزلىشكـە قـارشى كۆرەشلىرى ،جـاپالىق ئـەمگەك ،تۈگىمەس زۇلۇملارغا بولغان نارازىلىقـى ،مىھـرى-مـۇھـەببەتـكـە،بـەخىت-سائادەتلىك تـۇرمۇشقا بولغان تەلپۈنۈشلىرى قاتارلىقلارنى ئەڭ ئىخچام ،بىۋاستە،يارقىن تىل بىلەن ئىپادىلەپ ،ئۇيغۇر خەلقىگە ئېستىتىك زوق بەرگەنلىكى بىلەنمۇ ئالاھىدە خاراكتىرلىندۇ . ,\y)k}0lH ئومۇمەن ، ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى ئۆزىنىڭ تېماتىـك مەزمۇنىنىڭ كەڭلىكى ، ھېـسياتنىڭ چىنلىقـى ، ئىجتىمائـى تـۇرمـۇش بىلەن بـولغان مۇنـاسىۋىتىنىڭ قويۇقلۇقـى ، پەلسەپىۋى پىكىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقـى ، شەكـلىنىڭ خىلـمۇخىللىقـى ، بەدىئـى ۋاستىللىرىنىڭ گۈزەللىكـى ، تىلىنىڭ جانلىق ۋە راۋانلىقـى قـاتـارلىـق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇرىدۇ .مەيلى ئەمگەك قوشاقلىرى ، تۇرمۇش قوشاقلىرىدا بولسۇن ۋەياكـى تارىخـى قـوشاقـلاردا بولسۇن بۇ خىل ئالاھىدىلىك ھامان گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ . c~B[<.Qj خەلق قوشاقلىرىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇشىنى ئۇنىڭ جانلىق ، راۋان ، ئـوبرازلىق تىلىدىن ئايرىپ قارىغىلـى بولمايدۇ . خەلـق قوشاقـلىرىدا ئىشـلىتىلگـەن تىل خەلـق تىلـى بولۇپ ، خـەلـق تىـل سەنـئىتىنىـڭ يـارقـىـن ئىپادىلىنىشىدۇر .دىمەككى ، خەلق قـوشاقـلىرى بۇ خىل تىل سەنئىتى ئارقىلىق ئىجتىمائى رىئاللىقنى ، كىشىلەرنىڭ ھېس-تۇيغۇسىنى ئىپادىلەپلا قـالماستىن ، بەلكـى خەلـق قوشاقـلىرىنىڭ زوقـلاندۇرۇش كۈچىنى ۋە ئىجتىمائى ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە يۇقرى كۆتۈرگەن . بۇ ماقالىدە خەلق قوشاقلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى ئۈستىدىلا توختىلىمىز . > .L\ > 1. تىل ئىشلىتىش جەھەتتە: 1gEeZ\B-& 1) خەلـق قـوشاقـلىرىنىڭ تىلـى ئـاممىباب ، جانلىق بولـۇپ،خەلـق تىلىـغا يېقىن .خەلـق قـوشاقـلىرىدا ئىشلىتىلـگەن تىل كەڭ خەلـق ئـاممىسـى ئورتـاق قوللىنىۋاتقان ، ئۇلارنىڭ پىكىرىگە ، ھېس-تۇيغۇسىغا ماسلاشقان تىل بولـۇپ ، پىكىرنـى چـۈشىنىشلىك ئىپادىلەشنىڭ نەمۇنىسـى . ئـۇزاق تارىخـى تەرەقـقىيات جەريانىدا بۇ خىل تىل تەدرىجىي قېلىپلاشقان بولۇپ ،خەلق قوشاقلىرىنىڭ ئاساسىي ئۆلچەملىرىدىن بىرى بولۇپ قالـدى . چـۈنكـى ،ئاممىباب ، جـانلىق تىل بىلـەن پىكىرنى ئىپادىلىگەندە ئۇنى توقۇشمۇ ، چۈشۈنۈشمۇ ، ئەستە قالدۇرۇشمۇ ،ناخشا قىلىپ ئوقۇشمۇ ئاسان بولىدۇ . خەلق قوشاقلىرىنىڭ تىلىغا قويۇلغان بۇ خىل تەلەپ خەلـق قوشاقـلىرىنىڭ تارقىلىش دائىرسىنىڭ كـەڭ بولـۇشىغا ، ئاممىۋىيلىقـقا ، ئومۇمىيلىقـقا ئىگە بولـۇشىغا شارائىت يارىتىدۇ .بۇنىڭـغا خەلـق ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلىۋاتقان تۆۋەندىكى قوشاق تىپىك مىسال بولالايدۇ : 1epj/bB& | |