ئۇيغۇر |
2014-05-26 22:48 |
ۋولتېر ۋاپاتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتېرلەش نۇتۇقى(2)
ۋولتېر ۋاپاتىنىڭ 100يىللىقىنى خاتېرلەش نۇتىقى(2-سائەتلىك) -ۋېكتور ھىيوگۇ ( چىرا ناھىيە 1- ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئالىمجان ئابدۇللا ) ئوقۇتۇش نىشانى بىلىم نىشانى: (1) تىكىستنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى چۈشۈنىش . (2) ۋىكتور ھىيۇگو ۋە ۋولتېر ھەققىدە چۈشەنچە بىرىش . ئىقتىدار نىشانى :تەڭداش بۆلەكلەر ھەققىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسىللەرنى ھەل قىلالايدىغان بۇلۇش . ھېسىيات ۋە ئەخلاقى تەربىيە نىشانى : ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ ئۇلۇغۋار ئىش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرۇش . مۇھىم نوقتا : ۋىكتور ھىيۇگو ۋە ۋولتېر ھەققىدە چۈشەنچە بىرىش . قېيىن نوقتا : ھەققانىيەتنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ھىس قىلدۇرۇش . ئوقۇتۇش ۋاستىللىرى دەرسلىك كىتاب ، دەرس تەييارلىقى ، ئوقۇتقۇچىلار پايدىلنىش قوللانمىسى ئوقۇتۇش جەريانى ۋە ئۇسۇلى يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش : ئۇيغۇرلاردىن ئۆز ھاياتىنى خەلقنىڭ ئازادلىقى ۋە ھۆرلىكى ئۈچۈن بېغىشلىغان كىشلەرنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىنى سۆزلەشكە ئۇيۇشتۇرۇش ھەمدە ئۇلارنى ۋولتىر بىلەن سېلشتۇرۇپ بېقىشقا يىتەكلەش ئارقىلىق يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىمەن . ئىككىنجىدىن ، ۋولتېر ۋە ھىيوگۇ ھەققىدە چۈشەنچە بىرىمەن . ۋولتېر(1694_ 1778 ) فىرانسىيەنىڭ ئويغىنىش دەۋرىدىكى مۇتەپەككۇر ، ئەدىب ۋە پەيلاسوپ . ھۆرلۈك ۋە باراۋەرلىكنى تەكىتلىگەن . ئۇنىڭ « پەلسەپە ھەققىدىكى خەت-چەكلەر » ، «مىتافىزىكا » قاتارلىق ۋەكىللىك ئەسەرلىرى بار . ھىيۇگۇ (1802_ 1885)فىرانسىيە يازغۇچىسى ، فىرانسىيە رومانتىزىم ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ۋەكىلى . مۇھاكىمە سۇئاللىرى : (1) ۋولتېر بىلەن ھىيوگۇ دەۋىرداشمۇ نىمە ئۈچۈن ؟ (2) ھىيوگۇ ۋولتېرنىڭ قانداق خىسلىتىگە مەدھىيە ئوقۇغان ؟ (3) ۋولتېرنى كىملەر قارغىدى ؟ نىمە ئۈچۈن ؟ (4) ئەسەردە ئوتۇرغا قۇيۇلغان بۈيۈك ئىنقىلاپ قايسى ئىنقىلاپنى كۆرسىتىدۇ ؟ ۋولتېر بىلەن بۇ ئىنقىلاپنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار ؟ (5) ۋولتېر نىمىگە قارىشى تۇرغان بۇ ئارقىلىق قانداق مەقسەتكە يەتمەكچى بولغان ؟ (6) بىزنىڭ دەۋرىمىزدىمۇ ئۆزىنىڭ شەخسىيىتى بىلەن ھىساپلاشماي خەلق ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلىدىغان كىشىلەر بارمۇ ؟ (7) ۋولتېرنىڭ ئاشۇ خىل روھى ھازىرقى مەزگىلدە قەدىرلەشكە ئەرزىمدۇ يوق ؟ (8) سىز بۇ ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن ھاياتلىقتا قانداق ياشاشنىڭ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىڭىز ؟ تاپشۇرۇق لايھەسى مەزمۇنى: بىرەر ئەھمىيەتلىك تىمىنى تاللاپ قىسقىچە نۇتۇق تەييارلاپ كىلىڭلار . مەقسەت: ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇتۇق ھەققىدىكى بىلىملىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش . تەلەپ : خەتلىرى توغرا ، جۈملىلىرى راۋان بۇلۇشى كېرەك . باھالاش : دەرس ئىچىدە ئوقۇپ باھالىنىدۇ .
گورۇپپا مەسئۇلىنىڭ ئىمزاسى :
|
|