查看完整版本: [-- ۋولتېر ۋاپاتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتېرلەش نۇتۇقى(1) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز 9- يىللىق تىل-ئەدەبيات تەييارلىقلىرى -> ۋولتېر ۋاپاتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتېرلەش نۇتۇقى(1) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئۇيغۇر 2014-05-26 22:47

ۋولتېر ۋاپاتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتېرلەش نۇتۇقى(1)

ۋولتېر ۋاپاتىنىڭ 100يىللىقىنى خاتېرلەش نۇتىقى(1-سائەتلىك)          
                                  -ۋېكتور ھىيوگۇ
( چىرا 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئالىمجان ئابدۇللا )
ئوقۇتۇش نىشانى
بىلىم نىشانى: (1) نۇتۇق ھەققىدە چۈشەنچە بىرىش .
                     (2) ۋىكتور ھىيۇگو بىلەن تۇنۇشۇش .
ئىقتىدار نىشانى : تىكىستنى راۋان ، جانلىق ، ھېسىياتلىق ئوقۇش . ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇتۇق ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش .
ھېسىيات ۋە ئەخلاقى تەربىيە نىشانى : ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ ئۇلۇغۋار ئىش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرۇش .
مۇھىم نوقتا : ئاغىزاكى ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈش .
قېيىن نوقتا : ھەققانىيەتنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ھىس قىلدۇرۇش .
ئوقۇتۇش ۋاستىللىرى
دەرسلىك كىتاب ، دەرس تەييارلىقى ، ئوقۇتقۇچىلار پايدىلنىش قوللانمىسى
ئوقۇتۇش جەريانى ۋە ئۇسۇلى
يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش : بەزىلەر ئۆلگەن تامام بولسىمۇ گەر ھايات ،
                                                  بەزىلەر ياشار ھامان بولسىمۇ گەرچە ۋاپات .
يۇقارقى شېئىرنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىشكە يىتەكلەش ئارقىلىق دەرسكە باشلاپ كىرىپ ، تىكىست بىلەن باغلاپ چۈشۈنىشكە يىتەكلەش ئارقىلىق چۈشەنچە بىرىلىدۇ .
تىكىست ئوقۇش : بۇ باسقۇچتا فىرانسىيە خەلقىنى ھۆرلىككە ئىرىشتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ۋولتېرنىڭ ۋاپاتىغا بېغىشلانغان نۇتۇقنى ئوقۇشقا تەشكىللىنىدۇ . ئوقۇش جەريانىدا تۆۋەندىكىچە تەلەپلەر قۇيۇلىدۇ :
(1)    چۈشەنمىگەن سۆز – جۈملىلەرگە بەلگە قۇيۇش .
(2)    تىكىستنى جانلىق ، راۋان ، چۈشۈنىشلىك ، ھېسىياتلىق ئوقۇش .
(3)    تىكىستنىڭ ئىدىيۋى مەزمۇنىنى چۈشۈنىش .
ئاخىرىدا چۈشەنمىگەن سۆز – جۈملىلەرگە ئىزاھات بىرىلىدۇ .
روھانى- دىننى داھى ،خۇراپاتچى ،كونىلىقنى ياقلىغۇچى  ،
دوگما – يۈزەكى ، ماھىيەتنى چۈشەنمەسلىك
تۆرە- بايلار ، ئاقسۆڭەكلەر
تەۋەللۇت – تۇغۇلۇش ، يىڭىدىن بارلىققا كىلىش
تاپشۇرۇق لايھەسى
مەزمۇنى: تىكىستتىن تەڭداش بۆلەكلەر كەلگەن جۈملىدىن 4 نى يېزىپ كىلىڭ .
مەقسەت :ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل بىلىمىنى بېيىتىش .
تەلەپ : تىكىستتىن بولسىمۇ ، باشقا كىتاپلاردىن بولسىمۇ ، ۋە ياكى ئىجادى ھالەتتە بولسىمۇ بۇلىدۇ . ئەمما خەتلەر چىرايلىق ، رەتلىك ، ئىملاسى توغرا بۇلىشى كېرەك .
باھالاش : نۇمۇر قويۇپ باھالىنىدۇ ھەم باھا سۆزى يېزىلىپ تۈزۈتىلىدۇ .



گورۇپپا مەسئۇلىنىڭ ئىمزاسى :


查看完整版本: [-- ۋولتېر ۋاپاتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتېرلەش نۇتۇقى(1) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled