نۇرلالە |
2014-05-26 18:59 |
、ئەڭ گۈزەل ھىكايە
ئايالىڭىز كېچىسى گۈزەل بولسۇنمۇ ياكى كۈندىزى ؟ kp4*|$] Fh XR!x^ 0hKF)b d9zI
A6y پادىشاھ ئارتور بىر دۆلەتكە ئەسىرگە چۈشۈپ قاپتۇ ، ئەسلى ئۇنى ئۆلۈمگە بۇيرۇماقچى بولغان پادىشاھ ئۇنىڭ ياش ھەم ناھايىتى ئۈمىدۋار خاراكتېرىنى ياقتۇرۇپ قىلىپ "ئاياللار ھەقىقى ئېھتىياجلىق نەرسە نېمە ؟" دېگەن سوئالغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تاپالىسا ئۇنى قۇيۇپ بەرمەكچى بوپتۇ . ~~?4w.k ئارتور بۇ سوئالنى ئۆزى تونۇيدىغان ھەممە ئادەمدىن مەلىكە ، پادىچى ،ئەقىلدار ئىشقىلىپ ھەممىدىن سوراپمۇ ئۆزى قانائەت قىلغۇدەك جاۋابقا ئېرىشەلمەپتۇ . )`RF2Y-A7 بىرى ئۇنىڭغا شەھەر سىرتىدا بىر قېرى ئايال پېرىخون بار ، ئۇنىڭ بىلمەيدىغىنى يوق ، بىراق ھەقنى يۇقىرى ئالىدۇ تېخى غەلىتە تەلەپلەرنى قۇيۇپ تۇرۇۋالىدۇ دەپ ئۇچۇر بېرىپتۇ . IT,TSs/Y بەلگىلەنگەن ۋاقىت توشايلا دەپ قاپتۇ ، ئارتورنىڭ باشقا تاللاش يولى قالمىغاچقا ئايال پېرىخوننى ئىزدەپ بېرىشقا مەجبۇر بوپتۇ ، ئايال پېرىخون ئۇنىڭغا ئارتورنىڭ قول ئاستىدىكى ئەڭ باتۇر چەۋەنداز جاۋىن بىلەن توي قىلىش شەرتى بىلەن سوئالنىڭ جاۋابىنى بېرىشكە ماقۇل بوپتۇ. UFxQ-GV4 ئارتور پېرىخوننىڭ ئاران بىرتاللا چىشى قالغان ئاغزى، بەدىنىدىن چىققان سېسىق پۇراق ھەممە يەرنى بىر ئالغان دوك ھەم بەتبەشىرە ھالىتىنى چەۋەنداز جاۋىنىنىڭ ئېگىز ، كېلىشكەن قامىتى ، ئاقكۆڭۈل سەمىمىي ۋە باتۇرلۇقى بىلەن سېلىشتۇرۇپ نېمە قىلارىنى ، نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىنى بىلمەي تۇرۇپلا قاپتۇ . la ~T)U7 ئارتور پېرىخونغا " ياق ، مەن ئۆز ئەركىنلىكىم ئۈچۈن دوستۇمنى سىنىڭدەك بەتبەشىرە بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىسام بولمايدۇ ، بولمىسا مەن ئۆزۈمنى بىر ئۆمۈر كەچۈرەلمەيمەن " دەپتۇ . ^X6fgsjz جاۋىن بۇ ئىشنى ئاڭلاپ ئارتورغا " سەن ۋە ۋەتىنىمىز ئۈچۈن ئۇنى ئەمرىمگە ئېلىشنى خالايمەن " دەپتۇ . (C#9/WO
? شۇنداق قىلىپ بۇ توي پۈتۈن جاھانغا پۈر كېتىپتۇ . D nA}!s پېرىخون ئارتورغا "ئاياللار ھەقىقى ئېھتىياجلىق نەرسە ئۆز تەقدىرىگە ئۆزى ئىگە بولۇش " دەپ جاۋاب بېرىپتۇ .كىشىلەر بۇ جاۋابقا قايىل بوپتۇ ، چۈنكى بۇ ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان بىر ھەقىقەتتە . شۇنىڭ بىلەن ئارتور ئەركىنلىككە ئېرىشىپتۇ .توي مۇراسىمىدا پېرىخون تاماقنى قولى بىلەنلا ئېلىپ يەپ ، كېكىرىپ يەنە تېخى سەت گەپلەرنى قىلىپ ھەممە ئادەمنىڭ ئىچىنى ئىلەشتۈرۈۋىتىپتۇ ، ئارتور بۇنىڭدىن قاتتىق ئازابلىنىپ يىغلاپ كېتىپتۇ بىراق جاۋىن بۇرۇنقىدەك كەمتەر ۋە خۇش پېئىل ھالىتىنى ساقلاپ مۇراسىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ. s(Of
EzsH= توي كېچىسى جاۋىن كىشىلەرنىڭ توسقىنىغا قارىماي پېرىخوننىڭ يېنىغا كىرىپتۇ ، ئۇ بارلىق ئىشلارنى قۇبۇل قىلىش قارارىغا كەلگەن ئىكەن ، كارىۋاتتا بەتبەشىرە پېرىخون بولماستىن بەلكى پەرىزاتتەك بىر نازىنىن ياتقانلىقىنى كۆرگەن جاۋىن ھەيرانلىقتىن ئاغزىنى ئېچىپ تۇرۇپلا قاپتۇ ، پېرىخون جاۋىندىن "مەن بىر كۈننىڭ يېرىمدە گۈزەل قىزغا قالغان يېرىمدە يىرگىنچلىك پېرىخونغا ئايلىنىپ قالىمەن ، سەن زادى مىنىڭ كۈندۈزى گۈزەل ئايالغا ئايلىنىشىمنى خالامسەن ياكى كېچىسىمۇ ؟" دەپ سوراپتۇ . P8K{K:T بۇ نېمىدېگەن رەھىمسىزلەرچە سورالغان سوئال ھە؟ سىزدىن سوراپ باقاي :ئەگەر سىز جاۋىنىنىڭ ئورنىدا بولغان بولسىڭىز قانداق جاۋاب بەرگەن بۇلاتتىڭىز ؟ nXDU8|" پسىخىكا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ سۆزى ئاياغلىشىشى بىلەن ساۋاقداشلار بىردەم سۈكۈتكە چۆمدى ئاندىن تالاش-تارتىش باشلىنىپ كەتتى ، جاۋابلار ھەرخىل بولسىمۇ يىغىنچاقلاپ كەلگەندە ئىككىلا خىل . يەنى كۈندۈزى پېرىخون بۇلىشى كېرەك چۈنكى خوتۇن دېگەننى كۆز-كۆز قىلمىسىمۇ بولىدۇ يەنە بىرى كۈندۈزى گۈزەل ئايالغا ئايلىنىشى كېرەك ، بۇنىڭدا باشقىلار ھەۋەس بىلەن قارايدۇ ، كەچ بولغاندا باشقا يەرگە بېرىپ كۆڭۈل ئاچسا بولىدۇ ، كېچىدە ئۇخلىغاندا قاپ-قاراڭغۇ تۇرسا سەتمۇ چىرايلىقمۇ بەرىبىر . جاۋابلارنى ئاڭلاپ مۇئەللىم توغرا يا خاتا دېمىدى ، پەقەت ئەمەلىيەتتە ھېكايە تۈگىمىدى ، جاۋىن بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىپتۇ دېدى . RVv@x5 جاۋىن "سىز ئاياللارنىڭ ھەقىقى ئېرىشمەكچى بولغىنى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش دېگەن ئىدىڭىزغۇ ، شۇنداق بولغان ئىكەن بۇنى ئۆزىڭىز بەلگىلەڭ " دەپ جاۋاب بېرىپتۇ .ئايال پېرىخون كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ "مەن كۈندۈزى گۈزەل ئايالغا ئايلىنىشنى ، كېچىسىمۇ گۈزەل ئايالغا ئايلىنىشنى تاللايمەن ، چۈنكى سەن مېنى ھەقىقى ھۆرمەت قىلىشنى بىلدىڭ " دەپتۇ . I_mnXd;n ھەممىمىز يەنە بىر قېتىم سۈكۈتكە چۆمدۇق ، چۈنكى ھېچكىم جاۋىنغا ئوخشاش جاۋاب بەرمىگەن ئىدى . بەزىدە بىز بەك شەخسىيەتچى بولۇپ كىتىمىزمۇ قانداق ؟ تېخى قوبۇل قىلىش قىلماسلىقى بىلەن كارىمىز يوق باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئۆزىمىزنىڭ ئۆلچىمى بىلەن تون پىچىپ كېتىشلىرىمىز بار . :E/]Bjq$; باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى ، چۈشىنىشنى بىلسىڭىز بەلكىم ئېرىشىدىغىنىڭىز تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. چۈشىنىش ، ھۆرمەتلەش ، ئىشىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ گۆھەر سىزنى تېخىمۇ كۆپ ئالقىشلارغا ئېرىشتۈرەلەيدۇ . |
|