查看完整版本: [-- پەرزەنت تەربىيسىدە سەل قاراشقا بولمايدىغان نۇقتا --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> پەرزەنىت تەربىيسى -> پەرزەنت تەربىيسىدە سەل قاراشقا بولمايدىغان نۇقتا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

نۇرسىمانگۇل 2014-05-25 14:06

پەرزەنت تەربىيسىدە سەل قاراشقا بولمايدىغان نۇقتا

1. پەرزەنتىڭىزنى ھەر قانداق ۋاقىتتا كىچىك ، بەزى ئىشلارنى تىخى چۈشەنمەيدۇ  دەپ ئويلىماڭ. سىزنىڭ كىچىككىنە خاتالىقىڭىز سەۋەبلىك سىز ئۆمۈر بويى تولۇقلاپ بىرەلمەيدىغان خاتالىق كىلىپ چىقمىسۇن. چۈنكى نەچچە كۈندىن بىرى مىنىڭ يىنىمغا پىسخىك مەسلىھەت سوراپ كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنىچىسىنىڭ قەلبىدە دەل ئاتا- ئانىسى قالدۇرغان داغ ئىنتايىن كۆپ ئىكەن. بىر قىز ئوقۇغۇچى كىچىك ۋاقتىدىلا دادىسىنىڭ قىمار ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالغان. گەرچە بۇ  ئىشقا ئۇزۇن يىللار بولغان بولسىمۇ ، ئەمما دادىسىنى شۇ ئىشىنى ئۇ ھازىرغىچە قوبۇل قىلالمايدىكەن. ھەتتا دادىسىن نەپىرەتلىندىكەن، ئۇنى لاياقاتلىك دادا دەپ قارىمايدىكەن. " ZYdJHM  
يەنە بىر ئوقۇغۇچى باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتىلا دادىسىنىڭ سىرىتتا باشقا بىر ئايال بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى  تاسادىبى چوڭ ئانىسىدىن ئاڭلاپ قالغان. ئۇ قىزنىڭمۇ قەلىپ زەخمىسى خىلىلا ئېغىر. ئوقۇغۇچىلار ئارسىدا بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار ناھايتى كۆپ ئىكەن، ئۇلارنىڭ قەلىپ زەخمىسىنى  داۋالاپ چىقتىم. ئەمما جەمئىيتىمىزدە بۇنداق باللار قانچىلىك؟ شۇڭا بىز ئاتا- ئانا بولغۇچىلار  پەرزەنتلەرنىڭ قەلبىدە داغ قالدىغان ئىشنى قىلمايلى. 0d|DIT#>?  
2. پەرزەنتىڭىزنىڭ سىزدىن كۈتىدىغان مۇھەببەت ئىھتىياجىنى چوقۇم قاندۇرۇڭ. باللارنىڭ بالدۇرلا مۇھەببەتلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىشى ماھىيەتتە ئائىلىدە بەلگىلىك مۇھەببەت ئىھتىياجىنىڭ قانمىغانلىقىدىن بولغان بولدۇ. دادا بولغۇچى قىزىنى، ئانا بولغۇچى ئوغلىنى پات- پات سۆيۈپ قويىشى، پات- پات قۇچاقلاپ قويۇشى كېرەك. B?gFFU61  
3. پەرزەنتىڭىزغا ئىش ئورۇنلاشتۇرغان ۋاقتىڭىزدا ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭ ئورنىغا قويۇپ تۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرماڭ.

tawpek 2014-05-30 20:41
كۆپ تەشەككۇر،  مەخسۇس پەرزەنىت تەربىيسى ھەققىدىكى تېمىلارغا قارىتا سەھىپە ئاجىرىتىلغان بولوپ بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلارنى سۇنۇپ تۇرغايسىز.


查看完整版本: [-- پەرزەنت تەربىيسىدە سەل قاراشقا بولمايدىغان نۇقتا --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled