查看完整版本: [-- ئەخەت كەلپىن ئىنسانىي:  بىر بۆلەك شېئىرلىرىم --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> ئەخەت كەلپىن ئىنسانىي:  بىر بۆلەك شېئىرلىرىم [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئىنسانىي 2014-05-23 12:50

ئەخەت كەلپىن ئىنسانىي:  بىر بۆلەك شېئىرلىرىم

شېئىرلار
ئەخەت كەلپىن ئىنسانىي

ئۇنتۇلغان سىما

تەڭرى بەرگەن تۇنجى بېقىشىش،
ئارمانى بوپ قالدى جۈپ لەۋنىڭ...

شىلدىرلىغان چۈشنىڭ مەۋجىگە،
سېڭىپ كەتتى ئاچچىق كەچۈرمىش،
سېڭىپ كەتتى بىر پۈتۈن دۇنيا.
چۈچۈككىنە يالىڭاچ قەبرە،
بېزەكلىدى ئۆزىنى شۇندا.

سۈكۈتلىرى چېچىلىپ يولنىڭ،
چۈشتى غەمكىن ياپراق لەپىلدەپ.
بوشلۇق ئارا سوزۇلغان قولنىڭ،
پەرمەندارى قالدى ئېسەدەپ...

قالدى ئەستە ئاداققى ئۈمىد،
تىۋىشسىزلا يىتكەندە ئەرۋاھ.
قاپلاپ بىردىن ئارىنى سۈكۈت
باسقىنىدا كېلىپ تاغدەك يۈك
ئازاب بىلەن قالدى قىز تەنھا!

شۇندىن بېرى خىرەلەشتى روھ،
ئازاب بىلەن قالدى قىز تەنھا.
ئەسلىمىدىن سىن ئالدى تۇيغۇ،
چايقالغاندا بىر تامچە دۇنيا.
يېتىرقاشتا قالغان بۇ ھايات
چىقىپ كەتتى دۇنيادىن ئاستا.

قىز قەلبىدىن يىتتى ئۈنسىزلا،
ئەسلىنەلمەي قالغان بىر سىما.
يۈرۈپ كەتتى غالىپ بىر جايغا،
چۈمبەردىدىن سېرىلىپ نىگاھ.

تەڭرى بەرگەن تۇنجى بېقىشىش
ئارمانى بوپ قالدى جۈپ لەۋنىڭ...
1994-يىلى 10-يانۋار     كەلپىن

كۈن ئولتۇرماس جاي

ھېس قىلغانسەن ياشلىق مەزگىلى
چىللار بىزنى كۈن ئولتۇرماس جاي...

قۇياش!
ئاسمانىدا قەلبىمنىڭ پەقەت
قۇياشسىمان يانىدۇ يۈرەك.
ئون سەككىز ياش سۆيۈلگەن يەردىن
كېلەر تىنىق شۇنچە گۈپۈلدەپ.

تۆت پەسىل جەم ئون سەككىز ياشقا،
ھېچقىسى يوق قىش بولسا ھەر رەت؛
قىش بار يەردە باھار بار، ئۇندا ــ
ئېچىلىدۇ گۈللەر پورەكلەپ.
يىل بويى گۈل سۇلمايدۇ ھەرگىز،
كۈن نۇرىدىن مەھرۇم ئەمەس ئۇ.
تۆت ئەتراپى نۇرلۇق بىر ماكان
چۈنكى ئۇندا قۇياش پارلايدۇ.

ھېس قىلغانسەن
ياشلىق مەزگىلى،
چىللار بىزنى پەقەت ئاشۇ جاي.
كۈن ئولتۇرماس ئۇ يەردە مەڭگۈ،
شۇڭا، چېچەك تىنماي ئاۋۇنار!
1994-يىلى 20-نويابر    خوتەن

سۇنىڭ ئۇچى

قىر-چاپقا ئۆتكەندەك تۈمەنمىڭ لەشكەر
ئىس-تۈتەك ئۆرلىتىپ يەر ۋە ئاسماندىن؛
باستۇرۇپ كەلمەكتە ئېرىقتىكى سۇ
زىلزىلە قوزغاپ ئاھ، سېلىپ ساراسىم...

سۇنىڭ ئۇچى
نېمىدىگەن شىرمەت-ھە،
نېمىدىگەن ئەزىمەت...؟!

ئۇنىڭ دۈشمەن سېپىنى
دەم-دەم نەرە تارتىپ يېرىشلىرىغا،
ئۆزىگە كۈچ بېرىۋاتقان غول قوشۇننى
ئۆز مەنزىلىگە باشلاپ مېڭىشلىرىغا؛
كىشى مەست بولىدۇ...

ئەنە
قاچماقتا بۇندا،
قاچماقتا توپىلاڭ، غەليان كۆتۈرۈپ
ئېرىقتىكى يۇپۇرماق، سولياۋ؛
قاقشال سۆڭەك، تاشلاندۇق قەغەز،
لاتا-پۇتا، نەشپۈت شۆپۈكى،
سېرىق چۈمۈلە...

ئېرىق بويىدا،
قىلىپ تۇرغان جەڭنى تاماشا
پادىشاھمەن، سۇ قوشۇنىغا...
        2012-يىل 4-ماي   كەلپىن

كۆز دوقمۇشى

ئەي قىز بالا، ئەي مېنىڭ قەلبىم
چۆچىشىڭنى خالتاڭغا سولاپ
كۆزلىرىمگە يۈگۈرۈپ كەلگىن...

سەپەر قىلىپ كەتكىلى نەۋاق
كۆزلىرىمگە قاراپلا قەلبىم.
يوللار ئۇزۇن بولغاچقىمۇ تاڭ
كېلەلمىدى كۆزۈمگە لېكىن.

ئەي قىز بالا سەنمۇ كەلمىدىڭ
كۆزلىرىمگە تېخىچە يېتىپ.
يېتىپ كەلگەن بولساڭ ناۋادا
ئۇچرىشاتتى قەلبىم سەن بىلەن
دوقمۇشىدا
         كۆزۈمنىڭ...
1995-يىلى 20-ماي    خوتەن

ئاۋازىم ئەسلىدىن ساڭا تەئەللۇق

بۇ يەردە تۇرۇپ مەن توۋلاۋاتىمەن،
ئاۋازىم يىراقتا، ئۇ يەردە مەن يوق.
ئېغىزىم مەن بىلەن بۇ يەردە قالغان
بىر ماڭا مەڭگۈلۈك بولۇپ تەئەللۇق.

لېكىن سەن ئاڭلايسەن ئاۋازىمنى دەل،
ئاۋازىم ئەسلىدىن ساڭا تەئەللۇق.
ئېغىزىم سېنىڭ شۇ پۈتمەس سۆزۈڭنى
قايتۇرۇپ بېرىدۇ ئۆزۈڭگە تولۇق.
1995-يىلى 10-نويابر     خوتەن

روھ كىيىمى

يالىڭاچلىق نومۇس ئەمەستۇر
زورلاپ تۇرار كىيىم ھەر ۋاقىت...

ئەي تەن
شۇنچە خىجىل بولۇپ كەتكۈدەك
سەن ئۆزۈڭنى يالىڭاچ دەمسەن؟
يىرگىنىشلىك دەمسەن ۋە ياكى؟!

يالىڭاچلىق شۇ قەدەر گۈزەل،
روھ ئالدىدا سەن دېگەن نېمە؟...
كۆرسەڭ ئەگەر روھنى ناۋادا
سەن شۇ چاغدا ئويلايتتىڭ ھامان:
گۈزەللىكنى يۇشۇرۇپ تۇرغان
يۆتكەپ كېيىش مۇمكىن بولمىغان
بىر بەخشەندە
كىيىملىكىڭنى...
1996-يىلى 9-يانۋار      خوتەن

ئوي چوققا

باشقۇرىمەن ھەممىنى دېسەڭ
سەن ھەممىدىن تۆۋەن تۇر جەزمەن...

سۇلار ئېقىپ كېلىپ چوققىدىن
ئويمانلىققا قىلار ئىتائەت.
ئەلمىساقتىن-قىيامەتكىچە
قىل سىغماس بۇ چەكسىز ھەقىقەت.
ئويمانلىققا ئىتائەت قىلغان
چوققىدىكى سۇلارغا قاراپ
تۇيۇقسىزلا يورىدى كۆڭلۈم:
بىلدىم
چوققىنىڭ، ماھىيەتتە ئويمانلىقىنى،
ئويمانلىقنىڭ، ماھىيەتتە چوققىلىقىنى...

شۇندىن بېرى،
مەن ئۆزۈمدىن چەكسىز تۆۋەنلەپ
ئۆز-ئۆزۈمنى كەلدىم يېتەكلەپ...
1996-يىلى 17-نويابر    كەلپىن

ئۇسسىماقتا سۇ

ئۆز-ئۆزىدە تۇرۇپمۇ
ئۇسسىماقتا سۇ...

سۇنىڭ ئۇسسۇزلىقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن
ئىچىش كېرەك دۈم يېتىپ پەقەت.
ئەمەس ھەرگىز ئۇچۇملاپ
پىيالىلەپ ياكى چىنىلەپ.

مەندىن مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ ھەۋەس
شۇڭا تىنماي ئۇسساپ تۇرار سۇ؛-
ئۇسسۇزلىقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن:
-ئىچكىن ئەخەت، ئىچ ئەخەت!...دەيدۇ.
-ئۇسسىۋالاي تۇرۇپ تۇر، دەيمەن
ئىچىلمەيدۇ بەك ئۇسسايدۇ ئۇ.

شىلدىرلىغان ھەسرەتلىك ئۈندە
بىر ئېرىق سۇ ئالدىمدا ئاقار.
ئېقىۋېتىپ تۇرۇپلا يەنە
كۆڭلىكىدە سەكسەن ياماق بار
سۇمبۇل چېچى چۇۋۇلغان سىڭلىم
پاتىمىگە ئايلىنىپ قالار.

ھەي پاتىمە، ھەي- ھەي پاتىمە...

سەكسەن ياماق چۈشكەن كۆڭلىكىڭ
يۈرىكىمگە ئوخشايدۇ بەك-بەك.
ياماي دېسەم يۈرەكنى ئەمدى
يۈرەكمۇ يوق ياماق بولغىدەك.

سەن ئاغرىنغان كىمدىن پاتىمە،
مەن ئاغرىناي كىمدىن پاتىمە...

ئەنە شۇنداق ھالەتتە بىردىن
كۆڭلىكىدە سەكسەن ياماق بار
سۇمبۇل چېچى چۇۋۇلغان سىڭلىم
پاتىمە قىز ئالدىمدا ماڭار.
مېڭىۋېتىپ تۇرۇپلا يەنە
بىر ئېرىق لىق سۇغا ئايلىنىپ
پايانىمغا شىددەتتە ئاقار.

ئىچەي دەيمەن يا ئۇسسىمايمەن
ئىچىلمەيدۇ بەك ئۇسسايدۇ سۇ
ئۆز-ئۆزىدە تۇرۇپمۇ...
2001-يىلى 2-فېۋرال      كەلپىن

ھاياتلىق تەڭشىكى

بىر يىرتقۇچ ھايۋاندەك ھۆركىرەپ دەھشەت،
تاشلىنىپ تۇرىمەن ئۆزۈمگە پات-پات.
ھەر قېتىم تاشلانغان چاغدا تېنىمنى
كېتىدۇ جاراھەت يارىسى قاپلاپ.
تېنىمنى سەگىتمەك بولىدۇ روھىم،
مېنى كۆچۈرگىن دەپ توۋلايدۇ ھايات.
ئىككى بالامنىڭ ئېلىشىشلىرى
ئاخىرى چىقىدۇ ماڭىلا توختاپ.
مەن ئۇلار ئارقىلىق ئۆزۈمنى رۇسلاپ
ئالدىمغا ماڭىمەن، چارچاي دېگەندە
ئاڭلىنار يېنىمدا ئاۋازى قىر-چاپ؛ــ
بولسىمۇ دەھشەتلىك، ئېلىشىشلىرى
شۇ قەدەر سەمىمىي بولىدۇ بىراق!
روھىم ۋە تېنىم
پەقەت ئىككى بالامدۇر ئوماق.
بىر-بىرسىنى يۆلىمەك بولۇپ
ئېلىشىدۇ ئۇلار ۋارقىراپ...
2002-يىلى 9-ئىيۇن    كەلپىن

كۆزلەر بالاسى

كۆزۈڭنىڭ ئىچىگە قارىغانسىرى
دۇنيا مۇشەققىتىگە قالدىم ئەي ئايال!
ئۇندىن چىقىپ كەتمەكنى ئىستەپ
تاپالمىدىم ھېچقانداق ئامال.

بۇنداق قارىماسلىقىم كېرەكتى ساڭا،
بۇنداق قارىماسلىقىڭ كېرەكتى ماڭا،
شۇنداق قاراپ
مانا ئەمدى تېرىلدى بالا...

مەن چىدىيالمىدىم
چىداش زۇلمىتىدە تىتما- تالان بولۇپ،
ئېيتقىن بۇ ماڭا نېمە تارتقۇلۇق
مەن ئۆزۈمگە سالدىممۇ قۇلۇپ
چىقىش يولۇمنى ھىم ئېتىپ تۇرۇپ؟!...

كۆزۈڭنىڭ ئىچىدە قالدىم قاپسىلىپ،
كۆزۈڭنى يۇمۇقلۇق دېسەم بۇ يالغان.
يۇمۇقسىز كۆزۈڭدىن چىقىپ كېتەي دەپ
بىر تەلۋە ئاشىقمەن ئىچىگە ماڭغان!...
2002-يىلى8-ئىيۇل      كەلپىن

ئۆيۈمنىڭ چېقىلىش خەۋىرىنى ئاڭلاپ

قوشنامغا قارىدىم ئاخىرقى كۈنى،
قولىنى ئوينىتىپ قويدى ئۇ ئايال.
نېمە دەي، دېگەنگە نېمە كېلىدۇ؟
راستىنلا قالمىغان ئوخشايدۇ ئامال!

ئۆيۈمگە قارىدىم مۇھەببەت بىلەن،
قارىشىپ تۇراتتى ماڭا تورۇس، تام.
بىردىنلا يىغلىماق بولۇپ بىر ھازا
ئارقىدىن قاقاقلاپ كۈلدۈم مەن تازا...
ئون يىلدىن بېرى،
مەن تەرەپتىن كۆكلەپ تۇرغان تام
بولۇپ كەتسە بىر كۈندە ۋەيران
مەندىن باشقا كىم بولۇر ھەيران؟!
ھەيرانغا نېمە بەردى...ۋەيرانغا كەلدى
ئۈچ قەۋەت، بەش قەۋەت، ئون قەۋەتلىك تام!

خەير-خوش!
زېمىننىڭ يۈزىدە تۈك يوق، بولسا تۈك
ئاتاڭمۇ خەپ شۈك، ئاپاڭمۇ خەپ شۈك...
2002-يىلى 4-سنتەبر      كەلپىن

تاشنىڭ ئىچى

نۇرنىڭ ۋەجىدىن تۇرالماي پەقەت،
تاشنىڭ ئىچىگە ئىچىم ئاغرىيدۇ.
قۇياشقا ئەسلا يۈزلىنەلمىگەن
ئەبەدىيلىك قاراڭغۇلۇق ئۇ.

تاشنىڭ ئىچى تاشلاردۇر ھامان
تاشلار ئىچىدە يەنە، يەنە... تاش.
تاش ئىچىدىكى تاشلارنى ئويلاپ
كەلدى كۆزۈمگە ئىسسىققىنە ياش!
تاشلارنى يېرىپ تاشلىسام دەيمەن
يۈزلەنسە ئىچى قۇياشقا، ھەتتەڭ!
زوقلانسا نۇردىن تېشىدىكىدەك
بولۇرمۇ يەنە بىر نەرسىسى كەم؟!
ھالبۇكى، تاشنى يېرىپ بولمايدۇ،
يېرىلغان تاشنىڭ ئىچى يەنە تاش.
بەلكىم بەختتۇر تاشنىڭ ئىچىگە
قۇياشنى كۆرمەي زۇلمەتتە ياشاش...!
2002-يىلى6-ئۆكتەبر      كەلپىن

دەم

شاماللارنى كىرمىسۇن دەيمەن،
ئوغرىلارنى كىرمىسۇن دەيمەن؛
چۈنكى شامال ۋە ئوغرى
چاڭ سالىدۇ ھاياتىغا ئۇنىڭكى.

مەن ئىشىكنى تىرەپ تۇرۇپ چىڭ،
ھاياتنى ۋۇجۇدۇمغا قات-قات ئورايمەن.
بارچە خېيىم-خەتەر ئاقار ئىچىمگە
تېشىمغا ھېچقايسىسىنى چىقارغۇزمايمەن.
ئېلىشىمەن جان-جەھلىم بىلەن،
تەنھا قارشى تۇرۇپ رەقىبلىرىمگە.
ھامان چاپچىپ تۇرغان بولىمەن،
قاچانلا قارىساڭ مېنىڭ شەكلىمگە.
ئوخشايمەن جەڭدىكى غالىپ سەرۋازنىڭ
ئۆلسىمۇ ئالدىغا يىقىلغىنىغا.
ۋە ئاندىن بىر مېتىر يەرنى بولسىمۇ
قايتۇرۇپ ئەكەلگەن ۋەتەن قوينىغا.
2003-يىلى 23-نويابر    كەلپىن

ئىشىكنى ئاچقۇچى

كېچە سائەت ئون ئىككىدە
مەن خىيال ئىلكىدە.
تۇيۇقسىز جالاققىدە ئېچىلدى ئىشىك
يۈرىكىم ئىلە...
ئىشىككە قارىدىم كىرەر كىشى يوق،
ئىشىكىم يەنىلا ھاڭغىرقاي ئوچۇق.
ئىشىككە قارىدىم ھېچبىر تىۋىش يوق،
ئىشىك زەنجىرىدە بىر قارا قۇلۇپ...
ئىشىك ئاچقۇچىنى ھېچكىم دېمىدىم،
ئىشىكنى ئۆزى ئېچىلدى دېدىم.
نەقەدەر گۈزەل-ھە، بۇنداق ئېچىلىش؟
سۆز ئاچساق ئېچىلىش رىسالىسىدىن!
بىر ئۇلۇغۋار كۈچ
ئېھتىمال، ئۇلۇغ بىر ئېقىم
ھايات نىشانىسىنى ئەتكەنچە تەرك
بولۇپ قالغاندۇر ئىشىكنى ئاچقۇچى.
ئاھ، ئادەمسىز ئادەم
سەن ــ قۇتقازغۇچى!...
2003-يىلى 27-نويابر   كەلپىن

شىمالدىكى جەنۇب سۆيگۈسى

بۇ كوچا گوياكى ئادەم دېڭىزى،
بارىمەن مەن ئۇندا لەيلەپ بىناۋا.
بۇنچە كۆپ ئادەملەر ئىچىدە، لېكىن
ئەمەستۇر ھېچبىرى مەنچىلىك تەنھا!
ماڭغىنىم ماڭغاندۇر ئالدىمغا قاراپ
بىلمەيمەن، بارىمەن نەگە، نە ئۈچۈن؟
بىلمەيمەن، كىم ماڭا قولىنى تەڭلەپ
كۈلگەنچە كېلىدۇ ئالدىمغا بۈگۈن؟!
سۆيگەن يەر تولىمۇ قالدى يىراقتا،
تولىمۇ يىراقتا قالدى مۇھەببەت.
شۇندىمۇ، روھىمغا يار-يۆلەك بولۇپ
كەلمەكتە يار بەرگەن بىر پارچە سۈرەت.
بىلىمەن، بۈگۈن بەك سوغۇق بولىدۇ،
ياغماقتا قار ئەنە ئادەملەر ئارا.
بىلىمەن، ئەينەكتەك مۇزلار قاتىدۇ
پات ئۆتمەي، ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا...
بىلمەيمەن ئۆيىگە باشلايدۇ كىملەر؟
بىلمەيمەن بۇ يەردە نېمە قىلىشنى؟
بىلىمەن پەقەتلا تەبەسسۇم بىلەن
جەنۇبقا شادىمان جۆنەپ كېتىشنى!...
2003-يىلى 23-دېكابر  ئۈرۈمچى

چۆل بۇلاق

بىر كەسكىن كۈرەشكە تولدى بۇ ھايات،
يىقىلدى نى ئادەم بېرەلمەي بەرداش.
كىملەردۇر غالىبلىق تاجىنى كىيدى
كىمنىڭدۇر كۆزىدىن ئېقىتىپ قان-ياش.

ھالبۇكى، ئاسمانغا چىقمىدى ھېچكىم،
تۈگىدى بىر-بىرلەپ ھەممە –ھەممىسى.
قالغىنى پەقەتلا ئەسلىمىلەرنىڭ
بولدى ھىجرانلىق جاراھەتلىرى...

بۇ ھايات بىر قۇتا شاپتۇل سۈيىدەك
بىردەملىك چاڭقاشنى باساريۇ، لېكىن
ئاھ... سۈيى تۈگىگەن قۇرۇق قۇتىدەك
تاشلىنار توپا-چاڭ ئىچىگە بىردىن!

ھېچكىشى ھېچكىمگە كېلەلمەيدۇ يۈز،
ھېچكىمگە يۈز كېلىپ بولالماس ھايات.
سەۋەب شۇ: ئادەم ۋە ھاياتلىق ئارا
تۇرىدۇ بىر ئۆلۈم ئوغرىدەك قاراپ...!
2003-يىلى 24-دېكابر  ئۈرۈمچى

مېھىرلىك زوراۋانلىق

گەج سۇۋاقلىق ئاپئاق تېمىمدىن
بىر ئۆمۈچۈك چۈشتى يۈگۈرۈپ؛
ئىلاھىم! كەلمىگەيسەن قېشىمغا، دېدىم
بولغانتىم بىر شۇملۇقنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ.

گويا ماڭا ئاشىق كەبى ئۇ
كەلدى مېنى ئۇدۇللاپ شۇئان؛
ئۇنداق قىلماقچى ئەمەستىم ئەسلى،
پۈتۈم ئاستىدا بەردى بىردىن جان!
ساراڭلاردەك ۋارقىراپ كەتتىم:
ھەي، كەلمە دېمىدىممۇ، كەلمە دېمىدىممۇ؟  
ئەمما، بولغۇلۇق بولۇپ بولغانتى
ئۆمۈچۈك بولسىمۇ، يارىم بولسىمۇ...
2004-يىلى24-ئاپرېل          كەلپىن

ئايال دولقۇنلىرى

ئايال دولقۇنلىرى
ئايالنىڭ روھ بىلەن تەن دېڭىزىدا
مەۋج ئۇرۇپ بارماقتا پەسلەپ
ئاز قالغانچە قارشى قىرغاققا
ئايال ئۆز دولقۇنلىرى بىلەن
مەركىزىدە ئۆز روھى ھەم تەن دېڭىزىنىڭ
ئايال ئۆز روھى ھەم تەن دېڭىزىدا
كۈچلۈك چايقىشىغا تەسلىمدۇر ئۆز دولقۇنلىرىنىڭ
پەسلەپ تۇرغان دولقۇن چېتىدە
قىرغاق بولۇپ تۇرىدۇ بىر ئەر
چىقالمايدۇ ساھىلغا دولقۇن
قورشىۋالغاچ مەڭگۈلۈك چەمبەر
2004-يىلى 14-ماي     كەلپىن

تەنھا يولۇچى

بىر دەملىك دەم ئېلىش ياكى بىر كېچە
قايسىبىر ئۆتەڭدە تۈنەش ئۇنىڭغا
ئەڭ  ئېغىر چارچاشتۇر،چىقار ھاردۇقى
توختىماي ئۇ مېڭىپ بەرسە يولىغا...

ئاتا نەدە ئاڭا يۆلەك بولۇپ بەرگۈدەك؟
ئانا نەدە ئاڭا يۈرەك بولۇپ بەرگۈدەك؟
ئاتىسىز، يولدا ئۇ ئۆز-ئۆزى بىلەن
ئانىسىز يولدا ئۇ ئۆز كۆزى بىلەن
ئۆز كۆزى، ئۆز سۆزى يىمىرىلمەستۇر،
يوق ھېچنە، ئۆزى ۋە يولىدىن بۆلەك!

ماڭغانچە ماڭار ئۇ، ماڭار توختىماي،
چىقالماس مۇدھىشلىق غارىدىن پەقەت.
بەلكىم ئۇ ئەبەدتىن كەتكەندۇر ئۆتۈپ
شۇ غارنىڭ ئىچىدىن تېپىپ ھەقىقەت!...
2004-يىلى 8-ئىيۇن     كەلپىن

ۋېلىسىپىتلىق كىراكەش

مېنى سۆرەپ ماڭغان چېغىڭدا
يۈرىكىڭنىڭ قېنى كۆيمەكتە...
جان! دەپ توۋلايدۇ پىدالىڭ،
ئۇنى سەن ھەر قېتىم كۈچەپ تەپكەندە.
جېنىڭنى دەپ كۆيگەنسىرى ئازلايدۇ قېنىڭ،
ئەي قېرىنداش، چارچىشىڭنى شۇندىمۇ يەنە
تىرىشىسەن ماڭا ئەسلا بىلدۈرمەسلىككە...

بۇ ھاياتنى شۇ قەدەر سۆيۈپ
جىمجىت تۇرساڭ يولۇچى كۈتۈپ،
قانداق كېتەي يېنىڭدىن ئۆتۈپ؟!

تاكسىغا چۈشكىدەكقۇ پۇلۇم بار ئىدى،
چۈشكۈم كەلمەي قويدى سېنى دەپ.
چۈنكى، جان بېقىشىڭ كېرەك-تە سەنمۇ،
... قىينىۋەتتى مېنى مۇھەببەت!
شۇ تاپتا چۈشىۋالسام،
مۇھەببەتكە ــ
ئەڭ چوڭ يۈزسىزلىك قىلغان بولىمەن.
شۇڭا ئايلىنىپ ئىككى رەقىبكە
بىرلىكتە مەنزىلگە يېتەيلى جەزمەن.
2004-يىلى 12-ئىيۇن     ئاقسۇ

ئات ئۈمىدسىز، ئۆلۈمتۈكتۇر ئەر

ئالدىمدا بىر ياش ئەر كېتىپ بارىدۇ،
قەدەمنى بوش ئېلىپ، ئاۋايلاپ تاشلاپ.
تۇيۇقسىز...باستۇرۇپ ئۇنىڭ قەلبىدىن
چەكسىز بىر كىشنەشتە چىقىپ كەلدى ئات!

ئەر كېتىپ بارىدۇ،
يۈگەن تارتىپ ئات...
ئەر جىمجىت، ئاتتا ئاھ چەكسىز ھاياجان.
ئەر كېتىپ بارىدۇ تەنھا، پىيادە
ياندىكى ئاتقا ئاھ، كۆرۈنۈپ يالغان!
پاجىئە...ئاقىۋەت چىدىمىدى ئات،
بىر نومۇس قىپقىزىل قىلدى يۈزىنى.
چەكسىز بىر كىشنەشتە ئۆرە بولۇپ ئۇ
ئەركىن قويىۋەتتى ئاندىن ئۆزىنى.

ئالدىمدا بىر ياش ئەر كېتىپ بارىدۇ،
قۇپقۇرۇق قەلبىنى يۈدۈپ، مۆدىرەپ...
يىراقتا، كۆتۈرۈپ ئىككى قولىنى
قارا گىر...ھەسرەتتە تۇرىدۇ كىشنەپ!
2004-يىلى 11-ئاۋغۇست   كەلپىن

مەندىن نامراتقا

مەنچىلىك ياشىساڭ بولاتتى سەنمۇ،
يەپ باقساڭ بولاتتى مەن يىگەن ئاشنى.
گۇناھسىز ئادەمدەك، كەزگەندە كوچا
ماڭغىنىڭ ياخشىدى تىك تۇتۇپ باشنى.

بەزىدە ھەۋەستە قارىساڭ ماڭا،
توساتتىن كېتىدۇ كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ.
ھەم سەندىن ياخشىراق ياشىغىنىمغا
كېتىمەن ئۆزۈمچە بەك خىجىل بولۇپ.
بەزىدە مۇنداقمۇ ئويلاپ قالىمەن:
تىللامدىغاندۇ مېنى، خەپ گۇي!... دەپ.
خەپ دەيمەن دېيەلمەي قەلبىمدىكىنى
ئىچىمدە ئۈن-تىنسىز ساڭا قۇت تىلەپ...
2004-يىلى 21-دېكابر         كەلپىن

چىڭ يەرلەردە

ئوخشاتماق بولىسەن مېنى كىمگىدۇر،
ئوخشىماي قالىمەن ئۇنىڭغا بىراق.
سورىماق بولىسەن كىمنىدۇر مەندىن،
يېنىمغا كېلەلمەي، يىراقتىن قاراپ...

ئوخشاتقان كىمگىدۇر ئادىمىڭ، ئۇ مەن،
سورىغان كىمنىدۇر ئادىمىڭ، ئۇ مەن.
كەل مېنىڭ باغرىمغا، قارىغىن ماڭا
ئالدىڭدا تۇرىدۇ ئىزدىگەن ئادەم!

ئەجەپمۇ ئوخشاتتىڭ سەن مېنى ماڭا،
تاس قالدىم تۇيۇلغىلى ئۆزۈم ئەمەستەك...
سەن مېنى تەپتارتماي سورىساڭ مەندىن،
تاس قالدىم، قالغىلى كىم بولغىيدىم، دەپ...
2004-يىلى29-دېكابر      كەلپىن

ئوغلاق تارتىشىش

ــ ئوغلاق تارتىشىدىكەن يۈرۈڭلار،ــ دېدى
ئارىمىزدىن كىمدۇر بىرسى.
شۇ ھامان ئاتتەك ھاياجانلاندۇق
ۋە ئوغلاق تارتىشىش مەيدانىغا
بىردەمدىلا يېتىپ باردۇق.

نەچچە مىڭ ئادەم ھاياجان بىلەن
ئوغلاق تارتىشىشنى كۆرىۋېتىپتۇ.
كۆرىۋېتىپتىيۇ، روھىي ئالىمىدە
قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىشنى سۆيىۋېتىپتۇ.

چەۋەندازلار ئاتنىڭ ئۈستىدە
تۇرۇپتۇ بىر- بىرسىگە تاشلىنىپ.
قەدىمكى قۇچاقلاشما جەڭ
كېتىپتۇ بۈگۈن باشلىنىپ.

ئامبۇردەك قوللار، دېۋىنگەن ئاتلار،
يادەك بەللەر، چاچرىغان تاشلار،
يۇلقۇنۇشلار، يىقىلىشلار، يۇلۇپ ئېلىشلار
يەنە، يەنە نېمىدۇر ئىشلار؛ــ
لىق كەلگەن بۇ جەڭ مەيدانىدا،
كۆڭلىكى يىرتىلىپ، چېچى پاخپايغان
گۈزەلدىنمۇ گۈزەلرەك بىر قىز
تەرەپ-تەرەپتىن تالىنىلماقتا...

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە
قىيىن سوئال سوراپ مەلىكە،
جاۋابىنى تاپقان يىگىتكە
كۆڭۈل بەرگەندەك؛
تالىنىلغان چىرايلىق ئوغلاق
ئالغان- ئالغاندا ئېلىپ قاچقانغا
چىن كۆڭلىدىن قايىل بولۇپ بەك
بولار ئاخىرى لەززەتلىك تاماق!

غەلىبە كۆپ ھاللاردا بولار مۇشۇنداق:
يۈزتۇرانە سۆھبەتلەردىكى...
چېلىشىشتىكى...
كۆرۈنمەس ئىس- تۈتەكسىز جەڭلەردىكى...
2005-يىلى 3-يانۋار       كەلپىن

ھاياتقا يۈزلىنىش

بىر كۈنى ئۈزۈلگەن بىر گۈلنى كۆردۈم،
زەپىرەڭ چىراي ۋە مەھزۇن يۈرەكلىك.
كۆردۈم ھەم قىيسايغان بىر تامنى بىر كۈن    
ئاچىماق ياغاچتا مەھكەم تىيەكلىك.

بىر كۈنى ئورمانلار ئارا يولۇقتى،
ئۆزىنى ھەر يانغا تاشلىغان بىر قۇش.
ئاڭلاندى بىر كۈنى قۇلاق تۈۋىمدە
ئاھ ئۇرۇش، بەك ئېغىر، ئېغىر ئاھ ئۇرۇش...    
بىر كۈنى...
مەن ئاخىر چىدىيالمىدىم
تورۇكلاپ تۆكۈلدۈم ئۆزۈمدىن يەرگە.
ھەممىنى ئۆزۈمدە ئاخىرلاشتۇرۇپ
باشلىدىم ھەممىنى ئۆزۈمدە يەنە...
2005-يىلى19-فېۋرال        قەشقەر

شوپۇر قىز

ماڭا قاراپ – قاراپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىشكەن
بۇرۇتلۇق، بۇرۇتسىز شوپۇرلارغا بەرمىگەن،
ئۆتكەندە، پۇلۇم تۇرۇپمۇ تاكسىغا چىقماي
ۋېلىسىپىتىگە ئولتۇرغان ھېلىقى كىراكەشكە
بەرگەن پۇلنى،
توساتتىنلا ئويلاپ قالدىم سىزگە بىرىشنى...

تاكسىڭىزنى ھەيدەپ شەھەرنى ئارىلىسىڭىز
شەھەرگە ھۆسىن قوشۇلغاندەك
ئاجايىپ تۇيغۇلارغا چۆمىلىدىكەنمەن-دە،
يېنىڭىزدا بىردەم ئولتۇرۇپ
ئۇنى-بۇنى سورىغان بولۇپ
ئۆزۈمنى باشلىقتەك، سىزنى خاس كاتىپىمدەك
ھېس قىلىپ قالىدىكەنمەن، جېنىم شوپۇر قىز!

ئەر ھەيدەۋاتقان تاكسى كىراسى
مېنى خېلى تەرلىتەتتى.

شەھەرنى بىر ئايلاندۇرىڭا،
تايىنلىق... قانچە پۇل كېتەتتى...

ئىچىمدە شۇنداق ئويلاپ
سىز بىلەن تۇرىۋالسام ئۇزاقراق،
چوقۇم كۈلۈشكە باشلايسىز
خىزمەت ئورنۇمنى دەپ بېرىمەن
تېلىفۇن نومۇرىمىزنى يېزىشىۋالىمىز
كېيىنچە لازىم بولىشىمىز...

لېكىن،
شىرىن ىىياللار قالار شۇ پېتى.
كىرا پۇلىغا تۇشلۇق
تاپالمايمەن ئەتىسى سىزنى.
كوچىغا چىقسام ماشىنىڭز يوق
تېلىفۇن بەرسەم ئەرنىڭ ئاۋازى!...

شەھەر دېگەنگە بارماي دەيمەن،
ھەي شوپۇر قىز، شوپۇر قىز!
بارسام ئەتراپقا باقماي دەيمەن،
ھەي شوپۇر قىز، شوپۇر قىز.
باقسام، سۇ بولۇپ ئاقماي دەيمەن،
...  ...
2005-يىلى 9-مارت      ئاقسۇ

يەر تالىشىش

بىر غېرىچ يەر، بىرلا غېرىچ يەر
ئىككىمىزنى تالاشتۇرىدۇ...

ئىككى ۋەتەن بولۇپ ئىككى ئۆي،
تالىشىدۇ بىر غېرىچ يەرنى.
بىر غېرىچ يەر گۈزەل قىز بولۇپ
ئازابلايدۇ ئېھ، ئىككى ئەرنى!

مېھرى ئىسسىق ئاشۇ قىز ئۈچۈن
قان تۆكۈشتىن يانمايمەن پەقەت.
قان تۆكۈشكە تەيياردۇر ئۇمۇ،
قىزدەك گۈزەل ئاشۇ يەرنى دەپ...

بىر غېرىچ يەر ــ بىر گۈزەل قىزچاق
نىچۈن ماڭا بولمايدۇ تەۋە؟
ياكى ئۆتۈپ كەتمەيدۇ
ئۇ تەرەپكە نېمىچۈن يەنە؟
ئاسمانغا يا چىقىپ كەتمەيدۇ،
يا ئىزىدىن يىتىپ كەتمەيدۇ.
ئىككىمىزنى شادلاندۇرۇپ تەڭ
قاچانغىچە
بىرسىمىزدىن كېچىپ كەتمەيدۇ؟!

قوشنام بىلەن مەن
تالىشىمىز ئۇنى ئەسەبىي.
بىرسىمىزگە سەللا ئۆتسە ئۇ،
بىرسىمىز قەبىھ...

بىر غېرىچ يەر ــ بىر گۈزەل قىزچاق
ئارىمىزدا تەڭلىكتە قېلىپ
پايانىدا كۆتۈرەر پەرياد.
ئاھ، ئۇنى دەپ ئىككى قەيسەر ئەر
تۇيۇقسىزلا ياقا سىقىشىپ
دۈشمەنلىشەر ئۇزاقتىن – ئۇزاق.

يەر تالىشىش...
2005-يىلى8-ماي       كەلپىن

ھايات- مامات ئارىلىقى

ئۆلۈم ۋە كۆرۈم ئارىلىقى قىلدەك ئارىلىق،
سەن ھامان ياشايسەن قىلنىڭ ئۈستىدە.
قىلدەك ئارىلىقتا يۇشۇرۇن توپان،
قىلدەك ئارىلىقتا راسا تەنتەنە!
پىلدەك تۇيۇلغاندا قىلدەك ئارىلىق،
سەن جەزمەن شادىمان كۈنلەر ئىچىدە.
قىلدەك تۇيۇلغاندا پىلدەك ئارىلىق،
ھەسرىتا!... سەن ئەينى زۇلمەت كېچىدە...

ئاتتەك چاپچىغان بولساڭ بولماپتۇ،
كالىدەك ماڭماقمۇ خاتالىق ئەمەس.
قىلدەك ئارىلىقتا ساقلانساڭ گاھى ــ
پىلدەك ئارىلىقتا ساقلانمىقىڭ تەس...!
2005-يىلى15-ئىيۇن        كەلپىن

كۈيلەردىكى قىز

سەن ئىكەنسەن ئەسلى پەرىشتە،
ياشايدىغان پەقەت ئەرىشتە!...

سەن ماڭغاندا ئارقاڭدا قالغان
كۆرمەي قالدىڭ تاشنى، دەرەخنى،
ئىستولبىنى، سۇۋاقسىز تامنى،
پەلەمپەينى ھەمدە لەمپىنى؛
كۆرمەي قالدىڭ پورەكلەي دېگەن
ئاۋۇ گۈزەل تىكەن گۈلىنى،
ساڭا قاراپ تۇرغان ئادەمنىڭ
قولىدىكى يۈرەك كۈلىنى.
ئاڭلىماي قالدىڭ
سەن ئۇلارنىڭ ساڭىلا ئاتاپ
ئېيتىۋاتقان سۆيگۈ كۈيىنى...

سەن ھەققىدە سۆزلەشتى ئۇلار،
ئىختىيارسىز ئېزىپ بۇ دىلنى.
بۇ ئۆمرۈمدە باقمىغان ئاڭلاپ،
بۇنچە شىرىن...مىسلىسىز تىلنى!

سېنىڭ بارچە تەرىپلىرىڭنى
سۆزلىمىگەن ھېچكىم ئۇلاردەك.
جىمجىت ئولتۇرۇپ
ئاڭلىدىم ئۇنى
ئۆزۈمچە بىر قۇدرەتكە تولۇپ.

سەن ئىكەنسەن ئەسلى پەرىشتە،
ياشايدىغان پەقەت ئەرىشتە!...
2005-يىلى18-ئۆكتەبر     كەلپىن

ئەخلاق ۋە ھەرىكەت

ئىشىكى ئالدىدا تۇرغان ئۇ ئايال
يىراقتىن كېلىۋاتقان بىر ئەرنى كۆرۈپ،
ئاستاغىنە كىرىپ كەتتى ئۆيىگە
ئەخلاق ئىچىگە لىقمۇ-لىق چۆمۈپ.
گۈزەللىكنىڭ جەددى-جەمەتى
توساتتىن قەلبىمدە كۆتۈردى ئىسيان.
ئايال كىرىپ كەتتى،
قالدى كوچىدا
ھەقىقىي گۈزەللىك،
ئايال قالدۇرغان.

نەقەدەر گۈزەل –ھە، بۇنداق ھەرىكەت
تۆۋەن قىلىپ بېشىنى
ئۆيىگە ئاستاغىنە كىرىپ كېتىشتەك؟!...

بىر يات ئەر كىشى كەلسۇن يىراقتىن،
ئىشىكى ئالدىدا تۇرسۇن بىر ئايال؛
ئەر كىشى يېتىپ كەلمەستە چوقۇم
كىرىپ كەتسۇن ئۆيىگە دەرھال.

بۇ ھېچ بولمىغاندا
ياخشىدۇر بېزىرىپ قاراپ تۇرغاندىن،
چىرايلىق يۈزىنى يەرگە ئۇرغاندىن.

گۈزەللىكنى ئاياللار
كۆپ ئىشلاردا ئايانلار...
2005-يىلى 6-سىنتەبر    كەلپىن

قىيان

تۈز ۋە تەكشى يەرلەر نىشانىم ئەمەس،
ئاھ، شۇنچە نومۇستۇر ئۇ يەرنى ئېلىش.
ئويلايمەن ھەر ۋاقىت دۆڭنى ئالسام سەپ،
شەرەپتۇر، دۆڭ يەرگە قىلىنغان تېگىش!

يوپۇرۇلۇپ كەلگەنچە پۈتمەس قەھرىمدە،
كۈلكىلىك ئەمەسمۇ، پەس يەرنى ئالسام؟
ئوخشاپ قالمامدىمەن ساختا سانغۇنغا
كۈچلۈكنى جىم قويۇپ،ئاجىزنى باسقان...
تۈز ۋە تەكشى يەرنى ئېلىشىم ئوڭاي،
ۋە لېكىن بۇ ئۆمرۈم مەنىسىز كېتەر.
ھاياتنىڭ مەنىسى ئەگرى-توقايدا...
دېمەك، دەل دۆڭ يەرلەر ئەڭ مەنىلىك يەر.
دۆڭ يەرنى ئېلىشتۇر مېنىڭ پەلسەپەم،
دۆڭ يەرنى ئالساملا قالغانلىرى يۇڭ.
سۈزۈك سۇ ئەمەسمەن چۈلىكى قاتتىق،
لۈكچەكمەن،
دۆڭ يەرگە باشلىغان ھۇجۇم!...
2005-يىلى12-ئۆكتەبر     كەلپىن

غۇچچىدە شاخلىغان دەرەختۇر قىزلار

قارىساڭ قىزلارغا زەن سېلىپ تازا،
غۇچچىدە شاخلىغان دەرەختۇر قىزلار...

تەرەپ-تەرەپكە يېيىلغان شاخلار
قىزلارنىڭ سۇمبۇلە چېچىدىن باشلاپ
بېلىگىچە تا
چىقىرىپ نوتا،
كۆككە قاراپ ئالتۇن بوي تاشلاپ
ئادەم ۋە دەرەخ بىرىكىپ كەتكەن
بىر گۈزەل كۆرۈنۈشنى قىلىدۇ پەيدا!...

ئۇنى شۇ چاغدا،
نېمىدەپ ئاتاشنى قالىسەن بىلمەي
قىز دېسەڭ قىز ئەمەس، دەرەخ دېسەڭ يا.

چۆكۈپ باقساق روھىغا تازا
ئېھتىمال،«ئىلاھىي دەرەخ» تۇر قىزلار؛
يېرىم ئادەم، يېرىم ئىلاھلىق،
مېۋىلەردەك تەملىك ۋە ئەتلىك!
گۈل-چېچەكتەك خۇشبۇي پۇراقلىق!!

غۇچچىدە شاخلىغان ئۆزىنى قىزلار ــ
كۆتۈرۈپ يۈرمەكتە يۇمران تېنىدە.
شىۋىرلاپ تۇرىشار يۇپۇرماقلىرى
مەيىن بىر شامالدا، سۆيگۈ ھەققىدە...
2005-يىلى23-ئۆكتەبر    كەلپىن

تىرناق

تىرناق ئۆز ئاستىغا يۇشۇرۇپ دۇنيا كىرىنى
بارماقلار ئۇچىدا ئېچىلغاندا پورەكلەپ؛
بۇ مەينەت گۈزەللىكتىن سەسكىنىپ ئادەم
ئېلىپ تاشلايدۇ ئۇنى بىر-بىرلەپ.
شۇندىمۇ، ئۇ يەنە ئۆسىۋالىدۇ
ئادەملەرگە بولغاچقا ئامراق.
ئۆسۈش ۋە ئېلىپ تاشلاش ئارىلىقىدا
ئۆتىدۇ ئاز بولسىمۇ مەنىلىك ياشاپ...
ئۆسىدۇ ئۇ، ئالىدۇ ئادەم
ھېچقايسىسى يانماس يولىدىن.
ئۆزىگە ئامراق نەرسىنى ئادەم
پات- پاتلا چىقىرىپ قويار قولىدىن.

تىرناق ئادەمگە ئامراقتۇر، ئامراق،
بىلسىمۇ ئۆزىنىڭ شور تەقدىرىنى.
بىزگە بولغان ساپ سۆيگۈسى شۇدۇر، ئېھتىمال ــ
ئېلىنسىمۇ يەنە قايتا ئۆسۈپ تۇرغىنى!...
2006-يىلى 7-سىنتەبر     كەلپىن


يۈكسەك تەلپۈنۈش

1
«تەلپۈنۈش» دېگەن بۇ سۆزنىڭ ئۇ چېتىگە بارالمىدىم
جىمى گۈزەللكىنىڭ ھەممىسى يىغىلغان ئۇشبۇ سۆز ئىچىدە
سەنەم سەلتەنەتىنى سۈرىۋاتقان غۇنچە بوي كىشىم
ماڭا قاراپ تۇراتتى
خېنە گۈللۈك قولىنى پۇلاڭلاتقانچە

2
پەلەك گەردىشىدىن ئۆزۈمنى تىڭشاپ
ئەجىبا كۈلپەت چۆلىدە ئاھ ئۇرمىقىم ۋاجىپمىدۇ
ئەجىبا سۆيگۈ خانىدانلىقىنىڭ سىم-سىم يامغۇرى
يۈرىكىمگە لەيلەپ چۈشكەن گۈلدەك قارمىدۇ
ئۆزۈمدىن قايتىپ كېلىۋېتىپ
ساڭا كىرىپ قالدىم ئەي ناتىۋان كىشىم
كۆردۈمكى
قاقاس تاغلىرىڭ بىلەن ئەي بولۇشتىن يىراق بولغان غېرىپ باغلىرىڭ
كۆكلەپتۇ قەلبىمدە ئەي ناتىۋان كىشىم

3
چەكسىز تەلپۈنۈش ئىچىدە ئاھ ئۇرىۋىدىم
ئېقىنلار ئېقىشتىن توختىدى
چېقىنلار ئۇي بولۇپ قاتتى
تاغلار بېشىنى كۆتۈردى
باغلار تەن تاشلاپ ياتتى
دۇنيا يېڭى ئىراغا كىرىپ كېلىشتى
تۈن قوينىدىكى غالجىر بۆرىدەك
چەكسىز تەلپۈنۈش ئىچىدە چەكسىز ھۇۋلىۋىدىم

4
سۆيگۈ خانىدانلىقىنىڭ يىراق كۆكىدىن
لەيلەپ چۈشىۋاتقان گۈلدەك قار
روھىي يارامنىڭ تىرەن تەكتىدىن
لەيلەپ چىقىۋاتقان گۈلدەك قار

5
ئۆز مەقەمىمدا ئۇزاق ئولتۇرۇپ
بىر قەدەھ مەي ئىچتىم تولدۇرۇپ تۇرۇپ
سەپەردىدۇرمەن ئەي اللا!
سەپەردىدۇرمەن
ئاشىقلىق سەپىرىدە
2007-يىلى 11-ئىيۇل      كورلا

ئېرىۋاتقان ئەڭ ئاخىرقى بىر دۆۋە قار

پىس... پىس...
ئاڭلانماقتا ئاۋازى
ئېرىۋاتقان ئەڭ ئاخىرقى بىر دۆۋە قارنىڭ!

ھەسرەت ئارا
ئوتلۇق نەپەسلىرىگە جۆر بولۇپ يارنىڭ؛
زوڭزۇيۇپ ئولتۇردۇم قارنىڭ ئالدىدا
ئېرىۋاتقان ئەڭ ئاخىرقى بىر دۆۋە قارنىڭ!

بولار، شۇنچىلىك بولار بالايى-ئاپەت،
بولار، شۇنچىلىك بولار قايىم-قىيامەت.
جان بەرمەكتە نۇر ئىچىدە قار
ھەسرەپ، نىھايەت...!

ئېسىمگە كەلسەم
مىشىلداپ ئولتۇرۇپتۇ يېنىمدىكى يار
بولۇپ، ئېرىۋاتقان ئەڭ ئاخىرقى قار!...

ئېرىۋاتقان ئەڭ ئاخىرقى بىر دۆۋە قار
ئۈمىد قىلار ئىدى بەلكىم مۇميالىنىشنى...
موزىيخانىدا ساقلىنىشنى...
2012-يىلى 2-فېۋرال     كەلپىن

ئاياللارنىڭ ئاياق ئاۋازى

نەقەدەر لەرزان-ھە، نەقەدەر لېۋەن،
نەقەدەر يېقىملىق، نەقەدەر جەزبىي.
مىسلىسىز مەناغا نېمە دېگەن باي،
نېمانچە ئەۋرىشىم، نېمانچە سەرۋى؟!

تاك، تاك، تاك  مېڭىپ،
يىراق-يېقىندا كېتىۋاتقان ھەر بىر ئايالنى
كەتمىسە بولاتتى دەپ قالدىم ئېزىپ.

اللا ئۇلارنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي!
گۈزەللىكنى ئالەمگە چاچقۇچى بۇ ئەزىزلەرگە
خام-خىيالدا بولغۇچىلارنىڭ خىياللىرى خىيال بولغاي...

ھوي بۇرادەرلەر،
ئۇلارنىڭ رۇخسارى رۇخسارلىقىدا توختاپ قالماستىن
ئاياق ئاۋازىنىمۇ قوشۇپ ئايغا ئۇلىشىپتۇ ئەمەسمۇ؟!

ئۆيۈمدە تۇرۇپ
تالادا كېتىۋاتقان ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلاپ قالدىم.
يەنە شۇ، ئايال...

ئاسماندىكى ئۇ ئاي چوقۇم يەرگە چۈشۈپ،
دېرىزەمنىڭ يېنىدىنلا ئۆتتى بولغاي
ئارقىسىدىن بىر دالا گۈل ئەگەشتۈرۈپ!...
2012-يىلى 3-فېۋرال     كەلپىن

كەلپىن توپىسى

بېشىمدىكى بادام دوپپىدەك
چىرايلىقسەن، كىچىكسەن، ئايسەن...

قانچە قېتىم چىقتىم ئۆزۈمدىن
چىقالمىدىم سېنىڭدىن بىراق.
مېنى خوشال قىيناپ كەلمەكتە
ساڭا بولغان ئىشتىياق-پىراق.

مەن بىلىمەن،
بىر سىقىم توپاڭ
مىڭ توننىدىن كېلىدۇ ئۇشۇق.
چېپىتىڭغا توپاڭنى ئوراپ
تىمسال قىلىپ ئوغلاق گۆشىگە
يىسەم ئەگەر چامغۇرنى توغراپ
خۇشاللىقتا كېتىمەن ئۇچۇپ...

يىلتىزىڭدا يىلتىزىم مېنىڭ
قانلىرىڭدا قانلىرىم، ھەيھات!
ئەگەر ئات دەپ ئاتالغان بولسام
باغرىڭ ئارا قاناتلانغان ئات!...

دەيمۇ
ئەقىدەڭنى، پاكىز قەلبىڭنى
تاشتەك سۇلماس جاسارىتىڭنى،
ئۇيۇشچانلىق، چىۋەرلىكىڭنى؟

دەيمۇ
ئىلىم سۆيەر پاراسىتىڭنى
رىۋايىتىڭنى...؟!

دەيمۇ
يەنە، يەنە، نېمىلەرنىدۇ؟...

ۋەتەنپەرۋەر كەلگەن ئادەملەر
كۆكلەر ئېغىر توپىلىق جايدا.
مەن سېنىڭدە كۆكلىدىم كەلپىن،
توپاڭ سېنىڭ قۇياشتا، ئايدا...

توپاڭ سېنىڭ قۇياشتا، ئايدا
بەكمۇ ئېغىر، ئېغىر توپا ئۇ...

ئېغىرلىقى تەڭدۇر ئاتامغا،
ئېغىرلىقى تەڭدۇر ئانامغا.
ئېغىرلىقى تەڭدۇر بالامغا
كىندىكلەردىن تۆكۈلگەن قانغا!...
2012-يىلى 26-نويابىر، كەلپىن


تۆتتاش 2014-05-24 00:54
مەرھابا دوستۇم، تەۋفېق مائارىپ مۇنازىرە مۇنبىرىگە كىرگىنىڭىزنى قارشى ئالىمەن.

راست گەپنى قىلسام  مەن سىزنىڭ قەلەم قۇۋىتىڭىزگە مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان چاغلىرىمدىلا قايىل ئىدىم. قەدىمى يۇرت خوتەننىڭ توپىسىغا مىلىنىپ  ئەقىل تېپىپ  ئوچۇرما بۇلۇپ قالغىنىمىزغا مانا كۆپ يىللار بولدى. بۇ جەرياندا سىز بىلەن تېلفۇندا ئالاقىلشىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالدۇق. دىدار مۇلاقەتتە بۇلۇشىمزغا پۇرسەت بولمىدى.
خەير كىيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ئوتۇق تىلەيمەن.
مەكتەپدىشىم، راستىنلا خۇش بۇلۇپ كەتتىم. ئەمدى داۋاملىق كىرىپ تۇرغايسىز.

ئەكبەرنىياز 2014-05-24 15:18
باشقۇرىمەن ھەممىنى دېسەڭ
سەن ھەممىدىن تۆۋەن تۇر جەزمەن...

...

تاشنىڭ ئىچى تاشلاردۇر ھامان
تاشلار ئىچىدە يەنە، يەنە... تاش.
تاش ئىچىدىكى تاشلارنى ئويلاپ
كەلدى كۆزۈمگە ئىسسىققىنە ياش!

...

كۆزۈڭنىڭ ئىچىدە قالدىم قاپسىلىپ،
كۆزۈڭنى يۇمۇقلۇق دېسەم بۇ يالغان.
يۇمۇقسىز كۆزۈڭدىن چىقىپ كېتەي دەپ
بىر تەلۋە ئاشىقمەن ئىچىگە ماڭغان!...

...

ھېچكىشى ھېچكىمگە كېلەلمەيدۇ يۈز،
ھېچكىمگە يۈز كېلىپ بولالماس ھايات.
سەۋەب شۇ: ئادەم ۋە ھاياتلىق ئارا
تۇرىدۇ بىر ئۆلۈم ئوغرىدەك قاراپ...!

...

نېمىدىگەن پاساھەت ، نېمىدىگەن ھېكمەت !!! ئۇزۇن بوپتىكەن بۇنداق ئېسىل لېرىكىلاردىن قېنىپ-قېنىپ ھوزۇرلانمىغىلى ، ياشاپ كېتىڭ بۇرادەر !!!

گۈلنىھال 2014-05-24 15:20
‏‏شىئېرلىرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ ، قەدەم مەرھابا !!!

ئوتقاشئەرقۇتى 2014-05-24 16:09
يەنەبىر قەلەم ئىگىسىنىڭ مۇنبىرىمىز سىپىگە قۇشۇلغانلىقىدىن دىلىم بەكمۇ سۈيۈندى !شئېرلار بىر بىردىن ياخشى چىقىپتۇ!قەلىمىڭىزگە قۇۋۋەت ،ئەجرىڭىزگە شۆھرەت يار بولغاي !

ئۇيغۇر 2014-05-24 21:57
مەن سىزنىڭ مۇنبىرىمىزگە كىرگەنلىكىڭىزنى چىن دىلىمدىن قارىشى ئالىمەن. بۇنڭدىن كىيىن مۇنبىرىمىز تحىمۇ جانلانعۇسى.

ماھى 2014-05-24 23:08
مۇنبىرىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم. سىزنى مۇنبىرىمىزدىكى ھەممەيلەن قىزغىن قارشى ئالىمىز، كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!

ماھى 2014-05-24 23:09
دائىم مۇشۇنداق ئېسىل ئەسەرلىرىڭىز بىلەن مۇنبەرئەھلىنى ھوزۇرلاندۇرۇپ ۋە يىتەكلەپ تۇرغايسىز.

tawpek 2014-05-30 18:16
ھەقىقەتەن ھەيرانلىق ئىلكىدە ھزۇرلاغۇدەك بىر تېما بوپتۇ بۇ.

سان سۈپەت تولوق ئەكىس ئەتكەن.

قەدەملىرىڭىز ئىزچىللىققا يار بولغاي.

ئارزۇيۇم 2014-05-30 18:22
شئېرلىرىڭىزدىن بەكمۇ ھوزۇرلاندىم.

ئايوپ 2014-06-02 10:05
2012-يىلى كەلپىندە كۆرۈشكەندە بىر قىسىم شىئېرلىرىڭىزنى مۇشائىرە قىلىپ بەرگەن ئىدىڭىز.بۈگۈن يەنە سىز بىلەن كۆرۈشۈپ كەلپىندە يۈرگەن كۈنلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم،مەكتەپدىشىم،كەسپدىشىم كولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!

ئايوپ 2014-06-02 10:05
2012-يىلى كەلپىندە كۆرۈشكەندە بىر قىسىم شىئېرلىرىڭىزنى مۇشائىرە قىلىپ بەرگەن ئىدىڭىز.بۈگۈن يەنە سىز بىلەن كۆرۈشۈپ كەلپىندە يۈرگەن كۈنلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم،مەكتەپدىشىم،كەسپدىشىم كولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!

ئايوپ 2014-06-02 10:05
2012-يىلى كەلپىندە كۆرۈشكەندە بىر قىسىم شىئېرلىرىڭىزنى مۇشائىرە قىلىپ بەرگەن ئىدىڭىز.بۈگۈن يەنە سىز بىلەن كۆرۈشۈپ كەلپىندە يۈرگەن كۈنلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم،مەكتەپدىشىم،كەسپدىشىم كولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!

ئايوپ 2014-06-02 10:06
2012-يىلى كەلپىندە كۆرۈشكەندە بىر قىسىم شىئېرلىرىڭىزنى مۇشائىرە قىلىپ بەرگەن ئىدىڭىز.بۈگۈن يەنە سىز بىلەن كۆرۈشۈپ كەلپىندە يۈرگەن كۈنلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم،مەكتەپدىشىم،كەسپدىشىم كولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!

ئايوپ 2014-06-02 10:08
2012-يىلى كەلپىندە كۆرۈشكەندە بىر قىسىم شىئېرلىرىڭىزنى مۇشائىرە قىلىپ بەرگەن ئىدىڭىز.بۈگۈن يەنە سىز بىلەن كۆرۈشۈپ كەلپىندە يۈرگەن كۈنلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم،مەكتەپدىشىم،كەسپدىشىم كولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!

ئايوپ 2014-06-02 10:20
2012-يىلى كەلپىندە كۆرۈشكەندە بىر قىسىم شىئېرلىرىڭىزنى مۇشائىرە قىلىپ بەرگەن ئىدىڭىز.بۈگۈن يەنە سىز بىلەن كۆرۈشۈپ كەلپىندە يۈرگەن كۈنلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم،مەكتەپدىشىم،كەسپدىشىم كولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!

ئايوپ 2014-06-02 10:21
2012-يىلى كەلپىندە كۆرۈشكەندە بىر قىسىم شىئېرلىرىڭىزنى مۇشائىرە قىلىپ بەرگەن ئىدىڭىز.بۈگۈن يەنە سىز بىلەن كۆرۈشۈپ كەلپىندە يۈرگەن كۈنلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم،مەكتەپدىشىم،كەسپدىشىم كولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!

ئايوپ 2014-06-02 16:43
2012-يىلى كەلپىندە كۆرششكەندە بىر قىسىم شىئررلىرىڭىزنى مۇشائىرە قىلىپ بەرگەن ئىدىڭىز،يەنە نۇرغۇن ياخشى شىئېرلارنى يېزىپسىز.مەكتەپدىشىم،كەسپدىشىم،كولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.

ئايوپ 2014-06-02 16:44
2012-يىلى كەلپىندە كۆرششكەندە بىر قىسىم شىئررلىرىڭىزنى مۇشائىرە قىلىپ بەرگەن ئىدىڭىز،يەنە نۇرغۇن ياخشى شىئېرلارنى يېزىپسىز.مەكتەپدىشىم،كەسپدىشىم،كولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.

ئىنسانىي 2014-06-05 18:09
دوستلارنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىگەنلىكىگە كۆپ رەھمەتلەر ئېيتىمەن.

تۆتتاش 2014-06-07 16:12
ئايوپ:2012-يىلى كەلپىندە كۆرششكەندە بىر قىسىم شىئررلىرىڭىزنى مۇشائىرە قىلىپ بەرگەن ئىدىڭىز،يەنە نۇرغۇن ياخشى شىئېرلارنى يېزىپسىز.مەكتەپدىشىم،كەسپ .. (2014-06-02 16:44) 

ئىنكاسنىڭ يۈزىنى تۈكۈپ نىمە قىلىۋاتىسىز  قېرىندىشىم.  تەكرارمۇ  ئىنكاس يوللامدۇ كىشى.

ئايوپ 2014-06-16 09:37
يازغان ئىنكاس ئېكراندا كۆرۈنمەي،مۇشۇنداق كۆپ يوللىنىپ كېتىپتۇ،كەچۈرۈڭ.


查看完整版本: [-- ئەخەت كەلپىن ئىنسانىي:  بىر بۆلەك شېئىرلىرىم --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled