查看完整版本: [-- تەببەسۈم --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز 9- يىللىق تىل-ئەدەبيات تەييارلىقلىرى -> تەببەسۈم [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

نۇرلالە 2014-05-22 12:32

تەببەسۈم

6.تەبەسسۇم
( نەسىر )
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممىتىمىن
(1933-1995)
ئوقۇتۇش نىشانى    بىلىم ۋە ئىقتىدار    1. تەبەسسۇمنىڭ كىشلىك مۇناسىۋەتتىكى مەنىسىنى بىلىۋېلىش.
2.ئاپتۇرنىڭ تەبەسسۇمنىڭ قىممىتىنى ئىپادىلەشتىكى چىن ھىسسىياتىنى چۈشەندۈرۈش
3.تەبەسسۇم ھەققىدىكى ئوخشۇتۇشلار ئارقىلىق كىشلىك تۇرمۇش ھەققىدىكى پەلسەپىۋى پىكىرنى ھىس قىلىش.
    ئۇسۇل ۋە جەريان    مۇھاكىمىلىق ئوقۇش ، تەھلىل قىلىش ئاساسىدا تەبەسسۇمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلدۇرۇش ھەم پەلسەپىۋى جۈملىلەرنى ھەزىم قىلالايدىغان تەپەككۇر قۇۋۋىتىنى شەكىللەندۈرۈش
    ھىسىيات، پۇزىتسىيە، قىممەت قاراش    ئىلمىي ، چىن تەبەسسۇم ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈپ،كىشلىك تۇرمۇشنىڭ قىممىتىنى
ھىس قىلدۇرۇش
مۇھىم نوقتا    1. تەبەسسۇمنىڭ قىممىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلىش .
2. پەلسەپىۋى جۈملىلەرنى ھەزىم قىلالايدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈش .
قىيىن نوقتا    پەلسەپىۋى جۈملىلەرنى يېشىپ چۈشۈنەلەيدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈش
ئوقۇتۇش تىپى ۋە ئوقۇتۇش سائىتى : بۇ يېڭى دەرس بولۇپ،  بىر سائەت ئۆتىلىدۇ.
ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى
ۋە دەرسخانا بايلىقى    دەرسلىك كىتاب،،دوسكا،ئوقۇتۇش قوللانمىسى ،كۆپ ۋاستىلىق مەنبە،دەرسلىك دېتالى،
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى    مۇھاكىملىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ، ئىلمىي تەپەككۇرغا يېتەكلەش ئۇسۇلى ، سۆھبەت ئۇسۇلى
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋەجەريانى    Ⅰ.يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش:
سىزنى دوستىڭىز تاماققا تەكلىپ قىلدى ، گەرچە دوستىڭىزنىڭ داستىخىنى مول نىممەتلەرگە تولغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ ئىللىق چىرايىنى كۆرەلمىدىڭىز .
دوستىڭىز يەنە بىر كۈنى سىزنى مېھمانغا چاقىردى ، ئەمما بۇ قېتىم دوستىڭىزنىڭ داستىخىنى مول ئەمەس ، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ خۇشخۇي مۇئامىلىسى ، سىز بىلەن بولغان ئازادە ھەمسۆھبىتى سىزنى ئالەمچە خوشال قىلدى .
سىز يۇقارقى پىكىرلەر ئۈستىدە ئەستايىدىل مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ بىرەر ماقال – تەمسىل ياكى ھېكمەتلىك سۆزگە يىغىنچاقلاپ باقامسىز ؟
1. بۇغداي نېنىڭ بولمىسا ، بۇغداي سۆزۈڭ يوقمىدى .
2. بولمىساڭ ئىللىق چىراي ، ئاچمىغىن دۇككان ساراي .
يۇقارقى مىسالغا يىغىنچاقلانغان ئىككى ماقال – تەمسىلنى تەھلىل قىلىشقا يېتەكلەش ئاساسىدا يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ .
دەرس ماۋزۇسى يېزىلىپ ، ئاپتۇر توغرىسدا ئاددىي چۈشەنچە بېرىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەمكارلىق ئاساسىدا تېكىست ئوقۇپ چىقىلىدۇ .
ئوقۇشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق :
1. چۈشەنمىگەن جۈملىلەرنىڭ ۋە سۆزلەرنىڭ ئاستىغا سىزىپ چىقىڭ
2. پەلسەپىۋى جۈملە دەپ قارىغانلىرىڭىزنىڭ ئاستىغا سىزىپ چىقىڭ
3. ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرگە بولۇپمۇ ئوخشىتىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ .
تېكىست ئوقۇشتىن كېيىنكى يېتەكلەش :
1. ئاپتۇر تېكىستتە تەبەسسۇمنى نېمىلەرگە ئوخشاتقان ؟ سىزچە ئاپتۇر ئاشۇنداق ئوخشىتىشتا ئىككى شەيئى ئوتتۇرىسىدىكى قانداق ئوخشاشلىقلارنى نەزەرگە تۇتقان ؟
( مەلۇم نوقتىدىن ئالغاندا بۇ تېكىسنىڭ قىيىن ھەم مۇھىم نوقتىسى بولۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەتىراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈشكە يېتەكلىنىدۇ . سەۋرىچان بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ . )
2. سىزچە تەبەسسۇمنىڭ ھەقىقىي مەنىسى نېمە ؟
( تەبەسسۇم يۈكسەك كۈچ – قۇدىرەتكە تولغان تەبىئى ، ساپ ئىنسانىي سەزگۈ ، ئىنسانىي مېھىر – مۇھاببت ھەم قەلب گۈزەللىكى )
3. سىزچە تۇرمۇشتا تەبەسسۇم قانداق كۈچ – قۇدىرەتكە ئىگە ؟ تۇرمۇش ئەمەلىيتىدىن مىسال ئېلىپ چۈشەندۈرۈڭ
4. تۇرمۇشتا سىز ياقتۇرمايدىغان « تەبەسسۇم » مۇ بارمۇ ؟ نېمە ئۈچۈن سىز ياقتۇرمايسىز ؟ بۇنىڭدىن تەبەسسۇم چۇقۇم قانداق بولۇش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىڭىز ؟
( مۇشۇ نوقتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ، ساغلام تەبەسسۇم ھەم ساغلام بولمىغان تەبەسسۇم توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈلىدۇ . ئوقۇغۇچىلار قەلبىدە ھەقىقىي كۈچ – قۇدىرەتكە ئىگە بولغان تەبەسسۇمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى تىكلىنىدۇ . )
مۇھاكىمە :
تەبەسسۇمسىز مۇھىت كېسەلچان مۇھىت » دېگننى تۇرمۇش ئەمەلىيتىگە باغلاپ چۇشەندۈرۈڭ .

ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە جەريانى    
( تەبەسسۇم يۈكسەك كۈچ – قۇدرەتكە تولغان تەبىئى ، ساپ ئىنسانىي سەزگۈ ، ئىنسانىي مېھىر – مۇھاببەت ھەم قەلب گۈزەللىكى )
3. سىزچە تۇرمۇشتا تەبەسسۇم قانداق كۈچ – قۇدىرەتكە ئىگە ؟ تۇرمۇش ئەمەلىيتىدىن مىسال ئېلىپ چۈشەندۈرۈڭ
4. تۇرمۇشتا سىز ياقتۇرمايدىغان « تەبەسسۇم » مۇ بارمۇ ؟ نېمە ئۈچۈن سىز ياقتۇرمايسىز ؟ بۇنىڭدىن تەبەسسۇم چۇقۇم قانداق بولۇش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىڭىز ؟
( مۇشۇ نوقتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ، ساغلام تەبەسسۇم ھەم ساغلام بولمىغان تەبەسسۇم توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈلىدۇ . ئوقۇغۇچىلار قەلبىدە ھەقىقىي كۈچ – قۇدىرەتكە ئىگە بولغان تەبەسسۇمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى تىكلىنىدۇ . )
مۇھاكىمە :》 تەبەسسۇمسىز مۇھىت كېسەلچان مۇھىت » دېگننى تۇرمۇش ئەمەلىيتىگە باغلاپ چۇشەندۈرۈڭ .
تاپشۇرۇق :     ئۆز يۇرتىڭىزدىكى خەلققە بولغان مىھرى-مۇھەببىتىڭىزنى ئىپادىلەپ بىر پارچە لىرىك نەسىر  يېزىپ كېلىڭ؟

نەزەر 2014-05-22 15:50
مەمنۇنمەن

بابۇر0725 2014-05-23 12:33
بەكمۇ ياخشى تەييارلىنىپتۇ.ھارمىغايسىز


查看完整版本: [-- تەببەسۈم --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled