查看完整版本: [-- 2014-يىللىق تولوق ئوتتورا ئوقوتقۇچى قۇبۇل قىلىش نىزامى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> خەۋەر ۋە ئۇچۇر -> 2014-يىللىق تولوق ئوتتورا ئوقوتقۇچى قۇبۇل قىلىش نىزامى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئەرك 2014-05-21 14:38

2014-يىللىق تولوق ئوتتورا ئوقوتقۇچى قۇبۇل قىلىش نىزامى

-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى جەمئىيەتكە _K>m9Q2  
يۈزلىنىپ ئاشكارا تەكلىپ قىلىش نىزامى \^cn}db)  
/'(P{O>{j  
ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ  ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، «ئاپتونوم رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تۈرلۈك مەكتەپلەر، داۋالاش ئاپاراتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى تارماقلىرى ئۈچۈن ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ھەمدە يېزا، بازار (مەيدان)لارغا ئەۋەتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكىرى» (ش پ گ [2006] 36-نومۇرلۇق)، «ئاپتونوم رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تۈرلۈك مەكتەپلەر، داۋالاش ئاپاراتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكا تارماقلىرى ئۈچۈن ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ھەمدە يېزا، بازار (مەيدان)لارغا ئەۋەتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تولۇقلاش پىكىرى» (ش پ گ [2008] 14-نومۇرلۇق)، «ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇش پىكىرىنى تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (ش ھ ئى ت [2010] 108-نومۇرلۇق) ۋە «ئاپتونوم رايوننىڭ كەسپىي ئورۇنلار خىزمەتچى خادىملىرىنى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا تەكلىپ قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۈش» (ش ئا ج ت [2013] 141-نومۇرلۇق)دىكى ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىختىساسلىقلار خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى باشلامچىلىقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى 2014-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ. ceCshxTU  
بىرىنچى، تەكلىپ قىلىش پىرىنسىپى Su7?-vY  
«ئاشكارا بولۇش، ئادىل بولۇش، رىقابەتلىشىش، ئەلالىرىنى تاللاش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ. ~6nQ-  
ئىككىنچى، تەكلىپ قىلىش ئوبيېكتى ۋە شەرتى _xUXt)k  
1. تەكلىپ قىلىش ئوبيېكتى (ni$wjq=z^  
(1) شىنجاڭ نوپوسىدىكى ياكى ئوقۇغۇچى مەنبەسى شىنجاڭدا بولغان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئاپتونوم رايون ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار؛ ;H^!yj5H  
(2) شىنجاڭدىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى مەنبەسى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئوقۇغۇچىلار؛ H{BjxZ~)  
(3)ئوقۇغۇچى مەنبەسى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پىداگوگىكا تۈرىدىكى كەسىپلىرىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار؛ TCEbz8ql  
(4) شىنجاڭدا ئىستۇدېنلارنىڭ پىدائىي بولۇپ غەربىي قىسىمغا ياردەم بېرىش پىلانىغا قاتنىشىپ مۇلازىمەت ۋاقتى توشقان (مۇلازىمەت ۋاقتى بىر يىلدىن يۇقىرى بولغان) ھەمدە باھالاشتا لاياقەتلىك بولغان پىدائىيلار؛ !EFd- fk  
(5) شىنجاڭدا «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» مۇلازىمەت مۇددىتى توشقان ۋە بىر ئوقۇش مەۋسۇمىدىن يۇقىرى ستۇدېنلارنىڭ پىراكتىكا قىلىپ مائارىپقا ياردەم بېرىشنى باشتىن كەچۈرگەن خادىملار؛ L*Y}pO  
(6) شىنجاڭدا قېپقالغان ئەسكەرلەرنىڭ جورىلىرى؛ \rJk[Kec  
تۆۋەندىكى خادىملار بۇ قېتىمقى تەكلىپ قىلىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ: DlP}Fp{  
(1) ئاپتونوم رايون بىرتۇتاش تەشكىللەپ ئاساسىي قاتلام يېزا-بازارلارغا خىزمەت قىلىشقا ئەۋەتكەن تېخى مۇلازىمەت ۋاقتى توشمىغان خادىملار: !cpBX>{w  
(2) ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنىڭ خىزمەتتىكى، شىتاتتىكى ئوقۇتقۇچىلار (ئۈچ يىللىق مۇلازىمەت ۋاقتى توشمىغان ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە 2013-يىلى 6- ئاينىڭ 30-كۈنىدىن كېيىن ئىستىپا بېرىش رەسمىيىتىنى ئۆتىگەن ئوقۇتقۇچىلار؛ FD*y[A ?  
(3) يېقىنقى ئۈچ يىلدا، مەمۇرلىق، كەسپىي ئورۇنلار خىزمەتچى خادىملىرى قاتارلىق ئىمتىھانلارغا قاتنىشىش جەريانىدا كۆچۈرمىچىلىك، ساختىلىق قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار: L.R  
(4) مەمۇرىي جازاغا ئۇچراپ تېخى جازاسى بىكار قىلىنمىغان خادىملار؛ ئىلگىرى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ جىنايى ئىشلار جازاسىغا ئۇچرىغانلار ياكى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن ھەيدەلگەنلەر، شۇنداقلا قانۇندا بەلگىلەنگەن ئوقۇتقۇچى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدىغان باشقا ئەھۋاللىرى بار خادىملار. Q>rQ/V  
2. ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملىتىش شەرتلىرى AL;"S;8  
1. سىياسىي ساپاسى ياخشى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ھېمايە قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغدايدىغان، ئەخلاق-پەزىلىتى ياخشى،  ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىرادە باغلىغان بولۇش؛ 3w@)/ujn  
(2) 35 ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولۇش (1979-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇش)؛ yPN+W8}f  
(3) خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالايدىغان تەن ساپاسى شەرتىنى ھازىرلىغان بولۇش؛ L#2ZMy  
(4) تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنىنىڭ كەسىپ تەلىپى ۋە ئوقۇش تارىخى تەلىپى: bcn7,ht  
بىرىنچى، كەسىپ تەلىپى: ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنى بىردەك پىداگوگىكا تۈرىدىكى كەسىپلەرنى تەلەپ قىلىدۇ (پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئاسپرانتلاردىن باشقا)، تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنى تەلىپى بىلەن ئوخشاش ياكى يېقىن كېلىدىغان كەسىپ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ھازىرلىغان بولۇش؛ c0ZaFJ  
ئىككىنچى، ئوقۇش تارىخى تەلىپى: پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخى بولۇش (مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارقىلىق ئوقۇشقا كىرىپ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈپ تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئېرىشكەنلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتىكى ئالىي مائارىپتا مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەش ئوقۇش تارىخىنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ)؛ P0 b4Hq3  
ئۈچىنچى،  جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۈچ ۋىلايەت، ئوبلاستىدىكى تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنىغا، تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنى تەلەپ قىلغان ئوخشاش ياكى يېقىن كېلىدىغان كەسىپلەرنىڭ غەيرىي پىداگوگىكا تۈرىدىكى كەسىپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار تىزىملاتسا بولىدۇ. `*k@4.J{  
(5)  تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنىنىڭ پۇتۇڭخۇا سەۋىيەسى ۋە خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىگە قويۇلىدىغان تەلەپ: fEwifSp.  
بىرىنچى، ئانا تىلى خەنزۇ تىلى بولغان ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقۇچى خادىملارنىڭ پۇتۇڭخۇا سەۋىيەسى 2-دەرىجىنىڭB  دەرىجىسىدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك؛ ئانا تىلى خەنزۇ تىلى بولمىغان ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقۇچى خادىملارنىڭ HSK دەرىجە سەۋىيەسى 7-دەرىجىدىن يۇقىرى  بولۇشى ياكى MHK دەرىجە سەۋىيەسى 3-دەرىجىنىڭ A دەرىجىسىدىن يۇقىرى بولۇشى لازىم. بۇنىڭ ئىچىدە: ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان 2014-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا MHK دەرىجە سەۋىيەسى تەلەپ قىلىنمايدۇ، ئەگەر ئىمتىھاندىن ئۆتكەن بولسا، 2014-يىلى 9-ئايدا رەسمىي ئىش ئورنىغا چىققاندىن كېيىن، ئىش ئورنىغا چىقىپ بىر يىل ئىچىدە چوقۇم تەكلىپ قىلىنغان ئىش ئورنى بەلگىلىگەن MHK دەرىجە گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشىشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ تەكلىپ قىلىنىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ؛ (N aK3_  
ئىككىنچى، ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملىتىش مىللەت ئايرىمىسى شەرتى خەنزۇ دېيىلگەن تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنىغا خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىي ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئانا تىلى خەنزۇ تىلى بولغان ئاز سانلىق مىللەت ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تىزىملاتسىمۇ بولىدۇ. c\K 
(6) تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى تەلىپى: ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقۇچى خادىملار تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنى تەلىپىنىڭ مۇناسىپ قاتلامدىكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى گۇۋاھنامىسى ياكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىتىراپنامىسى شەرتىنى ھازىرلىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىتىراپنامىسى شەرتىنى ھازىرلاش بولسا تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنى ئوقۇش تارىخى تەلىپىگە چوقۇم ئۇيغۇن كېلىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەنزۇ تىلى سەۋىيەسى ياكى پۇتۇڭخۇا سەۋىيەسى 5- تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئۆلچەمگە يېتىشىنى كۆرسىتىدۇ. mNDuwDd$S  
(7) كونكرېت تەلەپلەرنى «2014-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارە تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنى جەدىۋېلى»دىن كۆرۈۋالسا بولىدۇ. x7$ax79ly  
ئۈچىنچى، تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورۇنلىرى &,MFB  
2014-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارە تەكلىپ قىلىش نىزامى، ئىمتىھان ئىزاھاتى، ھۆججەت ئۇقتۇرۇشى ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللار ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تور بېكىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تور بېكىتى ـــ «ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش» ئىستونىدا ئېلان قىلىنىدۇ. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارە تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنى جەدىۋېلى»نى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تور بېكىتى ( تور ئادرىسى: http://www.xjedu.gov.cn)، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تور بېكىتى (تور ئادرىسى: http://www.xjrs.gov.cn) دە ئېلان قىلىنىدۇ. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار تەكلىپ قىلىنغان مەكتەپتە شىتاتى ۋە ئىش ئورنى بېكىتىلىدۇ. B9#;-QO  
ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىش نىزامىدا ئېلان قىلىنغان ئىش ئورنى ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنىمۇ بار. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنىغا تىزىملاتقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر، «ئانا تىلى خەنزۇ تىلى بولغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ پۇتۇڭخۇا سەۋىيەسى 2-دەرىجىنىڭB  دەرىجىسىدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك؛ ئانا تىلى خەنزۇ تىلى بولمىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ HSK دەرىجە سەۋىيەسى 6-دەرىجىدىن يۇقىرى  بولۇشى ياكى MHK دەرىجە سەۋىيەسى 3-دەرىجىنىڭ B دەرىجىسىدىن يۇقىرى بولۇشى لازىم» دېگەن ئالاھىدە بېكىتىلگەن ئىمتىھانغا تىزىملىتىش شەرتىنى ھازىرلىغاندىن سىرت، باشقا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملىتىش شەرتى، تەرتىپى ۋە تەلىپى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنىغا تىزىملاتقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. h 
تۆتىنچى، تەكلىپ قىلىش تەرتىپى AC4 l<:Yh  
1. توردا تىزىمغا ئالدۇرىدۇ (2014-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 16:00 دىن 5-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 18:00 گىچە، بېيجىڭ ۋاقتى، تۆۋەندىمۇ ئوخشاش) KB[QZ`"%!  
تىزىمغا ئالدۇرۇش توردا تىزىمغا ئالدۇرۇش شەكلى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىش ئورنىغا تىزىملىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتى ئارقىلىق تىزىملىتىدۇ ھەمدە  ئۆزى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا تەكلىپ قىلىش تىزىملىتىش جەدىۋېلى»نى توردىن چۈشۈرىدۇ ھەم بېسىپ چىقىرىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تىزىملىتىش ئۇچۇرىنىڭ ھەقىقىي ئۈنۈملۈك بولۇشىغا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، يالغان، ساختا ئۇچۇر بىلەن تىزىملاتقانلارنىڭ تىزىملىتىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىنىدۇ. &t3Jv{  
2. سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە نەق مەيداندا ئۇچۇر توپلاش (2014-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە) 6Xa.0(h  
سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە نەق مەيداندا ئۇچۇر توپلاش خىزمىتى بىللە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئالدى بىلەن سالاھىيىتى تەكشۈرۈپ بېكىتىلىدۇ، ئاندىن نەق مەيداندا ئۇچۇر توپلىنىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملىتىدىغان ئىش ئورنى تۇرۇشلۇق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىگە بېرىپ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ۋە نەق مەيداندا ئۇچۇر توپلاش ئېلىپ بېرىشى شەرت (مەسىلەن: ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنىغا تىزىملاتسا، چوقۇم ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىگە بېرىپ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە نەق مەيداندا ئۇچۇر توپلاشقا قاتنىشىدۇ). كونكرېت ئورۇن، ئالاقىلىشىش تېلېفونىنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتىگە چىقىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. @O/,a7Tt  
(1) سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ny1 \4C  
سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىدىغان ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىلىرى مەسئۇل بولىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئېلىپ كېلىشى كېرەك: بىرىنچى، ئىناۋەتلىك كېملىكىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى؛ ئىككىنچى، ئوقۇش پۈتكۈزۈش دىپلومىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى. ئوقۇش پۈتكۈزۈش دىپلومىنى تېخى ئالمىغان 2014-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇۋاتقان مەكتىپىنىڭ ئىلمىي بۆلۈمى چىقىرىپ بەرگەن 2014-يىلى 7-ئايدىن ئىلگىرى نورمال ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان يازمىچە ئىسپات ماتىرىيالىنى ئېلىپ كېلىشى شەرت، ئىسپاتتا ئوقۇش تارىخى قاتلىمى، ئوقۇغان كەسپى ۋە تەربىيەلىنىش شەكلى ئېنىق ئەسكەرتىلىشى كېرەك، ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەسمىيەت بىجىرىش ئىسپاتىنى جايلاردىكى ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىلىرى چىقىرىپ بېرىدۇ؛ ئۈچىنچى، ئۈنۈملۈك مۇددەت ئىچىدىكى HSK(MHK) دەرىجە گۇۋاھنامىسى، پۇتۇڭخۇا دەرىجە گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئېلىپ كېلىشى كېرەك؛ تۆتىنچى، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى گۇۋاھنامىسى يوقلار چوقۇم تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى، ئۈنۈملۈك مۇددەت ئىچىدىكى HSK(MHK) دەرىجە گۇۋاھنامىسى ۋە پۇتۇڭخۇا دەرىجە گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى تەمىنلىشى كېرەك؛ بەشىنچى، «خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىي» ئىمتىھان بەرگۈچىلەر چوقۇم ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئالىي مەكتىپىنىڭ ئىلمىي بۆلۈمى چىقىرىپ بەرگەن «خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىي» ئوقۇغۇچى ئىسپاتىنى تەمىنلىشى كېرەك؛ ئالتىنچى، «2014-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارە تەكلىپ قىلىشقا تىزىملىتىش جەدىۋېلى»نى تەمىنلىشى كېرەك؛ يەتتىنچى، شەخسىي ئارخىپى (مۇشۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەنلا چەكلىنىدۇ)نى تەمىنلىشى كېرەك. &yLc1#H  
سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش نەتىجىسى لاياقەتسىز بولغانلارنىڭ ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملىتىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ، نەتىجە نەق مەيداندا ئىمتىھان بەرگۈچىگە ئۇقتۇرۇلىدۇ. p;`N\.ld  
(2) نەق مەيداندا ئۇچۇر توپلاش :hP58 }Q$  
سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئۆتكەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى بېكىتكەن نۇقتىلارغا بېرىپ نەق مەيداندا ئېلېكترونلۇق سۈرەتكە چۈشۈش قاتارلىق ئۇچۇر توپلاش ئىشلىرىنى ئورۇنلىشى ھەمدە بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تور بېكىتىگە چىقىپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نۇمۇرى (12 خانە)نى ئىشلىتىپ تەكشۈرۈپ بېقىشى ھەمدە ئىمتىھان بېرىدىغان ئورۇنى ئۇقتۇرۇش قەغىزى ۋە يازما ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىنى بېسىپ چىقىرىشى كېرەك. تورغا چىقىپ بېسىپ چىقىرىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە، ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملىتىدىغان ئىش ئورنى تۇرۇشلۇق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىغا بېرىپ ئىلتىماس قىلىپ ئېلىۋالسا بولىدۇ. V(..8}LlD  
تورغا چىقىپ ئىمتىھان بېرىدىغان ئورۇنى ئۇقتۇرۇش قەغىزى ۋە يازما ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىنى بېسىپ چىقىرىدىغان ۋاقىت: 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 10:00 دىن 6-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 10:00 گىچە x'i0KF   
      3. يازما ئىمتىھان / O)6iJ  
ئىمتىھان بەرگۈچىلەر چوقۇم يازما ئىمتىھان بېرىش كېنىشكىسىدە ئەسكەرتىلگەن ۋاقىت، دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ۋە ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئاساسەن، كېملىكىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ياكى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى چىقىرىپ بەرگەن ئۈنۈملۈك ۋاقىتلىق كېملىك، ئىمتىھان بېرىدىغان ئورۇنى ئۇقتۇرۇش قەغىزى، يازما ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىنى ئېلىپ، ئۆز ۋاقتىدا ئىمتىھانغا قاتنىشىشى كېرەك. يۇقىرىقىلارنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئېلىپ كەلمىگەنلەر ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇلمايدۇ. 5"gL.Ez  
(1)    يازما ئىمتىھان ۋاقتى: ]!aUT&  
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 10:00 دىن سائەت 12:30 گىچە  
(2) ئىمتىھان ئېلىش نۇقتىسى OG}KqG!n  
ئاپتونوم رايوندىكى 13 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە كۇيتۇن شەھىرىدە يازما ئىمتىھان نۇقتىسى تەسىس قىلىنىدۇ، كونكرېت ئىمتىھان نۇقتىلىرىنى يازما ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىدىن كۆرۈۋالسا بولىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر يازما ئىمتىھان بېرىدىغان ئىمتىھان نۇقتىسىنى ئۆزلىرى تاللىسا بولىدۇ. pVz*ZQ[]  
(3) يازما ئىمتىھان پەن تۈرى qc&jd  
يازما ئىمتىھان پەن تۈرى بىر بولۇپ، ئۇنىۋېرسال بىلىملەر سىنىقى ۋە پەنلەر كەسپىي بىلىمى سىنىقىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ: Hz?,#>{  
بىرىنچى، ئۇنىۋېرسال بېلىملەر سىنىقى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ۋەزىيەت-سىياسىي، مىللەت-دىن سىياسىتى ۋە مائارىپ قانۇن-تۈزۈملىرىگە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ئىگىلەش دەرىجىسىنى تەكشۈرىدۇ. KBj@V6Q  
ئىككىنچى، پەنلەر كەسپىي بىلىمى سىنىقى جەمئىي 21 پەنگە ئايرىلىدۇ: خەنزۇ تىل-ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى، قازاق تىل-ئەدەبىياتى، موڭغۇل تىل-ئەدەبىياتى، قىرغىز تىل-ئەدەبىياتى، خەنزۇ تىلى، ماتېماتىكا، ئىنگىلىز تىلى، فىزىكا، خىمىيە، بىئولۇگىيە، ئىدىيە-سىياسىي، تارىخ، جۇغراپىيە، مۇزىكا، تەنتەربىيە ۋا ساغلاملىق، گۈزەل سەنئەت، ئۇچۇر تېخنىكىسى (كومپيۇتېر، ئېلېكترونلۇق ئوقۇتۇشنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ)، ئاممىباب تېخنىكا، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى، پىسخىك ساغلاملىق. كەسىپ سىنىقى پەنلەرگە ئايرىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ، «نېمىنى ئۆگەتسە شۇنىڭدىن ئىمتىھان بېرىش» پىرىنسىپى يۈرگۈزىلىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تىزىملاتقان ئىش ئورنى پېنى كەسپىي بىلىمىنى ئىگىلەش ۋە ئىشلىتىش دەرىجىسى تەكشۈرۈلىدۇ، تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكىدىكى ئاساسلىق بىلىملەر ۋە ئۇنى قوللىنىش ئىقتىدارى بولىدۇ. I4:rie\hjC  
ئۈچىنچى،  يازما ئىمتىھان ۋاقتى 150 مىنوت، تولۇق نومۇر 150 نومۇر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پەنلەر كەسپىي بىلىملىرى سىنىقى 120 نومۇر، ئۇنىۋېرسال بىلىملەر سىنىقى 30 نومۇر. `#p< rfe  
(4) ئىمتىھان سۇئالى چىقىرىش IywiCMjH  
«2014-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا تەكلىپ قىلىش يازما ئىمتىھان سۇئالى»نى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىرتۇتاش چىقىرىدۇ، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى، قازاق تىل-ئەدەبىياتى، موڭغۇل تىل-ئەدەبىياتى، قىرغىز تىل-ئەدەبىياتى ئىمتىھان سۇئالىدىن سىرت، باشقا ئىمتىھان سۇئاللىرى خەنزۇچە چىقىرىلىدۇ ھەمدە خەنزۇچە جاۋاب بېرىلىدۇ. ئومۇمەن تەلەپ بويىچە جاۋاب يازمىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يازما ئىمتىھان نەتىجىسى ئىناۋەتسىز بولىدۇ. jJ<;2e~OW  
(5) يازما ئىمتىھان نەتىجىسىنى ھېسابلاش ۋە يازما ئىمتىھان نەتىجىسى ھەم يازما ئىمتىھاننىڭ لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكىنى ئېلان قىلىش HoL~j({  
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى يازما ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئوخشىمىغان پەنلەر بويىچە ئايرىم-ئايرىم ھالدا يازما ئىمتىھاننىڭ لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكىنى بىرتۇتاش بېكىتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورۇنلىرىغا قارىتا، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىنىڭ ئوخشاش بولمىغان پەن تۈرلىرىگە ئاساسەن، ئايرىم-ئايرىم ھالدا يازما ئىمتىھاننىڭ لاياقەتلىك ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى بېكىتىلىدۇ. يازما ئىمتىھان نەتىجىسى يۈزتۇرا ئىمتىھانغا كىرىش ۋە ئومۇمىي نەتىجىنى ھېسابلاشنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ. يازما ئىمتىھان نەتىجىسى لاياقەتسىز بولغانلار يۈزتۇرا ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇلمايدۇ. 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى يازما ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ، 7-ئاينىڭ 15-كۈنى يازما ئىمتىھاننىڭ لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى ئېلان قىلىنىدۇ. [\a:4vDAbi  
4. يۈزتۇرا ئىمتىھان fw:7U %MGv  
(1) يۈزتۇرا ئىمتىھان ۋاقتى: 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە pbPz$Y  
(2) يۈزتۇرا ئىمتىھان نۇقتىسى: ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى. كونكرېت يۈزتۇرا ئىمتىھان نۇقتىسى ۋە ئالاقىدار تەلەپلەرنى 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتىگە چىقىپ سۈرۈشتۇرسە بولىدۇ. }|SIHz!R  
(3) يۈزتۇرا ئىمتىھان تەشكىلى: b]"2 VN  
يۇزتۇرا ئىمتىھان خىزمىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىلىرى تەشكىللەپ يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. r1+c/;TpZ  
(4) يۈزتۇرا ئىمتىھان خادىملىرىنى بېكىتىش: s:3aRQ%  
يازما ئىمتىھاننىڭ نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغان خادىملار ئىچىدىن يۇقىرى نومۇردىن تۆۋەن نومۇرغا قاراپ ۋە ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىنىدىغان ئادەم سانىنىڭ 1:3 نىسبىتى بويىچە (ئەگەر 1:3 نىسبىتىگە يەتمىسە، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىگە ئىلتىماس قىلىپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن، 1:2 ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن نىسبەتكە تەڭشىسە بولىدۇ) يۈز تۇرا ئىمتىھان خادىملىرى بېكىتىلىدۇ. d3og?{i<}&  
(5) يۈزتۇرا ئىمتىھان تەلىپى: Wux0RF&  
بىرىنچى، يۈزتۇرا ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار، بىركۈن بۇرۇن يۈزتۇرا ئىمتىھان ئېلىش نۇقتىسىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى ھەمدە رەسمىي يۈزتۇرا ئىمتىھان باشلىنىشتىن 30 مىنوت بۇرۇن بەلگىلەنگەن ئىمتىھان بېرىشنى كۈتۈپ تۇرۇش ئورنىغا يىغىلىشى كېرەك. يۈزتۇرا ئىمتىھان باشلىنىپ بولغاندىن كېيىن كەلسە، يۈزتۇرا ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ. cD5w| rm?i  
ئىككىنچى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر كېملىكىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، يازما ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسى ۋە يۈزتۇرا ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى تەمىنلىشى كېرەك. گۇۋاھنامىلەر تولۇق بولمىسا، يۈزتۇرا ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرۇلمايدۇ. GI}4,!^N  
ئۈچىنچى، يۈزتۇرا ئىمتىھاندا تېما بويىچە سۆزلەش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.  سۆزلەشتە «نېمىنى ئۆگەتسە شۇنى سۆزلەش» پىرىنسىپ قىلىنىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنى پېنىگە ئاساسەن، نەق مەيداندا يۈزتۇرا ئىمتىھان سۇئالىنى تارتىدۇ ھەمدە بەلگىلەنگەن ۋاقت ئىچىدە (40 مىنوت) بىر پارچە ئوقۇتۇش لايىھەسى تەييارلايدۇ، ئاندىن تاللىغان تېمىسى بويىچە سۆزلەيدۇ، سۆزلەش ۋاقتى 20 مىنوتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يۈزتۇرا ئىمتىھان تىل تۈرى بىلەن يازما ئىمتىھان تىل تۈرى ئوخشاش بولۇشى كېرەك. ?Y%}(3y  
تۆتىنچى، يۈزتۇرا ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ تولۇق نومۇرى 150 نومۇر، لاياقەتلىك بولۇش نومۇر چېكى 90 نومۇر، نەتىجە نەق مەيداندىلا ئېلان قىلىنىدۇ، لاياقەتسىز بولغانلار كېيىنكى ھالقىغا كىرەلمەيدۇ. R_t~UTfI;  
بەشىنچى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ كۆچۈرمىچىلىك ۋە ساختىلىق قىغانلىقى بايقالسا، يۈزتۈرا ئىمتىھان سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ. ,<7"K&  
5. ئومۇمىي نەتىجىنى ئېلان قىلىش (2014-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى) "(Mvl1^BT  
ئومۇمىي نەتىجىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى: ئومۇمىي نەتىجە = يازما ئىمتىھان نەتىجىسى × %50 + يۇزتۇرا ئىمتىھان نەتىجىسى × %50 . يۇزتۇرا ئىمتىھان نەتىجىسى لاياقەتسىز بولغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى ھېسابلانمايدۇ. @P*ylB}?Q  
6. سالامەتلىك تەكشۈرۈش، سىياسىي تەكشۈرۈش (2014-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە) >Kz_My9  
سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش ئادەم سانىغا ئاساسەن 1:1 نىسبەت بويىچە ۋە ئومۇمىي نەتىجىنىڭ تىزىلىش تەرتىپى بويىچە بېكىتىلىدۇ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىلىرى بىرتۇتاش تەشكىللەيدۇ. سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىر كۈن ئىلگىرى (كونكرېت سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇشى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ) ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىغا بېرىپ تىزىملىتىدۇ، بەلگىلەنگەن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىغا بېرىپ سالامەتلىك تەكشۈرتىدۇ. سالامەتلىك تەكشۈرۈش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىلتىماس قىلغان خادىملارنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش چارىسى (تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)» ( ش م ئو [2010] 8- نومۇرلۇق) بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەردە گۇمان تۇغۇلۇپ قايتا تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلسا، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ، بەلگىلەنگەن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۇنىۋىرسال دوختۇرخانىغا بېرىپ قايتا تەكشۈرتۈش ئېلىپ بارسا بولىدۇ، قايتا تەكشۈرۈش بىرلا قېتىم بولىدۇ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھەققىنى ئىمتىھان بەرگۈچى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ. سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغانلار تەكلىپ قىلىنمايدۇ، ئىش ئونىدا بوشلۇق كۆرۈلسە، ۋىلايەت، ئوبلاست، سەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىلىرى بىلەن بىرلىكتە بوش قالغان ئىش ئورنىغا يۇزتۇرا ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغانلار ئىچىدىن  ئومۇمىي نەتىجىنىڭ تىزىلىش تەرتىپى بويىچە نامزات تولۇقلايدۇ. =AWX +znP  
ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە قارىتا بەلگىلىمە بويىچە سىياسىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. سىياسىي تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولۇپ، ئىش ئورنى بوش قالسا، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى ئاپتونوم رايونۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىگە يوللاپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن، بۇ ئىش ئورنىغا ئومۇمىي نەتىجىنىڭ تىزىلىش تەرتىپى بويىچە نامزات تولۇقلايدۇ. y2oB]^z&n  
7. تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇش  (2014-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە) jVLY!7Z4  
يۇزتۇرا ئىمتىھان بېرىشكە كىرگەن ھەم يۇزتۇرا ئىمتىھان نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغان، بىراق تىزىملاتقان ئىش ئورنىغا قوبۇل قىلىنالماي قالغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئومۇمىي نەتىجىگە ئاساسەن يۇقىرى نومۇردىن تۆۋەن نومۇرغا قاراپ قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە ئۆز جايىنىڭ ياكى باشقا جاينىڭ ئوخشاش (ئۆزئارا يېقىن كېلىدىغان) پەن، ئوخشاش دەرس ئۆتۈش تىل تۈرىدىكى بوش قالغان ئىش ئورۇنلىرىغا تەڭشەيدۇ. تەڭشەشكە بويسۇنۇشنى ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقۇچىلار توردا تىزىملاتقان ۋاقىتتىلا تاللاپ بېكىتىشى كىرەك، تەڭشەيدىغان ۋاقىتتا شەخسنىڭ پىكرى ئېلىنمايدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تەڭشەشنى بېكىتىشتىن ئىلگىرى چوقۇم تەكلىپ قىلىنىدىغان ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى بىلەن يازما كېلىشىم ئىمزالاپ تەڭشەش سالاھىيىتىنى ھازىرلىشى كېرەك. تەشەلگەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تەكلىپ قىلىدىغان ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرغان سالامەتلىك تەكشۈرۈش، سىياسىي تەكشۈرۈشىگە قاتنىشىدۇ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ۋە سىياسىي تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغانلارنىڭ تەكلىپ قىلىنىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ، بۇنىڭدىن پەيدا بولغان بوش قالغان ئىش ئورنى قايتا تولۇقلانمايدۇ. kA?X^nj@  
8. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش (2014-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە) xnJjCEZ  
ئاپتونوم رايون بەلگىلەنگەن تەرتىپ ۋە ئۆلچەم بويىچە سالاھىيەت تەكشۈرۈش، يازما ئىمتىھان، يۈزتۇرا ئىمتىھان، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، سىياسىي تەكشۈرۈش نەتىجىسى پۈتۈنلەي لاياقەتلىك بولغان خادىملارنى تەكلىپ قىلىنىدىغان خادىملار قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تور بېكىتى ئارقىلىق ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. D+bB G  
9. تەكلىپ قىلىنغان خادىملارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش (2014-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى) \hjk$Gq  
سالاھىيەت تەكشۈرۈش، يازما ئىمتىھان، يۈزتۇرا ئىمتىھان، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، سىياسىي تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان ۋە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغاندا باشقىچە پىكىر بولمىغان  تەكلىپ قىلىنغان خادىملار تىزىملىكىنى ئاپتونوم رايون تەستىقلىغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنىدۇ. r1[E{Tpz  
10. ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرىكى تەربىيەلەش (2014-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە) Ze [g0"  
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدە سەككىز كۈنلۈك يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرىكى تەربىيەلەشنى بىرتۇتاش تەشكىللەيدۇ، كونكرېت ئىشلارنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېكىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تور بېكىتى ھەم ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى  ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. <7_ |Q   
11. ئىش ئورنىغا تىزىمغا ئالدۇرۇش (2014-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە) "E@NZ*"u  
يېڭى تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار بىرتۇتاش تارقاتقان «تەكلىپ قىلىنغانلىق تىزىملىتىش قەغىزى»، كېملىكىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئېلىپ تىزىمغا ئالدۇرىدۇ، گۇۋاھنامىلەر تولۇق بولمىسا تىزىمغا ئالمايدۇ. تىزىمغا ئالدۇرۇش تەرتىپى: ئالدى بىلەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىغا بېرىپ بىرتۇتاش تىزىملىتىپ تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۇرگەندىن كېيىن، ئاندىن ناھىيە (شەھەر، رايون)لىك مائارىپ ئىدارىلىرىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرىدۇ ھەمدە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تەكلىپ قىلىنغان مەكتەپكە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرىدۇ. يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئارخىپىنى چوقۇم 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن تەكلىپ قىلغان ناھىيە (شەھەر، رايون) لىك مائارىپ ئىدارىلىرىغا تاپشۇرۇش كېرەك. KKeb ioW  
ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرىكى تەربىيەلەشكە سەۋەبسىز قاتناشمىغان ۋە بەلگىلەنگەن مۇددەتتە تىزىمغا ئالدۇرمىغانلارنىڭ  تەكلىپ قىلىنىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ، شۇنداقلا يەنە ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان شۇ يىلدىن باشلاپ ئۈچ يىل ئىچىدە ئاپتونوم رايون بىرتۇتاش تەشكىللىگەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ql#{=oGDnA  
بەشىنچى، نازارەت قىلىش ۋە باشقا تەلەپلەر ZI2K-z'e  
ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا قارىتا نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ، ھەر دەرىجىلىك مائارىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەر ھەم كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى، تەكلىپ قىلىشنىڭ ئاشكارا، ئادىل، باراۋەر بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. >5Q^9 9V  
تەكلىپ قىلىش خىزمىتىگە قاتناشقان بارلىق خادىملار بەلگىلەنگەن تەرتىپ ۋە پىرىنسىپلارنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، ھۆكۈمەت ئىشىدا ئۆزىنى چەتكە ئېلىشنى يۈرگۈزۈشى كېرەك.  بەلگىلىمىگە خىلابلىق قىلغانلارغا قارىتا، ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئەھۋال ئېغىر بولۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە قارىتا، ئەدىلىيە ئورگانلىرى جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ. بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئىمتىھانغا قاتنىشىشقا تىزىملاتقۇچىلارنىڭ ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ؛ تەكلىپ قىلىنىپ بولغانلار بولسا، تەكلىپ قىلىنىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ. "k\Ff50  
يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىش ئورنىغا چىقىپ ئۈچ يىلغىچە تەڭشەلمەيدۇ ھەمدە  مەمۇرلار ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىغىمۇ بولمايدۇ. "W?l R4  
ئالتىنچى، ئالاقىدار ئىشلار U(S@1i(  
بۇ «نىزام»دا بېكىتىلگەن ۋاقىت، ئورۇن ياكى باشقا ئىشلار ئالاھىدە ئىشلار يۈز بېرىش سەۋەبلىك ئۆزگىرىش بولسا، ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ. gZ `#tlA~  
بۇ «نىزام»نى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى چۈشەندۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ. TRr4`y%  
مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: /H\^l.|vk  
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى باشقارمىسى: 0991-7606250، 7606258، 7606272 eu}:Wg2  
نازارەت قىلىش تېلېفونى: yO$r'9?,*  
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئىشخانىسى:0991-7606199 Q?Bj q>  
تورنى قوللاش تېلېفونى: 0991-7606092، 7606209 G +nY}c  
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى VxPTh\O*[  
ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى psy H?&T  
2014-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى 0()9vTY+  
AP?{N:+  
!g8.8(/t)  
/xrq'|r?C  

ozqan 2014-05-21 15:11
ئەرك : رەھمەت  ، تولىمۇ قىممەتلىك   ماتىريال  يوللاپسىز ...

tursun 2014-05-22 13:01
ئەرككە ئالىي تەشەككۈر...!

tawpek 2014-05-29 16:55
سىلەرنىڭ مەكتەپكە نەچچىنى قوبول قىلىدىكەن ئەرىكجان؟ 0@/E% T1c"  
8Carg~T@  
بۇ ئىشلارمۇ بارغنچە مۇرەككەپلىشىپ كەتتىمۇ نىمە؟


查看完整版本: [-- 2014-يىللىق تولوق ئوتتورا ئوقوتقۇچى قۇبۇل قىلىش نىزامى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled