查看完整版本: [-- شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارخىدا ئۆتكەن شەخىس --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تارىخ ۋە مەدەنىيەت -> شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارخىدا ئۆتكەن شەخىس [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ھاتەھاتەم 2014-05-19 17:35

شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارخىدا ئۆتكەن شەخىس

پۇلات قادىر (lN ;xT`=  
مەنبەسى:شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان« شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارخىدا ئۆتكەن شەخىسلەر»ناملىق كىتاۋىدىن ئېلىنغان.(شېرىپ نىياز خۇشتار) M`0(!Q}  
پۇلات قادىر(1921-1980)قۇتۇبى ناھىيىسىدە تۇغۇلىدۇ. مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە موللا خەلپەتتە دىنىي بىلىم ئالىدۇۋە شۇ دەۋردە كەڭ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى قوللىنىۋاتقان ،چاغاتاي دەۋرىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ھەرخىل كىتاپلارنىئوقۇش ئارقىلىق خېلى كۆپ تارخىي بىلىملەرگە ئىگە بولىدۇ.  d?:`n 9`  
1935-يىلنىڭ ئاخىرىدا قۇتۇبىدا ئېچىلغان پەننى مەكتەپكە،1939-يىلى ئۆلكىلىك دارىل مۇئەللىمىنگە كىرىپ ئوقۇيدۇ.1942-يىلىنىڭ ئاخىردىن باشلاپ«شىنجاڭ گېزىتى»دە مۇخبىر،مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەيدۇ،كېيىن،ئۇيغۇرچە ،قازاقچە « شىنجاڭ گېزىتى»ئىدەرىسىگە باشلىق بولىدۇ. 44|deE3Z   
1947-يىلىنىڭ ئاخرىدا ئەيسا ئالىپتىكىن مەركىزى ئۇيغۇر ئۇيۇشما رەئىسى بولغاندا،پۇلات قادىر مەركىزى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىغا مۇئاۋىن رەئىس بولغان. پۇلات قادىر بىر ئۆمۈرگومىنداڭ ۋە پانتۇركىزىمچىلار تەرپىدە تۇرۇپ خىزمەت قىلىدۇ. ئۇ ئۇزۇن يىللىق خىزمەت تەجرىبىسى ۋە ئۆگەنگەن تارخىي بىلىملىرىگە ئاساسەن،1947-يىلى2-ئاينىڭ15-كۈنى ئىككى قىسىملىق ئاتالمىش «ئۆلكە تارىخىي»نى يېزىپ نەشىر قىلىپ تارقىتىدۇ.1949-ۇىلى10-ئايدا چەت ئەلگە قېچىپ چىقىپ كېتىدۇ. .aNO( /kO  
]پۇلات قادىر \Y*!f|=of  
ئەنۋەر ئابدۇراخمان \). Nag+  
مەنبە:(قۇتۇبى تارخىي ماتېرياللىرى ئۇيغۇرچە  2-قىسىم) G9\EZ\x!  
پۇلات قادىر مىنگونىڭ 8-يىلى يەنى1919-يىلى قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ئەرشىدۇڭ كەنتىدە تۇغۇلغان. دادىسى قادىر ئۇستا ئەسلى پىچان ناھىيە لەمجىنلىك بولۇپ، قۇتۇبى ناھىيە بازىرىدا ساتراچچىلىق قىلاتتى ھەم يازدا ئەرشىدۇڭ كەنتىدە يەر ئېلىپ تېرىقچىلىقمۇ قىلاتتى.پۇلات قادىرنىڭ يەنە غۇپۇر قادىر، ھۇشۇر قادىر،زىلەيخان قادىر دېگەن قېرىنداشلىرى بار ئىدى. پۇلات قادىر كىچىك چېغىدا ناھىيە بازىرىدىكى ياقۇپ قارىنىڭ قولىدا ئوقۇپ،بىرقەدەر مۇكەممەل دىنىي تەلىم ئالغان.1935-يىلى10-ئايدا قۇتۇبى ناھىيىسىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان.ئۇ مەكتەپتە بالىلارنىڭ ئىچىدە ناھايتى ئەقىللىق ،ئەستە تۇتۇش قابىليىتى يۇقۇرى بولۇپ،تىرىشچان،زېرەك ئوقۇغۇچى بولۇپ تەربىيلەنگەن. ئۇ مەكتەپتە ئوقۇغان مەزگىللەردە، كەچلىرى خەنزۇ مۇئەللىملەردىن خەنزۇ تىلى ۋە يېزىقى ئۆگەنگەن.ھەر كۈنى كەچتە ناھىيە بازىرىغا يېقىن يۇنخۇسۇن يېزىسىنىڭ ئىتتىپاق كەنتى7-ئەترىتىدە تەسىس قىلىنغان،خرىستىئان دىننىي چېركاۋىنىڭ ئىنگەلىز جاڭزىسىدا ئىنگىلىس تىلىنى ئۆگەنگەن.شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە چاغاتاي دەۋرىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ھەرخىل كىتابلارنى ئوقۇش ئارقىلىق خېلى كۆپ تارخىي بىلىملەرگە ئىگە بولغان. ئۇ ئىشتىن  سىرتقى ۋاقىتلىرىدا ناھىيە بازىرىدىكى ياقۇپ سۈنەيچىدىن چامباشچىكىق ئۆگەنگەن، مەھەللىدە لەگلەك ياساشقا ئۇستا ئىدى. ~\2;i]|  
1939-يىلى پۇلات قادىر باشلانغۇچ مەكتەپنى ئەلا ناتىجە بىلەن پۈتكۇزۈپ،ئۆلكىلىك دارىل مۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا بېرىپ،ئڭقۇشنى نەتىجىلىك تاماملىغان.ئۇ ئوقۇش پۇتكۇزگەندېن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئىلغار ياشلار تەشكىلاتى(سەنچىڭ تۇەن)شىنجاڭ ئىتتىپاق تەشكىلاتىنىڭ كادىرى، كېيىن سېكىرتارى بولغان ھەم ئۈرۈمچىدىكى ياشلار ھەركىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان.شۇ سەۋەبتىن شېڭشىسەي تەرىپىدىن 1940-يىلى قولغا ئېلىنىپ، بىر يىل تۈرمىدە ياتقان .قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ ساۋاقدىشى ئايشەم ئىسلام بىلەن توي قىلغان.1949-يىلى تەكلىپكە بىنائەن ئۈرۈمچىگە قايتىپ ئۆلكىلىك قۇرۇلۇش نازارىتىدە بولۇم باشلىقى،كېيىن مۇئاۋىن نازىر ۋەزىيپىسىنى ئۆتىگەن.1942-يىلىنىڭ ئاخرى«شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىگە يۆتكىلىپ،تاكى1949-يىلى9-ئايغا قەدەر مۇخبۇرلۇق خىزمىتىنى ئىشلىگەن.ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە  مۇھەررىر بولغان.كېيىن«شىنجاڭ گېزىتى»ئىدارىسىگە باشلىق بولغان. _zdNLwE[  
پۇلات قادىر«شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە ئىشلىگەن مەزگىلىدە ئايالى ئايشەمخان گېزىتخانىنىڭ باسمىخانىسىدا ئىشلەيتى.ئۇلار ئۈچ پەرزەنتلىك بولغان.پۇلات قادىر«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇپ،ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن گېزىتچىلىك مەتبۇئاتىغا دائىر ئۇسكۇنىلەرنى يوتكەپ كېلىپ،ئۇيغۇرچە گېزىتنىڭ باسما مەتبۇئات ئارقىلىق ھەرپ تىزىلىپ چىقىرىلىشىغا  زور كۈچ قوشقان.ئۇيەنە تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ،1947-يىلى2-ئاينىڭ15-كۈنى ئاتالمىش «ئۆلكە تارىخى»ناملىق ئىككى قىسىملىقتارخىي كىتاپنى يېزىپ نەشىر قىلغان.ئۈرۈمچىدىن كىنو  فىلىمىنى ئەكىلىپ يۇرتى ئەرشىدۇڭ كەنتىدە مەھەللىدىكلەرگە قويۇپ بەرگەن. neF8V"-u&  
1947-يىلى ۋە 1948-يىللىرى تەكلىپ بىلەن شىنجاڭ دارىلمۇئەللىمىندە قوشۇمچە تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بولغان.ھەم ئۆزى يازغان«ئۆلكە تارخى»ناملىق كىتابنى دەرىسلىك سۈپتىدە تەييارلاپ ئوقۇغۇچلارغا تارىختىن تەلىم بەرگەن.1947-يىلىنىڭ ئاخىرى  ئەيسا ئالىپتىكىن باشچىلىقىدىكى مەركىزى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىغا مۇئاۋىن رەئىس بولغان.ئۇ ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا تەشەببۇس قىلغان پانتۈركسزىمچىلار ئېقىمىغا ئەگىشىپ،گومىنداڭ ئارمىيەسى ئۈچۈن ئاخبارات توپلىغان ۋە گومىنداڭنىڭ چىڭداۋدىكى خىزمەت ئورنىدا بىر يىلدىن ئارتۇق تۇرغان.قايتىپ كەلگەندېن كېيىن ئەيسا ئالىپتىكىن باشچىلىقىدىكى  پانتۈركسزم خىزمىتىگە قاتناشقان.بۇ مەزگىللەردە پۇلات قادىر ئەنگىليە كونسۇلخانىسى تارقاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نامىدىكى خەلقئارالىق مۇخبىرلىق كىنىشكىسىگە ئېرىشكەن.ئۆلكە ئازاد بولۇش ھارپىسىدا،روسيە ھۆكىمىتى بىلەن  شەرقى تۈركستۈن ئېقىمى ۋە ئەنگىليە پانتۈركسزم ئېقىمى ئوتتۇرسىدا نۇرغۇن ئىختىلاپ،قارشىلىشىش يۇز بەرگەن ئىدى.1949-يىلى9-ئاينىڭ19-كۈنى پۇلات قادىر ئايالى،بالىلىرىنى يۈك-تاقىلىرىنى قوشۇپ بىر تونۇشنىڭ ئات ھارۋىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ،«ۋەزيەت قالايمىقان،كەينىڭلاردىن بارىمەن »دەپ يۇرتى ئەرشىدۇڭغا يولغا سالىدۇ.ھەمدە ئەيسا ئالىپتىكىن، ئىمىن ھەرزەت، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ۋە كاتىپىساتتار بۇلبۇل قاتارلىقلار بىلەن بىللە شىياڭگاڭ ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ كەتكەن.ئۇلار چېگرادىن ئۆتكەندە باشقىلار ئالتۇن ۋە مال-بېساتلىرىنى ئېلىپ سودىگەر سالاھىيىتى بىلەن ئۆتكەن.پۇلات قادىر بولسا شىنجاڭ ئۆلكىسىگە دائىر سىياسىي تارخىي ماتېرياللارنى ئېلىپ مۇخبىرلىق سالاھىيىتى بىلەن چېگرادىن ئۆتكەن. پۇلات قادىر ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدىكى كاتىپى ساتتار بۇلبۇل بىلەن بىرلىكتە دەسلەپ پاكىستاندا ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا يەتتە-سەككىز يىل پاناھلانغۇچى  سالاھىيىتى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن.1959-يىلى2-ئاينىڭ 10-كۈنى تۈركىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ ماكانلاشقان. iBucT"d]  
   پۇلات قادىر تۈركىيەدە ماكانلاشقاندېن كېيىن دەسلەپ كىتاپخانا ئاچقان،كېيىن ھۆكۈمەت خىزمىتىگە قاتناشقان.1966-يىلى يولداش جۇئېنلەي تۈركىيەگە زىيارەتكە بارغاندا،تۈركىيە دۆلىتى كۈتىۋېلىش گۇرۇپىسى تەركىبىدە ئايرۇدۇرۇمۈا چىقىپ جۇئېنلەينى كۈتۈۋېلىشقا قاتناشقان.شۇ چاغدا جۇئېنلەي بىلەن كۆرۈشۈپ،ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى ئائىلە ئەھۋالى  ھەم ئائىلە تاۋاباتلىرىنى تۈركىيەگە ماكانلاشتۇرۇش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەن،جۇئېنلەي ئۇنىڭ تەلىپىگە  قوشۇلۇپ تەستىق خېتى يېزىپ بەرگەن. )&>L !,z  
پۇلات قادىر شۇنىڭدىن كېيىن  كۆپ قېتىمشياڭگاڭغا بېرىپ، ئادەم ئەۋەتىپ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەپ تۇرغان.ھەم كۆپ قېتىم ئائىلىسىگە خەت يېزىپ رەسىملىرىنى ئەۋەتىپ ئائىلىسى بىلەن ئالاقە ئورناتقان.ئائىلىسىگە چاقىرىق ئۇقتۇرۇشى ئەۋەتىپ   خوتۇن-بالىلىرىنىڭ تۈركىيەگە كېلىشىنى تەلەپ قىلغان.پۇلات قادىرنىڭ چوڭ ئوغلى مۇستافا پۇلات  چاقىرىقنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن  چېگرادىن ئۆتۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ئۈچۈن بېيجىڭغا بېرىپ ،  تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە مەسئۇل چېن يې(فۇزۇڭلى)بىلەن كۆرشكەن ھەم چېن يېنىڭ پاسپورت تىزىملىكىدىكى بىر ئائىلە كىشلىرى بىللە مېڭىش تەستىقى بويىچە يۇرتىغا قايتىپ، ئاپىسى ۋە قېرىنداشلىرىنى ئېلىپ ماڭماقچى بولغان.لېكىن ئائىلىسىدىكلەر تۈركىيەگە بېرىش توغرىسىدا پىكىر ۋە ھەركەت جەھىتتە  بىردەكلىككە كېلەلمىگەنلىكى ۋە مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋردىكى قالايمىقانچىلىق يۈپەيلىدىن چېگرادىن چىقىش ۋاقتىنى  قولدىن بېرىپ قويغان.پۇلات قادىر شياڭگاڭدا ئايالى ۋە بالىلىرىنى  ئۇزاق ساقلىغاندىن كېيىن  ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ چېگرادىن  ئۆتەلمىگەنلىكىدىن ئاغرىنغانلىق توغرىسىدىكى ئاڭ ئاخىرقى خېتىنى قالدۇرۇپ، تۈركىيەگە قايتىپ كەتكەن. gt'*B5F (  
پۇلات قادىر تۈركىيەدىكى مەزگىلىردە  يۇرتىشى مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا،ساتتار بۇلبۇل قاتارلىقلار بىلەنقۇيۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن. يۈركىيەدىكى ئوقۇمۇشلۇق ئەربابلار ،كارخانچىلار بىلەنمۇ قۇيۇق دوستلۇق ئورناتقان،يۇرتداشلىرىنىڭ ئېيتىشىچە:پۇلات قادىر تۈركىيەدە چوڭ كارخانچىلار ۋە دوست-بۇرادەرلىرىگە بېرىلگەن بىر قىتىملىق  چاي زىياپىتىدە سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ  تۇغۇلغان يۇرتىنى، بالىلىق ھاياتىنى ئەسلەپ ئۆتكەن، ئۆز دولىتى،يۇرتى ۋە خەلقىگە  بولغان چوڭقۇرسېغىنىشىنى بىلدۈرۈپ، يۇرتى ئەرشىدۇڭدىكى ئاشۇ كەپىنى ھازىرقى باياشات ماكانىغا  تەڭ قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.ئەگەر جۇڭگو ھۆكۈمىتى رۇخسەت قىلسا،ئايرۇپىلان بىلەن بولسىمۇ ئەرشىدوڭنى ھاۋادىنكۆرۈپ كەلسەم، مۇمكىن بولسا، قوغۇنلۇقلاردا دۈم يېتىپ تۇمشۇقۇمنى تىقىپ تۇرۇپ، قانغۇچە پۇرۇقىنى پۇرىۋېلىپ  ئولۇپ كەتسەم ئارمىنىم يوق ئىدى،دېگەن DacN {r"3  
پۇلات قادىر1980-يىلى8-ئاينىڭ6-كۈنى يېقىنلىرىنىڭ مەسلىھەتى ۋە سالامەتلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۇركىيەلىك ئوتتۇرا تەبىقىدىكى بىر ئايال بىلەن توي قىلغان.توي قىلىپ14 كۈندېن كېيىن يەنى 1980-يىلى8-ئاينىڭ20-كۈنى يۇرەك كېسىلى قوزغىلىپ ۋاپات بولغان.ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا  غەربىي گېرمەنيەنىڭ مىيۇنخىندىكى شىۋېتسارىيە ئۆمۈر سۇغۇرتىسى شېركىتىگە قويغان ئايالى ۋە پەرزەنتلىرى نامىدىكى 5000دوللار سۇغۇرتا پۇلى دۆلىتىمىز دىپلوماتىيە يولى بىلەن 1984-يىلى ئايالى ۋە باللىرىغا يەتكۇزۇپ بېرىلگەن.پۇلات قادىرنىڭ ۋەتەندە قالغان ئايالى ئايشەم ئىسلام2003-يىلى5-ئاينىڭ30-كۈنى ئەرشىدوڭ كەنتىدە ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ مۇستافا پۇلات، رىشات پۇلات  ۋە چولپان پۇلات ئىسىملىك ئۈچ پەرزەنتى شۇ يەردە بەخىتلىك ياشىماقتا. ^;+[8:Kb  
ئەسكارتىش:ئىككىلا كىتاپتىكى مەرھۇمنىڭ ۋاپات بولغان يىلى خاتا بولۇپ قالغان .ۋاپات بولغان ۋاقتى1970-يىلى >Co)2d]  

bahadir 2014-05-19 17:59
ئاڭلىمىغان ئۇچۇركەن،تەمىنلىگىنىڭىزگە رەھمەت!!!

گۈلنىھال 2014-05-19 20:11
بۇ تىما مۇنبەردە باردەك قىلاتتى يا ؟ مەن خاتا كۆرۋالمىغاندىمەن  - ھە ! a~opE!|m  
)S*1C@  
ئەجرىڭىزگە رەھمەت !

تارىم 2014-05-20 08:32
يەنە يوقمۇ ، بەك ئىسىل تېمىكەن بۇ!ئەجەپ تەقەززا قىلدا !!! |@wyC0k!  

ھاتەھاتەم 2014-05-20 09:55
سىلەرگە كۆپ رەخمەت.كېيىنكى ئەۋلادلىرى تىلغا ئاغىچىلىك ئىشلارنى قىلالمىغان.

تارىم 2014-05-21 10:11
باشقىلارچۇ

گۇزەل28 2014-05-21 13:09
نىمىشقا شىقىپ كىتىدۇ؟

بابۇر0725 2014-05-23 12:32
بېلىۋىلىشقا تېگىشلىك بىلىملەرمۇ باركەن

نۇرسىمانگۇل 2014-05-25 14:40
ئەجرىڭىزگە رەھمەت


查看完整版本: [-- شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارخىدا ئۆتكەن شەخىس --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled