查看完整版本: [-- گۈلنىھال : «قوچۇ دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تارىخ ۋە مەدەنىيەت -> گۈلنىھال : «قوچۇ دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-05-16 22:41

گۈلنىھال : «قوچۇ دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»

«قوچۇ دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» '&|=0TDd+  
          يۈسۈپجان ياسىن [YcG(^^  
wD]/{ jw  
CLJ;<  
| ]X  
   مىلادى 9-، 13- ئەسىرلەردىكى قوچۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار ھازىر جۇڭگو گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە ۋە ياپونىيەنىڭ چوڭ كۇتۇپخانىلىرى بىلەن مۇزېيلىرىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. تۇرپان تەۋەسىدىن تېپىلغان بۇ يازما ھۆججەتلەرنىڭ بىر قىسمى نەشر قىلىنغان بولسىمۇ، مۇھىم بىر قىسمى تېخى نەشر قىلىنمىدى، بۇ ئەسەرلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مەتبەئە تېخنىكىسىنى بىلىدىغانلىقىنى ۋە يۈكسەك بىر مەدەنىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى خەنزۇچە، سانسكرىتچە، تۇخارچە، سوغدىچە ۋە تېبەتچىدىن تەرجىمە قىلىنغان دىنىي ئەسەرلەردۇر. يەنە بۇددىزم ۋە مانىزمنىڭ ئاساسلىرىنى ئۆگىتىدىغان ھۆججەتلەر، بۇددانىڭ دىنىي نەسىھەتلىرى (سۇترا، سۇدۇر)، تەۋبە - دۇئالىرى، مۇناجاتلار، سېھىر، پال، ھوقۇق - قانۇن، تېبابەتكە ئائىت تېكىستلەر ۋە مەكتۇپلار تېپىلدى. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھۆججەتلەر ئارىسىدا بۇددىزم ئەسەرلىرىنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەدەبىيات مەنقۇلاتى سۈپىتىدە خېلى كۆپ ھېكايە بار. بۇ ھېكايىلەر دىن تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش، پەزىلەتلىك ئادەم بولۇشقا نەسىھەت قىلىش مەقسىتىدە يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قەھرىمانلىرى باتۇرلۇق، مەردلىك، سەۋر - تاقەتلىك بولۇش قاتارلىق پەزىلەتلەرگە، ھېرىس، غەزەپ ۋە ئۆچمەنلىك قاتارلىق يامانلىقلارغا ۋەكىللىك قىلغان ئىنسان، ھايۋان ۋە پەۋقۇلئاددە جانلىقلاردۇر. مەسىلەن، ياخشى نىيەتلىك شاھزادە بىلەن يامان نىيەتلىك شاھزادىنىڭ ھېكايىسى «قاليانامقارا ۋە پاپامقارا»، «كۆك كىيىملىك مەمۇر»، «ئاچ قالغان يولۋاس»، «چاشتانا ئىلىگ بەگ ھېكايىسى» قاتارلىقلار. ئۇيغۇر ھۆججەتلىرى ئىچىدە «مايترى سىمىت» دەيدىغان بىر تىياتىرمۇ بار، بۇ ئەسەردىكى ئىپادىلەش ئۇسۇلى ناھايىتى جانلىق. دېمەك، بۇ دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى دىنىي تەرجىمە ئەدەبىياتىنىڭ ئالاھىدە تەرەققىي قىلغانلىقى بولۇپ، سىنقۇ سەلى تۇتۇڭ ۋە پىرتىيا راكشىتلار ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ مەشھۇر ئەدەبىي تەرجىمانلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ تەرجىمە پائالىيىتىدە ئۆز تىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە خۇسۇسىيىتىنى قوغداش، تەرجىمە ئوبيېكتى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشتەك ئىلغار ئىلمىي مېتود مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان، شۇڭا بۇ دەۋردىكى تەرجىمىلەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇرۇلمىسىدا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلغان، جۈملىنىڭ تۈرى كۆپەيگەن، تىلنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئۇيغۇن، ناھايىتى مەنىلىك ئاتالغۇ ۋە سۆزلۈك خەزىنىسى بارلىققا كەلگەن بولغاچقا، ئەڭ كىچىك بىر مەنە پەرقىنىمۇ ئىپادىلەش ئىمكانىيىتى تۇغۇلغان، ھەتتا ئۇيغۇر تىلى بۇ شەكىل ئارقىلىق پەلسەپە تىلى بولۇش يولىغىمۇ كىرگەن. !GNBDRr  
   تۇرپاندىن تېپىلغان ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەر ئارىسىدا شېئىرىي پارچىلارمۇ بار، بۇلار نەسرىي ئەسەرلەردە ئۇچرايدىغان شېئىرىي پارچىلار، تەۋبە دۇئالىرى ۋە مۇناجاتلاردۇر. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى شېئىرلار ھەققىدە تۇنجى بولۇپ رەشىد رەھمەتى ئارات مەلۇمات بەرگەن. رەشىد رەھمەتى ئارات ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ھەققىدە ئەڭ كەڭ تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ساھەگە بېغىشلانغان «قەدىمكى تۈرك شېئىرى» دېگەن مەشھۇر ئەسىرى بار. ئارات مانىزم ۋە بۇددىزم مۇھىتىدا يېزىلغان شېئىرلارنىڭ كۆپ قىسمىنى بۇ كىتابقا جۇغلىغان. ئاراتنىڭ تەتقىق قىلغان شېئىرلىرىدا ئومۇمەن دىنىي تېما، تەبىئەت سۆيگۈسى ۋە ھاياتنىڭ مەنىسى چۈشەندۈرۈلگەن، بۇ شېئىرلار لىرىك قۇرۇلمىغا ئىگە ئىدى، ئارات بۇ شېئىرلارنىڭ كۆپ قىسمىنى لوندوندىكى برىتىش مۇزېيىدىن ئالغان. بۇ كىتابتا يەتتىسى مانىزم مۇھىتىدا، يىگىرمىسى بۇددىزم مۇھىتىدا يېزىلغان 27 پارچە شېئىر بار، ھەممىسى بارماق ۋەزنىدە يېزىلغان. بۇددىزم مۇھىتىدىكى شېئىرلار جەمئىي 1400 مىسرانى تەشكىل قىلىدۇ، بۇنىڭغا ئاراتتىن كېيىن باشقا تەتقىقاتچىلار ئېلان قىلغان 15 پارچە شېئىر بىلەن پېتېر زىئېم ئېلان قىلغان 60 پارچە شېئىرنى قوشقاندا، بۇددىزم مۇھىتىدىكى ئۇيغۇرلاردىن قالغان نەزمىي ئەسەرلەر بىلەن شېئىرىي پارچىلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. پېتېر زىئېم يەنە بېرلىندا ساقلىنىۋاتقان تۇرپان تېكىستلىرى كۇللىياتىدىكى ئىرانچە تېكىستلەر ئارىسىدىن مانىزم مۇھىتىغا ئائىت بىر شېئىرنى تاپقان، بۇ شېئىرنىڭ پەقەت ئۈچلا كۇبلېتىنى ئوقۇش مۇمكىن بولغان. ئىلىم ساھەسىدە «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تە خاتىرىلەنگەن شېئىرلارنىڭمۇ بارماق ۋەزىندە يېزىلغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلار كۈچلۈك ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ. لېكىن قوچۇ ۋە قاراخانىيلاردىن ئىبارەت ھەر ئىككى مۇھىتتىكى ئۇيغۇر شېئىرلىرىدا مىسرالارنىڭ بوغۇم سانى ئوخشاش بولمىغان، كۆپىنچە بىر پارچىنىڭ مىسرالىرىدىكى بوغۇم سانى ئۆزگىرىپ تۇرغان، يەنە بوغۇم سانى 15 تىن 20 گە قەدەر چىققان مىسرالارمۇ  بولغان، ئەمما توققۇز بوغۇملۇق شېئىرلار ئۇچرىمايدۇ. «قەدىمكى تۈرك شېئىرى» دە تۆت ۋە بەش مىسرالىق قىتئەلەردىن تەشكىل تاپقان شېئىرلار كۆپ، ئۈچ مىسرالىق قىتئەلەردىن تەشكىل تاپقان شېئىرلارمۇ بولغىنىدەك، مىسرالىرى ئېنىق قىتئەگە بۆلۈنمىگەن نەزمىي پارچىلارمۇ بار. بۇ كىتابتا تۆتلۈك سانى 59، 62، 129 غا قەدەر چىققان ئۇزۇن پارچىلارمۇ بار، بۇ شېئىرلارنىڭ ھەممىسىدە باش قاپىيە ئەنئەنىسى ئاساسىي ئورۇندا تۇرغان. ئاياق قاپىيە بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۆپىنچە ئېنىق بىر تەرتىپى بولمىغان. تۈركىيەلىك ئالىم تالات تېكىن بۇنى قەدىمكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئىككى خىل ئەنئەنىسى، دەپ قارايدۇ. شېئىرلاردا بەزىدە ناھايىتى ئەركىن بىر قاپىيە كۆرۈلسە، بەزىدە قاپىيەسىز قىتئەلەرمۇ بار، شۇنداقتىمۇ قاپىيەگە سەل قارالمىغان، ئومۇمەن يېرىم قاپىيە كۆپ قوللىنىلغان. يېرىم قاپىيە شائىرغا ئەركىن ئىپادە قىلىش ئىمكانىيىتى بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ مەنىنىڭ تېخىمۇ ئۇدۇل - تۈز ۋە كۈچلۈك بولۇشىغا ياردەم قىلاتتى، ئالىملار ئۇيغۇر شېئىرلىرىدە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان بۇ ئالىتېراسيۇن - قاپىيەنى تۈرك شېئىرىيىتىنىڭ بىر خىل ئالاھىدىلىكى، دەپ قارايدۇ. % V 8U (z  
    قەدىمكى ئۇيغۇر شېئىرلىرىدە بەزىدە رادىپ ماھىيىتىدىكى سۆزلەر بىلەن تەكرارلانغان مىسرالارمۇ ئۇچرايدۇ، «ئانى تەگ ئورۇنلاردا» (شۇنداق يەرلەردە) رادىپى بىلەن يېزىلغان ۋە ئوتتۇز مىسرادىن تەركىب تاپقان بىر شېئىر پاستورال (دالا ۋە يېزا تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك) قۇرۇلمىسى بىلەن ئەڭ ياخشى بىر ئۆرنەكتۇر. ئۇيغۇر شېئىرلىرىدە رادىپنىڭ بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ شېئىردا مۇھىم ئورۇن تۇتقانلىقىنى تۇنجى بولۇپ بايقىغان ۋە ئۇنىڭغا دىققەت قىلغان كىشى تۈركىيەلىك ئالىم م. فۇئات كۆپرۈلۈ ئىدى. بەزى تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ رادىپنى پارسلاردىن قوبۇل قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ، بىراق فۇئادنىڭ قارىشىچە، رادىپنى قەدىمكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى پارسلاردىن ئەمەس، بەلكى پارسلار ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىن قوبۇل قىلغان، ئۇ بۇ قارىشىنى ۋەسىقىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلىغان. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەردە تېپىلغان شېئىرلاردا رادىپنىڭ كۆرۈلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ شېئىردا بەكلا كۈچلۈك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىقى بۇ ھۆكۈمنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. PU1Qsb5  
   تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئەدەبىي ئۆلچىمىدە شېئىر شەكىل جەھەتتە كۆپىنچە تۆتلۈكنى، ۋەزىن جەھەتتە بارماق ۋەزىننى ئاساس قىلغان. قاپىيەسى aaba، abab شەكلىدە تۈزۈلگەندىن باشقا، mmmb, iiib ,aaab شەكلىدىمۇ تۈزۈلەتتى، كېينكى خىل شەكىلدە دەسلەپكى ئۈچ مىسرا ئۆز ئارا قاپىيەداش بولۇپ، ئۇنىڭ 4- مىسراسى يەنە بىر تۆتلۈكنىڭ تۆتىنچى مىسراسى بىلەن قاپىيەداش كېلەتتى، بۇ ئەھۋال داستانلاردا كۆپرەك كۆرۈلگەن. بارماق ۋەزىننىڭ 3+4=7 لىك شەكلى ئەڭ كۆپ قوللىنىلغان، بۇ جەھەتتە «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تىكى شېئىر ۋە قوشاقلارنى تەتقىق قىلىش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تۈركىيەلىك ئالىم نىھال ئاتسىز بەزى تىل پاكىتلىرىغا تايانغان ھالدا ئاشۇ دەۋردىن 1200 يىل بۇرۇن ھونلاردا ئوتتۇرىغا چىققان «ئالچى تېغى قوشىقى» نىڭ ھەر بىر مىسراسىنىڭ يەتتە ياكى سەككىز بوغۇمدىن تەشكىل تاپقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بوغۇم ۋەزىننىڭ مىلادىدىن بۇرۇنلا مىللىي ئۆلچەمگە ئايلىنىپ، تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئەدەبىي ھاياتىدا يىلتىز تارتىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.    V N\W]jT  
   شېئىر شەكىللىرى جەھەتتە قەدىمكى ئۇيغۇر شېئىرى خېلىلا باي بولسىمۇ، لېكىن نامى بىزگە قەدەر يېتىپ كەلگەن ۋە ئۆرنەكلىرى مەلۇم بولغان شېئىر شەكىللىرى ناھايىتى ئاز. مەسىلەن، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تە بىر قانچە يەردە «مانى» سۆزى ئۇچرايدۇ، «مانى» دېگەن بۇ سۆز بۈگۈنمۇ قوللىنىلىۋاتقان خەلق ئەدەبىياتىدىكى «مانى» (بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە تۆتىنچى مىسرالىرى قاپىيەداش بولغان خەلق قوشىقى) مۇ ياكى ‹‹مانا›› ئورنىغا قوللىنىلغانمۇ؟ بۇ ئېنىق ئەمەس. تۇرپاندىن تېپىلغان ھۆججەتلەردە ۋە «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تە ئۇچرايدىغان شېئىر شەكىللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنى رەتكە تىزغاندا، مۇنداق ئەدەبىي ئاتالغۇلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ: @6]sNm  
  1- «قوشۇغ» (ياكى قوشۇق - شېئىر، نەزىم، نەزمىي پارچە، قەسىدە). ?}U(3  
  2-«قوژان» (ئەسلىسى قوشان - قوشاغ بولۇشى مۇمكىن، ناخشا - قوشاق). Gf<'WQ[  
  3- «قوشما» (مەنە جەھەتتىن قوشۇغ بىلەن بىر مەنىلىك سۆز). < F.hZGss7  
  4- «تاقشۇت» (ياكى تاغشۇت - شېئىر، نەزىم، بېيىت، نەزمىلىك شېئىر). 9E" vN  
  5 - «تاقماق» (تېپىشماق، ئاتىلار سۆزى، قوشاق، چاقچاق، لەتىپە، ھەجۋىي شېئىر). E(8* pI  
  6- «ئىر» (ياكى يىر - شېئىر، ناخشا، غەزەل). :lPb.UCY  
  7- «كۈگ» (ۋەزىن، نەزىم، شېئىر، ناخشا، غەزەل، مۇقام).   yEhTNBa*h{  
  8- «شلوك» ( ياكى سلوكا - 8+8 ئۆلچەملىك شېئىر، بېيىت، نەزىم). 4;0lvDD  
  9- «پاداك» (ياكى پاداكا – شېئىر، تۆتلۈك شەكلىدىكى شېئىرنىڭ بىر مىسراسى). 7G}2,ueI  
  10- «كاۋى» (ياكى كاۋيا – نەسرىي تىلدىن پەرقلىق بولغان، نەزىمنىڭ بەزى خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئەدەبىي ئۇسلۇب، بۇنى ئېپۇس دېگۈچىلەرمۇ بار).   pxCK;]  
  11- «باش» (ياكى باشا، باباخ، باشىق، پاشىق - مۇناجات).   $ us]35Z3  
  بۇنىڭ ئىچىدە كېيىنكى ئۈچ ئاتالغۇنىڭ سانسكرىتچە بىلەن سوغدىچىدىن ئۆتكەنلىكى تەخمىن قىلىنىۋاتىدۇ، «قوشۇغ» نىڭ تۆتلۈك بىلەن يېزىلغان بىر خىل شېئىر شەكلى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بۇلاردىن باشقا، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تە يەنە ئۆلگەن كىشىلەرگە ئوقۇلغان مەرسىيەنىڭ «ساغۇ» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ئۇچرىتىمىز. ئىككى مىسرا شەكلىدە سۆزلىنىدىغان ۋە «ساۋ» دەپ ئاتىلىدىغان ئاتىلار سۆزى (ماقال – تەمسىل ياكى ھېكمەتلىك سۆزلەر) نىمۇ مۇشۇ تۈرگە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. :+z4~% jA  
   تۇرپاندىن تېپىلغان ۋەسىقىلەردىن ۋە قاراخانىيلاردا بارلىققا كەلگەن ئەسەرلەردىن مىلادى 9 -، 13- ئەسىرلەردە ئۇيغۇرلاردىن چىققان بەزى شائىرلارنىڭ ئىسمى مەلۇم بولدى، ئۇلار مانىزم مۇھىتىدىكى، شۇنداقلا ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى لىرىك شائىر ئاپرىنچۇر تېگىن، كۆل تارقان، بۇددىزم مۇھىتىدىكى كىكى(كىكى سىشى)، سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ، پراتيايا شىرى (سانسكرىتچە پراژ ناسرى)، ئاسىگ تۇتۇڭ، چىسۇيا تۇتۇڭ، چىناشىرى (سانسكرىتچە ژىناسرى)، قالىم كەيشى، شىڭسۇن شىلا، بۇيان قاياقال، كۈنچۈك ئىدىق قۇت، سىللىغ تېگىن، ئاتساڭ؛ ئىسلام مۇھىتىدىكى چۇ چۇ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، زاھىرى سەمەرقەندى، سۇزانى سەمەرقەندى، ئەيلاقى ۋە ئەھمەد يۈكنەكى قاتارلىقلاردۇر. T>2[=J8U  
   مىلادى 9 -، 13- ئەسىرلەردىكى قوچۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۇيغۇر كۈلتۈرى ۋە مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئورنى ھەققىدە شۇنداق بىر خۇلاسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولىدۇ: قوچۇ خانلىقىدا بۇددا، مانى ۋە قىسمەن خىرىستىيان دىنى ئەقىدىسىگە تايانغان «تەرجىمە ئەدەبىيات دەۋرى» مەيدانغا كەلدى. لېكىن بۇ تەرجىمە ئەدەبىياتىدا كۆرۈلگەن ئۆزگىچە بىر خۇسۇسىيەت شۇكى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كۈندىلىك ھايات بىلەن ئالاقىسى ئازدەك كۆرۈنىدىغان تەرجىمە ئەسەرلەردىمۇ كېيىنكى دەۋرلەرنىڭ يات مەدەنىيەتكە باغلىنىشتەك ئەنئەنىسى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە يۈكسەك ئىدى. ئۇيغۇر تىلى بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى قوغدىغان، ئەڭ قىيىن بولغان ھىندىچە ۋە خەنزۇچە دىنىي ئاتالغۇلارمۇ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان. بۇ دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ يەنە بىر زور ئۇتۇقى شۇكى، بىر قانچە مىڭ يىللىق تارىخنىڭ خاتىرىسى بولغان «ئوغۇزنامە» قەلەمگە ئېلىنىپ سىستېمىلاشتۇرۇلۇپ، بۈيۈك بىر مىللىي بايلىق سۈپىتىدە مىراس قالدۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ دەۋر ئەدەبىياتىدا ئۇيغۇر تارىخىدىكى تونيۇقۇق، بۆگۈ قاغان قاتارلىق بەزى ئۇلۇغ شەخسلەرگە ئائىت خاتىرىلەرنىڭ بولۇشى تەزكىرە ئەدەبىياتى ئەنئەنىسىنىڭمۇ ئالاھىدە جانلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. UBaAx21x  
 @Z\,q's  
  مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» 9753-سانىدىن ئېلىندى O4cr*MCb5  
&eCa0s?mI  

تارىم 2014-05-17 23:19
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر قېرىندىشىم ، بەك ئىسىل تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز!.

ئەكبەرنىياز 2014-05-17 23:24
ھەقىقەتەن ئېسىل تېمىكەن ، كۆپ رەھمەت !!!

زەردار 2014-05-19 01:14
گۈلنىھال خانىم مەن بىلەن بىر ئەھۋاللاشسىڭىز بولاتتى،بەك قاچتىڭىز جۇمۇ مەندىن

ھاتەھاتەم 2014-05-20 12:22
ياخشى تېما يوللاپسىز .پايدىلانساق بولغىدەك.

tawpek 2014-05-26 21:50
ئاپىرىن سىزگە ، بۇ دەۋىرگە تەۋە شىئىرلارنى ئۆتكەندە نۇرغۇن نەرسىلەرنى كەم سۆزلەپ قويغىنىمنى ھىس  قىلدىم. SJ};TEA  
SY^dWLf  
4)<~4 '  
مىڭلارچە تەشەككۇر

گۈلنىھال 2014-05-26 22:14
tawpek:ئاپىرىن سىزگە ، بۇ دەۋىرگە تەۋە شىئىرلارنى ئۆتكەندە نۇرغۇن نەرسىلەرنى كەم سۆزلەپ قويغىنىمنى ھىس  قىلدىم.مىڭلارچە تەشەككۇر (2014-05-26 21:50) 
x#N-&baS  
ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت ، خۇش بولدۇم !


查看完整版本: [-- گۈلنىھال : «قوچۇ دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled