گۈلنىھال |
2014-05-16 22:10 |
گۈلنىھال : چۇقان ۋەلىخانوپ ئۇيغۇرلارھەققىدە
چۇقان ۋەلىخانوپ ئۇيغۇرلارھەققىدە u
Q4WM ھەبىبۇللا ئېلى ( r_xs
J
wR]! 15-16-ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەۋلىيائى-ئەززەم، مازايىماشەيىخلارغا بولغان ئېتىقاد ھەددىدىن زىيادە كۈچىيىپ كەتتى، ھەتتا ئايرىمشەخسلەرگە، ئۇلارنىڭ قەبرە-مەقبەلىرىگە چوقۇنۇپ سەجدە قىلىش، ئۇلار يولىدا قۇربانبولۇشنى قانداقتۇر «شەرەپ» بىلىشتەك ھەرىكەت ۋە ھادىسىلەر يېڭى-يېڭى شەكىللەردەمەيدانغا چىقتى، بەلكى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدى. بۇ ھال تەبىئىي ھالدا شىنجاڭنىڭجەنۇبىغىمۇ قىسىلىپ سىڭىپ كىرىپ يېيىلىشقا باشلىدى. ~fLuys`*: ئىمام رىزا (ئەرەپ) نەسلىدىن دەپ ئاتالغان غوجا مەخدۇم(مەخدۇم ئەززەم) ئۆزىنىڭ ئەۋلىيا ۋە ئۆلىمالىق شۆھرىتىنى بۇخارادا قازانغان ئىدى.ئۇ 15-ئەسىرنىڭ بېشىدا قەشقەرگە كېلىپ، خانلار ۋە خان جەمەتىنىڭ چەكسىز ئىززەتھۆرمىتىگە مۇيەسسەر بولدى. خەلق ئۇنى ئەۋلىيا دەپ بىلىپ ئۇنىڭغا ئېتىقاد ۋەئېھتىرام بىلدۈردى. شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقايسى يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرى ئۇنىڭغاھەم ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابات، ئەھلى-ئەھيانلىرىغا نۇرغۇن-نۇرغۇن مال-مۈلۈك، يەر-جاي،پۇل-پۈچەك سوۋغا قىلدى. بۇ ھافىز دۇنيانىڭ كۈچىدە غوجا (غوجام) نىڭ ئىجدىمائىيەتتەتۇتقان ئورنى بىراقلا كۆتۈرلۈپ كەتتى. دىنىي، سىياسى، ئىقتىسادى تەسىرى قەۋەتلامۇستەھكەملەندى... غوجا مەخدۇمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى- غوجا ئىمامىكالان بىلەن غوجا ئىسھاق ۋەلى ئاتىسىنىڭ تەسىرىدە يۈز تاپتى. ئۇلار تەسەۋۋۇپ(سوپىزىم) تەلىماتى ۋە ئۆزلىرىنى ياقلايدىغان دىنى ئەقىدىلەرنى كەڭ دائىرىدەتارقىتىش مەقسىتىدە ھەرقايسىسى ئۆز ئەتراپىغا مۇرت، دەرۋىش، مۇجتەھىد ۋە سوپىلارنىتوپلىدى. كېيىنچە بۇ ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرىنىڭداھىيسى بولۇپ قالدى. ئىمامى كالان بىلەن ئىسھاق ۋەلىنىڭ ئۆز ئالدىغا توپلىغانتەرەپدارلىرى كۆپىيىپ، بارا-بارا بۇلار ئىككى سىياسى گورۇھ بولۇپ ئايرىلدى. ئىمامىكالان باش بولغان مەزھەپ «ئاق تاغلىقلار» (قەشقەردە)، ئىسھاق ۋەلى باش بولغانمەزھەپ «قارا تاغلىقلار» (يەركەندە) دەپ ئاتالدى. (بۇئىككى شەھەرنىڭ ھۆكۈمران دائىرلىرىئالدى بىلەن باش بولۇپ قوشۇلۇپ، كۆپچىلىك، ئاۋام-خەلقنىڭ ئەنە ئاشۇ ئىككى غوجامئەتراپىغا بۆلۈنۈپ گورۇھلىشىشىغا تۈرۈتكە بولدى) تەبىئىيكى غوجاملارنىڭ «ئۇلۇغۋار»ناملىرى جەمئىيەت، ئىدارە، مەمۇرىي ۋە سىياسى ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ چېتىلدى.چۈنكى جامائەت ئىشلىرى پۈتۈنلەي دېگۈدەك شەرىئەت ئاساسىدا ماڭغاچقا، ھەرقانداق بىرمەسىلىنى غوجاملارنىڭ ھۆكۈمى ۋە ئەمرى بىلەن بىر ياقلىق قىلىشقا توغرا كېلەتتى.شۇنداق قىلىپ غوجا ئەۋلاتلىرى ھەم دىنىي ھەم مۈلكى ئىدارىلەر (ئورگانلار) نىڭ ئەڭئالىي دەرىجىلىك باشلىقلىرى بولۇشقا تايىن تاپتى. M/
@1;a@\ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ بېرىۋاتقان ئۆزئارا جەڭگى جېدەل،فىتنە ئېغۋا، دىنىي تەسىر دائىرە تالىشىش نەتىجىسىدە پۈتكۈل جەنۇبى شىنجاڭ سۈنئىيرەۋىشتە ئەنە شۇنداق ئىككى سىياسى گورۇھقا بۆلۈنۈپ كەتتى، نادان خەلق كىم بەختلىكھايات ۋە سائادەتلىك ئاخىرەتنى ۋەدە قىلسا شۇنىڭ كەينىگە خۇددى بىر قوتان قويپادىسىدەك ئەگىشىپ كىرىپ كېتىۋېرەتتى، ئەزىز جانلىرىنى پىدا قىلىشقا تەييار ئىدى.لېكىن ھاكىمدارلار، مۇستەبىت يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرى خەلقنىڭ ئازادلىق، بەختلىكتۇرمۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ھەركەتلىرىدىن ناھايىتى ئەپلىك چارىلەر بىلەن ئۆزمەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىناتتى. شۇڭا ئۈزلۈكسىز داۋام قىلغان پاراكەندىچىلىك ھېچبىرمەسلەكسىز ۋە ئايىغى ئۈزۈلمەس تالاش-تارتىش، جاڭجاللار ئاقىۋەت چوڭ سىياسى غەۋغاغائايلىنىپ، ئالتە شەھەر دائىرسىدە زور قان تۆكۈلۈش باشلىنىپ كەتتى. بۇ توختاۋسىز ئۇرۇشلارنەتىجىسىدە خەلقنىڭ ئىقتىسادى تۇرمۇشى زەئىپلەشتى، تۈرلۈك-تۈمەن جاھالەتلىك ئۆرۈپئادەتلەر ۋە مۇستەبىت ئىدارە تەرتىۋىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى زەئىپلىككە ئۇچرىدى.ئىچكى تاشقى ۋەزىيەت مۇرەككەپلەشتى، ئەمەلىي كۈچ خورىدى. بارا-بارا ئەھۋال شۇدەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى، بۇ ئىككى دىنىي ۋە سىياسى گوروھ ئىدارىسىدىكى خەلقلەربىر-بىرىگە قوشۇلۇپ كەتمىسۇن ئۈچۈن ھەرقايسى تەرەپ كىشىلىرى ئالاھىدە رەڭلىك ۋەشەكىللىك كىيىم كىيىدىغان بولدى. مەسىلەن: قەشقەردىكى ئىمامى كالان ئاھالىسى ئاققالپاق كىيسە، يەركەندىكى ئىسھاق ۋەلى ئاھالىسى قارا قالپاق كىيىدى. مانا شۇسەۋەپتىن قەشقەر ۋە يەركەن ئەتراپىدىكى تاغلارياكى يەرلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاراپ،بۇئىككى تەرەپ كىشىلىرى «ئاق تاغلىق»(ئىشقىيەچىلەر)، «قارا تاغلىق»(ئىسھاقىيەچىلەر) دەپ ئاتىلىدىغان بولدى. ئەنە شۇ «ئاق تاغلىق»، «قارا تاغلىق»گوروھلىرى ئوتتۇرسىدىكى قانلىق پاجىئەلەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇقەددەس تارىخىغاچۈشكەن ئەڭ ھاقارەتلىك قارا داغلاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. :|J'HCth بۇ ئىچكى غەۋغالاردىن پايدىلانغان جۇڭغارلار___ ئۇيراتمۇڭغۇل قەبىلىلىرى ئىتتىپاقى، 17-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يەنە ھەركەتلەندى.گەنسۇ ئەتراپلىرىدا، قارا ئېرتىشتا، شەمەي ئەتراپىدا چېچىلىپ، كۆچۈپ يۈرگەنئۇيراتلارنىڭ چورۇس، تورغائۇت (تۇرغۇت)، خوشۇت قەبىلىلىرى قۇنتەيجى (كۈنتەيجى،قونتاجى) باشچىلىقىدا تىبەتكە توپلاندى. شىمالىي ياقتا قالغان مۇڭغۇل قەبىلىلىرىنىباتۇرخارتەيجى بىرلەشتۈردى. 1659-يىلى بۇ قەبىلىلەر دىنى باتۇر سەنگە سۆيكەر دېگەنكىشىلەر باشچىلىقىدا جۇڭغارىيە __ شىمالىي شىنجاڭنى ئىشغال قىلدى. يۇقىرىداكۆرسىتىلگەن تۆت قەبىلىنىڭ ئومۇمىي نامى «ئۇيراتلار»؛ ئېلى (ئالمالىغ)، ئۈرۈمچى،بارىكۆل، ئىمىل(تارباغىتاي) ۋە قورقارا ئوس قاتارلىق جايلار «جۇڭغارىيە» دەپئاتىلىپ كەلگەن. شىنجاڭنىڭ جەنۇبى قىسمىنى نىسبەتەن ئوڭاي ئىشغال قىلىشقا مۇۋەپپەقبولدى. دەرۋەقە جەنۇبى شىنجاڭنى غوجاملارنىڭ بىر گورۇھ ھۆكۈمرانلىرنىڭ ياردىمىبىلەن ئۆزىگە ئىتائەت قىلدۇردى. لېكىن شۇنىڭلىق بىلەنمۇ خەلقنىڭ غوجاملارغا بولغانئىشتىياقى ئۆچمىدى. چۈنكى نادان ئاۋام- خەلق يۇقىرى ھۆكۈمران قاتلاملارنىڭقايمۇقتۇرشى بىلەن پەقەت غوجاملارلا ھەقىقى بەخت ئېلىپ كەلگۈچى نىجادلىق كۈچ دەپقارايتتى. TqK`X#Zq 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا قەشقەر ھاكىمدارى ئىسمائىلخان (قاراتاغلىق تەرەپتارى) ئاق تاغلىق غوجا نەسلىدىن (ئىشان كالاننىڭ ئوغلى) بولغانھىدايۇتۇللا (ئاپپاق غوجا) بىلەن ھۆكۈمرانلىق تالىشىپ ئىككى ئوتتۇرىدا مۇجادىلەكۈچەيدى. ئىسمائىلخان ئاپپاق غوجىنى يەڭدى. ئاپپاق غوجا 1678-يىلى كەشمىر ئەرقىلىقتىببەتكە بېرىپ، دالاي لاماغا ئەرىز سۇنۇپ ياردەم سورىدى. دالاي لاما ئېلىدا(غۇلجىدا) تۇرغان جۇڭغار ھاكىمدارى قونتەيجى غالدانغا قارىتىپ بۇيرۇق يېزىپ بەردى.ئاپپاق غوجا بۇ بۇيرۇقنى ئېلىپ ئېلىغا كەلدى ھەم غالداننىڭ قوشۇپ بەرگەنئەسكەرلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ جەنۇبى شىنجاڭغا يول ئالدى. يول بويى تۇرپان ھاكىمدارلىرىخانلار نەسلىدىن بولغان ئابدۇرەشىدخان ئۆز ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ جۇڭغارلارغاقوشۇلدى. قاتتىق جەڭلەردىن كېيىن يەكەندە تۇرغان قارا تاغلىقلار (قارا تاغلىقغوجىلار) كەشمىرگە قاچتى. سەئىدىيە سۇلتانى ئىسمائىلخان ئائىلىسىدىكىلەر بىلەنئەسىرگە چۈشتى. شۇنداق قىلىپ غوجاملارنىڭ بىر گوروھىنىڭ ياردىمى بىلەن جۇڭغارلارجەنۇبى شىنجاڭغا بېسىپ كىردى. جۇڭغارلار ئاپپاق غوجىنى قەشقەرگە، ئابدۇرەشىدخاننىيەركەنگە ھاكىمدار قىلىپ قويۇپ، نۇرغۇن ئولجىلارنى، سەئىدىيە سۇلتانىنى ئائىلىسىبىلەن ئېلىپ ئېلىغا يېنىپ كەتتى. ئالتە شەھەر خەلقى غالدانغا سېلىق (يىلىغا 100مىڭتەڭگە ۋە باشقا نەرسىلەر) تۆلەشكە مەجبۇر بولدى. لېكىن ئىدارە تەرتىپلىرى ۋەئاپراتلار ئىلگىركى ھالىتىدە تۇرىۋەردى. جۇڭغارلار سېلىق ئېلىشتىن باشقا ئىچكىئىشلارغا كۆپ ئارلاشمىدى. |<&9_Aq_ ئاپپاق غوجا ئابدۇرەشىدخاندىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپئۆزىنى پۈتكۈل ئالتە شەھەر خانى دەپ ئېلان قىلدى. كۆپ ئۆتمەي خەلق ئارىسىدا«جۇڭغارلارنى ئەگەشتۈرۈپ كېلىپ، خەلقنى ئازاپقا دۇچار قىلدى.» دېگەندەك ئاپپاقغوجىغا قارشى نارازىلىق كۈچەيدى. شۇڭا ئاپپاق غوجا دۆلەت ئىشىدىن ئىستىپا بېرىپ،ئۆزى ئۈستىدە پەقەت دىنى-روھانىيلىق ۋەزىپىنىلا قالدۇردى. ئىسمايىل خاننىڭئۈچتۇرپانىدىكى جىيەنى مۇھەممەدئىمىنخاننى چاقىرىپ ئۆز ئورنىغا خان قىلىپ قويدى.ۋە ئاپپاق خوجا مۇھەممەدئىمىنخاننى جۇڭغارلارغا قارشى غازات قىلىشىقا دەۋەت قىلدى.مۇھەممەدئىمىنخان ئەسكەر توپلاپ جۇڭغارلار ئىگەللەپ ياتقان تېكەس، يۇلتۇز ئەتراپىغاتۇيۇقىسىز ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى ھالاكەتكە ئۇچراتتى. نۇرغۇن ئولجا، 30مىڭ مۇڭغۇلىنىئەسىر ئېلىپ ياندى. لېكىن بىر تەرەپتىن ئوردا ئىچىدىكى ئاق تاغلىق جوجىلارنىڭفىتىنە-پاساتلىدى، يەنەبىر تەرەپتىن جۇڭغارلارنىڭ ئۆچ ئېلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقخەۋىرى مۇھەممەدئىمىنخاننى تاغقا چىقىشقا مەجبۇر قىلدى. كۆپ ئۆتمەي ئۆزئادەملىرنىڭ بىرى تەرىپىدن (ئەلۋەتتە قارشى تەرەپنىڭ تاپشۇرقى بىلەن) قەتلىقىلىندى. بۇ ھال شۇنى كۆرستىدۇكى ئاپپاق خوجا ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى خەلىقنڭنارازىلىقىنى بېىسىقتۇرۇش ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق سىياسى تاكتىكا قوللانغان.مۇھەممەدئىمىنخان ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن يەنى 1680- يىللاردا ئاپپاق خوجاھاكىمىيەتىنى قولىغا ئېلىپ ئۆزىنى يەنە خان دەپ ئېلان قىلدى. ئاپپاق خوجائۆلگەندىن كېيىن 1710-يىللىرى خوجاملار نەسلىدىن بىر ئايال (خانىم پادشاھ) خانلىقتالاشتى. مۇرتلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئوغلى مەھدىگە خانلىق ئېلىش مەقسىتىدە ئاپپاقخوجىنىڭ ئوغلى يەھيانى قەتلى قىلدۇردى. ئاپپاق خوجىنىڭ كىچىك ئوغلى ئەھمەد خوجاتاغقا قىچىپ قۇتۇلدى. ئاندىن خانىم پادشاھمۇ شۇ مۇرىتلارنىڭ بىر گورۇھىنىڭ قولىداقەتلى قىلىندى. پۇرسەتتىن پايدىلانغان مۇھەممەدئىمىنخاننىڭ ئىنىسى مۇھەممەتمۆمىنخان (ئاق باش خان ياكى ئىسمائىل خانىنىڭ يەنە بىر ئىنىسى) ئۆزىنى خان دەپئېلان قىلدى، ئاق باش خان خوجەنىتتە قاچقۇندا يۈرگەن قارا تاغلىق خوجلارىدىنبولغان دانىيال خوجىنى چاقىرىۋالدى. قەشقەر خەلقى ئاپپاق خوجىنى ئومۇمەن ئىمامىكالان نەسلىنى كۆپ ھۆرمەت قىلاتتى، شۇڭلاشقا ئەھمەت خوجىنى خان قىلىپ تىكىلىدى.قەشقەر ۋە يەكەن ئوتتۇرىسىدا يەنە قانلىق پاجىئەلەر ئەۋىجە ئالدى. ئاق تاغلىق خانتەرەپدارلىرى قىرغىزلاربىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، يەركەنىنى مۇھاسىرە قىلدى. ئاق باشخان خوجا مەھدى بىلەن ھىندىستنغا قاچتى، يەكەنگە قىرغىز ھاشم ھاكىم بولدى. ھاشمباشلىق قىرغىزلار ئەمدىلىكتە قارا تاغلىقلارغا (دانىيال خوجغا) يان باستى، ئۇزاقمۇدەتلىك قانلىق پاجىئەلەردىن كېيىن دانىيال خوجا بارلىق يەكەن ۋە خوتەنۋىلايەتلىرىگە ئىگە بولۇپ قەشقەرنى ئىشغال قىلىشقا تەييارلانىدى. شۇ چاغدامۇھەممەت ئىمىن باشلىق قەشقەرلىكلەرنىڭ جۇڭغارلارغا بەرگەن قاتتىق زەبىسىگەجاۋابەن ئۆچ ئېلىش مەقىسدىدە جۇڭغار ھاكىمدارلىرى ئالتە شەھەرگە قاراپ ماڭدى.دانىيال خوجا باشلىق قارا تاغلىق گورۇھىنىڭ ھاكىمدارلىرىنى ئۆزلىرىگە مايىل قىلىپ،ئۇلار بىرلىشىپ قەشقەرگە ھوجۇم قىلدى. قەشقەر خەلىقى قەھرىمانلىق بىلەن ئۆزشەھەرنىھىمايە قىلدى. ئۇزۇن مۇدەتلىك جەڭلەردىن مۇھاسىردىن كېيىن قەشقەر ئاخىرى تەسلىمبولىدى. جۇڭغارلار قوزغىلاڭىغا پائال قاتناشقانلارنى قاتتىق جازالىدى. ئەمدىجۇڭغارلارنىڭ ياردىمى بىلەن قارا تاغلىق خوجىلار ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتتى.جۇڭغارلار ئولجا ئېلىپ، خەلىقنى بۇلاپ – تالاپ ، مال دۇنياغا غەرىق بولۇپ، ھەرئىككى تەرەپىنىڭ خان ( خوجىلىرنى ) ئائىلىرى بىلەن ئىلىغا ئېلىپ كەتتى بۇنىڭدىنمەقسەت بىرىنچىدىن خوجىلارنى گۆرۆرە تۇتۇپ، خەلىقنىڭ جۇڭغارلارغا قارشى جەڭقىلماسلىقىنى تەمىن ئېتىش. ئىككىنچىدىن ئالتە شەھەرنى ئۆزلىرىگە تېخىمۇ ئىتائەتقىلدۇرۇش ئىدى.غالدان ئۆلگەندىن كېىين ئورنىغا سابان ئارابتان ھاكىمدار بولدى. ھەم1720-يىلى دانىيال خوجىنى پۈتۈن ئالتە شەھەرگە ھاكىمدار قىلىپ ئەۋەتتى دانىيالخوجا يەكەنىنى پايتەخىت قىلىپ ئالتە شەھەرگە ھەممە جايىلىرىغا ئۆز تەرەپدارلىرىدىنھاكىم ۋە باشقا ئەمەلدارلىرىنى تەيىنىلىدى. دانىيال خوجا ئۆلگەندە، ئۇنىڭ ئورنىغاجۇڭغار ھاكىمدارنى خالدان دانىيالنىڭ تۆت ئوغلىنى تۆت شەھەرگە ھاكىم قىلىپتەيىنلىدى. ( يەكەنگە خوجا جاھان، ئاقسۇغا ئايۇپ خوجا، قەشقەرگە يۈسۈپ خوجا،خوتەنگە ئابدۇللا خوجا، ھاكىم بولۇشتى. ) شۇ كۈنلەردە ( 1750- يىللىرى ) بىرتەرەپتىن جۇڭغالار ئارسىدا خانلىق تالىشش ئاساسىدا ئىچكى ماجرالار كۈچەيدى.جۇڭغارلارنىڭ بىر تەرەپى (ئامۇر سانلىق باشلىق ) مانجۇ خانى بۇغدا خانىدىن ياردەمسورىدى. ئىككىنچى تەرەپىتىن خەلىق ئۈسىتىدىكى ئېغىرچىلىقلار، جۇڭغارلارنىڭ ئېلىق-سېلىق ئاخىرقى چەككە يەتتى... Q/ rOIHiI قەشقەر ھاكىمدارى يۈسۈپ خوجا باشلىق خانلىق دۆلىتى قورۇشتەييارلىغى باشلاندى. ھەربى ئىستھكاملار قورۇلۇپ ئەسكىرى كۈچلەر تەييارلاندى. بۇھەركەتكە يەكەن ھاكىمدارى (خوجى ) قوشۇلدى. ئاقسۇ چوڭلىرىدىن ئابدۇللا ۋاھاپ، ۋەئۈچ تۇرپان ھاكىمى خوجا سىدىق ئاسلىق قىلدى. بۇلار جۇڭغار ھاكىمدارلىرىغا قەشقەرھاكىمدارى باشلىق بولىۋاتقان تەييارلىق پىلانىنى مەلۇم قىلدى. جۇڭغارلارنىڭ يوليورىغى بىلەن يەنە شۇلار قەشقەر ئىشىك ئاغىسى ( مۇئاۋىن ھاكىم )خۇدا يار بەرگىنىۋە ئاتۇش بېگى ئابدۇساتتارنى دەي- دەيگە سېلىپ يۈسۈپ خوجىنى قەتلى قىلش يولىغاچۈشۇردى. بۇ سۇيقەستلىك پىلان قەشقەر ھۆكۈمىتىگە مەلۇم بولۇپ قېلىپ خۇدا يار بەگئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قېلىندى. ئابدۇساتتار بولسا قېچىپ قۇتۇلۇپ ئىلىغا كېلىپجۇڭغارلارغا ئەھۋالنى ئېيتتى. جۇڭغارلار ئالتە شەھەرگە نۇرغۇن ئەسكەر ئەۋەتمەيلا (ئۇ كۈنلەردە جۇڭغار ھاكىملىرى ئۆز ئىچىدە ئىتىپاقسىزلىق ۋە جىدەل غوۋغالار بىلەنبولۇپ كېتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسيانىنى باسقۇدەك كۈچكە مالىك ئەمەس ئىدى. ) بىر ئازساقچى بىلەن ۋەكىللەر ئۆمىگى ئەۋەتتى. ۋەكىللەرگە جۇڭغارلارغا ئىشەنچىلىك كىشلەرياردىمى بىلەن خوجىلارنى تۇتۇش، قالغان سېلىقلارنى يىغىش تاپشۇرۇلغاندى. ۋەكىللەركۇچا ئارقىلىق يەكەنگە باردى، ھەم ھاكىم ئەزىز بەگىنىڭ ياردىمى بىلەن جاھان خوجىنىتۇتۇپ باغلىۋالدى، شۇ ئارىدا يۈسۈپ خوجىنڭ مۇراجىتى بىلەن قەشقەر ۋە خوتەن خەلىقىقوزغىلاڭغا ئاتلاندى. جۇڭغار ۋەكىللىرنى ۋە ئۇلارنىڭ سېتلغانلارنى گۇمران قىلىپجاھان خوجىنى بوشىتىۋالدى. جاھان خوجىنىڭ مۆمن، كۆڭۈل چەكلىكىدىن ئەزىز بەگكەئوخشاش كىشىلەر بەنىلا جازالانماي قالدى. ۋەھالەنكى خەلىق بۇلارنى جازالاشنىقاتتىق تەلەپ قىلغانىدى. شۇ چاغلاردا مانجۇلار (چىڭ سۇلاسى ھاكىمىيى ) شىنجاڭنىڭئىچكى ئىشلىرىغا پائال ئارلىشىپ، بەنە مۇرەسسە يۈرگۈزۈشكە باشلىغانىدى. «ئۇنىغانغا يونىغان» دىگەندەك، جۇڭغارىيەدە يېڭى ھادىسلەر پەيدا بولدى. جۇڭغار ھاكىمدارلىقىدىنخانلىق تالاشقان ئامور سانا بىېجىڭغا بېرىپ بۇغدا خاندىن ياردەم سوراپ، مانجۇئەسكەرلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ئىلىغا ئېلىپ كەلدى ۋە 1750-يىللىرى بولغان جەڭلەرنەتىجسىدە ھاكىمىيەتىنى ئۆز قولىغا ئالدى. ئالتە شەھەرنى قايتا ئشغال قىلش ئۈچۈنھەركەت قوللاندى. ئەھمەد خوجىنڭ تۇتقۇنىدىكى ئوغۇللىرى بۇرھانىدىن خوجا ۋەخوجىلىرىنى ئىلغار( ئىرەن قابۇرغىدىن ) كەلتۈرۈپ، ئۇلارغا ھاكىمدارلىقىنى ۋەدەقىلىپ ئۆزىگە مايىل قىلدى. مۇڭغۇل، مانجۇ ۋە باشقا مىللەتلەردىن ئەسكەر يىغىپبۇرھاندىن بىلەن (ئۇچاغدا ئىنىسى گۆرەگە ئېلىپ قېلىپ ) ئالتە شەھەرگە ئاتلاندۇردى.ئاقسۇ ۋە ئۈچتۇرپان ھاكىمدارلىرى بۇرھانىدىنغا قوشۇلدى. قارا تاغلىق خوجلار يەكەن،قەشقەر، خوتەن خەلىقىدىن ھەم قىرغىزلاردىن ئەسكىرى كۈچ توپلاپ بۇرھاندىنغا قارشىئاتلاندى. قىرغىزلار بىلەن ئاق تاغلىقلارنىڭ چوڭلىرىنىڭ بىر قىسمى خائىنلىق قىلىپبۇرھاندىن تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى. ئۇرۇشتا جۇڭغالارغا ۋە مانجۇلارغا قول چوماقبولغان بۇرھاندىن ۋە باشقا ھۆكۈمران قاتلاملارنىڭ كۈچى غالىپ كېلىپ، قاراتاغلىقلار چىكىنشىكەمەجبۇر بولدى. شۇكۈنلەردە ۋاپات بولغان يۈسۈپ خوجا ئورنىغائابدۇللاخوجا ھاكىمدار بولغان ۋە بوخوجا ئۆز ئىنسى مولان خوجا باشچىلقىدا ئاقسۇغائادەم ئەۋەتكەنىدى. ئاقسۇىدىكى مەغلۇبىيەتتىن كېيىن مولان خوجا، يەكيا خوجا (جاھانخوجىنىڭ ئوغلى ) بىرلىكتە قوقانغا قاچتى. يەكەن خەلىقى جاھان خوجا رەھبەرلىكىدەقوزغىلاڭ كۆتۇردى. ئۇلار بۇرھانىدىن خوجىنى قورچاق قىلىپ كەلگەن مانجۇ ۋە جۇڭغارئەسكەرلىرى بىلەن قەھرىمانلارچە جەڭ قىلدى. بۇرھانىدىن خوجا مانجۇ ئەسكەرباشلىقلىرىنىڭ تەلۋىې بىلەن جاھان خوجىسىغا خەت يېزىپ، مانجۇلارغا تەسلىم بولۇشقائۈندىدى. جاھان خوجا خەلىقنىڭ قەتئې تەلىپى بىلەن بۇ تەكلىپنى رەت قىلدى. ۋە«ئاخىرقى تامچە قېنىمىز قالغىچە جەڭ قىلىمىز» دەپ جاۋاپ قايتۇردى . +VSJve | يەنە شۇ يەكەن ھاكىمى ئەزىزبەگ ئشىك ئاغا نىياز بەگلەرتېخىمۇ چوڭ مەنسەپ ۋە ئىنئام ئېلىش ئۈمۈدى بىلەن (ئۇلارغا مانجۇلار تەرپىدىنشۇنداق مەنسەپلەر ۋەدە قىلىنغان ئىدى) دۈشمەن تەرەپكە سېتىلدى. بۇلار جەڭلەر راساقىزىپ، دۈشمەنلەر ھالاكەتكە ئۇچىراپ چېكىنىشكە ئاز قالغان ھالقىلىق پەيىتتەجەڭچىلەر ئارىسىدا ئالاقزادىلىك پەيدا قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرى ئارقىسىغا بىر توپتۇراقسىز ،مەھسىلەتسىز كىشىلەرنى ئەگەشتۈرۈپ قاچتى، ھەم شەھەر دەرۋازىسىنىئېچىۋەتتى. نەتىجىدە مانجۇ ۋە جۇڭغار ئەسكەرلىرى شەھەر ئىچىگە سەلدەك ئېلىپ كەلدى . /I|.^ Id| يول باشچىسىز قالغان جەڭچىلەر تېرى-پېرەڭ بولۇپ پېتىراپكەتتى يەكەن تەسلىم بولۇشغا مەجبۇر بولدى. شۇنداق قىلىپ 1755 – يىللىرى يەنە ئاقتاغلىق خوجىلارنى ۋاستە قىلىپ، ئالتە شەھەرنى مانجۇ، جۇڭغالار ئىشغال قىلدى، شۇچاغلاردا يەنە جۇڭغارلار بىلەن مانجۇلارنىڭ ئارىسمۇ بۇزۈلدى. ئامۇرسانامانجۇلارنىڭ كۇچى بىلەن ھاكىمىيەتكە ئىگە بولىۋېلىپ ئۆزىگە كۇچ توپلىدى ۋە مانجۇئەسكەرلىرىنى تارمار قىلدى. مانجۇ خانلىقى جۇڭغارلاردىن ئىنتىقام ئېلىش باھانىسىبىلەن ناھايىتى كۆپ، خىل قوراللانغان ئەسكەرلەرنى ئەۋەتتى. جۇڭغار خانلىقى بىرتەرەپتىن شىنجاڭ خەلقىنڭ ئازادلىق كۆرەشلىرى، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ ئىچكىماجىرالىرى سەۋەبتىن بەكلا زەئىپلەشكەندى، پۇرسەتتىن پايدىلانغان مانجۇ قوشۇنلىرىجۇڭغارىيە زېمىنىغا بېسپ كىردى. جۇڭغار (موڭغۇل)لارنى قىرغىن قىلدى. ئامۇرسانا ئۆزيېقىنلىرى بىلەن روسىيەگە قاچتى قېچىپ ئۈلگۈرەلمىگەن مۇڭغۇللار قېرىپ تاشلاندى.(شۇ قېتىمدا بىر ملىيوندىن ئوشۇق موڭغۇل قېرغىن قىلنىغان) x j~/C5@ شىنجاڭ خەلقى مانجۇ – موڭغۇللار ئىشغالىيىتگە قاتتىق نارازىبولدى ۋە بۇرھانىدىن باشلىق خوجىلارنى ئۆزلىرىنىڭ مانجۇ پەرەسلىك سىياسىتىنىئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلدى. ZsXw]Wa 1756 – يىللىرىدىن باشلاپ بۇرھاندىن ۋە خان خوجىلار باشچىلىقىدائۇيغۇر خەلقىنىڭ مانجۇ ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىلاڭلىرى باشلاندى، ئۈچ يىل داۋامقىلغان كۆرەش نەتىجىسىدە مانجۇ باسقۇنچىلىرى بىر قانچە قېتىم يېڭىلىپ چېكىندى ۋەجەنۇبى شىنجاڭ خەلقى ئازادلىق تۇغىنى قارىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شىمالېشىنجاڭنى ھەم ئازاد قىلشقا ھەركەتلەندى. لېكىن، بىر تەرەپتىن خوجاملارنىڭ ئىچكىجەھەتتىكى ئىدارە تەرتىپسىزلىگى گوروھۋازلىق كۆرەشلىرى ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئۈسىدىكىئېغىرچىلىقلارنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىپ كەتكەنلىگى كۆرەش ئىرادىنىڭ بوشىشىپ زەئىپلىششىگەسەۋەب بولدى. يەنە بىر تەرەپتىن مانجۇ مۇستەملىكچىلىرى كەڭ كۆلەمدە ھەربې كۈچتوپلىدى. ۋە ھەر قاچان تەييار تۇرغانلاردىن پايدىلاندى، نەتىجىدە 1758 – يىلىمانجۇ گېنىرالى جاۋخۇي مۇئاۋىن گېنىرال فۇدى باشچىلىقىدا بېسىپ كىرگەن زور قوشۇنشىنجاڭنى ھېچ كۈچىمەيلا ئىگەللىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ شىنجاڭ خەلقى 78 يىل ھوكۈمسۈرگەن جۇڭغارلاردىن قۇتۇلۇپ مانجۇ ھوكۈمرانلىغىغا تۇتۇلدى . NS`hXf مەغلۇبىيەتكە ئۇچىراپ قاچقان شىنجاڭدىكى خوجا ئەۋلاتلىرندىنبۇرھانىدىن ۋە خان خوجىلار باشچىلىقىدىكى تۆت خوجا بەدەخشانغا باردى. ئۇ يەرنىڭھاكىمدارى سۇلتان شاھ مانجۇلارغا خوشامەت قىلىپ ھەم ئۆز تەسىردا ئىرىنى كېڭەيىتىشمەقىستىدە خوجىلارنى تۇتۇپ ئۆلتۈردى، ئۇلارنىڭ باشلىرىنى ئارقىلىرىدىن قوغلاپكەلگەن مانجۇلارغا تەغدىم قىلدى. قالغان تۆت خوجا جەڭلەردە شەھىد بولدى. ئاپپاقخوجا نەسىلىدىن بولغان بۇرھانىدىنىنڭ ياش ئوغلى سامساق خوجا قېچىپ قۇتۇلۇپ ئائىلەۋە يېقىنلىرى بىلەن قوقان خاندانلىقىنىڭ ھىمايىسىگە يېرىۋالىدى. «19-ئەسرنىڭئالدىنىقى يېرىمىدا قوقان ۋە مەرغىلانغا قېچىپ بارغان قەشقەر خوجىلىرىنىڭئەۋلادىلىرى 800كشدىن ئېشىپ كەتتى.» («ۋەلىغا بوپ ئەسەرلىرى 1958-يىل ئالمۇتابەشرى. 52بەت ) مانجۇ ھاكىمدارلىرى قوزغىلاڭغا قاتقاشقانلارغا قاتتىق جازاچارىلىرىنى قولاندى. خەلق ئۈستدىكى ئېلىق- سېلىق، ئالۋان ياساق ھەدىدىن ئاشتىئازادلىق قوزغىلاڭلىرىدا جان پىدالىق كۆرسەتلەنلەرنى مانجۇلار ئېنىقلاپ چىقىپ«خەتەرلىك ئۇنسۇرلار» تىزىملىگىگە ئالدى... ,30lu a مانجۇ زالىملىرىنىڭ زۇلىمىغا چدىمىغان شىنجاڭ خەلقى يەنەقوزغىلىپ، جەڭ مەيدانلىرىغا مۇقەددەس قانلىرىنى تۆكۈشنى داۋام ئەتكۈزدى.1765-يىللرى ئۈچتۇرپان خەلقى ئازادلىق تۇغىنى كۆتۈرۈپ چىقتى. مانجۇئەمەلدارلىرىنى، ساقچى ۋە ئەسكەرلىرىنى تارمار قىلىپ شەھەر ۋە پۈتۈن ناھىينى ئازاتقىلدى. ئاقسۇ ۋە كۇچادىن ئەۋەتىلگەن مانجۇ ئەسكەرلىرىمۇ يېڭلىپ قاچتى. ئەمما بۇقوزغىلاڭغا شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرى بىردەك ئشتراك قىلالماي قىلدى، چۈنكىقوزغىلاڭنىڭ تەشكىلى رەھبەرلىكى ۋە ئېنىق پروگراممىسى يوق ئىدى. شۇڭا مۇزارتىنىئېشىپ ئۆتكەن 10 مىڭ مانجۇ ئەسكەرى ئۈچتۇرپاننى مۇھاسىرگە ئالدى. ئۈچتۇرپان خەلقىقەھرىمانلارچە مۇداپىيە تۈزۈمىنى داۋام قىلغان بولسمۇ، لېكىن ئۈچ ئاي مۇھاسرىدىنكېيىن ئاچ يالاڭغاچلىققا دۇچاربولغان شەھەر يېڭىلدى. شەھەرگە بىسپ كىرگەنباسقۇنچىلار بىلەن خەلق ئاخىرقى مىنۇتىقچە قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ جەڭ قىلدى. چىڭھۆكىمىتىنڭ ئەمىرى بىلەن بۇلارنىڭ ئورنىغا ھەر قايسى جايلاردىن ئاھالە كۆچۈرۈپكېلىپ جايلاشتۇرۇلدى، شۇنىڭدىن كېيىن 60 يىلىغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە شىنجاڭدا كەڭمىقىياسدا ئازادلىق ھەرىكىتى بولمىغىنى بىلەن ئۇششاق- چۈشەك، ئۇيەر- بۇيەرلەردەقوزغىلاڭلار بولۇپ تۇرىدى. مانجۇ ھاكىمىيىتى بارغانسىرى قاتتىق قوللۇق سىياسەتيۈرگۈزدى، خەلىقىنىڭ ئىقدىسادى ۋە جىسمانىي كۈچى بىلەن سېپل ئستھكاملارنىكۆپەيتىپ، خەلق ئۈستىدىكى سېلىق، ئالۋاڭ ياساقلارنى كۈچەيتتى. خەلقنىڭ ئىقدسادىتۇرمۇشى كۈندىن كۈنگە يامانلاشتى. ھەر يىلى يۈزلىگەن، مىڭلىغان كەمبەغەلمەدىكارلار ئوقەت ئىزلەپ جان باقماق ئۈچۈن ئوتتورا ئاسىياغا ئېشىقا باشلىدى. گۆدەكسامساق خوجا چوڭ بولدى. ئۇ ئاتىسىنڭ ئىنىتىغا مىنى ئېلش نىيىتىدە تەشۋىقات ئېلىپبېرىپ كۈچ يىغدى. ئالتە شەھەر خەلقىنىڭ خوجاملىرىغا بولغان ئىدىقادى تېخىساقلانغان ئىدى، بولۇپمۇ كېيىنكى جەڭلەردە قۇربان بولغان خوجاملارنىڭ خاتىرسىخەلىقتىكى بۇ ئىدىقاتىنى يەنىمۇ كۈچەيىتكەندى، شۇڭلاشقا خەلق خوجاملارنىڭ كېلىشنىۋە ئۆزلىرىگە يېتەكچىلىك قىلشنى كۈتەتتى. 1816-يىلى قاراتاغلىق زىياۋۇدۇنباشچىلىقىداقوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى، قىرغىزلارنىڭ بىر قىسمى قوزغىلاڭغا قوشۇلدى.قاتتىق جەڭلەردىن كېيىن قوزغىلاڭچىلارنىڭ كۈچى ئاجىز كېلىپ مەغلۇبىيەتكەئۈچىرىدى.زىياۋۇدۇن جەڭدە شەھىد بولدى. ئۇنىڭ بىر گۆدەك ئوغلىنى مانجۇ ئەمەلدارلىرىبىېجىڭغا ئېلىپ كېتىپ بالاغەتكە يەتكەندە دارغا ئاستى. بۇ ۋەقە خەلىقنىڭ قاتتىقغەزەپ-نەپرەت ئوتنى لاۋۇلداتتى. قەشقەرىيە خەلقى تاقەتسزلىك بىلەن ئازادلىقھەرىكتىنڭ باشلشنى، سامساق خوجىنىڭ كېلشنى كۈتەتتى، 1820-يىلى سامساق خوجا ۋاپاتبولدى. (شۇ يىلى قوقان خانى ئۆمەربۇ ۋاپات بولغاندى. ) سامساق خوجىنڭ مەديۈسۈپخوجا، باھاۋۇدۇن خوجاۋە جاھانگىر خوجا دىگەن ئۈچ ئوغلى بار ئىدى، جاھانگىر خوجازەردىلىك، زېرەك، قابل ۋە تەشكىلاتچى بولۇپ يېتىشىپ چىقتى، شىنجڭدىن چىققانئۇيغۇرلارغا-مەدىكار، ئوقەتچىلەرگە، ئۆزبىك، تاجىك، قىرغىز خەلىقنىڭ ياردىمى ۋەتىلەك داشلىقىغا تايانغان جاھانگىر خوجا قوقان خاننىڭ روخستىسز تەڭرى تېغىغا قېچىپچىقىتى. (چۈنكى ئۇ چاغلاردا شىنجاڭ بىلەن ئوتتورا ئاسيا ئارسدا قىززىق كېتىۋاتقانسودا ئالاقىسى ئۇرۇشلار نەتىجىسدە سۇسلاشقاندى. قوقان خانلىقى شىنجاڭ ئارقىلىقمانجۇ خانلىقى بىلەن كەڭ كۆلەمدە سودا ئالاقسى يۈۇۈرگۈزۈۋاتقانلىقىدىن تولىمۇمىننەتدار ئىدى. مانجۇلار بولسا بۇنداق سودىدىن مەنپەئەتدار بولۇشتىن باشقاجوجاملارنىڭ خەتەرلىك كۈچ ئىكەنلىگىنى بىلەتتى ۋە بۇ كۈچنى پەقەت قوقان خانلىرىئوتتۇرسدا پۇتۇم ھاسىل قىلنىغانىدى. بۇ كېلىشمدە قوقان خانى ئۆمەر خوجىلارنى بوجىقىلىپ ئۆز پايدىسنى تەمىن ئەتتى، كېلىشم بويىچە خوجا ئەۋلاتلىرىنى دائىملىق تەقىپئاستدا تۇتۇپ تۇرۇش بەدلىگە مانجۇ خانلىقى ھەر يىلى 200 يامبۇ تۆلەپ تۇردى. شۇنىڭبىلەن قوقان ھۆكۈمىتى. خوجاملارنى قەشقەرىيەگە ئەۋەتمەي، تېخىمۇ چىڭ تۇتىدىغانبولغاندى.)ھەم شۇ يەردە كۈچ توپلىدى. قوقان خانلىرى مانجۇ تەرەپتە بولسمۇ، خەلققوزغىلاڭچىلار تەرەپتە بولغاچقا، خەلىقنىڭ نارازىلىقىدىن قورقۇپ جاھانگىر خوجىغاقارشى قاتتىق ۋە قەتتى چارە كۆرەلمدى، جاھانگىر خوجا ئۇيغۇر، ئۆزبىك، تاجىك،قىرغىزلاردىن كۈچ توپلاپ 1825-يىلى قەشقەرگە بىرىنچى قېتىم ھۇجۇم قىلدى. لېكىنجاھانگىر خوجىنىڭ كۈچىنىڭ ئاجىزلىغى، مانجۇلارنىڭ ئايغاقچلار ئارقىلىق ئەھۋالدىنخەۋەر تېپىشى نەتىجسىدە قەشقەرنى ئالالمىدى. جاھانگىر خوجا تەڭرى تېغىغا چېكىنىپ،قايىتىدىن كۈچ توپلاشقا كىرشىتى. قەشقەر ئەتراپىدا قوزغالغان خەلقتىن يېڭى كۈچلەرقوشۇلدى. مانجۇ ھاكىمىيىتى قوغلاشقا ئەۋەتكەن 500 ئەسكەر بىر تاغ قسلىچلىغداجاھانگىر خوجا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلنىندى ھەم تامام قىرىپ تاشلاندى.بۇلارنىڭ قوراللىرى بىلەن قوراللانغان قوزغىلاڭچىلارنىڭ كۈچى ھەسىلەپ ئاشتى،پۇخىتاتەييارلىقتىن كېيىن1826-يىلى ئەتىيازدا جاھانگىر خوجا يەنە لەشكەر تارتىپ قەشقەرگەيەنە ئاتلاندى شۇ چاغدىكى جەنۇبى شىنجاڭىنىڭ ھەربى ۋە دۆلەت ھاكىمدارى (جاڭجۈن) نىڭبىۋاستە قوماندانلغىدا قوزغىلاڭچىلارغا قارشى مانجۇ ئەسكەرلىرى چىقتى، قاتتىقجەڭلەردىن كېيىن مانجۇ ئەسكەرلىرى يېڭلىپ قاچتى ۋە گۈلباغ (يېڭى شەھەر) سېپىلغابېكنىۋالدى.قەشقەر ۋە قەشقەر ئەتىراپىدىكى پۈتۈن خەلق قوزغىلىپ جاھانگىر خوجاسېپىگە قوشۇلدى، تېخى تەجىربىسىز، يۇمشاق كۆڭۈل، تەقۋادار ۋە ياۋاش جاھانگىر خوجامانجۇچە رەسلەرگە نىسبەتەن قاتىتىق سىياسەت قوللانمدى، شۇنداقلا پۈتۈن ئالتەشەھەرنى ئازات قىلىش يولىدا قەتئى ۋە تېز چارە كۆرمىدى. جاھانگىر خوجا باشچىلىقىداقەشقەر ئازات قىلنغاندىن كېيىن قوقان خانى «ياردەم بىرىمىز دەپ» 15مىڭ ئەسكەرئەۋەتتى. قوقان خانننىڭ مەقسدى شۇنىڭدىن ئىبارەت ئىدىكى، جاھانگىر خوجا قەشقەرنىئىگەللىگەندىن كېيىن مانجۇلار بەربىر ئۆزلىرىگە ئىلگىرىكىدەك مۇئامىلەقىلمايدىغانلىقىنى ۋە ئشەنمەيىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا بولار ئىش بولغاندىن كېيىنئالتە شەھەرنى ئۆز تەسىرىدە تۇتۇش ۋە ئۆزبىك خەلقىقنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ياردەمقىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئەپكارى ئومۇمىيەسىنى خاتىرجەملەندۈرۈش يۈزسىدىن قەشقەرگەئەسكەر ئەۋەتكەندى، لېكىن قوقان ئەسكەرلىرنىڭ باشلىقلىرى ئولجا ئېلش، بۇلاڭ-تالاڭقىلشتەك تەرتىپسىزلىكلەر بىلەن مەشغۇل بولغاچقا خەلق نارازى بولدى. شۇڭلاشقا قوقانئەسكەرلىرى ئاران 12كۈن تۇرۇپلا 70 كۈن مۇھاسىرىدە تۇرغان مانجۇ ئەسكەرلىرى تەسلىمبولدى. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىغانلىرى جەڭدە ئۆلتۈرۈلدى، قالغانلىرى ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇشئۈچۈن ئسلام دىىننى قوبۇل قىلىپ ئىمان ئېيتتى. يوقۇردا كۆرستىپ ئۆتۈلگەن تارىخىۋەقەلەرگە، بولۇپمۇ 1750-يىللىرىدىن كېيىنكى (مانجۇلار ئستىلاسىدىن كېيىنكى)دەۋرلەرگە توختىلىپ قىسقچە مۇلاھىزە قىلىپ كۆرىدىغان بولساق يەنە شۇ نەرسە ئېنىقبولۇپ قالىدۇكى مانجۇ خانلىقى شىنجاڭنى پۈتۈنلەي ئۆز ئىلكىگە ئالغاندىن كېيىن يەنەقانائەت قىلماي، غەرپكە قاراپ كېڭەيتمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ سۇيىقەستىنىئەمەلگە ئاشۇرالمىدى. چۈنكى شۇ چاغدىكى شىنجاڭنىڭ ئىچكى –تاشقى ۋەزىيىتى بۇنىڭغازادىلا يار بەرمەيتتى. توجتاۋسىز رەۋشتە، ئۇيەر-بۇيەرلەردە بولۇپ تۇرغان خەلققوزغىلاڭلىرى مانجۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئەمىلى كۇچىنى خىلىلا خورىتىۋەتكەندى.مەسىلەن:1825-1827-يىللىرىدىكى جاھانگىر غوجا باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇرخەلىق قوزغىلڭى بۇننىڭغا دالىل.بۇنىڭغا چۇقان مۇنداق دەپ يازغان:«جاھانگىرغوجاقوزغىلىڭىدىن كىيىن شۇڭغىچە ئاسىيىا خەلقى ئالدىدا ‹يېڭىلمەس كۈچ›بۇلۇپ كەلگەنمانجۇلارنىڭ كارامىتى ئاشكارا بۇلۇپ قالدى،قەشقەر ۋەتەنپەرۋەرلىرىنىڭ روھىكۆتۈرۈلۈپ،ئۆز ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەلقىنىڭ ئەركىنىلىكىنى قايتۇرۇپ ئېلىشقايېڭىدىن-يېڭى ئىشەنچ پەيدا قىلدى.»جاھانگىر غوجا قوزغىلىڭىدىن كىيىن قوقان خانلىقىبىلەن مانجۇلار ئوتتۇرسىدىكى شەرتنامە بۇزۇلۇپ،قوقانلىقلار شىنجاڭدىكىمەنپەئەتىدىن ئايرىلىپ قالدى.قەشقەر خەلقىنىڭ ئازاتلىق ھەركەتلىرىدىن پايدىلانغانقوقان خانى-مەدەلى خان(مۇھەممەت ئېلى خان)جاھانگىرغوجامنىڭ ئاكىسى مەديۈسۈپنى خانقىلىپ تىكلەش مەقسىتىدىن 1830-يىلى مانجۇلارغا قارشى«غازات»ئېلان قىلدى.بۇقېتىمقوزغىلاڭچىلار غالىپ كىلپ مانجۇلار ھالاكەتكە ئۇچىرىدى.لىكىن شۇچاغدىكى بۇخاراۋەقوقان خانلىرى ئارىسىدىكى ئاداۋەت،زىممىسىدىن زۇلۇم ۋە ئېغىرچىلىق چۈشمىگەنشىنجاڭ خەلقىنىڭ قوقان ھاكىمىيىتىگە سەمىمىي ئىتائەت قىلماي قويغانلىقى سەۋەپلىكقوقان خانلىقى مانجۇلار بىلەن يەنە(قايتا)پۇتۈمگە كەلدى. a?GXVQ 1846-يىلى قوقاندا باشلانغان ئىچكى غەۋغا دىن پايدىلانغان غوجائەۋلاتلىرى 1847-يىلى قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىپ قەشقەر شەھىرىنى ئىگىلىدى.بۇماجراشىنجاڭ تارىخىدا«يەتتە غوجا يېغىلىقى»دەپ ئاتالدى.لىكىن،غوجا ئەۋلاتلىرىنىڭھۆكمىرانلىقى ئۇزاققا بارمىدى.سەۋەبى غوجا ئەۋلاتلىرى خەلققە زىمىن ئىگىلىرىگە يانبېسىش ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ شەخسىيەتچىلىك ۋە نەپسانىيەتچىلىگى بىلەنلا بۇلۇپكىتىپ،خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ،ئىشەنچىدىن قالغانىدى.شۇنىڭ بىلەن ئاقىۋەت ھالاكەتكەئۇچىرىدى. ||TZ[l چۇقان شىنجاڭنىڭ ئۆتكەن دەۋرلەر تارىخىنى بايان قىلىش بىلەنبىرگەيەنە1857-يىلقى ۋەقەنىمۇ تۇلۇق قىلىپ تەسۋىرلىگەن.ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلمى تارىخىئەسەرلىرىدە شىنجاڭدىكى سىياسى،ئىجتىمائى ھەركەتلەرنىڭ دىنى ھەركەتلەر بىلەنچەمبەرچەس باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ ئۆتكەن.لىكىن شۇنى ئەستىنچىقارماسلىق كېرەككى،چۇقان شىنجاڭنىڭ شۇ زامانلاردىكى سىياسى تۇرمۇشىداغوجائەۋلاتلىرىنىڭ تۇتقان ئو رنىنى كۆرسەتكەندە،بۇمەسىلىنى قوزغىلاڭنىڭ ئاساسى كۈچىبولغان خەلقتىن ئايرىۋەتمەيدۇ،ئەكسىچە غوجا ئەۋلاتلىرىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلەشيولىدىكى ھەركەتلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مانجۇ ئىستىبىدادىن قۇتۇلۇش يولىدا باشلىغانھەركىتى بىلەن توغرا كىلىپ قالدى دەپ چۈشەندۇرىدۇ.ئۇ ئۆزىنىڭ قەشقەرگە قىلغانساياھىتىدىن كىيىن يازغان ماقالىلىرىدە ۋە رەسمىي ھۆججەتلىرىدە شىنجاڭدىكى تارىخىۋەقەلەرنى ئەنە شۇنداق تەھلىل قىلىدۇ.چۇقان شىنجاڭ خەلقىنىڭ بۇ قوزغىلاڭلىرىنىقانداقتۇر«غەۋغا»ئەمەس،بەلكى ئېزىلگەن مىللەت ۋە ئېزىلگەن خەلقنىڭ ئەزگۈچى ھاكىممىللەتكە قارشى ھەقىقىي ئازاتلىق كۆرىشى دەپ قارايدۇ. Yy]TU} PY چۇقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسى ۋە ئەركىنلىك يولىدا ئېلىپبارغان كۆرەشلىرىگە قېرىنداشلارچە سەمىمىي ھېسداشلىق قىلىدۇ.شۇڭلاشقا ئۇ:«قەشقەرخەلقىنىڭ ئاساسى خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى- ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىدە»دەپ يازىدۇ. WjR2:kT چۇقان 1864-يىلى يازغان بىر ماقالىسىدە يەنە مۇنداقدەيدۇ:«قانداقلا بولمىسۇن ھەر بىر خەلقنىڭ ئۆز يولىدا تەرەققىي ئېتىشى ئۈچۈنكېرەكلىك نەرسە- ئۆزىنى ئۆزى ھىمايە قىلىش،ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ....» ,ZrR*W?iF 17-ئەسىرنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە مانجۇلار پۈتۈن جۇڭگوداھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىپ غەربى دىيارغا كۆز تىكىدۇ.ئەنە شۇ سىياسەت تۇرتكىسىدەئۇلار 1757-يىلى مۇڭغۇللارنىڭ كۆپچىلىكىنى قىرىپ تاشلاپ،جۇڭغارىيىنى بېسىۋالىدۇۋەشۇيىلى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى كەڭ رايونلارنىمۇ ئۆز ئىلكىگە ئېلىش ئۈچۈن ھەربىيھەرىكەت باشلايدۇ،لىكىن ئۇيغۇر خەلقى مانجۇلارغا قارشى ئىككى يىلغىچە قاتتىقتىركىشىپ كۆرەش ئېلىپ بارىدۇ،ئوتتۇرىدىكى ھەربىي كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا پەرق زوربولغاچقا مانجۇلار 1759-يىلى شىنجاڭنىڭ جەنۇبى قىسمىنىمۇ ئاخىرى ئۆز تەسىردائىرىسىگە ئېلىۋالىدۇ. ia;osqW مانجۇلارنىڭ جۇڭغارىيە بىلەن جەنۇبى شىنجاڭنى شۇنچە تېزئىشغال قىلالىشىغا ئۇلارنىڭ قانداقتۇر «كۈچلۈك»بولغانلىقىدىن ئەمەس،بەلكى شۇ چاغداشىنجاڭدا مەركەزلەشكەن قۇدرەتلىك ھاكىمىيەتنىڭ بولمىغانلىقى،ئەكسىچە شىنجاڭنىڭ بىرنەچچە چوڭ كىچىك ۋىلايەتلەرگە بۆلۈنۈپ پارچە-پارچە ئۇششاق يەرلىك بەگلىك ھالىتىدەتۇرغانلىقى سەۋەپ بولغانىدى.بۇ بەگلىكلەر ئوتتۇرسىدا ئۆز ئارائىتتىپاقسىزلىق،مەسلەكسز،ئايىغى چىقماسجەڭگى-جېدەللەر بۇلۇپ تۇراتتى.جۇڭغارىيە ياكى جەنۇبى شىنجاڭرايونلىرىدا مەركەزلەشكەن خەلق ھاكىمىيىتى ياكى خەلق ئۆملىكى يوق ئىدى. ._A4: مانجۇ خانلىقى ئىدارىسىدىكى جۇڭگو خەلقى ئوتتۇرا ئەسىرفىئوداللىق مۇناسىۋەتلىرى ئاساسىدا ياشاپ،ئىقتىسات ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە خېلىلائارقىدا قالغانىدى.شۇڭا بۇ ئەلدە ئەكسىل ھەركەتلىك،خۇراپاتلىق،نادانلىق ۋەمۇستەبىت ھاكىمىيەتچىلىك چوڭ ئورۇن ئېلىپ كەلدى.مانجۇ ھاكىمدارلىرى ئۆزلىرىنىقانداقتۇر«غوجا»ۋە «ئالى دەرىجىلىك»مىللەت دەپ،شىنجاڭدىكى كەڭئۇيغۇر،قازاق،قىرغىز، خۇيزۇقاتارلىق مىللەتلەرنى «قۇل» ھېساپلاپ كەلدى.مانجۇھۆكمىرانلىرىنىڭ ئېزىش شەكىللىرى تۈرلۈك-تۈمەن يوللار بىلەن ماڭدى.پەقەتسودا-سېتىق ئىشلىرىنىلا ئېلىپ ئېيتساق،مانجۇ خانلىقى مانجۇ سودىگەرلىرىگە كەڭھوقۇقلارنى بېرىپ،ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتتىن بولغان سودىگەرلەرگە ئەركىنلىك بىلەنسودا-سېتىق ئىشلىرى ئېلىپ بېرىشىغا ئىمكانىيەت بەرمەيتتى.... مانجۇمەنساپدارلىرىنىڭ چوڭدىن كىچىكىگىچە ھەممىسى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۇششاق ۋەئوتتۇرھال سودىگەرلىرىنى بۇلاپ-تالاپ،يالماپ يۇتۇپ كەلدى.ھەربىر مانجۇ ئەمەلدارلىرىھەرقانداق يەردىكى ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ دۇكانلىرىدىن مال ئالسا ھەقسىزتارتىۋېلىشقا ياكى ئاشخانىلىرىدىن تاماق يېسە ھەقسىز يېيىشكە ئۆزلىرىنى تولۇقھوقۇقلۇق دەپ ھېسابلايتتى. بۇھەقتە مەشھۇر سەيياھ ۋە ئالىم چۇقان ۋەلىخانوپ مۇنداقيازىدۇ: «مانجۇ مەمۇرلىرى خەلقنى تالايدۇ، ماللىرىنى تارتىۋالىدۇ ۋە ھاقارەتقىلىدۇ... دۇكانلاردىن ماللارنى ھەق تۆلىمەي ئالىدۇ ۋە ئاشپۇزۇللاردا ھەق تۆلىمەيتاماق يەيدۇ...». شۇنىڭ بىلەن بىللە مانجۇ ھاكىمدارلىرى ئەشەددى پارىخورلار بولۇپ،ئۇلار ھېچقانداق ئىشنى پارىسىز قىلمايدۇ. بۇ پارىخورچىلىقتىن ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرىتولىمۇ خورلۇق كۆرەتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ پارە بېرىشكە چېغى يەتمەيتتى ۋە ئۆزىنىڭھەقلىق سۆزىنى ھېچيەردە ئۆتكۈزەلمەيتتى، شۇڭلاشقا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ «بېگىڭگەيەتكىچە بېلىڭ ئۇشتۇلار» دېگەن ماقالى ئەنە شۇنداق ئېغىر تۇرمۇشنى ئىپادىلەيدۇ.شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىشلىرى پۈتۈنلەي مانجۇ ھۆكۈمدارلىرىنىڭ قولىدا بولۇپ،ئۇلار ھەربىر مەنسەپ ئورنىنى پارىسىز بەرمەيتتى. كىمنىڭ پۇلى كۆپ بولسا مەيلى ئۇقانداق ئادەم بولسۇن مەنسەپنى شۇنىڭغا سېتىپ بېرەتتى. بۇھەقتە موللا موسا سايرامىمۇنداق دەپ يازىدۇ:«قەيەردە بى نام، بى نىشان ئوغرى قىمارۋاز ۋە سەرگەردانلاربولسىلەرمۇ پۇل بەرسىلا مەنسەپ بەردىلەر... خوتەنلىك رۇستەم بەگدىن ئىككى مىڭيامبۇ ئالىپ يار كەنتىگە ھاكىم قىلدى، سايىت بەگ بىرمىڭ بەشيۈز يامبۇ بېرىپئاقسۇغا ھاكىم بولدى...» («تارىخىي ئەمىنىيە» 42-43-بەتلەر) {:_*P
TVk ئۇيغۇر خۇيزۇ ۋە باشقا ئېزىلگەن خەلقلەر مانجۇ مەمۇرلىرىتەرىپىدىن ھەر تۈرلۈك خورلۇقلارنى كۆرەتتى. بىرەر مانجۇ ھاكىمدارى كېلىۋاتقانبولسا،ئولتۇرغان بولساڭ ئورنىڭدىن تۇرۇپ،ئاتلىق بولساڭ ئاتتىن چۈ شۈ پ تازىم قىلىپتۇرۇشىڭ كېرەك ئىدى. ئەگەر بىرەر سەۋەپ بىلەن ئۇنداق قىلالمىساڭ مانجۇ سېنىخالايىق ئوتتۇرىسىدا ھاقارەت قىلىپ قامچا ئاستىغا ئالاتتى. «ئەگەر ئاتلىق كېتىپبارغان ئۇيغۇر مانجۇنى كۆرگەندە ئاتتىن چۈشمىسە مانجۇ ئۇنى ئۇرۇشقا ئۆزىنى ھەقلىقدەپ قارايدۇ»(ۋەلخانوپ ئەسەرلىرى.353-بەت) بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر خورلاش شۇ بولدىكى،ئەگەر مانجۇغا ئۇيغۇت ياكى خۇيزۇنىڭ قىزى ۋە خوتۇنى يېقىپ قالسا، ئۇ مانجۇ شۇزامات زورلۇق بىلەن تارتىۋالاتتى.بۇنداق ۋەھشىيلىكلەرنىڭ مىسالى ئازبولمىدى.بۇنىڭدىن تاشقىرى مانجۇ مۇستەملىكىچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھەربىر قەدەملىرىدەئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىچكى تۇرمۇشىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ۋە دىنى ئېتىقادىنى بۇزۇپئاياق ئاستى قىلىپ كەلدى. بۇ مىللىي ئېزىشلەرنىڭ ئەڭ دەھشەتلىك شەكلى ئىدى.بۇتوغۇرىلىق ۋەلخانوپ مۇنداق يازىدۇ:«مانجۇلار...شەھەرلەرنى تالايدۇ،ئاتلىرى بىلەنئاشلىقلارنى چەيلەيدۇ، مەسچىت ۋە مازارلارنى بۇزىدۇ. خوتۇن قىزلارغا زورلۇققىلىدۇ.»(ۋەلخانوپ ئەسەرلىرى.44-بەت) . hS &H* مانجۇ مۇستەملىكىچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى باشقائېزىلگەن خەلقلەرنىڭمۇ مىللىي تەرتىپلىرىنى بۇزۇپ، خورلاپ كەلدى. خۇيزۇلارنى ئۇزۇنچاچ قويۇشقا قىزلىرىنى مانجۇلارغا ئەرگە بېرىشكە مەجبۇر قىلدى. ئۇمۇمەن مانجۇلارشىنجاڭنىڭ مەدەنىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ھىچقانداق ئىش قىلمىدى. شۇنداق قىلىشىنىھىچقاچان ئويلاپمۇ باقمىدى. ئەكسىچە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەسلىدىن بار بولغانمەدەنىيىتىنى دەپسەندە قىلىپ ئۆز ھاكىمىيىتىنى«مەڭگۈ» ساقلاپ قېلىش مەقسىدى بىلەنئۇيغۇر ۋە باشقا ئېزىلگۈچى خەلقلەرنى نادانلىقتا، قاراڭغۇلۇقتا تۇتۇپ كەلدى.ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا مەكتەپلىرى، مەتبۇئاتى ۋە سەنئىتى بولمىدى.ئۇيغۇرلارنى مانجۇ تىلىدا سۆزلەشكە، بالىلرىنى مانجۇ مەكتەپلىرىدە ئوقۇشقا مەجبۇرقىلدى. مانجۇ خانلىقىنىڭ مۇستەبىت سىياسىتى ئاستىدا شىنجاڭدا ھەرتۈرلۈ يۇقۇملۇقكېسەللىكلەر پەيدا بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت خەلقلىرى ھېساپسىزئۆلۈم يىتملارغا دۇچار بولدى. خۇسۇسەن ياش ئۆسمۈ ر بالىلارنىڭ ئۆلۈم يىتىملىرىھەيران قالغۇدەك دەرىجىدە كۆپ بولدى. خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسىراش ۋە ساقلىقنىساقلاش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان دوختۇرخانىلار (شىپاخانىلار)، كېسەلخانىغا ئوخشاشمۇئەسسەسىلەر تەسىس قىلىنمىدى. دىمەك، ئۇمۇمەن شىنجاڭ خەلقى ئەڭ ۋەھشىيانە ۋەئەشەددى مىللىي ئېزىلىشلەر ئاستىدا يەنجىلىپ ياشاپ كەلدى. مانا بۇ ئېزىلىشلەرگەھەمىشە قەھرىمانلارچە مىللىي ئازاتلىق ھەركىتى بىلەن جاۋاب بېرىپ كەلدى. لىكىنكۆپىنچە مەقسەت ئەمەلگە ئاشماي كەلدى. بۇنىڭغا ئىچكى-تاشقى ئامىللار سەۋەپ بولدى.ئىچكى تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىرىچىدىن بەزىبىر چوڭ ئۇيغۇر ھاكىملىرى مانجۇخانلىقى تەرىپىدە تۇرۇپ، خەلقنىڭ ئازاتلىق ھەركەتلىرىگە قارشى كۆرەش ئېلىپ باردى.مانجۇ ھۆكۈمەتلىرى مانا شۇ سېتىلغان يەرلىك بەگ-ھاكىملارغا تايىنىپ، ئازاتلىقھەركەتلىرىنى باستۇردى.بۇھەقتە ۋەلخانوپ مۇنداق دەيدۇ:«مانجۇلار پەقەت خەلقتىنيىراق بولغان ۋە ئۇنى سىقىپ كەلگەن يەرلىك بەگلەرگىلا ئىشىنىدۇ.مانجۇلار مانا شۇيەرلىك بەگلەرنىڭ مەنپەتى بىلەن خەلقنىڭ مەنپەتىنىڭ قوشۇلۇپ كىتىشىدىنقورقىدۇ،چۈكى بۇنداق بولغاندا ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ قورقۇنچ تۇغۇلغان بولار ئىدى.»ئىككىنچىدىن، ئازاتلىق ھەركەتلىرى كېتىۋاتقان ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار «ئاق تاغلىق، قاراتاغلىق»دىگەن ئىككى سىياسىي، دىنى گورۇھقا بۆلۈنۈپ، ئۆز ئارا جەڭگى –جېدەل قىلىپكەلدى.مانجۇ مۇستەبىتلىرى بىرلىك بولمىغانلىقىدىن ئوبدان پايدىلاندى.ئۈچىنچىدىن،مانجۇ خانلىقى ئېزىلگەن مىللەتلەر ۋە ئېزىلگەن خەلقلەر ئوتتۇرسىدا مىللىي ۋەمەھەللىۋى زىتلىق سىياسىتى يۈرەۈزۈپ كەلدى.ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرسىدا سۈنئىيرەۋىشتە مىللىي زىتلىق تۇغدۇرۇپ ئۇلارنى بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى قىلىپ قويدى. شۇسەۋەپتىن قوزغىلاڭ پەيتىدە ئېزىلگەن خەلقلەر ئوتتۇرسىدا بىلىك بولمىدى. #?D[WTV مانجۇ خانلىقىنىڭ ۋەھشىيانە مىللىي مۇستەملىكىچىلىكسىياسىتى تۈپەيلىدىن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەدەنىي بايلىقى تامامەن ۋەيرانقىلىنىپ، تەرەققىياتى پۈتۈنلەي توختاپ قالدى.ئۆتكەن زامانلاردا شەرق خەلقلىرىئىچىدە باي يۇقىرى مەدەنىيەتلىك بۇلۇپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقى ئەمدىلىكتەئىقتىسادى،مەدەنىيىتى تولىمۇ ئارقىدا قالغان بىچارە خەلققە ئايلانغانىدى. ئۇيغۇرخەلقى ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىنلا ئەمەس بەلكى سىياسى جەھتتىمۇ ئارقىداقالدى. مانجۇ مۇستەبىتلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان «...ئەشەددى ئېلىق- سېلىقلار،باشباشتاقلىق، ئادالەتسىزلىك ۋە قاتتىق جازالار خەلقنىڭ ئىقتىسادىنى، ئىچكىتۇرمۇشىنى ۋە مەنىۋى تەرتىپلىرىنى بۇزۇپ، ۋەيران قىلىپ كەلدى. خەلقنىڭ تەرەققىيقىلىش ھىممىتى ۋە غەيرىتىنى مانجۇ ئەجدىھالىرىنىڭ تىمساھلىرى بوغۇپتاشلىدى...»(د.فىدروف «ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ھەربىي سىتاستىكىسىنى تەرىپلەشتەجىربىسى»). چۇقان ۋەلخانوپ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ۋەمەدەنىيىتى جەھەتتىن ئارقىداقېلىش سەۋەپلىرىگە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:«خەلق كەمبەغەل ياشىماقتا،يوقسۇللۇقنىڭ دەردىنى تارتماقتا ۋە ھەمىشە ئەمگەك قىلماقتا. ئەگەر شەرق تۈركسىتانخەلقى ئۆز ئەمگەكلىرىنىڭ پايدىسىنى ئۆزى كۆرسە ئىدى، ئۇ ۋاقىتتا ،ئىلگىرى قانداقباي خەلق بولغان بولسا شەرق خەلقلىرى ئىچىدە شۇنداق باي بىر خەلق بولغان بولارئىدى.»مانجۇ خانلىقىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇستەملىكىچىلىكى بىر يېرىم ئەسىر داۋام قىلدى.مانا شۇ ئۇزاق بىر دەۋر ئىچىدە بولغان مىللىي مۇستەبىتلىك ئېزىشلەر شىنجاڭخەلقىنىڭ ئىقتىسات ۋە مەدەنىي تۇرمۇشىنى ۋەيران قىلپ شىنجاڭنىڭ ئارقىدا قېلىشىغاسەۋەپ بولدى. مانجۇلار شىنجاڭنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىنى تامامەن ئىشغال قىلىپ بولدىنكىيىن بۇدىياردا ئۆزلىرىنڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكمىرانلىقىنى مۇستەھكەملەشكە ھەركەتقىلىدۇ ۋە جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مىللىي ئازاتلىق ھەركىتىگەقاتناشقانلارنى تۇتقۇن ۋە سۈرگۈن قىلىشقا كىرىشىدۇ. مانجۇلار جۇڭغارىيىدە ئوتتۇرائاسىياغا قارىتا مۇداخىلە يۈرگۈزۈشكە شارائىت ھازىرلاش ئۈچۈن 40مىڭغا يېقىنئادەمنى ئەسكەرلىككە تۇتىدۇ. مانا بۇ ئەسكەرلەرنى بۇرۇن ئورنىشىۋالغانمانجۇشىبەلەردىن تەركىپ تاپقان ئەسكەرلەرنى بېقىش،ئۇلار ئۈچۇن قەلئە قورغانسېلىش،ئۆي ئىمارەت سېلىش ئۈچۇن نۇرغۇن ئشچى كۈچى كېرەك بۇلۇپ قالىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۇنمانجۇلار ئۇيغۇرلارنى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىن جۇڭغارىيەنىڭ ئىلىۋىلايىتىگە مەجبۇرى ھالدا كۆچۈرۇشكە كىرىشىدۇ. mAW(j@5sp ئۇيغۇرلارنى جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىلىغا كۆچۈرۇش 1760-يىلدىنباشلىنىدۇ ۋەشۇيىلى ئاقسۇ شەھىرىدىن 300ئادەم كوچۈ رىلىدۇ.ئۈ چتۇرپان قوزغىلىڭىدىن1767-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۈ چتۇرپان،ئاقسۇ، كۇچا، خوتەن، يەكەن قۇمۇلۋەباشقا شەھەر لەردىن 6000 تۈ تۈ ن ئىلىغا كۆچۈ رىلىدۇ.‹‹بۇ كۆچۇرۇلگەن ئۇيغۇر لارئىلىنىڭ قاينۇق، قاش ،بولابورغۇس،جىرغىلاڭ ،تاشئۆستەڭ،بايتوقاي،غونوغاي،دارولدامتۇ،ئارا ئوستەڭ،دىگەن جايلىرىغا جەمى 1000 تۇتۇن ئاھالەئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.›› رلدۇمان :‹‹چىن ھۆكۈ مىتىنىڭ 18-ئەسىر نىڭ ئككىنچى يېرىمىدىكىشەرقى تۈ ركستانداتۇتقان ئۇيغۇر لار ئاگدارسىياسىتى››ئېنىقراق ئىيىتقاندائۇيغۇرلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىلىغا كۆچۈ رۈ لۈ شى چىيەنلۇڭ خان دەۋرىدەباشلانغان بۇلۇپ تۇرپانلىق ئىمىن ۋاڭ بۇ قېتىمقى ئاھالە كۆچۇ رۈشتە مانجۇ ھۆكۈمىتىگە جان جەھلى بىلەن ئشلەپ چوڭ ياردەم قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى موسا مانجۇلارغاخۇددى ئۆز ئاتىسىغا ئوخشاش ئشلەپ چوڭ خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۇن ئىلىدا ئۇيغۇرلارغا ھاكىم قىلىپ تەيىنلىنىدۇ. =MM+(mD كىيىن بۇ 1000ئائىلە ئۇيغۇر لار دىن باشقا يەنە 2000 ئۆيلۈكئادەم ئلىنىڭ نىلقا ،توققۇزتارا ۋەباشقا جايلىرىغا كۆچۇرۇلۇپ، جەنۇبىي ۋە شەرقىشىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئىلىغا كۆچۈ رۈ لگەن ئا ئىلە جەمى 8000 غايىتىدۇ.دىمەك ھازىرقى ئىلى ئۇيغۇرلىرى 18-ئەسىردە شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىرايونلىرىدىن مەجبۇرى كۆچۈ رۈ لگەن ئۇيغۇر لار دۇر. O0BDUpH ئىلىغا كۆچۈرۇلگەن بۇ ئۇيغۇرلا ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەنمانجۇ ئەسكەرلىرىنى بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.بۇ ئۇيغۇرلار مانجۇمۇستەبىت ھاكىمىيىتى ئۈچۇن دېھقانچىلىق قىلغانلىقتىن ئۇلار بۇلارنى ‹‹تارانجى››دەپئاتايدۇ. بۇ ھوقوقسىز ئىلى ئۇيغۇرلىرى دىھقانچىلىق قىلىپ تاپقان ھوسولىنىڭتولىسىنى مانجۇ ھاكىمىيىتىگە تاپشۇرۇپ ئاچ-يالىڭاچ تۇرمۇش كەچۇرۇشكە مەجبۇر بولىدۇ. z(O*DwY# ئىلىدىكى شەھەرلەر،قەلئەلەر،ئۆستەڭلەر،يوللارنىڭ ھەممىسىئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ قېنى ۋە ماڭلىيىدىن ئاققان ئىسسىق تەرلىرى بىلەنقۇرۇلغاندۇر.بۇ ھەقتە فىدروف ‹‹ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ھەربى ئستاتىستىكا تەرتىپى››دىگەنئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ ؛‹‹ئىلى ۋىلايىتىدە مانجۇلار ھاكىمىيىتى ئۈچۇنئىمارەتلەر، قەلئەلەرسېلىش ئۆستەڭلەر چىپىش ۋە يول ياساش ، كۆۋرۇك ياساش ئىشلىرىئۈچۇن نۇرغۇن ئىشچى كۇچىنى تەلەپ قىلىدۇ .بۇ تەلەپنى قاندۇرۇش ئۈچۇن مانجۇلارقەشقەرىيە مۇسۇلمانلىرىدىن 8-10 مىلىيونغا يېقىن ئائىلە ئىلىغا كۆچۇرىلىدۇ .بۇلار‹‹تارانچىلار››دەپ ئاتىلىدۇ.››. {| مانجۇ قەبىلىلىرىدىن بولغان ئىلى شىبەلىرىدىن بىرى1864-يىلى ئىلىدا بولغان خۇيزۇ ۋە ئۇيغۇر قوزغىلىڭى ھەققىدە مانجۇ تىلىدا خاتىرەيېزىپ قالدۇرىدۇ .بۇ خاتىرىنى غۇلجا شەھىرىدە ياشاپ كەلگەن دىتالوف روس تىلىغاتەرجىمە قىلىدۇ .شىبە ئۆزىنىڭ خاتىرىسىدەمۇنداق دەيدۇ:‹‹مانجۇلار بىر ئەسىر بويىتارانچىلارنىڭ نېنىنى يەپ ،دۆلەتتىن ياىشى ئايلىق ئېلىپ ،شەھەرلەردە غەمسىز،بۇزۇقچىلىق قىلىپ ياشاپ كەلدى.....›› *>W6,F7 چوقان ۋە لىخانوپ ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ كورەشلىرى ھەققىدەتۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلىدۇ . S;8=+I, 19-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا مانجۇلارغا ۋە چەتئەل جاھانگىرلىرىغاقارشى ئېلىپ بېرىلغان تەيپىڭ تىيەنگو ئىنقىلابى تۈرۇتكىسى ئارقىسىدا ھەر قايسىجايلاردىمۇ ئېزىلگەن مىللەتلەر ۋە ئېزىلگەن خەلىقنىڭ مانجۇ ئستىدات ھاكىمىيىتىگەقارشى مىللى ئازاتلىق قوزغىلاڭلىرى باشلىنىدۇ .1862-يىلى خۇيزۇ خەلقى ئازاتلىققوزغىلاڭلىرىغا ئاتلىنىدۇ .شىنجاڭدا ئۈرۇنچى-ماناس خۇيزۇلىرىمۇ قوزغىلاڭ كۆتىرىدۇ. `-b{|a J 1863-يىلى ئازاتلىق قوزغىلاڭ شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدا باشلىنىپ دەسلەپراشىدىن ھاجىم (راشىدىن خوجام)باشچىلىقىدا كۇچا خەلقى مىللى ئازاتلىق تۇغىنىكۆتىرىپ چىقىدۇ .1864-يىلى ئازاتلىق قوزغىلىڭى جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايىرىغاكېڭىيىدۇ. شۇ يىلى ئىلى ۋىلايىتىدىكى خۇيزۇ لار بىلەن ئۇيغۇرلارمۇ قوزغىلاڭغائاتلىنىدۇ. ئىلى ۋىلايىتىدە شۇ دەۋىردە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكىمى مىرزەمزات ۋە ئۇنىڭمۇئا ۋىنى ئابدۇرۇسۇل بەگ ئىدى.ئىلى جاڭجۈنى چاڭ چىڭ مىرزەمزاتتىن قوشۇمچە سېلىقتۆلەشنى تەلەپ قىلىدۇ ھاكىم مىرزەمزات بۇ قوشۇمچە سېلىقنى تۆلەش ئىمكانىيىتى يوقدەپ جاۋاپ قايتۇرۇش بىلەن جىياڭجۈن گۇنى زىندانغا تاشلاپ ئورنىغا ئابدۇرۇسۇل بەگنىھاكىم قىلىپ بەلگىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە جىياڭجۈننىڭ خۈيزۇلارنى يوقۇتۇشمەقسىتىدە يوشۇرۇن تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلىقى خۈيزۇلارغا مەلۇم بولۇپ قالىدۇ.خۇيزۇلا تەييارلىقسىز تەخىرسىزلا قوزغىلاڭ باشلىۋىتىدۇ. لىكىن بۇ قوزغىلاڭ تىزلاباستۇرىلىدۇ . ئۇنىڭ يولباشچىلىرىدىن يەن سن فى تا لار دار غا ئېسىپ ئۆلتۈرىلىدۇ.بۇ ۋەقەدىن كىيىن خۇيزۇلانىڭ چوڭلىرىدىن ئاشۇر ئاخۇن، غەنجە ئاخۇن، ئسمايىل ئاخۇن،ۋە ياقۇپ ئاخۇن يەنە بىر ئسمى (ماۋەنشىن )لار ئابدۇرۇسۇل ھاكىمغا مۇراجەت ياردەمسورايدۇ. ئابدۇرۇسۇل بەگ قازى نەسىردىن ئاخۇنۇم ۋە باشقا يۇرت چوڭلىرى بىلەنكېڭەش. نەسىردىن ئاخۇنۇم ئابدۇرۇسۇل بەگكە :« خۇيزۇلارغا ياردەم بىرىش ۋە ئسلامئۈچۈن قوراللىق كۆرەش قىلش كېرەك » دىگەن مەسلھەتنى بىرىدۇ. بۇ كېڭەشكە ئشتىراكقىلغۇچىلار خۇيزۇلار بىلەن بىرلىشىش ئازاتلىق ئۈچۈن قوراللىق كۆرەشنى باشلىۋىتشھەققىدە پىكىر بىرلىگگە كېلىدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن ئىلى ئۇيغۇرلىرى بىلەن خۇيزۇلانىڭبىرلەشمە قوراللق قوزغىلىڭى باشلىنىپ كېتىدۇ. eej#14& ئابدۇرۇسۇل بەگ تەييارلىقىنى تېزلا پۈتتۈرۈپ تاشئۆستەڭ،ئارا ئۆستەڭ، ئۇلاستاي،دادامتۇ كەتمەن، غالجات، غونۇغاي، توققۇز تارا ۋە باشقايېزىلىرىدىن ئەسكەر ئالىدۇ. دەل شۇ پەيتتە ئېلى جىياڭجۈننىڭ بۇيرىقى بويىچەتۇرغۇتلاردىن بىرمىڭ ئىككى يۈز ئات ئېلىپ كۈرەگە كېتىپ بارغان ساغالداي بىلەنۋۇدارىن ئاتلىرى بىلەن قولغا چۈشىدۇ. مانا بۇ ئەسكەرلەرنىڭ بىر قىسمى شىبەلەرنىڭسومونلىرىغا، ئىككىنچى قىسمى تېكەست تەرەپتىن كېلىپ مانجۇلارغا ياردەم بېرىدىغانمۇڭغۇللارغا قارشى تۇرۇشقا، ئۈچىنچى قىسمى مانجۇلارنىڭ كۈچلۈك قەلئەسى بولغانبايانداينى ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. ئاساسلىق كۈچ بايانداي قەلئەسىگە قارشىھەرىكەت قىلىپ، قوزغىلاڭچى جەڭچىلەر ناھايىتى تېزلىكتە باياداي قەلئەسىنىقورشىۋالىدۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ جىياڭجۈن چاڭچىڭ قانداقلا بولمىسۇن ئۇيغۇرلاربىلەن خۇيزۇلارنىڭ بىرلىگىنى بۇزۇش پىلانى تۈزىدۇ. شۇ مەقسەد بىلەن جىياڭجۈنزىنداندا ياتقان مەامزاتنى بوشىتىپ ئۇنىڭغا:«ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى قوشۇمچە سېلىقنىئېلىپ تاشلاي، سېنىڭ ھاكىملىق مەنسىپىڭنى قايتۇرۇپ بېرەي، ئۇرغۇرلار قوزغىلاڭنىتوختاتسۇن، ئۇيغۇرلار تۇڭگانلارغا قارشى ھەرىكەت قىلسا، مەن ئۇلار ئۈچۈن كەڭچىللىكتۇغدۇرۇپ بېرىمەن ... » دەپ مەزامزاتقا مۇراجىئەت قىلىدۇ. جىياڭجۈننىڭ بۇ تەكلىپىمەزامزاتقا پايدىلىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇ جىياڭجۈننىڭ بۇ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشقارايى بارمايدۇ. چۈنكى قوزغىلاڭ ئۇچاغدا ئومۇمى خەلق ھەركىتىگە ئايلىنىپ كەتكەنئىدى. شۇڭا مەزانزات قوزغىلاڭچىلار تەرەپتە تۇرۇشقا مەجبۇر ئىدى. /L!
=## خەلق ئىنقىلابى ھەركىتىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن چوڭلار يەنەكېڭەش ئۆتكۈزۈپ قوزغىلاڭنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ۋە ئاداققىچە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈنكۈچلۈك بىر رەھبەرلىك ئاپراتى – ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇشلازىملىقى ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ. ھەمدە بۇ قەھەتتە پىكىر بىردەكلىكى ھاسىل قىلىنىدۇ.چوڭلار كېڭەشنىڭ قارارى بويىچە قازى نەسىردىن ئاخۇن قازى كالان ، مەزامزات سۇلتان،ئابدۇرۇسۇل بەگ ئەمىر، موللا شەۋكەت ئاخۇن قازى موفىتى قىلىپ بەلگىلىنىدۇ. oHSDi ئېلىدا كۆتىرىلگەن قوزغاىلاڭ جەريانىدا چوڭلار ئوتتۇرسىدائۆزئارا مەنپەئەت پەرەسلىك، بىر-بىرىنى كۆرەلمەسلىك كۈچلۈك بولۇپ، قوزغىلاڭنىڭۋاقتى ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىدۇ. بۇچاغدا ئەخمەتخان دېگەن بىر غوجا(غوجىلار نەسلىدىن) پەيدا بولۇپ، بۇقېتىمقى قوزغىلاڭدىن پايدىلىنىپ ئۆز شەخسىغەرىزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىدى. نادان خەلق ئەخمەتخاننىڭغوجىلىقىغا ئىشىنىپ ئۇنى ھۆرمەتلەيتتى. ھەتتا ئۇ مەزامزاتنىمۇ ئۆزىگە مايىلقىلىۋالغان ئىدى. مەزامزات بولسا ئۆزىنىڭ شەخسى غەرەزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتائەخمەتخان غوجىدىن ياردەم ئېلىشقا تولۇق كۆزى يېتەتتى. سۇلتان مەزامزات شەخسىمەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، قوزغىلاڭدا ياخشى ئىشتىراك قىلىپ كېلىۋاتقان ئابدۇرۇسۇلبەگ بىلەن ئۇنىڭ قېيىن ئاتىسى ئەخمەت غەزىنىچى بەگنىڭ ئابرويلۇق بولۇپ كېتىشىدىنقورقاتتى. ئۇ مەنسەپ ۋە ئابرويدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن قېيىن ئاتا-كۈيئوغۇلئىككەيلەننى يوقىتىش سۇيقەيستتىنى پىلانلايدۇ. مانا بۇ قارانىيەت مەزامزاتپىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئەخمەتخان غوجا بىلەن بىللە (ئۇلار يېقىن دوستبولۇپ قالغان ئىدى) ھەرىكەت باشلايدۇ. نەتىجىدە ئەخمەتخان غوجا غەزىنچى بەگنىئۆلتۈرىدۇ. ئابدۇرۇسۇل بەگ بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلىنىدۇ، لېكىن ئەخمەت غوجىغاقارشى ھەرىكەت قوللىنىش مۇمكىن بولماي قالىدۇ. مەزامزات بىلەن ئەخمەت غوجا ئەخمەتغەزىنىچى بەگنى ئۆلتۈرۈش بىلەنلا قانائەت قىلمايدۇ. ئۇلار ئابدۇرۇسۇل بەگنى،ئىسھاق بەگنى، قازى نەسىردىن ئاخۇننى يوقىتىش چارىلىرىنى تېپىشقا كىرىشىدۇ.
}
MP_ شۇپەيتتە قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان جىددى ۋەزىپەكۈچلۈك دۈشمەن يوشۇرۇنغان بايانداي قەلئەسىنى ئېلىش ئىدى. بايانداي قەلئەسىنىئېلىشتا باتۇرلۇق كۆرسەتكەن كىشى – مەشھۇر ئۇيغۇر خەلق قوشاقچىسى سادىر پالۋانبولىدۇ. سادىر پالۋان بۇ ئازادلىق قوزغىلاڭغا ئاددى خەلق يول باشچىسى سۈپىتىدەقاتنىشىدۇ. ئۇ بايانداي قەلئەسىنىڭ ئېگىز ھەم قېلىن سېپىلىنى دورا كۈچى بىلەنپارتىلىتىپ، قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئومۇمى ھۇجۇم باشلىشىغا ئوڭايلىق شارائىت تۇغدۇرىدۇ.شۇنداق قىلىپ جەڭچىلەر سادىر پالۋان، ئابدۇرۇسۇل بەگ ۋە باشقىلارنىڭ باشچىلىقىدا1866-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى بايانداي قەلئەسىنى ئىشغال قىلىدۇ. 7+[L6q/K باياداي قەلئەسىنى ئېلىشتا ئومۇمى جەھەتتىن ھەربىيرەھبەرلىك قىلغان كىشى ئەمىر ئابدۇرۇسۇل بەگ ئىدى. قەلئە ئېلىنغاندىن كېيىنئابدۇرۇسۇل بەگنىڭ ئىناۋىتى بىراقلا يۇقىرى كۆتىرلىپ كېتىدۇ، خەلق ئارىسىدا چوڭھۆرمەتكە ئىگە بولىدۇ. ئەمىر ئابدۇرۇسۇل بەگنىڭ ئابرويلۇق بولۇپ كېتىشى سۇلتانمەزامزات ئۈچۈن تولىمۇ قايغۇلۇق ئىش بولىدۇ. چۈنكى مەنسەپ پەرەس مەزامزاتسۇلتانلىقتىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرگەن ئىدى. ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنىلائويلايتتى. ئۇشۇنچىلىك قارانىيەت ئىدىكى، سۇلتانلىق مەنسىپىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن،قوزغىلاڭدا چوڭ خىزمەت كۆرسەتكەن خەلق ئوتتۇرسىدا چوڭقۇر مۇھەببەتكە، ھۆرمەتكەسازاۋەر بولغان ئەمىر ئابدۇرۇسۇل بەگنى يوقىتىش چارىسىنى ئىزدەيدۇ. شۇ مەقسەتبىلەن ئۇ ھېلىقى ئەخمەت غوجىغا ئابدۇرۇسۇل بەگنى ۋە ئۇنىڭ دوستى ئىسھاق بەگنىقەتلە قىلىشنى تاپشۇرىدۇ. ئەخمەتخان غوجا سۇلتاننىڭ بۇ تەكلىپىنى چىن دىل بىلەنقوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا:«ئابدۇرۇسۇل بەگنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنى قارىلايدىغان بىرپارچە يالغان ھۆججەت توغرىلاش لازىم. چۈنكى ئابدۇرۇسۇل بەگنىڭ ئەسكەرلەر ئارىسىدائابرويى كۈچلۈك، بولمىسا ئىشىمىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ.» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارمانجۇ تىلىدا بىر پارچە ھۆججەت تەييارلاپ، تۆھمەت بىلەن ئابدۇرۇسۇل بەگنىئۆلتۈرۈشكە كىرىشىدۇ. بۇ سۇيقەستلىك ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىمۇ ئەخمەتخان غوجا ئۆزئۈستىگە ئالىدۇ. ئەخمەتخان غوجا ئۆز شايكىلىرى بىلەن ئەمىر ئابدۇرۇسۇل بەگنىڭچېدىرىغا بېرىپ، ئۇنى ئولتۇرغان يېرىدە تۇيۇقسىزلا غەنجەر سېلىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئاندىنيەنە ئىسھاق بەگنىمۇ ئۆلتۈرۈپ، ئابدۇرۇسۇل بەگنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى بولغان خەلقئارىسىدا ئىززەتلىك ھېسابلانغان قازى نەسىدىن ئاخۇنۇمنى قازى كالانلىق مەنسىۋىدىنئېلىپ تاشلاپ زىندانغا سالىدۇ. شۇنداق قىلىپ مەزامزات بىلەن ئەخمەتخان غوجائۆزلىرىنىڭ مەقسىتىنى ئاخىرى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ ۋە ئىككىسى ئېلىنى ئوڭچە سورىماقچىبولىدۇ. !@ AnwV] مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن غۇلجىدا پوچى مەھمۇد («قېرى غوجا»،يەنە بەزى مەنبەلەردە «ئاففانىستانلىق مەھمۇد ئەھمەدخان» دېيىلگەن) دېگەن بىر كىشىپەيدا بولىدۇ. بۇ كىشى ئۆزىنى غوجاملار نەسلىدىن قىلىپ كۆرسىتىدۇ. نادان خەلق ئۇنى«غوجا» دەپ ئىشىنىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاتاپ نەزىر-چىراغلار بېرىدۇ. مەھمۇد ئۆزىنىڭياغاچتىن زەمبىرەك ياسىيالايدىغانلىقىنى خەلققە جاكار قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ بار ھۈنەرۋە ھىيلىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، نادان خەلقنى ئالدىماقچى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەسلى مەقسىدىبۇ ئىنقىلابتىن پايدىلىنىپ مەنسەپ ئورنىغا ئىگە بولۇش ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇبىرىنچى بولۇپ مۆجىزە يارىتىپ، ياغاچتىن زەمبىرەك (پو) ياساپ بولىۋاتقان جەڭلەرگەقاتنىشىدۇ. شۇڭا خەلق ئۇنىڭغا «پوچى مەھمۇد» دېگەن لەقەمنى بېرىدۇ. ئۇ بارا-بارائۆز ئەتراپىغا بىر قىسىم ئادەملەرنى توپلايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ياسىغانياغاچزەمبىرەكلىرى بىر قېتىم ئېتىش بىلەنلا پاچاقلىنىپ كېتىدۇ. مەھمۇد بۇنىڭ بىلەنكۆزلىگەن مەقسىدىگە يېتىش مۇمكىن ئمەسلىكىنى ھېس قىلپ، باشقا بىر چارە ئىزلەيدۇ.ئۇ ئاخىر زىنداندا ياتقان قازى نەسىردىن ئاخۇننى قۇتقۇزۇپ چىقىشقا كىرىشىدۇ. ئۇنىڭنەسىردىن ئاخۇنۇمنى قۇتقۇزىشتىكى مەقسىدى- ئۇنىڭ ئابرويى بىلەن خەلقنىڭ رايىنىئۆزىگە مايىل قىلىپ، چوڭ مەنسەپكە- سۇلتانلىققا ئېرىشىشتىن ئىبارەت پىلانلىرىنىئىشقا ئاشۇرۇش ئىدى. bsI?=lO پوچى مەھمۇد ئۆز ئادەملىرىنىڭ ياردىمى بىلەن نەسىردىنئاخۇنۇمنى زىنداندىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ. سۇلتان مەزامزات پوچى مەھمۇدنىڭ بۇ ئىشىغاھەيران بولۇپ، نەسىردىن ئاخۇنۇمنى يوقىتىش كويىغا كىرىدۇ. شۇ ئەسنادا ئەخمەتخانغوجا پوچى مەھمۇد بىلەن ئالاقە باغلاپ ئۇنىڭ بىلەن دوست بولىدۇ. سۇلتان مەزامزاتنەسىردىن ئاخۇنۇمنى ئۆلتۈرۈشنىڭ كويىدا بولغان بولسا، پوچى مەھمۇد بىلەن ئەخمەتخانغوجا سۇلتاننى ئۆلتۈرۈپ سۇلتانلىقنى قولغا ئېلىشنىڭ كويىدا بولىدۇ. نەتىجىدەسۇلتان مەزامزات نەسىردىن ئاخۇنۇمنى ئۆلتۈرىدۇ. پوچى مەھمۇد بىلەن ئەخمەتخان غوجابىرلىشىپ سۇلتاننى ئۆلتۈرۈش قەستتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن پوچىمەھمۇد ئۆزىنى سۇلتان دەپ ئېلان قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئېلىدا بىر مەھەل «قېرىغوجا»نىڭ سۇلتانلىقى باشلىنىدۇ. لېكىن پوچى مەھمۇد ۋە ئەخمەتخان غوجا ئۆزلىرىنىڭشەخسى مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ھەركەت قىلغانلىقلىرى، قىلغان ئىشلىرىنىڭ قارا نىيەتلىكبولىشى كۆپچىلىك خەلىققە ئوپ-ئوچۇق بولىدۇ.شۇڭا ئەينى دەۋىرنىڭ ئابرويلۇقكىشىللىرىدىن بولغان شەمسىدىن خەلپەم يول باشچىلىقى بېلەن ئىنقىلابنىڭ مىۋىسىنىتارتىۋالغان بۇ بىر توپ بۇزۇقلارغا قارشى كۆرەش باشلىنىدۇ.بۇكۆرەشكە ئالاھىدە كۈچچىقارغانلار ئارا ئۆستەڭلىكلەر بۇلۇپ، ئۇلار ئارانلا 36 كۈن سۇلتان بولغان پوچىمەھمۇدنى سۇلتانلىقتىن چۈشۈرىدۇ. پوچى مەھمۇدقا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. ئەخمەتخانخوجا جازادىن قورقۇپ سۈيدۈڭگە قېچىپ قۇتۇلىدۇ. پوچى مەھمۇدنىڭ سۇلتانلىغى يوققىلىنغاندىن كىيىن موللا شەۋكەت ئاخۇن سۇلتان، ئەلا پالۋان(ئەلاخان) ئەسىر بۇلۇپتەيىنلىنىدۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ قوزغىلاڭچىلار نىڭ ئالدىدا مانجۇلارنىڭ ئىككىنچىچوڭ قەلئەسى كۈرەنى ئېلىش ئىشى تۇراتتى . ئۇلارقىسقا ۋەقىت ئىچىدە جىددى تەييارلىق قىلىپ، كۈرەنى ئېلىشقا كىرىشىدۇ. كۈرەنىئېلىشتا ئومۇمى جەھەتتىن يول باشچىلىقنى (قوماندانلىقنى) ئەمىر ئەلاخان ئېلىپبارىدۇ. لېكىن كۈرەنى تېزلا ئالالمايدۇ. كۈرەنى ئېلىش يەنە خەلق قەھرىمانى سادىرپالۋانغا تاپشۇرىلىدۇ. سادىر پالۋان كۈرە قەلئەسىنىڭ سېپىلى ئاستىدىن ئۇزۇن لەخمەكپلاپ، ئۇنىغا دورا قويۇپ پارتىلىتىپ، سېپىلنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ. كۈرەقەلئەسىدىكى مانجۇ ھاكىمدارلىرى ئومۇميۈزلۈك تەسلىم بولىدۇ. كۈرە قەلئەسى تەسلىمبولغاندىن كېيىن ئەلاخاننىڭ ئەل ئىچىدىكى ئابرويى يۈكسەك دەرىجىدە كۆتىرلىدۇ.سۇلتان شەۋكەت ئاخۇن بۇھالدىن خاۋاتىرلىنىپ، قانداقلا بولمىسۇن بىر ئامال قىلىپ،ئەلاخاننى ئىشىدىن بوشىتىش چارىسىنى تېپىشقا كىرىشىدۇ. شۇنداق كېتىۋەرسە ئۆزىنىڭسۇلتانلىق مەنسىۋىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن ئىدى. چۈنكى سۇلتانشەۋكەت ئاخۇن ئەمىر ئەلاخانغا قارىغاندا تەدبىرسىز، پاراسەتسىز ئادەم ئىدى ۋەئۇنىڭ خەلق ئارىسىدا ھۆرمىتى تۆۋەنرەك ئىدى. بىراق سۇلتان شەۋكەت ئاخۇن ئەمىرئەلاخاننى ئىشتىن بوشىتىش ئۈچۈن ھېچقانداق سەۋەپ تاپالمىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىئەمىرلىك مەنسىۋىدىن ئېلىپ تاشلىدى. كۆپچىللىك خەلق بۇنىڭغا ھەيران بولدى. خەلقنىڭئابرويلۇق ھۆرمەتلىك ئادەملىرى يىغىلىپ، سۇلتان شەۋكەت ئاخۇندىن «ئەلاخاننىڭئەمىرلىك مەنسىپى قايتۇرۇپ بېرىلسۇن» دەپ قاتتىىق تەلەپ قىلدى. سۇلتان بۇنىڭغاكۆنمىدى. شۇنىڭدىن كىيىن كۆپچىللىك خەلق قوزغىلىپ:«شەۋكەت ئاخۇن سۇلتانلىقتىنچۈشسۇن،بىز ئەلا خاننى سۇلتان قىلىپ كۆتۈردۇق.»دەپ جاكارلىدى. شەۋكەت ئاخۇنكۆپچىللىك خەلققە قارشى تۇرالمىدى، ئاخىرى سۇلتانلىق تەختىدىن چۈشتى.1867-يىلىئەلا خان ئىلىغا سۇلتان بۇلۇپ كۆتۈرۈلدى.توختاخۇن ئەمىر بۇلۇپ بەلگىلەندى. 5Go@1X]I قوزغىلاڭ تامام بۇلۇش ئالدىدا تۇرغان بىرپەيتتە خۇيزۇلارنىڭيولباشچىسى ياگور ئاخۇن ئۇيغۇر-خۇيزۇ خەلقلىرىنىڭ بىرلىگىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنىڭئورنىغا، ئەكسىچە يول تۇتۇپ، سۇلتانلىقنى تالىشىپ، پۈتۈپ بولغان ئىشنى بۇزۇشقاھەركەت قىلىدۇ.بۇھەركەتكە ئەخمەتجان خوجا بىلەن شەۋكەت ئاخۇن قوشۇلۇپ خۇيزۇلارنىئەلا خاننىڭ سۇلتانلىقىغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا قۇتۇرىتىدۇ. شۇۋاقىتتا ئەمىرلىكمەنسىپىگە رازى بولماي سۇلتانلىقنى تەمە قىلىپ يۈرگەن ئەمىر توختاخۇن ھېلىقى بىرتوپ تەرەپكە ئۆتۈپ كىتىدۇ.ياگور ئاخۇننىڭ مەنسەپپەرەسلىكى، ئەخمەتجان خوجا، شەۋكەتئاخۇن، توختاخۇنلارنىڭ ھەركىتىنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر لار بىلەن خۇيزۇلارئوتتۇرسىدا قانلىق قىرغىن باشلىنىپ كىتىدۇ. لىكىن ئاز سانغا ئىگە بولغان ئۇيغۇرلاربۇ ئۇرۇشتا زور تالاپەت تارتىپ يېڭىلىدۇ. ياگۇر ئاخۇن ئۆلتۈرىلىدۇ. بۇ ئۇرۇشنىڭسەۋەپچىلىرى بولغان ئەخمەتجان خوجا، توختاخۇنغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. شەۋكەتئاخۇننى بولسا قاپقا سېلىپ ئىلىدەرياسىغا تىرىك تاشلاپ سۇغا غەرق قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ. G(hnrRxn YsTF
10 مەنبە : بوستان ژورنىلى 1995-يىللىق 1-2-سان |
|